ئېستونىيە

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش
                                                                                     ئېستونيە جۇمھۇرىيىتى
   پايتەخت: تاللىن، ئاھالىسى  525مىڭ 
   زىمىنى: 45مىڭ227 كۇۋادىرات كىلومېتىر
   ئاھالىسى: ئېستونيەنىڭ 2006-يىللىق نوپۇسى   1مىلىيۇن 324مىڭ بولۇپ، ئاھالىنىڭ 67%نى  ئۇرال تىل سېستىمىسى، فىن تىلى ئائىلىسىگە تەۋە ئېستون تىلىدا سۆزلىشىدىغان ئېستونلار، 25%ىنى رۇسلار، 2%ىنى ئوكرائىنلار، 1%ىنى فىنلار ئىگەللەيدۇ . ئېستون تىلى دۆلەت تىلى.
   دىنى : ئېستونيەلىكلەرنىڭ 13.6%پروتىستانت دىنىنىڭ لۇتېر مەزھىبىگە، 12% پروۋسلاۋىيە دىنىغا، 1%كاتولىك دىنىغا  ئىشىنىدۇ. كۆپ قىسمى دىنغا ئىشەنمەيدۇ.
   پۇلى: ياۋرو. ئېستونىيە 2004-يىلىدىن بۇيان ياۋروپا ئىتىپاقىنىڭ ئەزاسى.
ئىقتىسادى:  2006 -يىلى ئېستونىيەنىڭ ئۇمۇمى مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 13مىليارت620مىليۇن دوللار بولۇپ كىشى بېشىغا 19مىڭ600دوللار توغرا كەلگەن. ئېستونىيەنىڭ2000-يىلىدىن بۇيانقى يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى 10%بولۇۋاتىدۇ.
   دۆلەت بايرىمى:( 1918-يىلى)2-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئېستونىيەنىڭ روسىيەدىن مۇستەققىل بولغان كۈنى،(1991-يىلى)8-ئاينىڭ 20-كانى مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن كۈنى
   ۋاقىت رايونى :ياۋروپا ۋاقتى(شەرقى1- ۋاقىت رايونى)
قىسقىچە تارىخى: ئېستونىيە زىمىنى ئەسلىدە لاتىشلارنىڭ زىمىنى بولۇپ بولۇپ مىلادىدىن بۇرۇنقى 10-ئەسىر ئەتراپىدا ئۇرال خەلقلىرىدىن بولغان فىن ۋە ئېستون خەلقى بۇ يەرگە كۆچۈپ كېلىپ ئۇششاق بەگلىكلەرنى قۇرغان. 10-ئەسىردە ئېستونىيە دانىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان. مىلادى 1397-يىلى دانىيە، شىۋىتسىيە، نورۋىگىيەلەر  كارما ئىتتىپاقىنى قۇرغاندا ئېستونىيە شىۋىتسىيەگە قاراشلىق ئۆلكە بولغان. 1710-يىلى ئېستونىيەنى چار روسىيە بېسىۋالغان. 1917-يىلى ئېستونىيە مۇستەقىللىققا ئېرىشىپ 1918-يىلى گېرمانىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان.1920-يىلى قايتىدىن مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن. 1940-يىلى سوۋېت ئىتىپاقى ئېستونىيەنى مەجبۇرى ئۆزىگە قوشۇۋالغان.1941-يىلى گېرمانىيە ئېستونىيەنى قايتىدىن ئىشغال قىلغان، 1944-يىلى 9-ئايداسوۋېت ئىتىپاقى ئېستونىيەنى قايتۇرىۋالغان.  1991-يىلى ئېستونىيە تۇنجى بولۇپ مۇستەقىللىق جاكارلاپ سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشنىڭ مۇقەددىمىسى بولۇپ قالغان.
    ئېستونىيە زىمىنى ئاساسەن تۈزلەڭلىك، ھۆل يېغىنى مۇۋاپىق بولسىمۇ ياز مەزگىلى قىسقا، يازلىق ئەڭ يۇقىرى تېمپىراتۇرىسى 19سېلسىيە بولغاچقا دېھقانچىلىق قىلىش ئەپسىز،  ئەمما ئۆي قۇشى ۋە سۈت كالىسى باقمىچىلىقى يۈكسەك تەرەققى قىلغان، سانائەت ئاساسى ياخشى، پۇخرالارنىڭ ساپاسى يۇقىرى بولۇپ سابىق سوۋېت ئىتىپاقىدىكى ئەڭ باي جۇمھۇرىيەتنىڭ بىرى ئىدى. مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن توغرا ئىقتىسادى سىياسەت ۋە ياۋروپا ئىتىپاقىنىڭ ياردىمىدە يىلىغا 10%دىن يۇقىرى سۈرئەت بىلەن تەرەققى قىلىپ ھازىر ياۋروپادىكى باي دۆلەتلەر بىلەن تەڭلىشىپ قالدى.  2005-يىلى ئېستونىيىنىڭ دۆلەت ئىقتىسادىدا يېزا-ئىگىلىك كىرىمى 3.4%، سانائەت 28%، مۇلازىمەت 68.6%نى ئىگەللىگەن بولۇپ -2005يىلى مۇقىم تېلپون ئابونتى 442مىڭ، يانپون ئابونتى 1 مىليۇن544مىڭ، ئىنتېرنېت ئابونتى 690مىڭ بولغان.[admin تەستىقلىدى . 2010-2-13 23:36:04]
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 634 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01