گۇادېلوپ ئارىلى(فىرانسىيەنىڭ ئوتتۇرا ئامېرىكىدىكى ئۆلكىسى)

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش
گۇادېلوپ ئارىلى Department of Guadeloupe
پايتەخت: باسسېتېر، ئاھالىسى 110مىڭ
زېمىنى: 1780 كۋادرات كىلومېتىر.
ئاھالىسى: گۇادېلوپ ئارىلىنىڭ2006-يىللىق نوپۇسى 452مىڭ766. ئاھالىنىڭ 70%نى قارا تەنلىكلەر، 14%نى تامىللار ۋە ھىندىستانلىقلار، 11%نى فرانسۇزلار ، 4%نى لىۋانلىقلار، 2%نى خەنزۇلار ئىگەللەيدۇ . فرانسۇز تىلى دۆلەت تىلى. ئاھالىلەر شالغۇت فرانسۇز تىلىنى قوللىنىدۇ.
دىنى : گۇادېلوپ ئارىلى ئاھالىسىنىڭ 91%ى كاتولىك دىنىغا، 4%ھىندى دىنىغا، 1%ئىسلام دىنىغا ئىشىنىدۇ.
پۇلى: ياۋرۇ.
ئىقتىسادى: 2006 -يىلى گۇادېلوپ ئارىلىنىڭ ئۇمۇمىي مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 3مىليارت 812مىليون دوللار بولۇپ كىشى بېشىغا 21مىڭ700 دوللار توغرا كېلىدۇ. گۇادېلوپ ئارىلىنىڭ2000-يىلىدىن بۇيانقى يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى 3%بولۇۋاتىدۇ.
دۆلەت بايرىمى:( 1789-يىلى)7ئاينىڭ 14-كۈنى، فرانسىيە جۇمھۇرىيەتچىلىرىنىڭ باستىلىيە تۈرمىسىنى ئىشغال قىلغان كۈنى
ۋاقىت رايونى :(غەربى3- ۋاقىت رايونى)
قىسقىچە تارىخى: گۇادېلوپ ئارىلى ئەسلىدە ئوتتۇرا ئامېرىكىدىكى كارىب دېڭىزىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان چوڭ ئانتىل تاقىم ئاراللىرىنىڭ بىرى بولۇپ مارتىنىكۇې ئارىلى بىلەن جەنۇبىدىكى دومىنىكا ئارىلى ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ. ئارالداياۋروپالىقلار كېلىشتى بۇرۇن ناھايىتى ئاز يەرلىك ئىندىئانلار بار ئىدى. 1513-يىلى ئىسپانىيىلىك دېڭىزچىلار بۇ جاينى بايقىغان. 1635-يىلى فرانسىيە پۈتۈن ئارالنى ئىشغال قىلغان ۋە ئافرىقىدىن ئادەم كۆچۈرۈپ شېكەر قومۇشى ۋە ئىسسىق بەلباغ ئۆسۈملۈكلىرىنى تېرىيدىغان ئېكىنزارلىق قۇرغان. 1810-يىلى ئارالنى ئەنگىلىيىلىكلەر تارتىۋالغان، 1815-يىلى پارىژ ئەھدىنامىسىغا بىنائەن ئارالنى قايتۇرۇپ بەرگەن. 1958-يىلى فرانسىيە ئارالنى سىرتقى ئۆلكە دەپ جاكارلىغان. گۇادېلوپ يانار تاغدىن شەكىللەنگەن، ھۆل يېغىنى مۇۋاپىق ئىسسىق بەلباغ ئارىلى بولۇپ ئارالنىڭ 43% قۇيۇق ئىسسىق بەلباغ ئورمانلىقى.8% تېرىلغۇ يەر. ئارالنىڭ مۇھىتى گۈزەل ، كان بايلىقى مول. باغۋەنچىلىك، بېلىقچىلىق ۋە ساياھەتچىلىك گۇادېلوپ ئىگىلىكىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. 2005-يىلى گۇادېلوپ ئارىلىنىڭ ئىقتىسادىدا يېزا ئىگىلىك كىرىمى 15%، سانائەت20%، مۇلازىمەت 65%نى ئىگەللىگەن بولۇپ -2005يىلى مۇقىم تېلپون ئابونتى 272مىڭ ، يانپون ئابونتى 389مىڭ بولغان، ئىنتېرنېت ئابونتى107مىڭ بولغان.
گۇادېلوپ ئارىلىنىڭ تور نامى ئاياقلاشمىسى:gp
. گۇادېلوپ ئارىلىنىڭ ئورنى ۋە خەرىتىسى:[admin تەستىقلىدى . 2010-2-13 23:37:05][admin تەستىقلىدى . 2010-2-13 23:42:00]
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 370 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01