فىرانسىيە جۇمھۇرىيىتى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

فىرانسىيە جۇمھۇرىيىتى

   كۈچلۈك دۆلەتىىكى كونا يارا_ مۇستەقىللىق دەۋاسى فرانسىيە زىمىنىدا ئايرىم ئارال كورسىكا(Corse) ۋە ئالزاس(Alsace)، كىچىك بىرىتانىيە(Bretagne) دىن ئىبارەت ئۈچ مۇستەقىللىق دەۋاسى قىلىۋاتقان رايون بار. 

   فرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇش ھەركىتى ۋە ياۋروپا ئورتاق گەۋدىسىدە دۆلەتنىڭ رولى ئاجىزلاپ ، يەرلىكنىڭ ھوقۇقى كۈچىيىۋاتقاچقا بۇ رايونلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتى بارغانسېرى پەس كويغا چۈشۈۋاتىدۇ. ئالزاس، فرانسىيە بىلەن گېرمانىيە چېگرىسىغا جايلاشقان ، يېرى مۇنبەت، كۆمۈر بايلىقى مول، سانائەت ئاساسى كۈچلۈك رايون زىمىن بولۇپ تارىختىن بۇيان گېرمانىيە ۋە فرانسىيەلەرنىڭ قايسىسى كۈچەيسە شۇنىڭغا تەۋە بولۇپ كەلگەن. يېقىنقى زاماندا مىلادى 1810-يىلى فىرانسىيەگە ، 1864-يىلىدىن كېيىن گېرمانىيىگە تەۋە بولغان 1-دۇنيا ئۇرۇشىدا گېرمانىيە ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ ئالزاس رايونى قايتىدىن فرانسىيەگە بۆلۈپ بېرىلگەن، 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە گېرمانىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىپ ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندا قايتىدىن فرانسىيىنىڭ قولىغا ئۆتكەن. ئالزاسنىڭ 2006-يىللىق نوپۇسى بىر مىليۇن750مىڭ بولۇپ ئاھالىنىڭ 45%گېرمان تىلىدا، 29% ئىككى تىلدا، 26%فرانسۇز تىلىدا سۆزلىشىدۇ. يۇقىرىقى 3 رايون ئىچىدە ئالزاسنىڭ مۇستەقىل بولۇش دەۋاسى ئەڭ ئاجىز بولۇپ ئۇلارنىڭ سىياسى كۈرىشى ئاساسەن نىسپى ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىش بىلەنلا چەكلەنمەكتە. ئالزاس بايرىقى: كىچىك برىتانىيە فرانسىيىنىڭ ئەنگىلىيە بىلەن قارىشىپ تۇرىدىغان يېرىم ئارال ئۆلكىسى بولۇپ، ئاھالىسى 6-ئەسىردە بىرىتانىيە يېرىم ئارىلىغا ياۋروپادىن ئانگلو-ساكسونلار كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن ئۇرۇش ۋە قىرغىنچىلىقتىن قېچىپ كەلگەن برىتانلار بولغاچقا كىچىك برىتانىيە دەپ ئاتالغان. كىچىك برىتانىيە يېرىم ئارىلىنىڭ 2006-يىلىدىكى نوپۇسى 3مىليۇن 50مىڭ بولۇپ برىتانلار تىلىدا سۆزلىشىدىغانلار 500مىڭ ئەتراپىدا، كىچىك برىتانىيە نۆۋەتتە فرانسىيە ھۆكۈمىتىدىن تىل-مەدەنىيەت ئاپتونومىيىسىنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. كىچىك برىتانىيە بايرىقى: ئارانلا 275مىڭ ئاھالىسى بار، ئاھالىنىڭ 83% كورسىكالىقلار بولغان كورسىكا ئارىلى 1570-يىلدىن ئىلگىرى ئىزچىل ئىتالىيە گېنويا دۆلىتىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ كەلگەن بولۇپ، فرانسىيە ئىشغالىدىن كېيىن ئىزچىل مۇستەقىللىق كۈرىشىنى توختاتماي كەلگەن. ناپالىيون بۇناپارتنىڭ ئاتىسىمۇ دەل كورسىكا مۇستەقىللىق ھەركىتىنىڭ جەڭچىسى ئىدى . كورسىكا يېقىنقى نەچچە يىلدىن بۇيان ھەر خىل تېرورلۇق ھەركەتلىرى ۋە سىياسى پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ ئازراق يىتىم قالدى. ئەمما يۇقىرىقى 3 رايون ئىچىدە ئاپتونومىيە ھوقۇقى ۋە سىياسى پائالىيىتى ئەڭ جانلىق بولغان كورسىكا سىياسى-ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردە فرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ كېلىۋاتىدۇ. كورسىكا بايرىقى:

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 703 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01