بىرازىلىيىكلەرنىڭ نىكاھ ئادىتى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 2 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

بىرازىلىيىكلەرنىڭ نىكاھ ئادىتى


      بىرازىلىيەدە قىز -يىگىتلەر توي خېتى ئېلىشقا تىزىملاتماقچى بولسا ،تويدىن ئاۋۋلقى ئىككى ھەپتىلىك تەربىيگە قاتنىشىدۇ.ئۇلار بۇ جەرياندا تويدىن كېيىنكى تۇرمۇشنى رەتكە چۈشۈرۈش ،كىشلەرگە مۇئامىلە قىلىش ،ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش پىرىنسىپى ،نىكاھ ئەخلاقى ھەمدە جىنسىي تازىلىق قاتارلىق جەھەتلەردە تەربىيەگە ئىگە بۇلدۇ.ئىمتىھان ئارقىلىق لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسى ئالغانلار توي خېتى ئېلىشقا تىزىملىتالايدۇ.گۇۋاھنامە ئالماي تۇرۇپ توي قىلغانلارنىڭ پەرزەنتلىرى قانۇننىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمەيدۇ،ئۇلارنىڭ مەكتەپتە ئۇقۇش ،مىراسقا ۋارىسلىق قىلىشلىرىمۇ تۈرلۈك قىيىنچىلىققا ئۇچرايدۇ.بۇ دۇنيادىكى توي خېتى ئېلىشتىكى ئەڭ قاتتىق رەسمىيەت بولسا كېرەك.

 

بىراق،بىرازىلىيەدە لاتىن ئامىرىكىسىدىكى باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشاشلا نىكاھ ئەركىنلىگى بار.جەمىيەتنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ،بىرازىلىيىكلەرنىڭ نىكاھ قارىشى ۋە مۇھەببەت قارىشىدا غايەت زور ئۆزگۈرۈشلەر بارلىققا كەلدى.ئۇلار شەكىل جەھەتتىن بىرىشىشىكە ئەھمىيەت بىرىپلا قالماي،ھېسيات جەھەتتىكى بىرىشىشكە ئەھمىيەت بىلەن قارايدىغان بولدى.《ئوڭاي تېپىشقانلار ئوڭاي ئايرىلىپ كەتمەيدۇ》دەيدىغان قاراش مۇتلەق كۆپ ساندىكى قىز -يىگىتلەرنىڭ ئېتقادىغا ئايلاندى.ئۇلار ئۇزۇن ۋاقىت مۇھەببەتلەشسىمۇ ،توي  قىلىش توغۇرلۇق ئويلاشمايدىغان بۇلۇپ قالدى.توي  قىلىش رەسىمىيىتى ئۆتىمەي بىرگە تۇردىغانلارنىڭ نىسبىتى تۈز سىزىق بۇيىچە  بۇيىچە ئاشماقتا،ئۇزۇن يىل بىرگە تۇرۇ پ ،ئايرىلىپ كىتىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس.نىكاھسىز تۇغۇلغان پەرزەنتلەرمۇ ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بارماقتا،بۇنىڭ بىلەن جەمىيەتتىكى كۆپلىگەن ئىجتىمائي مەسىللەر پەيدا بولدى.ئەلۋەتتە ،ئۇزۇن يىل بىرگە تۇرغانلار ئىچىدىمۇ توي قىلىش رەسىيىتىنى قانۇنلۇق ئەر-خۇتۇن بولغانلارمۇ ئاز ئەمەس.

 

      بىرازىلىيلىك قىز -يىگىتلەر توي قىلىشتا نەسىل-نەسەپتە بىر-بىرىگە لايىق كېلىشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ.شۇڭلاشقا ئوخشاش قاتلامدىكىلەرنىڭ توي قىلىش نىسبىتى يۇقىرى.بىرازىلىيە بىلەن غەرب ئەللىرىنىڭ  جىنسىي ئەركىىنلىگىدە زور پەرق بار،ئۇلار قىزلارنىڭ ئىپپىتىنى ساقلىغان بۇلۇشىغا ئالاھىدە ئېتبار بېرىدۇ.قىزلار توي قىلىشتىن ئىلگىرى ئاتا-ئانىسىنىڭ قاتتىق باشقۇرۇشىدا بۇلىدۇ،توي قىلىش يېشىغا يەتكەن ھامان ياتلىق قىلۋېتىدۇ.بەزى ئائىللەر قىزلىرىنى ياخشى باشقۇرالماي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ،موناستىرغا ئاپىرىپ قۇيىدۇ،توي قىلىش يېشىغا يەتكەندە قايتۇرۇپ كېلىدۇ.

 

      بىرازىلىيەدە توي چىقىمى ۋە توي مۇراسىمىغا ئائىت بارلىق ئىشلارنى قىز تەرەپ ئۈستىگە ئالىدۇ.بەزى باي ئائىلىلەر قىز مېلىنى مول تەييارلىغاندىن سىرت ،يەنە يېڭى ئۆي ئېلىپ بېرىدۇ.يىگىتلەرنىڭ بېسىمى ئۇنچە ئېغىر ئەمەس،ئۇلار پەقەت بىر جۈپ ئۈزۈك تەييارلاپ ،چېركاۋغا بېرىپ نېكاھقا قاتناشسىلا بۇلدۇ.توي قىلغاندىن كېيىن يىگىت تەرەپتە تۇرسىمۇ ،قىز تەرەپتە تۇرسىمۇ بۇلدۇ.توي مۇراسىمى ئىنتايىن ئاددى ئۆتكۈزىلىدۇ ،بىرازىلىيەلەكلەرنىڭ كۆپىنچىسى كاتولىك دېنىغا ئېدقادقىلىدىغان بولغاچقا،توي مۇراسىمى چېركاۋدا ئۆتكۈزىلىدۇ،مۇراسىمغا پوپ رىياسەتچىلىك قىلدۇ.مۇراسىم باشلىنىشتىن ئاۋۋال بېشىغا ئاق گاز ياغلىق سالغان،ئۇچىسىغا ئاق توي كۆڭلىگى كىيگەن قىز دادىسى ۋە باشقا ئەر تۇققانلىرىنى قولتۇقلىغىنىچە ،《توي مۇزىكىسى》غا جۆر بۇلۇپ ،يىگىتنىڭ ئېلدىغا ئېستا مېڭىپ كېلىدۇ.قىز-يىگىت بىر-بىرىگە ئۈزۈك تاقىشىدۇ…چېركاۋدا يەنە 《توي مۇزىكىسى》ياڭرايدۇ،قىز يىگىتنىڭ ئوڭ بىلىكىدىن قولتۇقلىغىنىچە چېركاۋدىن چىقىدۇ،بۇنىڭ بىلەن توي مۇراسىمى ئاخىرلىشىدۇ.

 

       كاتولىك دىنىنىڭ نۇرغۇن دىنىي ئادەتلىرى بار،مەسىلەن،نىكاھتىن ئاجراشقانلارنىڭ مۇقەددەس رەسمىيەتكلەرگە قاتنىشىشىغا يول قۇيۇلمايدۇ،شۇڭا قانۇنلۇق ئەر-خۇتۇن بۇلىدىغانلاردىن ئاجرىشىدىغانلار بەك ئاز. ئەگەر ئىككى تەرەپ ئاجىرىششتا قەتئىي تۇردىغان بولدا ،سوت ھۆكۈم چىقىرىپ 3يىلدىن كېيىن ئىناۋەتلىك بۇلدۇ.ئادەتتە كىشىلەر ئۈچ يىل ساقلىيالمايدۇ .ئۇنىڭ ئۈستىگە بىرازىلىيەدە ئۆمرىدە پەقەت بىرلا قېتىم نىكاھتىن ئاجىرىشىشقا رۇخسەت قىلىندۇ ،ئىككىنچى قېتىم ئاجىرىششقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ،شۇڭا نىكاھتىن ئاجىرىشىش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن.نىكاھتىن ئاجىراشقاندىن كېيىن ئەر ئايالغا تۇرمۇش ھەققى ۋە قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرىنىڭ ئۇقۇش ھەققىنى  ۋاقتىدا بېرىشى كېرەك.ئايال تەرەپ مال-مۈكۈكنى بۆلۈشىشىنى تەلەپ قىلسىمۇ بۇلدۇ .بىراق،ئاجىراشقان ئايال ئەگەر باشقا بىرى بىلەن تۇرۋاتقان بولسا،ئۇنىڭغا بىرىلىدىغان تۇرمۇش ھەققى ۋە مال -مۈلۈكنى مۈلۈكنى بۈلۈشۈش ھەققى ئۆزلىكىدىن بىكار قىلىندۇ .

 

      غەربىي ياۋرۇپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە بالىلار قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن مۇستەققىل تۇرمۇش كەچۈرىدۇ.بىراق بىرازىلىيەدە توي قىلغاندىن كېيىنمۇبىر نەچچە ئاۋلاد كىشى بىرگە تۇرىدۇ.ئەگەر شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئولتۇراق ئۆي قىيىنچىلىقى بولسا،پەرزەنتلەر ئاتا-ئانىلار بىلەن بىر بىنادا ياكى بىر كوچىدا ئولتۇرۇپ ،ئۆزئارا ھەمدەمدە بۇلىدۇ.،ئۇشۇ ئائىلىنىڭ پۇل، مال-مۈلۈكىنى باشقۇرىدۇ ھەمدە چوڭ-كىچىك ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىدۇ.ئاياللار ئائىلە باشلقى بولىدىغانلار ئىنتايىن ئاز ساندا.ئەگر شۇئائىلىدە ئائىلە باشلىقى بولغۇچى ئەر ئالەمدىن ئۆتكەن بولسا ،ئۇنىڭ ئوغلى ئائىلىنى باشقۇرىدۇ.ئادەتتە بۇنداق ئائىلىلەر ئىنتايىن ئىناق ئۆتىدۇ،زىددىيەت ئىنتايىن ئاز بۇلىدۇ.

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 2

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 942 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01