مايوتتې ئارىلى(فىرانسىيە) -قايتىپ كەلگەن مۇستەملىكە

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش
مايوتتې ئارىلى Territorial Collectivity of Mayotte
پايتەخت: مامۇدزۇ ، ئاھالىسى 51مىڭ
زېمىنى: 374 كۋادرات كىلومېتىر.
ئاھالىسى: مايوتتېنىڭ2006-يىللىق نوپۇسى 216مىڭ316 . ئارالدا دائىم تۇرۇشلۇق ئاھالە 189مىڭ. ئاھالىنىڭ 97%نى يەرلىك سىۋاھلىلارغا تەۋە ماھورىيانلار ،1%نى فرانسۇزلار قالدىسىنى كۆچمەنلەر ئىگەللەيدۇ . فرانسۇز تىلى دۆلەت تىلى. ئاھالىلەر شالغۇت فرانسۇز تىلىنى, ئەرەپ تىلىنى ۋە سىۋاھلى ماھورىيان تىلىنى قوللىنىدۇ.
دىنى : مايوتتې ئاھالىسىنىڭ 97%ى ئىسلام دىنىغا ئىشىنىدۇ.
پۇلى: ياۋرۇ.
ئىقتىسادى: 2006 -يىلى مايوتتېنىڭ ئۇمۇمىي مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 95مىليون دوللار بولۇپ كىشى بېشىغا 5مىڭ دوللار توغرا كېلىدۇ. مايوتتېنىڭ2000-يىلىدىن بۇيانقى يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى 2%بولۇۋاتىدۇ.
دۆلەت بايرىمى:( 1789-يىلى)7ئاينىڭ 14-كۈنى، فرانسىيە جۇمھۇرىيەتچىلىرىنىڭ باستىلىيە تۈرمىسىنى ئىشغال قىلغان كۈنى
   ۋاقىت رايونى :(شەرقى3- ۋاقىت رايونى)
    قىسقىچە تارىخى: مايوتتې ئەسلىدە كومورو تاقىم ئاراللىرىنى بىر قىسمى بولۇپ مىلادىدىن بۇرۇنقى 4-ئەسىردىلا يەرلىك سىۋاھلىلار بۇ جايدا ياشىغان.7-ئەسىردىن كېيىن بۇ جايغا ئەرەپ دېڭىزچىلىرىنىڭ قەدىمى يېتىپ ئىسلام دىنى كەڭ تارقالغان، 11-ئەسىردە مايوتتې ئافرىقا شەرقى دېڭىز قىرغاقلىرىدا قۇرۇلغان سىۋاھلى ئىتتىپاقىنىڭ بىر قىسمى بولغان، 14-ئەسىردە ئومان سۇلتانلىقى بۇ جايلارنى باشقۇرغان. 1537-يىلى پورتۇگالىيە بۇ ئاراللارنى بايقاپ بېسىۋالغان ئەمما ئارال خەلقى قەتئى قارشىلىق كۆرسىتىپ مۇستەققىل خانلىق تىكلىگەن. 1676-يىلى فرانسىيە مايوتتې ئارىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كومورو تاقىم ئاراللىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئۆزىگە تەۋە دەپ جاكارلىغان. 1843-يىلى فرانسىيە ئارالنى ئىشغال قىلىپ مۇستەملىكە دەرىجىسىگە كۆتىرىلگەن ، 1974-يىلى كومورو مۇستەققىل بولغاندا، ئارال خەلقى قايتىدىن بېلەت تاشلاپ64% ئاۋاز بىلەن، 1976-يىلى99.4%ئاۋاز بىلەن فرانسىيە مۇستەملىكىسى بولۇشنى تەلەپ قىلغان.
    مايوتتې يانار تاغدىن شەكىللەنگەن، ھۆل يېغىنى مۇۋاپىق، ئىسسىق بەلباغ ئارىلى بولۇپ، تارىخى ئۇزۇن. ئارال چوڭ قۇرۇقلۇققا يىراق، نوپۇسى زىچ بولغانلىقتىن ئىقتىسادى ئۇنچىلا گۈللىنەلمىگەن، ئەمما مايوتتېنىڭ مۇھىتى گۈزەل ، كان بايلىقى مول . پۇراقلىق ماتېرىياللار، بېلىقچىلىق ۋە ساياھەتچىلىك مايوتتېنىڭ ئىگىلىكىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. 2005-يىلى مايوتتېنىڭ دۆلەت ئىقتىسادىدا فرانسىيىنىڭ دۆلەت ياردىمى30%، بېلىقچىلىق كىرىمى 10%، پۇراقلىق ماتېرىيال30%، ساياھەت 20%نى ئىگەللىگەن بولۇپ -2005يىلى مۇقىم تېلپون ئابونتى 10مىڭ900، يانپون ئابونتى 68مىڭ بولغان، ئىنتېرنېت تېخى ئورنىتىلمىغان.
مايوتتېنىڭ ئورنى ۋە خەرىتىسى:
مايوتتېنىڭ بايرىقى (گىرىبى تەسىس قىلىنمىغان)[admin تەستىقلىدى . 2010-2-13 23:48:32]
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 319 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01