ۋالىس ۋە فۇتۇنا ئارىلى Territory of the Wallis and Futuna Islands
پايتەخت: ماتائۇتۇ ، ئاھالىسى 8مىڭ
زېمىنى: 274 كۋادرات كىلومېتىر، بۇنىڭ ئىچىدە ۋالىس ئارىلى 153 كۋادرات كىلومېتىر.
ئاھالىسى: ۋالىس ۋە فۇتۇنا ئارىلىنىڭ2006-يىللىق نوپۇسى 15مىڭ237. ئاھالىنىڭ 59%نى مالاي-پولىنىزىيە تىل ئائىلىسىگە تەۋە ۋالىسلار، 30%نى فۇتۇنلار، 11%نى فرانسۇزلار ئىگەللەيدۇ . فرانسۇز تىلى دۆلەت تىلى. ئاھالىلەر يەرلىك تىلىنى ۋە ئەنگىلىز تىلىنى قوللىنىدۇ.
ئەمەلىيەتتە ۋالىس ۋە فوتۇنا ئاراللىرى ئايرىم ئايرىم ھالدا ۋالىس ئارىلىدىكى ئۇۋېيئا پادىشاھلىقى(نوپۇسى ئونمىڭدىن سەل ئاشىدۇ) ، فوتۇنا ئارىلىنىڭ شەرقىدىكى ئالو پادىشاھلىقى (نوپۇسى ئۈچمىڭ)، فوتۇنا ئارىلىنىڭ غەربىدىكى غەربىدىكى سىگاۋېي پادىشاھلىقى (نوپۇسى 1900) قاتارلىق كىچىك پادىشاھلىقلاردىن تەركىپ تاپقان مۇستەملىكە فىدىراتسىيىسى.
دىنى : ۋالىس ۋە فۇتۇنا ئاھالىسىنىڭ 99%ى كاتولىك دىنىغا ئىشىنىدۇ.
پۇلى: تېنچ ئوكيان فىرانىكى.
ئىقتىسادى: 2006 -يىلى ۋالىس ۋە فۇتۇنانىڭ ئۇمۇمىي مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 50مىليون دوللار بولۇپ كىشى بېشىغا 4مىڭ دوللار توغرا كېلىدۇ. ۋالىس ۋە فۇتۇنانىڭ نىڭ2000-يىلىدىن بۇيانقى يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى 2%بولۇۋاتىدۇ.
دۆلەت بايرىمى:( 1789-يىلى)7ئاينىڭ 14-كۈنى، فرانسىيە جۇمھۇرىيەتچىلىرىنىڭ باستىلىيە تۈرمىسىنى ئىشغال قىلغان كۈنى
ۋاقىت رايونى :(شەرقى21- ۋاقىت رايونى)
قىسقىچە تارىخى: ۋالىس ۋە فۇتۇنا پولىنىزىيە ئاراللىرىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ مىلادىدىن بۇرۇنقى 2-ئەسىر ئەتراپىدا يەرلىك پولىنىزىيە خەلقى كېمىگە تايىنىپ پولىنىزىيە تاقىم ئاراللىرىدا كۆچۈپ يۈرۈپ ياشىغان. 1765-يىلى بۇ ئاراللارنى فرانسىيەلىك دېڭىزچى كاپىتان بۇگەنۋېر بايقىغان، 1853-يىلىدىن باشلاپ ۋالىس، فۇتۇنا ۋە ئەتراپىدىكى ئاراللار پولىنىزىيە بىلەن بىرلەشتۈرىۋېتىلگەن، 1884-يىلى مۇستەققىل مەمۇرى رايون بولۇپ تەسىس قىلىنىپ1976-يىلى ئىچىكى ئاپتونومىيە ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولغان.
ۋالىس ۋە فۇتۇنا ئارىلىنىڭ كۆپ قىسمىنى مارجان خادا تاشلار قاپلىغان بولۇپ، سىتراتىگىيىلىك ئورنى مۇھىم. ۋالىس ۋە فۇتۇنانىڭ مۇھىتى گۈزەل ، پوسپۇر بايلىقى مول . باغۋەنچىلىك، بېلىقچىلىق ۋە ساياھەتچىلىك ۋالىس ۋە فۇتۇنا ئارىلىنىڭ ئىگىلىكىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. 2005-يىلى ۋالىس ۋە فۇتۇنانىڭ نىڭ دۆلەت ئىقتىسادىدا باغۋەچىلىك ۋە بېلىقچىلىق كىرىمى 80%، كانچىلىق 4%، مۇلازىمەت 16%نى ئىگەللىگەن بولۇپ -2005يىلى مۇقىم تېلپون ئابونتى 2مىڭ ، يانپون ئابونتى 4100، ئىنتېرنېت ئابونتى2800مىڭ بولغان.
ۋالىس ۋە فۇتۇنا ئاراللىرىنىڭ خەرىتىسى
ۋالىس ۋە فۇتۇنا ئارىلىنىڭ بايرىقى ۋە دۆلەت گىرىبى:[admin تەستىقلىدى . 2010-2-13 23:47:14]