ئولىمپىكقا قاتناشقان ئۇيغۇر ئەزىمەتلىرى(مەخمۇت يۈسۈپ)

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 2 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

 

ئولىمپىكقا قاتناشقان ئۇيغۇر ئەزىمەتلىرى
 
مەخمۇت يۈسۈپ 
 
 
 
 
 
 
 
1889-يىل فرانسىيىلىك بارون كوبېرتىن(BARON DE COUBERTIN)نىڭ تەشەببۇسى،تۈرتكىسى ۋە زور تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، 1894-يىل 12 دۆلەتنىڭ قاتنىشىشى،21 دۆلەتنىڭ دوكلات يېزىپ قوللىشى ئارقىسىدا يىغىن ئېچىلىپ،خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى رەسمىي قۇرۇلدى،ھەمدە ھەر 4 يىلدا بىر قېتىم ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش قارار قىلىندى.تۇنجى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى 1896-يىل گرېتسىيىنىڭ پايتەختى ئافىنادا ئۆتكۈزۈلگەندىن باشلاپ 100يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە بۇ كاتتا يىغىلىش 26 قېتىم ئۆتكۈزۈلدى،3 قېتىملىقى ئۇرۇش مالىمانچىلىقى تۈپەيلىدىن ئۆتكۈزۈلمىدى.
 
ئولىمپىك تەنتەربىيە يىغىنىنى نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدىكى كۆلەم،سەۋىيە،تەسىر دائىرىسى قاتارلىق جەھەتلەردىن ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىغان ئەڭ كاتتا خەلقئارالىق تەنتەربىيە يىغىلىشى ھېسابلىنىدۇ.ئولىمپىكقا قاتنىشىپ نەتىجە قازىنىش ھەربىر تەنھەرىكەتچىنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى ۋە ئۆمۈرلۈك غايىسى ھېسابلىنىدۇ.
 
مەن بىر تەنتەربىيە ھەۋەسكارى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مىللىتىمىز تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ ئەھۋالىغا ئىزچىل دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىمەن .يېقىندا تاسادىپىي كاللامغا:«ئۇيغۇرلاردىن قانچىلىك تەنھەرىكەتچى ئولىمپىكقا قاتناشقاندۇ؟!》دېگەن سوئال كىرىپ قالدى .مۇشۇ سوئالنىڭ تۈرىتكىسى بىلەن نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرچە ماتېرىيال ۋە توربەتلىرىنى ئاختۇردۇم .نەتىجىدە ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىدىم .شۇنىڭ بىلەن خەنزۇچە توربەتلىرىگە مۇراجىئەت قىلدىم ،بەختكە يارىشا 《جۇڭگو ئولىمپىك كومىتېتى ھۆكۈمەت تورى》،《شىن خۇا تورى》،《تەڭرىتاغ تورى》قاتارلىق خەنزۇچە تور مەنبەلىرىدىن يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان ئولىمپىكقا قاتناشقان جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى ۋە ئۆمەك تەركىبىدىكى ئۇيغۇر ئەزىمەتلىرىنىڭ تىزىملىكى ۋە قىسقىچە تەرجىمالىغا ئىگە بولدۇم .مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۆلىتىمىز جۇڭگو ۋە جۇڭگودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئولىمپىكقا قاتنىشىش ئەھۋالىنى كەڭ قېرىنداشلارغا تونۇشتۇرۇش مەجبۇرىيىتىم بار دەپ قارىدىم.
 
 
 
دۆلىتىمىز جۇڭگونىڭ ئولىمپىكقا قاتنىشىش ئەھۋالى:
 
 
 
1-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنتەربىيە يىغىنى 1896-يىلى گرېتسىيىنىڭ پايتەختى ئافىنادا ئۆتكۈزۈلدى.بۇ قېتىمقى يىغىنغا جۇڭگو قاتناشمىدى.
2-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنتەربىيە يىغىنى 1900-يىلى فرانسىيىنىڭ پايتەختى پارىژدا ئۆتكۈزۈلدى.بۇ قېتىمقى يىغىنغا جۇڭگو قاتناشمىدى.
3-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنتەربىيە يىغىنى 1904-يىلى ئامېرىكىنىڭ سان لويىس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.بۇ قېتىمقى يىغىنغا جۇڭگو قاتناشمىدى.
4-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنتەربىيە يىغىنى 1908-يىلى ئەنگلىيىنىڭ پايتەختى لوندوندا ئۆتكۈزۈلدى.بۇ قېتىمقى يىغىنغا جۇڭگو قاتناشمىدى.
5-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنتەربىيە يىغىنى 1912-يىلى شۋېتسىيىنىڭ پايتەختى سىتوكھولىمدا ئۆتكۈزۈلدى.بۇ قېتىمقى يىغىنغا جۇڭگو قاتناشمىدى.
6-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنتەربىيە يىغىنى ئەسلىدە 1916-يىلى گېرمانىيىنىڭ پايتەختى بېرلىندا ئۆتكۈزۈلمەكچى ئىدى.لېكىن 1-دۇنيا ئۇرۇشى سەۋەبىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.
7-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنتەربىيە يىغىنى 1920-يىلى بېلگىيىنىڭ پايتەختى ئانتېۋېفتا ئۆتكۈزۈلدى.بۇ قېتىمقى يىغىنغا جۇڭگو قاتناشمىدى.
8-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنتەربىيە يىغىنى 1924-يىلى فرانسىيىنىڭ پايتەختى پارىژدا ئۆتكۈزۈلدى.بۇ قېتىمقى يىغىنغا جۇڭگو قاتناشمىدى.
9-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنتەربىيە يىغىنى 1928-يىلى گوللاندىيىنىڭ پايتەختى ئامىستېردامدا ئۆتكۈزۈلدى.بۇ قېتىمقى يىغىنغا جۇڭگو قاتناشمىدى.
10-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنتەربىيە يىغىنى 1932-يىلى ئامېرىكىنىڭ لوس ئانجىلىس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.جۇڭگو 3 كىشىلىك(1 نەپەر تەنھەرىكەتچى) گۇرۇپپا تەشكىللەپ يىغىنغا قاتناشتى .لېكىن نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى.
11-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنتەربىيە يىغىنى 1936-يىلى گېرمانىيىنىڭ پايتەختى بېرلىندا ئۆتكۈزۈلدى.جۇڭگو 69 نەپەر تەنھەرىكەتچى ئەۋەتىپ يىغىنغا قاتناشتى .لېكىن نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى.
12-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنتەربىيە يىغىنى 1940-يىلى ياپونىيىنىڭ پايتەختى توكيودا ئۆتكۈزۈلمەكچى ئىدى.لېكىن 2-دۇنيا ئۇرۇشى سەۋەبىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى .
13-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنتەربىيە يىغىنى 1944-يىلى گېرمانىيىنىڭ پايتەختى بېرلىندا ئۆتكۈزۈلمەكچى ئىدى.لېكىن 2-دۇنيا ئۇرۇشى سەۋەبىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى .
14-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنتەربىيە يىغىنى 1948-يىلى ئەنگلىيىنىڭ پايتەختى لوندوندا ئۆتكۈزۈلدى.جۇڭگو 33 نەپەر تەنھەرىكەتچى ئەۋەتىپ يىغىنغا قاتناشتى .لېكىن نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى.
15-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى 1952-يىلى فىنلاندىيىنىڭ پايتەختى خېلنىسكىدا ئۆتكۈزۈلدى.يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىنكى تۇنجى ۋەكىللەر ئۆمىكى خېلنىسكىغا يىتىپ بارغاندا مۇسابىقە باشلانغىنى 10 كۈندىن ئاشقان بولۇپ ،پەقەت ئەرلەرنىڭ سۇ ئۈزۈش تۈرى بىلەن يېپىلىش مۇراسىمىغىلا قاتنىشالىدى.لېكىن نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى.
16-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى 1956-يىلى ئاۋسترالىيىنىڭ موربىن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.
 
 
1954-يىلى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئافىنادا يىللىق يىغىن ئېچىپ 21 گە قارشى 23 ئاۋازنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن جۇڭ خۇا مەملىكەتلىك تەنتەربىيە باش ئۇيۇشمىسىنى جۇڭگو ئولىمپىك كومىتېتى دەپ ئېتىراپ قىلدى ،شۇنىڭ بىلەن بىرلا ۋاقىتتا تەيۋەننىڭ ئاتالمىش «جۇڭ خۇا مىنگو ئولىمپىك كومىتېتى»نى ساقلاپ قېلىپ،بىر دۆلەتتە ئىككى ئولىمپىك كومىتېتى بولۇشتەك ئۈلگىنى ياراتتى.خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى كىيىن يەنە ئىككى ئۆمەكنىڭ بىرلا ۋاقىتتا 16-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتنىشىشىغا قوشۇلدى ،ئۆمەكلەرنىڭ بىرىنىڭ ئىسمى «تەيۋەن جۇڭگو»،يەنە بىرىنىڭ ئىسمى «بېيجىڭ جۇڭگو»دەپ ئاتىلىشىنى بەلگىلىدى.
 
يېڭى جۇڭگو ئولىمپىك كومىتېتى باشتىن ئاخىر بىر جۇڭگودىن ئىبارەت سىياسىي مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ ،خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ «ئىككى جۇڭگو »سۇيىقەستىگە قەتئىي قارشى تۇردى،خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ تەيۋەننىڭ 16-نۆۋەتلىك ئولىمپىكقا قاتنىشىشىغا يول قويغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كىيىن،دەرھال ئولىمپىك كومشىرىغا تېلېگرامما يوللاپ نارازىلىق بىلدۈردى،ھەمدە ئېنىق ئىپادە بىلدۈرۈپ:ئەگەر تەيۋەننىڭ ئولىمپىكقا قاتنىشىشىغا يول قويۇلسا،يېڭى جۇڭگو بۇ قېتىملىق ئولىمپىك يىغىنىغا قاتنىشىشنى رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.كىيىن خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى جۇڭگونىڭ نارازىلىقىنى سىياسىينى مەقسەت قىلغان نارازىلىق دەپ قاراپ قوبۇل قىلمىدى.جۇڭ خۇا مەملىكەتلىك تەنتەربىيە باش ئۇيۇشمىسى 1956-يىلى 1-ئايدا بايانات ئېلان قىلىپ،خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ جۇڭگونى پارچىلاش قىلمىشىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى ھەمدە 16-نۆۋەتلىك ئولىمپىك يىغىنىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
 
17-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى 1960-يىلى ئىتالىيىنىڭ پايتەختى رىمدا ئۆتكۈزۈلدى.خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىدىكى ئازسانلىق كىشىلەرنىڭ«ئىككى جۇڭگو»سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇشى سەۋەبىدىن،جۇڭگو ئولىمپىك كومىتېتى 1958-يىلى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى،شۇ سەۋەبلىك،17-نۆۋەتلىك ئولىمپىكتىن باشلاپ ،جۇڭگو ئولىمپىكقا قاتنىشىشنى ئۈزۈپ قويدى.
 
18-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى 1964-يىلى ياپونىيىنىڭ پايتەختى توكيودا ئۆتكۈزۈلدى.جۇڭگو يەنىلا ئولىمپىكقا قاتنىشىنى رەت قىلدى.
 
19-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى 1968-يىلى مېكسىكىنىڭ پايتەختى مېكسىكا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.جۇڭگو يەنىلا ئولىمپىكقا قاتنىشىنى رەت قىلدى.
 
20-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى 1972-يىلى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.جۇڭگو يەنىلا ئولىمپىكقا قاتنىشىنى رەت قىلدى.
 
21-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى 1976-يىلى كانادانىڭ مونتېرىيال شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.جۇڭگو يەنىلا ئولىمپىكقا قاتنىشىنى رەت قىلدى.
 
22-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى 1980-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ موسكۋا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.گەرچە 1979-يىلى 10-ئايدا ياپونىيىنىڭ ناگويا شەھىرىدە ئېچىلغان خەلقئارا ئولىمپىك يىغىنىدا،جۇڭگونىڭ ئولىمپىكتىكى قانۇنلۇق ئورنى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ،لېكىن جۇڭگو يەنىلا ئولىمپىك روھىنى ۋە جۇڭگونىڭ دۆلەت مەنپەتىنى قوغداش ئۈچۈن،1980-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ،موسكۋا ئولىمپىك يىغىنىغا قاتنىشىشتىن ۋاز كەچتى.
 
23-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى 1984-يىلى ئامېرىكىنىڭ لوس-ئانجىلىس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.جۇڭگو 225نەپەر تەنھەرىكەتچىدىن تەشكىللەنگەن ئۆمەك ئەۋەتىپقاتناشتى.بۇ قېتىم 15 ئالتۇن مېدال،18 كۈمۈش مېدال،19 مىس مېدال ئېلىپ،مېدال سانى جەھەتتە دۇنيا بويىچە 4-ئورۇنغا ئۆتتى.
 
24-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى 1988-يىلى كورىيىنىڭ سىئۇل شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.جۇڭگو بۇ قېتىم 301 نەپەر ماھىرنى تاللاپ مۇسابىقىگە قاتناشتۇردى.بۇ قېتىم 5 ئالتۇن مېدال،11 كۈمۈش مېدال،12 مىس مېدال ئېلىپ ،مېدال سانى جەھەتتە 8-ئورۇندا تۇردى.
 
25-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى 1992-يىلى ئىسپانىيىنىڭ بارسېلونا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.جۇڭگودىن 251 نەپەر تەنھەرىكەتچى مۇسابىقىگە قاتنىشىپ،16 ئالتۇن مېدال،22 كۈمۈش مېدال،16 مىس مېدالغا ئېرىشتى.
 
26-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى 1996-يىلى ئامېرىكىنىڭ ئاتلانتا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.جۇڭگو 495 كىشىدىن(تەنھەرىكەتچى 309 نەپەر)ئۆمەك تەشكىللەپ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ،16 ئالتۇن مېدال ئالدى ،جەمئىي مېدال سانى 50 كە يەتتى .
 
27-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى 2000-يىلى ئاۋسترالىيىنىڭ سىدنىي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.بۇ قېتىم جۇڭگودىن 311 نەپەر تەنھەرىكەتچى مۇسابىقىگە قاتنىشىپ،28 ئالتۇن مېدال،16 كۈمۈش مېدال،15 مىس مېدالغا ئېرىشىپ،مېدال سانى جەھەتتە دۇنيا بويىچە 3-ئورۇنغا ئۆتتى.
 
28-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى 2004-يىلى گرېتسىيىنىڭ ئافىنا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.بۇ قېتىم جۇڭگودىن 407 نەپەر تەنھەرىكەتچى مۇسابىقىگە قاتنىشىپ،32 ئالتۇن مېدال،17 كۈمۈش مېدال،14 مىس مېدالغا ئېرىشىپ،مېدال سانى جەھەتتە دۇنيا بويىچە 2-ئورۇنغا ئۆتتى .
 
29-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى 2008-يىلى دۆلىتىمىزنىڭ پايتەختى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى.بۇ قېتىم جۇڭگو 1099 كىشىلىك(تەنھەرىكەتچى 639 نەپەر )ئۆمەك تەشكىللەپ مۇسابىقىگە قاتنىشىپ،51 ئالتۇن مېدال،21 كۈمۈش مېدال،28 مىس مېدالغا ئېرىشىپ ،مېدال سانى جەھەتتە دۇنيا بويىچە 1-ئورۇنغا ئۆتتى.
 
 
 
دۆلىتىمىزدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئولىمپىكقا قاتنىشىش ئەھۋالى:
 
 
 
1-ئادىلجان سۇلايمان
 
دۆلىتىمىزدىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە تۇنجى بولۇپ ئولىمپىكقا قاتناشقان كىشى ئادىلجان سۇلايمان بولۇشى مۇمكىن .ئادىلجان جۇڭگو ئولىمپىك ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تەركىبىدە دۆلەت ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن 1992-يىلى ئىسپانىيىنىڭ بارسىلونا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 25-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتناشقان.دۆلەتلىك ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ترېنېرلىق سالاھىيىتى بىلەن 2004-يىلى گرېتسىيىنىڭ ئافىنا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 28 -نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا يەنە بىر قېتىم قاتناشقان.
 
ئادىلجان،ئەر،ئۇيغۇر،1967-يىل 8-ئايدا شىنجاڭنىڭ خوتەن ۋىلايىتىدە تۇغۇلغان.بوي ئېگىزلىكى 1.82 مېتىر كېلىدۇ.ئادىلجاننىڭ تەنتەربىيە ھاياتى:1980-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە مەكتىپىگە قوبۇل قىلىنغان؛1982-يىلى ئاپتونوم رايوننىڭ ياشلار ۋاسكېتبول كوماندىسىغا قوبۇل قىلىنغان؛1983-يىلى بېيجىڭ ماھارەت تەنتەربىيە مەكتىپىدە ئوقۇغان؛1984-يىل ھەربىيىلىككە قوبۇل قىلىنغان؛1984-يىلى 1-ئاۋغۇست ياشلار كوماندىسىغا قوبۇل قىلىنغان؛1988-يىلى 1-ئاۋغۇست ۋاسكېتبول كوماندىسىغا قوبۇل قىلىنغان؛1989-يىلدىن 1998-يىلغىچە دۆلەت كوماندىسىدا بولغان؛2000-يىلى ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن.ئادىلجاننىڭ تەنھەرىكەتچى بولۇش جەريانىدىكى شەرەپلىرى:1989-يىلى دۇنيا ياشلار ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن؛1995-يىلدىن 2000-يىلغىچە.ئۇدا 5 قېتىم جۇڭگو ۋاسكېتبول كەسپىي مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى بولغان؛1994-يىلى دۇنيا ۋاسكېتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە تۇنجى بولۇپ 8-لىككە ئېرىشكەن؛1991-1993-1995-يىللىرى ئاسىيە لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان؛1993-يىلى،1997-يىلى مەملىكەتلىك مۇسابىقىدە چېمپىيون بولغان.ئادىلجاننىڭ ترېنېرلىق ھاياتى:2000-2001يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە 1-ئاۋغۇست كوماندىسىغا ياردەمچى ترېنېر بولغان؛2001-يىلدىن بۈگۈنگە قەدەر 1-ئاۋغۇست كوماندىسىنىڭ باش ترېنېرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتىدۇ؛2003-2004-يىلى دۆلەت كوماندىسىنىڭ ياردەمچى ترېنېرى بولغان؛2005-يىلى دۆلەت كوماندىسىنىڭ يېتەكچىسى قوشۇمچە ياردەمچى ترېنېرى بولغان؛2006-يىلى دۆلەت كوماندىسىنىڭ ياردەمچى ترېنېرى بولغان؛2007-يىلى دۆلەت كوماندىسىنىڭ ياردەمچى ترېنېرى،دۆلەت 2-كوماندىسىنىڭ باش ترېنېرى بولغان؛ئادىلجاننىڭ ترېنېرلىق ھاياتىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى:ئادىلجان باش ترېنېر بولغان 1-ئاۋغۇست كوماندىسى 2001-2002مۇسابىقە پەسلىدە 2-لىككە،2002-2003 مۇسابىقە پەسلىدە 1-لىككە،2003-2004 مۇسابىقە پەسلىدە 2-لىككە،2004-2005 مۇسابىقە پەسلىدە 1-لىككە،2006-يىللىق مەملىكەتلىك تەنتەربىيە يىغىنىدا 1-لىككە،2005-2006 مۇسابىقە پەسلىدە 2-لىككە،2006-2007 مۇسابىقە پەسلىدە 1-لىككە ئېرىشكەن .
 
 
 
2-ئابدۇراخمان ئابلىكىم
 
ئابدۇراخمان ئابلىكىم جۇڭگو ئولىمپىك ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تەركىبىدە 2000-يىلى ئاۋسترالىيىنىڭ سىدنىي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 27-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بوكس تۈرىگە قاتناشقان.
 
ئابدۇراخمان،ئەر،ئۇيغۇر،1978-يىلى 6-ئايدا شىنجاڭنىڭ ئالتاي ۋىلايىتىدە تۇغۇلغان.1999-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق ماھارەت تەنتەربىيە مەكتىپىنى پۈتتۈرۈپ،شىنجاڭ بوكس كوماندىسىغا قوبۇل قىلىنغان،ھازىرغا قەدەر بوكس ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ.ئابدۇراخماننىڭ تەنتەربىيە ھاياتىدا ئېرىشكەن شان-شەرەپلىرى:1995-يىلى مەملىكەتلىك ياشلار مۇسابىقىسىدە 71 كىلوگراملىقلار بويىچە 3-لىككە ئېرىشكەن؛1998-يىلى مەملىكەتلىك قەھرىمانلار مۇسابىقىسىدە 75 كىلوگراملىقلار بويىچە 1-لىككە ئېرىشكەن؛1999-يىلى 20-نۆۋەتلىك ئاسىيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە ،ئابدۇراخمان ھىندىستان،كورىيە،قىرغىزىستان ماھىرلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن يېڭىپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن ،بۇ جۇڭگو تارىخىدا جۇڭگولۇق بوكس ماھىرلىرىنىڭ تۇنجى بولۇپ خەلقئارالىق مۇسابىقىلەردە چېمپىيون بۇلىشى ھېسابلىنىدۇ؛2001-يىلى 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا 75 كىلوگراملىقلار بويىچە چېمپىيون بولغان؛2002-يىلى مەملىكەتلىك بوكس مۇسابىقىسىدە 75 كىلوگراملىقلار بويىچە چېمپىيون بولغان؛2002-يىل 9-ئايدا كورىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن 14-نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتناشقان.ئۇ يەنە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئىلغار خىزمەتچى ،كۆزگە كۆرۈنگەن 10 مۇنەۋۋەر ياش بولۇپ باھالانغان.
 
 
 
3-نىجات ھۈسەن
 
نىجات ھۈسەن جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تەركىبىدە 2008-يىل دۆلىتىمىزنىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن 28-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنتەربىيە يىغىنىنىڭ بوكس تۈرىگە قاتناشقان.
 
نىجات،ئەر،ئۇيغۇر،1986-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى شىنجاڭنىڭ ئالتاي ۋىلايىتىدە تۇغۇلغان.2002-يىل شىنجاڭ ماھارەت تەنتەربىيە مەكتىپىگە ئۇقۇشقا كىرگەن؛2005-يىل شىنجاڭ بوكس كوماندىسىغا قوبۇل قىلىنغان؛2006-يىل دۆلەت بوكس كوماندىسىغا قوبۇل قىلىنغان.2004-يىل مەملىكەتلىك ياشلار لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى بولغان؛2006-يىل مەملىكەتلىك چېمپىيونلار مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى بولغان؛2007-يىل مەملىكەتلىك لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى بولغان؛2007-يىل موڭغۇلىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە 5-لىككە ئېرىشكەن؛2007-يىل ئامېرىكىنىڭ چىكاكۇدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە 3-لىككە ئېرىشكەن.
 
 
 
4-مەمەتتۇرسۇن چوڭ
 
مەمەتتۇرسۇن چوڭ جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تەركىبىدە 2008-يىل بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن 29-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ بوكس تۈرىگە قاتناشقان.
 
مەمەتتۇرسۇن چوڭ،ئەر،ئۇيغۇر،1988-يىل 1-ئاينىڭ 13-كۈنى شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يېڭىشەھەر ناھىيىسىدە تۇغۇلغان.2002-يىل شىنجاڭ بوكس كوماندىسىغا قوبۇل قىلىنغان؛2004-يىل ئاسىيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە 2-لىككە ئېرىشكەن؛2007-يىل ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتى ساكرامەنتو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بوكس دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە 5-لىككە ئېرىشكەن؛2009-يىل 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا 64 كىلوگراملىقلار بويىچە چېمپىيون بولغان؛2010-يىل 16-نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنىدا 69 كىلوگراملىقلار تۈرىدە 3-لىككە ئېرىشكەن.
 
 
 
5-ئابلىكىم ئابدۇرېشىت
 
ئابلىكىم ئابدۇرېشىت دۆلەتلىك بوكس كوماندىسىنىڭ ترېنېرلىق سالاھىيىتى بىلەن2008-يىل بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن 29-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتناشقان.
 
ئابلىكىم،ئەر،ئۇيغۇر،1958-يىل تۇغۇلغان،1980-يىل خىزمەتكە قاتناشقان.1983-يىل شىئەن تەنتەربىيە ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن.دۆلەت دەرىجىلىك ترېنېر،ھازىر دۆلەت بوكس كوماندىسىنىڭ باش ترېنېرى،شىنجاڭ بوكس كوماندىسىنىڭ باش ترېنېرى،شىنجاڭ بوكس تەنتەربىيىسىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى.ئۇ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ 1994-يىل شىنجاڭ بوكس كوماندىسىنى قۇرغان.ئۇ ئىلگىرى-كىيىن خەلقئارا دەرىجىلىك بوكس پالۋانلىرىدىن 5نەپەر،مەملىكەت دەرىجىلىك بوكس پالۋانلىرىدىن 12 نەپەر يېتىشتۈرۈپ چىققان.ئابلىكىم ئابدۇرېشىت يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ ئابدۇشۈكۈر مىجىت،ئەكرەم ئىساق،ئابدۇراخمان ئابلىكىم،قانات ئىسلام،نىجات ھۈسەن،مەمەتتۇرسۇن چوڭ،ئابدۇرۇسۇل روزى،تولىۋخان،ۋاڭ جۇجىڭ،مەمەتجان،ئەكرەم بارات قاتارلىق 20 نەپەردىن ئارتۇق ئەلا ماھىرلارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈپ،دۆلىتىمىز ۋە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بوكس تەنتەربىيە ئىشلىرىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان.ئۆزىمۇ كۆپ قېتىم دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون تەرىپىدىن مۇكاپاتلانغان.ئابلىكىم ھازىر دۆلەتنىڭ ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان مۇتەخەسسىس.
 
 
 
6-ئابدۇشۈكۈر مىجىت
 
ئابدۇشۈكۈر مىجىت دۆلەت بوكس كوماندىسىنىڭ ترېنېرلىق سالاھىيىتى بىلەن 2008-يىل بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن 29-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتناشقان.
 
ئابدۇشۈكۈر،ئەر،ئۇيغۇر،1971-يىل 9-ئاينىڭ 27-كۈنى ئىلىنىڭ قورغاس ناھىيىسىدە تۇغۇلغان.1994-يىل شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈپ،يېڭىلا قۇرۇلغان شىنجاڭ بوكس كوماندىسىغا قوبۇل قىلىنغان.ئۇ،تەنھەرىكەتچىلىك ھاياتىدا 10 نەچچە قېتىم شان-شەرەپكە ئېرىشكەن.2 قېتىم شەرقىي ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە،1 قېتىم ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتنىشىپ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەن.1997-يىل 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا چېمپىيون بولغان؛1998-يىل 8-نۆۋەتلىك بوكس دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە 2-لىككە ئېرىشكەن؛2001-يىل 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا 2-لىككە ئېرىشكەن؛«خەلقئارا تەنھەرىكەت پالۋىنى »،«جۇڭگو بوكس شاھى»،«ئاپتونوم رايون بويىچە 10 مۇنەۋۋەر ياش»قاتارلىق شان-شەرەپلەرگە ئېرىشكەن.ئۇ،ترېنېر بولغاندىن كىيىن تەربىيىلىگەن بوكس ماھىرلىرىمۇ دۆلەت ئىچى سىرتىدا ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن.
 
 
 
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەرگە:
 
مەن يۇقىرىقى ماقالىنى «جۇڭگو ئولىمپىك كومىتېتى ھۆكۈمەت تورى»،«شىن خۇا تورى»،«تەڭرىتاغ تورى»قاتارلىق خەنزۇ يېزىقىدىكى تور مەنبەلىرىدىن ماتېرىيال توپلاپ،تەرجىمە قىلىپ ئوقۇرمەنلەرگە سۇندۇم .ماتېرىيال مەنبەلىرىنىڭ چەكلىك بۇلىشى،سەۋىيەمنىڭ تۆۋەن بولۇشى سەۋەبىدىن نۇرغۇن خاتالىق ۋە سەۋەنلىكلەرنىڭ بۇلىشى تەبىئىي.ئۇندىن باشقا،جۇڭگو ئولىمپىك كومىتېتى ئەزەلدىن ئولىمپىكقا قاتناشقان ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ مىللەت تەركىبىنى ئەسكەرتمىگەن.شۇڭلاشقا،جۇڭگو ۋە چەتئەللەردىن ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ماقالىغا كىرگۈزۈلمەي قالغانلىرى يەنىلا مەۋجۇت بۇلىشى مۇمكىن.ئاخىردا،كەڭ تورداشلارنىڭ پېقىرنىڭ تۇنجى ئەسىرىنى ياقتۇرۇپ ئۇقۇشىنى،تەنقىد تەكلىپ بېرىشىنى،ئىمكانىيەت يار بەرسە تولۇقلاپ قۇيۇشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.(ئەسلىدە سۈرەتلىرىنى قوشۇپ تەييارلىغان ئىدىم ،ئەپسۇس قانداق قىستۇرۇشنى بىلەلمىدىم)
 
 
 
 
 
2011-يىل 4-ئاينىڭ 10-كۈنى
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 2

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 2592 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01