يېڭى كالىدونىيە Territory of New Caledonia and Dependencies
پايتەخت: نومىيا ، ئاھالىسى 70مىڭ
زېمىنى: 19060 كۋادرات كىلومېتىر، بۇنىڭ ئىچىدە يېڭى كالىدونىيە ئارىلى 16372 كۋادرات كىلومېتىر. لويات تاقىم ئاراللىرى1981كۋادرات كىلومېتىر.
ئاھالىسى: يېڭى كالىدونىيەنىڭ 2008-يىللىق نوپۇسى 225مىڭ. ئاھالىنىڭ 42.5%نى مالاي-پولىنىزىيە تىل ئائىلىسىگە تەۋە كاناك قاتارلىق يەرلىك تىللاردا سۆزلىشىدىغان مېلانىزىيەلىكلەر،37%نى فرانسۇزلار، 8%نى ۋاللىسلىقلار، 4%نى پولىنىزىيىلىكلەر، 3.6%نى ھىندونوزىيىلىكلەر، 2%ىنى ۋېتناملىقلار ئىگەللەيدۇ . فرانسۇز تىلى دۆلەت تىلى. ئەنگىلىز تىلى ۋە كاناك تىلىنى ئورتاق قوللىنىدۇ.
دىنى : يېڭى كالىدونىيەلىكلەرنىڭ 60%ى كاتولىك دىنىغا، 30%پروتېستانت دىنىغا، ، 4% ئىسلام دىنىغا، 2% ئىپتىدائى دىنلارغا ئىشىنىدۇ.
پۇلى: تېنچ ئوكيان فىرانىكى.
ئىقتىسادى: 2006 -يىلى يېڭى كالىدونىيەنىڭ ئۇمۇمىي مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 3مىليارد 900مىليون دوللار بولۇپ كىشى بېشىغا 19مىڭ دوللار توغرا كېلىدۇ. يېڭى كالىدونىيەنىڭ2000-يىلىدىن بۇيانقى يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى 5%بولۇۋاتىدۇ.
دۆلەت بايرىمى:( 1789-يىلى)7ئاينىڭ 14-كۈنى، فرانسىيە جۇمھۇرىيەتچىلىرىنىڭ باستىلىيە تۈرمىسىنى ئىشغال قىلغان كۈنى
ۋاقىت رايونى :(شەرقى11- ۋاقىت رايونى)
قىسقىچە تارىخى: مىلادىدىن بۇرۇنقى 2-ئەسىر ئەتراپىدا يەرلىك مېلانىزىيە خەلقى كېمىگە تايىنىپ مېلانىزىيە تاقىم ئاراللىرىدا كۆچۈپ يۈرۈپ ياشىغان. 1774-يىلى بۇ ئاراللارنى ئەنگىلىيەلىك دېڭىزچى كاپىتان جامىس كۇك بايقىغان، 1853-يىلىدىن باشلاپ كالىدونىيە ۋە ئەتراپىدىكى ئاراللارنى فرانسىيە ئىشغال قىلىپ پولىنىزىيە بىلەن بىرلەشتۈرىۋېتىلگەن، 1884-يىلى مۇستەققىل مەمۇرى رايون بولۇپ تەسىس قىلىنىپ1976-يىلى ئىچىكى ئاپتونومىيە ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولغان. 1998-يەرلىك مېلانىزىيىلىكلەردىن تەشكىللەنگەن كاناك ئازاتلىق فرونتى فرانسىيە بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ، 20يىل ئىچىدىكى مۇۋاپىق ۋاقىتتا مۇستەققىل بولۇشنى ئۇمۇمى خەلق ئاۋازىغا قويۇش ھەققىدە ئورتاق كېلىشىم ھاسىل قىلغان.
يېڭى كالىدونىيە ئارىلىنىڭ 0.7%نى تېرىلغۇ يەر، 21%نى ئوتلاق، 80%نى تاغلىق ئورمانلىقلار قاپلىغان بولۇپ، ھۆل يېغىنى مۇۋاپىق، قىش بولمايدىغان سۇپتىروپىك بەلباغ ئىقلىمىغا تەۋە.
يېڭى كالىدونىيەنىڭ مۇھىتى گۈھەل ، نىكىل تىتان، پوسپۇر قاتارلىق كان بايلىقى مول بولۇپ، نىكىل بايلىقى دۇنيا نىكىل زاپاس مىقدارىنىڭ 30%نى ئىگەللەپ 1-ئورۇندا تۇرىدۇ . يېڭى كالىدونىيەنىڭ كالا باقمىچىلىقى ۋە بېلىقچىلىقى يېزا ئىگىلىكىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. 2005-يىلى يېڭى كالىدونىيەنىڭ دۆلەت ئىقتىسادىدا يېزا-ئىگىلىك كىرىمى 15%، سانائەت 9%، مۇلازىمەت 76%نى ئىگەللىگەن بولۇپ 2008-يىلى مۇقىم تېلپون ئابونتى 60مىڭ300، يانپون ئابونتى 176400، ئىنتېرنېت ئابونتى80مىڭ بولغان.
يېڭى كالىدونىيەنىڭ ئورنى ۋە خەرىتىسى
يېڭى كالىدونىيەنىڭ بايرىقى( بايراق ئوتتۇرىسىدىكى بەلگە دۆلەت گىرىبى ئورنىدا قوللىنىلىدۇ) [admin تەستىقلىدى . 2010-2-13 23:45:18]