دانىيە پادىشاھلىقى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش
دانىيە پادىشاھلىقى  Kingdom of Denmark
پايتەخت: كوپېنھاگېن، ئاھالىسى  1مىلىيۇن213مىڭ 
زىمىنى: 43مىڭ94 كۇۋادىرات كىلومېتىر
ئاھالىسى: دانىيەنىڭ 2006-يىللىق نوپۇسى 5مىلىيۇن 450مىڭ بولۇپ، ئاھالىنىڭ 95%نى  دېنماركلار، قالغانلىرىنى گېرمان، ئىنۇىت(ئسكىموس)، سىگان ۋە كۆچمەنلەر ئىگەللەيدۇ . گېرمان تىللىرى ئائىلىسىگە تەۋە دېنمارك تىلى دۆلەت تىلى.
دىنى : دانىيىلىكلەرنىڭ 95%ى  پروتىستانت دىنىنىڭ لۇتېر مەزھىبىگە دىنىغا، 1% پروۋسلاۋىيە دىنىغا، 2% پروتىستانت دىنىغا  ئىشىنىدۇ. كۆپ قىسمى دىنغا ئىشەنمەيدۇ.
پۇلى: دانىيە كرونېرى، (2006-يىلى) 5.946كرونېر=بىر دوللار. 2004-يىلى 6.587كرونېر= بىر دوللار. 2002-يىلى 7.8947كرونېر=بىر دوللار . دانىيە 1973-يىلىدىن بۇيان ياۋروپا ئىتىپاقىنىڭ ئەزاسى. 2010-يىلىدىن باشلاپ ياۋرونى ئاساسلىق پۇل بىرلىكى قىلماقچى.
ئىقتىسادى:  2006 -يىلى دانىيەنىڭ ئۇمۇمى مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 243مىليارت398مىليۇن دوللار بولۇپ كىشى بېشىغا 45015دوللار توغرا كەلگەن. دانىيەنىڭ2000-يىلىدىن بۇيانقى يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى %3بولۇۋاتىدۇ.
 دۆلەت بايرىمى:( 1849-يىلى)1-ئاينىڭ 5-كۈنى، دانىيەنىڭ يېڭى ئاساسى قانۇنى يولغا قويۇلغان كۈنى
ۋاقىت رايونى :ياۋروپا ۋاقتى(شەرقى1- ۋاقىت رايونى)
قىسقىچە تارىخى: دانىيە زىمىنى ئەسلىدىلا گۇتلار(گېرمان تىل ئائىلىسىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئەجدادى) نىڭ بولۇپ كېيىن بۇ يەر غەربى رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ بىر ئۆلكىسى بولغان. مىلادى985-يىلى قۇرۇلغان قۇدرەتلىك دانىيە پادىشاھلىقى شىمالى ياۋرپادىكى قۇدرەتلىك دېڭىز ئارمىيىسى دۆلەتلىرنىڭ بىرى بولۇپ شىۋىتسىيىنىڭ بىر قىسمى ۋە نورۋىگىيە، ئەنگىلىيەلەرنىڭ كۆپ قىسمىنى بويسۇندۇرغان. مىلادى 1397-يىلى شىۋىتسىيە، نورۋىگىيەلەرنى بىرلەشتۈرۈپ كارما ئىتتىپاقىنى قۇرغان. 1849-يىلى ئىتتىپاق پارچىلىنىپ ئاساسى قانۇنلۇق پادىشاھلىق تۈزۈم ماقۇللانغان. بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە گېرمانىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان.  1944-يىلى ئىسلاندىيە دانىيەدىن ئايرىلىپ مۇستەققىل بولغان.  فاروئېر تاقىم ئاراللىرى ۋە گىرىنلاندىيەدىن ئىبارەت ئىككى مۇستەملىكىسى بار. دانىيە 1949-يىلى شىمالى ئاتلانتىك تەشكىلاتىغا ئەزا بولغان.
 دانىيە زىمىنى پۈتۈنلەي دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىگى 400مېتىردىن ئاشمايدىغان يۇتلاندىيە يېرىم ئارىلى ۋە زىلاندىيە قاتارلىق تۈزلەڭلىك ئاراللىرىدىن شەكىللەنگەن بولۇپ،  تۇپرىقى مۇنبەت. ئۇزۇن مەزگىل ئىمپىرىيە مەركىزى بولغان دانىيەنىڭ سانائەت ئاساسى ياخشى،  ئۆي قۇشى ۋە سۈت كالىسى باقمىچىلىقى يۈكسەك تەرەققى قىلغان، پۇخرالارنىڭ ساپاسى يۇقىرى دۆلەت بولۇپ، يىللاردىن بۇيان دۇنيادىكى ئەڭ باي دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە. 2005-يىلى دانىيىنىڭ دۆلەت ئىقتىسادىدا يېزا-ئىگىلىك كىرىمى 1.4%  سانائەت 24.6%، مۇلازىمەت 76%نى ئىگەللىگەن بولۇپ -2005يىلى مۇقىم تېلپون ئابونتى 3مىليۇن350مىڭ، يانپون ئابونتى 5 مىليۇن469مىڭ، ئىنتېرنېت ئابونتى 5مىليۇن469مىڭ بولغان.[admin تەستىقلىدى . 2010-2-13 23:20:34]
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 398 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01