فاروې تاقىم ئاراللىرى(دانىيە)

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

   فاروې تاقىم ئاراللىرى(دانىيە)
فاروې تاقىم ئاراللىرى ئاپتونومىيە رايونى ( دانىيەنىڭ تولۇق ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە مۇستەملىكىسى)
پايتەخت: تورسخاۋېن، ئاھالىسى 18مىڭ
زىمىنى: 1مىڭ399 كۇۋادىرات كىلومېتىر
ئاھالىسى: فاروې تاقىم ئاراللىرىنىڭ 2008-يىللىق نوپۇسى 48مىڭ668بولۇپ، ئاھالىنىڭ 95%نى فاروېلار، قالغانلىرىنى دېنمارك، ئىنۇىت(ئسكىموس) لار ئىگەللەيدۇ . گېرمان تىللىرى ئائىلىسىگە تەۋە فاروې تىلى ۋە دېنمارك تىلى دۆلەت تىلى.
دىنى : فاروېلارنىڭ 83%ى پروتىستانت دىنى لۇتېر مەھىبىگە ئىشىنىدۇ.
   ئىقتىسادى: 2006 -يىلى فاروې تاقىم ئاراللىرىنىڭ ئۇمۇمى مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 1مىليۇن 700مىڭ دوللار بولۇپ كىشى بېشىغا 31000دوللار توغرا كېلىدۇ.

   2000-يىلىدىن بۇيانقى يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى 2%بولۇۋاتىدۇ. ۋاقىت رايونى :گىرنىۋىچ ۋاقتى(0-ۋاقىت رايونى). فاروې تاقىم ئاراللىرى تۇپرىقى مۇنبەت، پۈتۈنلەي يېشىللىق بىلەن قاپلانغان، پۇخرالارنىڭ ساپاسى يۇقىرى رايون بولسىمۇ ئەممايازلىق ئەڭ يۇقىرى تېمپىراتۇرىسى 15، قىشلىق ئەڭ تۆۋەن تېمپىراتۇرىسى 0 بولغاچقا تېرىقچىلىق قىلغىلى بولمايدۇ، شۇڭا بۇ جاي ساياھەتچىلىك ئىشلىرىنى ۋە باقمىچىلىق، ياغاچ ماتېرىياللىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەشنى گۈللەندۈرگەن. 2005-يىلى فاروې تاقىم ئاراللىرىنىڭ ئىقتىسادىدا يېزا-ئىگىلىك كىرىمى 27% سانائەت 11%، مۇلازىمەت 62%نى ئىگەللىگەن بولۇپ 2006-يىلى مۇقىم تېلپون ئابونتى 23مىڭ800، يانپون ئابونتى 50000مىڭ، ئىنتېرنېت ئابونتى 34مىڭ بولغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان فاروې ئاراللىرى ياۋروپا پارلامېنتىدا مۇستەقىل بولش تەلىۋىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ياۋروپا ئىتىپاقى ۋە دانىيە پارلامېنتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتتى. ئۇمۇمى خەلق ئاۋازىدىن كېيىن مۇستەقىل بولۇشى بەلگىلىنىدۇ.

[admin تەستىقلىدى . 2010-2-12 17:58:05]
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 552 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01