خەتكۈچ: دىلبەر يۇنۇس؛ناخشىچى؛ ئوپىرا ئارتىسى؛ ئالتۇن پىلاستىنكا مۇكاپاتى؛ قەشقەر؛ شىۋىتسىيە
چوققىلاش 2 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش
دىلبەر يۇنۇس
دىلبەر يۇنۇس،ئايال،ئۇيغۇر.ئۇ 1958-يىل 10-ئاينىڭ 2-كۈنى قەشقەر شەھرىدە تۇغۇلغان.باشلانغۇچ،تۇلۇقسىز،تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى قەشقەردە تاماملىغان.1976-يىل شىنجاڭ ناخشا-ئۇسۇل ئۆمىكىگە قۇبۇل قىلىنغان،ئۆمەكتىكى مەزگىلدە پىروفىسسور گو لىڭبىنىڭ ناخشا-مۇزىكا كەسپى بويىچە كۈڭۈل قۇيۇپ تەربىلىشىگە ئىرىشكەن.1980-يىل مەركىزىي مۇزىكا ئىنىستۇتوتىنىڭ ناخشا-مۇزىكا ئوپىرا كەسپىگە ئىمتاھان بىرىپ ئۆتكەن،بۇ مەكتەپتىكى مەزگىلدە داڭلىق ناخسا-مۇزىكا مائارىپ شۇناسلىرىدىن شېن شىياڭ،لى جىنۋېي ئەر-خۇتۇننىڭ مەخسۇس تەربىلىشىگە ئىرىشكەن.1987-يىل ئاسپىرانىتلىق ئۇنۋانى بىلەن ئۇقۇشنى تاماملاپ،شۇ يىلى مەركىزىي ئوپىرا ئانسامبىلىغا خىزمەتكە چۈشۈپ،يالغۇز كىشىلىك ناشىچى بولغان.1988-يىل تەكلىپكە بىنائەن فىنلاندىيەگە بېرىپ،فىنلاندىيە دۆلەتلىك ئوپىرا ئانسامبىلىنىڭ يالغۇز كىشىلىك ناخشىچىسى بولغان.تاماشىبىنلارنىڭ ھەسسىلەپ ياخشى كۆرىشىگە ئېرىشكىچە، 1990-يىل دۆلەتلىك ئوپىرا ئانسامبىلى بىلەن مەڭگۈلۈك توختام ئىمزالىغان،ھەمدە فىنلاندىيە زوڭتوڭى ئۆز قولى بىلەن تەستىقلىغان گەرەژدانلىق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىغا ئىرىشكەن.1993-يىلدىن 1996-يىلغىچە تەكلىپكە بىنائەن گىرمانىيە بويىن دۆلەتلىك ئوپىرا ئانسامبىلىدا يالغۇز كىشىلىك ناخشىچى بولغان.
دىلبەر يۇنۇس ھازىر دۇنياغا مەشھۇر دولقۇنسىمان يۇقۇرى ئاۋازلىق ناخشىچى،ئوپىرا ئۇرۇنداش سەنئەتكارى.فىنلاندىيە دۆلەتلىك ئوپىرا ئانسامبىلى ۋە شىۋىتسىيە مارمو ئوپىرا ئانسامبىلىنىڭ مەڭگۈلۈك يالغۇز كىشىلىك ناخشىچىسى.جۇڭگۇ مەركىزى مۇزىكا ئىنىستىتوتى،مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرىستىتى،شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرىستىتى قاتارلىق مەكتەپلەرنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك پىراپپىسورى،ئاسپىرانىتلار يىتەكچىسى.
دىلبەر يۇنۇس ئۇيغۇر،خەنزۇ،ئېنگىلىز،ئىتتالىيان،نىمىس،فىرانسۇز،فىنلان،شىۋىت،ئېستون قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ تىلىنى پۇختا بىلىدۇ ،ھەمدە شۇ تىللاردا ناخشا ئېيتىپ،ئوپىرا ئورۇنلىيالايدۇ.
دىلبەر يۇنۇس ھازىرغا قەدەر مۇۋاپىقيەتلىك ھالدا نەچچە ئون دۆلەتتە يۈزنەچچە مەيدان يالغۇز كىشىلىك ناخشا كىچىلىكى ئۆتكۈزگەن.نەچچە ئونلىغان ئوپىرادا ئاساسلىق رول ئالغان. نۇرغۇن دۇنياغا داڭلىق كومپازىتۇر ۋە ئوركىستىرلار بىلەن ھەمكارلاشقان.
دىلبەر يۇنۇسنىڭ ۋەكىل خاراكتىرلىق ئەسىرى:«قىزىقچى»ئوپىراسىدىكى جىردانىڭ ئوبرازىنى ئىنتايىن مۇۋاپىقيەتلىك ياراتقان.
دىلبەر يۇنۇس مۇتەخەسىسلەر ۋە تاماشىبىنلار تەرىپىدىن ”خىرۇستال ئاۋازلىق“ناخشىچى دەپ تەرىپلىنىدۇ.
دىلبەر يۇنۇس ھازىرمۇ فىنلاندىيە،شىۋىتسىيە،جۇڭگۇ قاتارلىق دۆلەتلەردە ناخشا ئوقۇپ،ئوپىرالاردا رول ئېلىپ كىلىۋاتىدۇ.ئاساسلىق ئولتۇراقلاشقان ئورنى شىۋىتسىيە.
http://baike.baidu.com/view/157510.htm#sub157510
دىلبەر يۇنۇسنىڭ سۇرەتلەر توپلىمى:
http://image.baidu.com/i?tn=baiduimage&ct=201326592&lm=-1&cl=2&fr=ala0&word=%B5%CF%C0%EF%B0%DD%B6%FB
ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش
سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 2
>