فرانسىيىگە قاراشلىق گۇانا French Guyana
پايتەخت: كايېن ، ئاھالىسى 51مىڭ
زېمىنى: 91مىڭ كۋادرات كىلومېتىر.
ئاھالىسى: فرانسىيىگە قاراشلىق گۇانانىڭ2008-يىللىق نوپۇسى 221مىڭ500. ئاھالىنىڭ 66%نى يەرلىكلەر ۋە لىرى تەنلىكلەردىن بولغان ئارىلاشما قانلىقلار،11%نى فرانسۇزلار، 12%نى خەنزۇلار، 9%نى ھايتىلىقلار،4%نى ئورمان نېگىرلىرى(قۇللۇق تۈزۈم دەۋرىدە گۇانانىڭ ئىچكى ئورمانلىقىغا قېچىپ كەتكەن نېگىرلار)، قالدىسىنى شەرقى ۋېتنام ۋە كامبودژىلىق كۆچمەنلەر ئىگەللەيدۇ . فرانسۇز تىلى دۆلەت تىلى. ئاھالىلەر شالغۇت فرانسۇز تىلىنى ۋە فرانسۇز تىلىنى قوللىنىدۇ.
دىنى : فرانسىيىگە قاراشلىق گۇانا ئاھالىسىنىڭ 80%ى كاتولىك دىنىغا ئىشىنىدۇ.
پۇلى: ياۋرۇ. ئىقتىسادى: 2008 -يىلى فرانسىيىگە قاراشلىق گۇانانىڭ ئۇمۇمىي مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى ئۈچ مىلىيارت 520مىليون دوللار بولۇپ كىشى بېشىغا 17مىڭ380 دوللار توغرا كېلىدۇ. فرانسىيەگە قاراشلىق گۇانانىڭ2000-يىلىدىن بۇيانقى يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى 4%بولۇۋاتىدۇ.
دۆلەت بايرىمى:( 1789-يىلى)7ئاينىڭ 14-كۈنى، فرانسىيە جۇمھۇرىيەتچىلىرىنىڭ باستىلىيە تۈرمىسىنى ئىشغال قىلغان كۈنى
ۋاقىت رايونى :(غەربى3- ۋاقىت رايونى)
قىسقىچە تارىخى: فرانسىيىگە قاراشلىق گۇانانىڭ گۇانا ئىگىزلىكىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ مىلادىدىن بۇرۇنقى 2-ئەسىردىلا يەرلىك ئىندىئانلار بۇ جايدا ياشىغان.17-ئەسىردىن كېيىن بۇ جاي پورتۇگالىيە، ئەنگىلىيە، گوللاندىيەلەرنىڭ تالىشىدىغان يېرىگە ئايلانغان. 1676-يىلى فرانسىيە گۇانانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئۆزىگە تەۋى دەپ جاكارلىغان. 1946-يىلى سىرتقى ئۆلكە دەپ بېكىتىلگەن. فرانسىيىگە قاراشلىق گۇانانىڭ كۆپ قىسمىنى ھۆل يېغىنى مۇۋاپىق ئىسسىق بەلباغ ئورمانلىقى قاپلىغان بولۇپ ھازىرغىچە ئېچىپ پايدىلانغان زىمىن فرانسىيىگە قاراشلىق گۇانا زىمىنىنىڭ 10%گىمۇ يەتمەيدۇ. فرانسىيىگە قاراشلىق گۇانانىڭ مۇھىتى گۈزەل ، كان بايلىقى مول . ئورمانچىلىق بېلىقچىلىق ۋە ساياھەتچىلىك فرانسىيىگە قاراشلىق گۇانانىڭ ئىگىلىكىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. 2005
-يىلى فرانسىيىگە قاراشلىق گۇانانىڭ دۆلەت ئىقتىسادىدا فرانسىيىنىڭ دۆلەت ياردىمى40%، بېلىقچىلىق كىرىمى 10%، ئورمانچىلىق 30%كانچىلىق 4%، مۇلازىمەت 16%نى ئىگەللىگەن بولۇپ -2008يىلى مۇقىم تېلپون ئابونتى 50مىڭ900 ، يانپون ئابونتى 98مىڭ، ئىنتېرنېت ئابونتى73مىڭ بولغان.
فرانسىيەگە قاراشلىق گۇانانىڭ خەرىتىسى ۋە ئورنى
فرانسىيەگە قاراشلىق گۇانانىڭ بايرىقى ۋە گىرىبى
[admin تەستىقلىدى . 2010-2-13 23:52:07]