«قۇرئان كەرىم» ۋە ھەدىسلەردە«قەدەر» قانداق بايان قىلىنغان؟

«قۇرئان كەرىم» ۋە ھەدىسلەردە «قەدەر» قانداق بايان قىلىنغان؟

ئىمام ئىبنى مەنزۇر «ئەرەبلەرنىڭ تىلى» ناملىق قامۇسىدا قەدەر سۆزىنىڭ لۇغەت مەنىسى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ :«قەدەر كۆپ مەنىلەرنى بىلدۈردىغان سۆز بۇلۇپ، شەيئىلەرنى مۇناسىپ ئورنىغا قويۇشتۇر، يەنى قەدەر قەزاغا مۇۋاپىقلاشقان ھۆكۈمدۇر». قەدەر «ئۆلچەم»،«مىقدار» مەنىسىدە بولۇپ، بۇ مەنىدە قۇرئاندا مۇنداق دېيىلگەن :{بىز ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى ئۆلچەملىك ياراتتۇق}(سۈرە قەمەر 49-ئايەت). قەدەر«بەلگىلەش» مەنىسىدىمۇ كېلىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ مەنىدە مۇنداق دېگەن:{ئاللاھ ھەممە نەرسىنى ياراتتى، ئاندىن (ئۆزىنىڭ خاھىشى بويىچە) ئۇنىڭغا مۇناسىپ ئۆلچەمنى بەلگىلىدى} (سۈرە فۇرقان39-ئايەت). قەدەر يەنە ئاللاھنىڭ شەيئىلەر ھەققىدىكى ئەزەلى ئىلمىي مەنىسىنى ۋە تەغدىر قىلغان نەرسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەنىسىنىمۇ بىلدۈرىدۇ.«قۇرئان كەرىم» دە بۇ مەنىدە مۇنداق دېيىلگەن :{بىز ئۇنى ۋە خوتۇنىدىن باشقا تەۋەلىرىنى قۇتقۇزدۇق، تەغدىرىمىز بىلەن ئۇنى (يەنى خوتۇنىنى ئازاپقا) قالغۇچىلاردىن قىلدۇق} (سۈرە نەمىل57-ئايەت). {زېمىندىن بۇلاقلارنى ئېتىلدۇرۇپ چىقاردۇق، (ئاللاھ تەغدىر قىلغان ئۇلارنى غەرق قىلىپ  ھالاك قىلىش) ئىشىغا بىنائەن، يامغۇر سۈيى بىلەن بۇلاق سۈيى (بىر-بىرىگە) قوشۇلدى} (سۈرە قەمەر12-ئايەت).
ئىمان مۇسلىم «سەھىھۇل مۇسلىم» كىتابىدا مۇنداق رىۋايەت قىلغان: قۇرەيش مۇشرىكلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن تەغدىرنى ئىنكار قىلغان ھالدا مۇنازىرلىشكەن، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا مۇنۇ ئايەتنى نازىل قىلدى :{ئۇلار دوزاخقا دۈم ياتقۇزۇپ سورىلىدىغان كۈندە (ئۇلارغا): ‹دوزاخنىڭ ئازابىنى تېتىڭلار›، (دېيىلىدۇ). بىز ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى ئۆلچەملىك ياراتتۇق، بىزنىڭ ئەمرىمىز پەقەت بىر سۆزدۇر، (ئۇ) كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقاننىڭ ئارىلىقىدا (ئورۇنلىنىدۇ)} (سۈرە قەمەر 48-،49،50-ئايەتلەر). قەدەر سۆزى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدىمۇ كۆپ تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇ ھەدىسلەرنى مەزمۇن ئېتىبارى بويىچە ئىككى تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ.
بىرىنچى تۈرى، تەغدىرگە ئىمان ئېيتىشنىڭ پەرزلىكى ھەققىدىكى ھەدىسلەر بولۇپ، ئىمام مۇسلىم «سەھىھۇل مۇسلىم»نىڭ «ئىمان» بابىدا جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر ئەرابى سىياقىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئىسلام، ئىمان، ئېھسان توغرىسىدا سورىغان سۇئاللىرىغا بەرگەن جاۋابىنى بايان قىلىپ مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ :«ئىمان دېگەن ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە، پەرىشتىلىرىگە، نازىل قىلغان كىتابلىرىغا، ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلىرىگە، ئۆلگەندىن كېيىن ئاخىرەتتە قايتا تىرىلىشكە، مەيلى ياخشىلىق ۋە يامانلىق بولسۇن ئاللاھنىڭ تەغدىرى بىلەن بولۇشىغا ئىمان ئېيتىشتۇر».
ئىككىنچى تۈر، ئاللاھ تائالانىڭ ئىلمىي ئەزەلى بىلەن پۈتكەن تەغدىر ۋە ئۇنىڭ پۈتۈلگەندەك ئىشقا ئېشىشى بايان قىلىنغان ھەدىسلەر. ئەبۇ داۋۇد ۋە تېرمىزىي ئۆزلىرىنىڭ سۈنەن ۋە ئىمام ئەھمەد «مۇسنەد» دېگەن كىتابىدا رىۋايەت قىلىدۇكى: ساھابە ئۇبادە  ئىبنى ئوغلىغا ۋەسىيەت قىلىپ مۇنداق دېگەن :«ئى ئوغلۇم! ئاللاھتىن قورققىن! بىلگىنكى، تاكى ئاللاھقا ئىمان ئېيتمىغۇچە، مەيلى ياخشىلىق-يامانلىق بولسۇن، ئاللاھ پۈتكەن تەغدىر بويىچە بولىدىغانلىقىغا ئىمان ئېيتمىغۇچە، ئاللاھتىن قورققان بولمايسەن، ئەگەر بۇنىڭغا ئىمان ئېيتىشتىن بۇرۇن ئۆلۈپ كەتسەڭ، دوزاخ ئازابىغا دۇچار بولاتتىڭ. مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم: ئاللاھ تائالا ئەڭ دەسلەپ قەلەمنى ياراتتى ۋە ئۇنىڭغا ‹يازغىن› دېدى، قەلەم: ‹نېمىنى يازىمەن› دېگەنىدى، ئۇنىڭغا :‹تەغدىرنى يازغىن›، دېدى. شۇنىڭ بىلەن قەلەم تاكى قىيامەتكىچە بولىدىغان ئىشلارنى پۈتتى».
ئىمام غەززالى قەزا ۋە قەدەر مەسىلىسىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ :«قەدەر ئومۇمىي مەنىدە، قەزە بولسا خاس مەنىدىدۇر. ئاللاھ تائالا مەخلۇقاتلاردا ياراتقان سەۋەبلەر قەدەردۇر. خۇددى ئوت يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق ۋە كۆيدۈرۈشنىڭ سەۋەبى بولغىنىدەك، ئۇ سەۋەبلەردىن كېلىپ چىققان نەتىجە قەزادۇر. ئەگەر سەۋەبلەر ئۇچرىشىپ، ئۆز-ئارا ماس كېلىپ نەتىجە يۆلىنشىگە قاراپ ماڭسا، بۇ قەدەر دائىرىسىدىدۇر. بۇ ئۇچرىشىشتىن كېلىپ چىقىدىغان نەتىجە قەزادۇر». بەزىلەر بۇ ھەقتە باشقىچە كۆز قاراشقا ئىگە بولسىمۇ، ئىسلام ئۆلىمالىرى غەززالىنىڭ پىكىرىنى كۆپرەك قۇۋەتلەيدۇ.

نەزىرە مۇھەممەد سالىھ
مەنبەسى: «شەرق يۇلتۇزلىرىنى ئىزلەپ» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 1449 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 1قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-07-03