فرانسىيەگە قاراشلىق پولىنىزىيە French Polynesia
پايتەخت: پاپىېتى ، ئاھالىسى 25مىڭ
زېمىنى: 4167 كۋادرات كىلومېتىر،
ئاھالىسى: پولىنىزىيەنىڭ 2008-يىللىق نوپۇسى 283مىڭ. ئاھالىنىڭ 78%نى مالاي-پولىنىزىيە تىل ئائىلىسىگە تەۋە تاھىت تىلىدا سۆزلىشىدىغان پولىنىزىيەلىكلەر، 12%ىنى خەنزۇلار، 10%نى فرانسۇزلار ئىگەللەيدۇ . فرانسۇز تىلى دۆلەت تىلى. پولىنىزىيە تاھىت تىلىنى ئورتاق قوللىنىدۇ.
دىنى : پولىنىزىيەلىكلەرنىڭ 54% پروتېستانت دىنىغا، 30%كاتولىك دىنىغا، 6% ئىپتىدائى دىنلارغا ئىشىنىدۇ.
پۇلى: تېنچ ئوكيان فىرانىكى.
ئىقتىسادى: 2006 -يىلى پولىنىزىيەنىڭ ئۇمۇمىي مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 3مىليارد 800مىليون دوللار بولۇپ كىشى بېشىغا 17مىڭ500دوللار توغرا كېلىدۇ. پولىنىزىيەنىڭ2000-يىلىدىن بۇيانقى يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى 5%بولۇۋاتىدۇ.
دۆلەت بايرىمى:( 1789-يىلى)7ئاينىڭ 14-كۈنى، فرانسىيە جۇمھۇرىيەتچىلىرىنىڭ باستىلىيە تۈرمىسىنى ئىشغال قىلغان كۈنى
ۋاقىت رايونى :(غەربى11- ۋاقىت رايونى)
قىسقىچە تارىخى: مىلادىدىن بۇرۇنقى 2-ئەسىر ئەتراپىدا يەرلىك پولىنىزىيە خەلقى كېمىگە تايىنىپ پۈتۈن تېنچ ئوكياندىكى ئاراللاردا جۈملىدىن پولىنىزىيەدە كۆچۈپ يۈرۈپ ياشىغان. مىلادى 10-ئەسىردە شىمالدا ھاۋاي ئاراللىرىدىن جەنۇپتا يېڭى زىلاندىيە ۋە پاسخا ئارىلىا قەدەر بولغان ئارىلىقتا پولىنىزىيە ئۈچ بۇرجىكى شەكىللەنگەن، 18-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بۇ ئاراللارنى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ فرانسىيە ۋە ئەنگىلىيە دېڭىزچىلىرى بايقىغان، 1797-يىلى يەرلىك پولىنىزىيە خەلقى فرانسىيەنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا پومار پادىشاھلىقىنى قۇرغان. بىرىنچى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا پولىنىزىيەلىكلەر فرانسىيە ئارمىيىسىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1958-يىلى فرانسىيە پولىنىزىيىگە ئىچىكى ئاپتونومىيە بەرگەن.
پولىنىزىيە زىمىنىنىڭ 21%نى تېرىلغۇ يەر، 6%نى ئوتلاق، 70%نى تاغلىق ئورمانلىقلار قاپلىغان بولۇپ، قىش بولمايدىغان 18 پارچە ئارالدىن تەشكىللەنگەن. 2005-يىلى پولىنىزىيەنىڭ دۆلەت ئىقتىسادىدا يېزا-ئىگىلىك كىرىمى 2.2%، سانائەت 20.6%، مۇلازىمەت 71.5%نى ئىگەللىگەن بولۇپ 2007-يىلى مۇقىم تېلپون ئابونتى 53مىڭ600، يانپون ئابونتى 174مىڭ800، ئىنتېرنېت ئابونتلىرى 75مىڭ بولغان.
پولىنىزىيەنىڭ ئورنى ۋە خەرىتىسى: پولىنىزىيىنىڭ بايرىقى(بايراق ئوتتۇرىسىغا چۈشۈرۈلگەن بەلگە دۆلەت گىرىبى ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ) [admin تەستىقلىدى . 2010-2-13 23:43:27]