HRM-ئادەم كۈچى بايلىقى دېرىكتورى-人力资源经理

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


 

HRM-ئادەم كۈچى بايلىقى دېرىكتورى-人力资源经理

  HRMئىنىگلىزتىلىدىكى human resource managementقىسقارتىلمىسى بولۇپ، ئادەم كۈچى بايلىقىنى باشقۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. ئادەم كۈچى بايلىقى دېرىكتورىنىڭ خىزمەت مەزمۇنى تۆۋەندىكى توققۇز تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

1. تەشكىلىي باشقۇرۇش.

شىركەتنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسىنى باشقۇرۇش، خىزمەت ئۇچۇرلىرى بىلەن خىزمەتچىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەڭشەش، بوش قالغان خىزمەت ئورۇنلىرىغا مۇۋاپىق خىزمەتچى سەپلەش، شىركەتنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسىغا بىنائەن ئادەم كۈچىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش.

2. كادىرلار ئۇچۇرلىرىنى باشقۇرۇش.

  خادىملارنى سىناق ئىشلىتىش، رەسمىيلىشىش، ئىشتىن بوشىتىلىش ۋە پىنسىيىگە چىقىش قاتارلىق بىر قاتار جەرياندىكى ھەر تۈرلۈك ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىش بىلەن بىرگە، خادىملار ئۇچۇرلىرىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى باشقۇرۇش، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش.

3.تەكلىپ قىلىشنى باشقۇرۇش

  شىركەت ئېھتىياجلىق بولغان خادىملارنى تەكلىپ قىلىشنى پىلانلاش، تەكلىپ ئېلانى چىقىرىش، تەكلىپ قىلىشقا قاتناشقان كىشىلەرنىڭ شەخسلەرنىڭ ئارخىپىنى رەتلەش، شەرتلەرگە ئاساسەن خادىم قوبۇل قىلىش، يۈز تۇرانە ئىمتىھان ۋە سىناق ئىشلەشكىچە بولغان جەريانلارغا بىۋاستە يېتەكچىلىك قىلىش.

4. ئەمگەك توختامى

ئەمگەك توختامىنى ئىمزالاش، توختامدىكى ئۆزگىرىش، بىكار قىلىش، داۋاملاشتۇرۇش، ئەمگەك ماجىراسى، ئىقتىسادىي ياردەم قاتارلىق ھالقىلارنى باشقۇرۇش. ئېھتىياجغا ئاساسەن سىناق ئىشلىتىش ۋاقتىنى بەلگىلەش، توختام ۋاقتى توشقاندا ئەسكەرتىش بېرىش.

5. تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈش

  خىزمەت ئورنى ۋە خىزمەت ئۈنۈمىگە ئاساسەن، خادىملارنى تەربىيىلەش پىلانىنى تۈزۈش، تەربىيىلەش مۇددىئاسى، دەرسلىك مەزمۇنى، ۋاقتى،ئورنىنى بېكىتىش. تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈشنىڭ ئۈنۈمى ۋە تەربىيىلىنىش جەريانىدىكى بارلىق ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرگە مەسئۇل بولۇش.

6. يوقلىمىنى باشقۇرۇش

خادىملارنىڭ كېلىپ-كېتىشىنى باشقۇرۇش، ھېيت-بايراملىق دەم ئېلىشنى ئورۇنلاشتۇرۇش، سىمىنا ۋاقتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، مۇناسىۋەتلىك كېلىپ-كېتىش ئەھۋاللىرىنى نازارەت قىلىش ۋە يۇقىرىقى تۈرلەرگە ئاساسەن خىزمەتچى خادىملارغا مائاش تارقاتقاندا سانلىق ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەش.

7. خىزمەت ئۈنۈمدارلىقىنى باھالاش

  خادىملارنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىگە قاراپ مۇناسىپ تەڭشەش ئېلىپ بېرىش ۋە تەربىيىلەشنىڭ ئۈنۈمىنى مۆلچەرلەش شۇ ئارقىلىق خادىملارنى رىغبەتلەندۈرۈش ياكى مۇناسىپ ھالدا جازالاش، كادىرلارنىڭ قارار چىقىرىشى ئۈچۈن يۇقىرىقىدەك ماددىي ئاساسلارنى تەمىنلەش، ئوخشىمىغان خىزمەت ئورنىدىكى خادىملارنىڭ ئۆزىنىڭ خىزمەت ئالاھىدىلىكى، كەسپىي ئىقتىدارى، قابىلىيىتى، خىزمەت نەتىجىسى قاتارلىق ئەھۋاللارنى نەزەردە تۇتقان ھالدا، ئۆز خاسلىقى بويىچە ئادىللىق بىلەن باھالاش تەدبىرىنى تۈزۈپ چىقىش.

8.پاراۋانلىق خىزمىتى

خىزمەتچىلەر بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك ھەر خىل پاراۋانلىق فوندلىرىنىڭ ئاجرىتىلىش ئەھۋالىنى كونتىرول قىلىش، فوندنىڭ تۈرلىرىنى ، خىزمەتچىلەرنىڭ فوندتىن بەھرىمەن بولۇش شەرتلىرىنى بېكىتىش ،فوندقا مۇناسىۋەتلىك سىتاتىستىكىلىق تەھلىللەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش شۇنداقلا ئارخىپ-ماتېرىياللارنى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا يەتكۈزۈپ بېرىش.

9.مائاش سىستېمىسىنى باشقۇرۇش

تۈردىكى كارخانىلار، مەمۇرىي، كەسپىي،تەتقىقات ئورگانلىرىغا ئورتاق ماس كېلىدىغان مائاش سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ، كېلىپ-كېتىش، خىزمەت نەتىجىسىگە ئاساسەن مائاشنى ھېسابلاش، تارقىتىش ۋە سىتاتىستىكىلىق تەھلىل يۈرگۈزۈش.

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 370 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01