گىرىنلاندىيە ئارىلى(دانىيە)

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

    گىرىنلاندىيە ئاپتونومىيە رايونى ( دانىيەنىڭ تولۇق ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە مۇستەملىكىسى)
پايتەخت: نۇك(ئىلگىرى گودخوب دەپ ئاتىلاتتى)،
ئاھالىسى 21مىڭ
زىمىنى: 12مىلىيۇن 166مىڭ86 كۇۋادىرات كىلومېتىر، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئارال
ئاھالىسى: گىرىنلاندىيەنىڭ2008-يىللىق نوپۇسى 57مىڭ564بولۇپ، ئاھالىنىڭ 90%نى ئىنۇىت(ئسكىموس) لار، قالغانلىرىنى دانىيەلىكلەر ئىگەللەيدۇ . گېرمان تىللىرى ئائىلىسىگە تەۋە ۋە دېنمارك تىلى ۋە گىرىنلاندىيە تىلى( ئىنۇئىت تىلىنىڭ شەرقى تارمىقى) دۆلەت تىلى.
دىنى : گىرىنلاندىيەلىكلەرنىڭ 90%ى پروتىستانت دىنى لۇتېر مەھىبىگە ئىشىنىدۇ.
ئىقتىسادى: 2006 -يىلى گىرىنلاندىيەنىڭ ئۇمۇمى مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 1مىليۇن 700مىڭ دوللار بولۇپ كىشى بېشىغا 20000دوللار توغرا كېلىدۇ. 2000-يىلىدىن بۇيانقى يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى 2%بولۇۋاتىدۇ.
ۋاقىت رايونى :گىرنىۋىچ ۋاقتى(غەربى 3-ۋاقىت رايونى).
گىرىنلاندىيە 12-ئەسىرنىڭ ئاخىرى دانىيە مۇستەملىكىسى بولغان بولۇپ، 1953-يىلى دانىيە گىرىنلاندىيەنى ئۆزىنىڭ ئوبلاستى دەپ جاكارلىغان، 1979-يىلىي يۈكسەك ئىچكى ئاپتونومىيىنى يولغا قويغان. گىرىنلاندىيە ئارىلى شىمالى مۇز ئوكياننىڭ گىرۋىكىگە جايلاشقان بولغاچقا، ئازغىنە دېڭىز بويى سوغۇق بەلباغ تۇندىرا ئىقلىمىغا تەۋە بولغاندىن باشقا كۆپ قىسىم زىمىنى قىش-ياز ئېرىمەيدىغان مۇزلۇقلاردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ ئەڭ ئىسسىق بولغاندىمۇ يازلىق ئەڭ يۇقىرى تېمپىراتۇرىسى 15سېلسىيە بولغاچقا تېرىقچىلىق قىلغىلى بولمايدۇ، گىرىنلاندىيەنىڭ بېلىقچىلىق ۋە كانچىلىق ئىشلىرى گۈللەنگەن. 

    2005-يىلى گىرىنلاندىيە ئىقتىسادىدا بېلىقچىلىق كىرىمى 24% ، كانچىلىق 32%، مۇلازىمەت 44%نى ئىگەللىگەن بولۇپ -2007يىلى مۇقىم تېلپون ئابونتى 26مىڭ300، يانپون ئابونتى 66مىڭ400، ئىنتېرنېت ئابونتى 52مىڭ بولغان.

[admin تەستىقلىدى . 2010-2-13 23:19:17]
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 466 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01