Coo-باش تىجارەت ھەيئىتى-首席运营官

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


 Coo-باش تىجارەت ھەيئىتى-首席运营官
Coo ئىنىگلىزتىلىدىكى Chief Operating Officer دېگەن سۆز بىرىكمىسىنىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، باش تىجارەت ھەيئىتى ياكى تىجارەت نازارەتچىسى دېگەن مەنىلەردە قوللىنىلىدۇ. باش تىجارەت ھەيئىتى شىركەت كوللىكتىپى ئىچىدىكى شىركەتنىڭ كۈندىلىك تىجارەت پائالىيەتلىرىنى باشقۇرىدىغان، نازارەت قىلىدىغان ھەمدە تىجارەت پائالىيەتلىرىگە قارىتا مەسئۇل بولىدىغان رەھبەر ھېسابلىنىدۇ. ئۇ كارخانا تەشكىلاتىدىكى ئەڭ يۇقىرى قاتلامدىكى ئەزالارنىڭ بىرى بولۇپ، شىركەتنىڭ كۈندىلىك تىجارەت ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ، ئۇنى بىۋاستە ھالدا باش ئىجرائىيە ھەيئىتىگە دوكلات قىلىدۇ، بەزى شىركەتلەردە باش تىجارەت ھەيئىتى باش لىدىرلىقنىمۇ بىرلا ۋاقىتتا ئۈستىگە ئېلىشى مۇمكىن، ئەمما كۆپىنچە ئەھۋال ئاستىدا باش تىجارەت ھەيئىتى دائىمىي ئىشلار ھەيئىتى ۋە مۇئاۋىن باش دېرىكتورلىقنى  ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.
  ئۇنداقتا باش تىجارەت ھەيئىتىنىڭ كونكىرت ۋەزىپىسى نېمىلەردىن ئىبارەت؟
1. باش تىجارەت ھەيئىتى شىركەتنىڭ بازار ئوبۇروتىغا ئومۇميۈزلۈك مەسئۇل بولىدۇ ھەم باشقۇرىدۇ، شىركەتنىڭ بىر پۈتۈن تىجارەت پىلانىنى تۈزۈشكە بىۋاستە قاتنىشىدۇ، شۇنداقلا شىركەتنىڭ ھەر تۈرلۈك قائىدە-نىزاملىرىنى قېلىپلاشتۇرىدۇ، شىركەتنىڭ تىجارەت باشقۇرۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.
2.  باش تىجارەت ھەيئىتى شىركەت ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇپ، مەھسۇلاتنى ئومۇملاشتۇرۇپ، شىركەتنىڭ بىر پۈتۈن تىجارەت پىلانىنى تۈزىدۇ ۋە قانات يايدۇرىدۇ.
3. شىركەت ئىچكى قىسمىدا ئۇچۇر سىستېمىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، شىركەتنىڭ مالىيە، مەمۇرىي ئىشلار ھەمدە ئادەم كۈچى بايلىقى قاتارلىق جەھەتلەردىكى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىدۇ.
4. باش تىجارەت ھەيئىتى شىركەتنىڭ ھەر قايسى بۆلۈملىرىدىكى خىزمەت ئەھۋالىنى تەڭشەپ، شىركەت كوللىكتىۋى ئارىسىدا ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى تىكلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا شىركەتنىڭ سىرتقى مۇھىت بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
5. ھەر قايسى بۆلۈملەرنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى ئادىللىق بىلەن باھالايدۇ ۋە ئۇلارنى ئىزچىل خىزمەت ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن رىغبەتلەندۈرىدۇ.
   باش تىجارەت ھەيئىتى شىركەتنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئەزالىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن تۆۋەندىكىدەك ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ ۋە شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا بەلگىلىك مەسئۇلىيەتلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.
  1. باش تىجارەت ھەيئىتى شىركەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەتىگە قارىتا پىلانلاش، پىكىر بېرىش، نارازىلىق بىلدۈرۈش ۋە تەڭشەش قاتارلىق ھوقۇقلارغا ئىگە.
2.باش تىجارەت ھەيئىتى شىركەتتىكى ھەر قايسى كەسپىي بۆلۈملەرنىڭ ۋەزىپىنى ئادا قىلغان-قىلمىغانلىقىغا قارىتا تەكشۈرۈش ھوقۇقىغا ئىگە.
  3.باش تىجارەت ھەيئىتىنىڭ ھەر قايسى كەسپىي بۆلۈم دېرىكتورلىرىنىڭ خىزمىىتىگە  يېتەكچىلىك قىلىش بىلەن بىرگە يەنە ئۇلارنىڭ خىزمىتىگە قارىتا تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ.
  4. .باش تىجارەت ھەيئىتىنىڭ شىركەت باش دېرىكتورىنىڭ قارارىغا قارىتا پىكىر بېرىش ھوقۇقى بولىدۇ.
  ئۇنداقتا باش تىجارەت ھەيئىتى يۇقىرىقى ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە قانداق مەسئۇلىيەتلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ؟
  1.شىركەتنىڭ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش،تىجارەت پىلانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا تەشكىللەش ۋە تەڭشەش مەسئۇلىيىتى بولىدۇ.
  2.شىركەتنىڭ ئۇزۇن يىللىق تەرەققىيات پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا تەشكىللەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش مەسئۇلىيىتى بولىدۇ.
  3. تەكشۈرۈپ-تەتقىق قىلغان ئۇچۇلارنىڭ ئوبىكتىپ بولمىغانلىقى تۈپەيلى شىركەتنىڭ مۇھىم قارارلىرىغا دەخلى يېتىپ، شىركەتكە زىيان بولغان ئەھۋالدا،  باش تىجارەت ھەيئىتى بەلگىلىك ئىقتىسادىي ۋە مەمۇرىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
  باش تىجارەت ھەيئىتى ئۆزىدە قانداق شەرتلەرنى ھازىرلىشى لازىم؟
<ئىقتىساد ۋاقىت گېزىتى> نىڭ مۇخبىرى ئوخشىمىغان ساھەدىكى بىر قانچە باش تىجارەت ھەيئەتلىرىنى زىيارەت قىلىپ، <سىز قانداق قىلىپ باش تىجارەت ھەيئىتى دېگەن ئورۇنغا ئىگە بولدىڭىز؟> دەپ سورىغاندا، ئۇلار  خۇددى دېيىشىۋالغاندەكلا ئوخشاش جاۋاب بەرگەن. ئۇلارنىڭ جاۋابى ئاساسەن تۆۋەندىكى ئۈچ نۇقتىغا يىغىنچاقلانغان.
1. ھەر خىل كەسىپلەر بىلەن بولغان ئۇچرىشىش ۋە تونۇشۇشنى كۆپەيتىش.
ئامالنىڭ بارىچە ھەر تۈرلۈك كەسىپلەرگە قارىتا تونۇشۇشنى كۆپەيتىش لازىم. سوخۇ تورىنىڭ قۇرغۇچىسى گۇيوڭچاڭ سوخۇ ئىتتىپاقىنى قۇرۇشتىن بۇرۇن باشقۇرۇش، مەسلىھەت سوراش شىركىتى، دۆلەت ھالقىغان شىركەت ۋە تەۋەككۈل سېلىنما شىركەتلىرىدە ئوخشىمىغان كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللانغانىدى، ئۇنىڭ قارىشىچە دۆلەت ھالقىغان چوڭ تىپتىكى شىركەتلەردە خىزمەت قىلغاندا، تەرتىپلىك بولغان خىزمەت ھالقىلىرى بىلەن ئەتراپلىق تونۇشقىلى ، باشقۇرۇش ۋە مەسلىھەت بېرىش شىركىتىدە نۇرغۇن مۇۋەپپەقىيەت ۋە ئوڭۇشسىزلىققا دائىر ئەمەلىي مىساللار بىلەن ئۇچراشقىلى ، تەۋەككۈل سېلىنما شىركىتىدە بولسا شىركەتنىڭ كاپىتالنى يۈرۈشتۈرىشىدىكى ئاساسىي بىلىملەردىن خەۋەردار بولغىلى بولىدىكەن. دۆلىتىمىزدە بىز ھەممە كىشىنى ئوخشىمىغان شىركەتلەرگە بېرىپ تەجرىبە توپلاڭ دېيەلمەيمىز، ئەمما بىز شۇنى دېيەلەيمىزكى، سىز ھەر ۋاقىت ئەستايىدىل ئادەم بولۇڭ، شۇنداقلا ئەتراپىڭىزدىكى ھەر بىر كىچىك ھالقىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشنى، ئۇنى قەدىرلەشنى بىلىڭ.
2. <تىجارەت پىلان> ئىدىيىسى بولۇش.
  تىجارەت پىلانى دېگىنىمىز، مەبلەش يۈرۈشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ھالدا، سان-سىفىر، يەككە مىسال، ۋە ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىپ، بەلگىلىك شەرت-شارائىت ۋە بايلىقلاردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش ۋە ئەتراپلىق مۇلاھىزە قىلىش ئارقىلىق تۈزۈلگەن، ئەمەلىي دارامەت ھاسىل قىلالايدىغان لاھىيىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىم بولغىنى، لوگىكىلىق تەپەككۇرىنى ئىشقا سېلىپ، بارلىق مۇمكىنچىلىقلار ۋە ئۇلارنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىغان پايدا-زىياننى ئەستايىدىل تەھلىل قىلىشتۇر. ئەلۋەتتە مۇمكىنچىلىقنىڭ يۈز بېرىشى يۈزدە-يۈز بولمايدۇ، ئەمما ھەقىقەت ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇمكىنچىلىكنىڭ، ئەمەلىي شەرت-شارائىت پىشىپ يېتىلگەن ئەھۋال ئاستىدا ئەمەلىيەتكە ئايلىنىش نىسبىتى يۇقىرىلايدۇ.
3. ئۇچۇردىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىش ئىقتىدارى بولۇش.
ئەمەلىيەتتە ئۇچۇردىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىشتا، سەللا دىققەت قىلمىسا ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىدىغان ئۇچۇرلارغا بولغان سەزگۈرلۈك ناھايىتى مۇھىم. ئۇچۇردىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىپ تۈزۈلگەن مۇكەممەل تىجارەت پىلانى، باش تىجارەت ھەيئىتىنىڭ شۇ تۈرگە قارىتا چۈشەنچىسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىنى ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئىشەنچىسىنى بىۋاستە ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىش بىلەن بىللە، ئۇنىڭ قابىلىيىتىنىمۇ ئەينەن ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ.
4. ئۈنۈم ئېڭى بولۇش.
ئۈنۈم ئېڭى مۇنداق ئىككى تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىرى، ئۆزىنىڭ خىزمەت ئۈنۈمدارلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش. باش تىجارەت ھەيئىتى كۈندە نۇرغۇنلىغان خىزمەتلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقمىسا بولمايدۇ، يۇقىرى ئۈنۈمنى قوغلاشمايدىغان باش تىجارەت ھەيئىتى خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن ئەسلا چىقالمايدۇ. يەنە بىرى بولسا، ھەر خىل بايلىقلارنىڭ پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش. بار قابىلىيەتنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بار ئىمكانىيەتتىن ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە پايدىلىنىش.
 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 230 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01