«قۇرئان كەرىم» ۋە ھەدىسلەردە «قەزا» قانداق بايان قىلىنغان؟

«قۇرئان كەرىم» ۋە ھەدىسلەردە «قەزا» قانداق بايان قىلىنغان؟
تەغدىر ھەققىدىكى چوڭقۇرلاشقان ئىزدىنىشلەر، قويۇق پەلسەپىۋى تۈس ئالغان مۇنازىرىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلەر دەۋرىدە تېخى ئاشكارە ئوتتۇرغا چىقمىغانىدى. چۇنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنىڭ پىكىر ئىختىلاپە تۈپەيلىدىن تۈرلۈك پىرقىلەرگە بۆلۈنۈپ كەتمەسلىكى، بىرلىكىنىڭ ئاجىزلاپ كەتمەسلىكى، دىنىي مەسىلىلەردە شەك-شۈبھىدىن ساقلىنىشى ئۈچۈن ساھابىلارنى «قۇرئان كەرىم» دىكى بايانلار بىلەن كۇپايىلىنىپ، شەك-شۈبھىگە ۋە ئىنكار قىلىشقا ئېلىپ بارىدىغان بىھۇدە تالاش-تارتىشلارنى قىلماسلىققا بۇيرۇيتتى. ئەمرۇ ئىبنى شۇئەيىب بوۋىسىدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىنىڭ قېشىغا چىقتى. ئۇلار قەزا ۋە قەدەر توغرۇلۇق تالاش-تارتىش قىلىۋاتاتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام :«ئى قەۋمىم! سىلەردىن بۇرۇنقى ئۈممەتلەر مانا مۇشۇنداق ئۆز پەيغەمبەرلىرى ھەققىدە ئىختىلاپ قىلىشقانلىقى، نازىل قىلىنغان كىتابتىكى نەرسىلەرنى بىر-بىرىگە زىت قىلىۋېلىپ بەس-مۇنازىرە قىلغانلىقى سەۋەبلىك ھالاك بولغان، ‹قۇرئان كەرىم› ئۇنىڭ بەزى ئايەتلىرى يەنە بەزىلىرىنى چەتكە قېقىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى بەزىسى بەزىسىنى كۈچەيتىش ئاساسىدا نازىل قىلىنغان. قۇرئاندىكى مەنىسى روشەن ئايەتلەرگە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىڭلار. مۇتەشابىھ ئايەتلەرگە ئىمان ئېيتىڭلار ۋە شۇنىڭ بىلەن كۇپايىلىنىڭلار» دېگەن. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، بىر كۈنى قەزا ۋە قەدەر ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىشۋاتاتتۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يۈزلىرى غەزەپتىن قىزارغان ھالدا يېنىمىزغا كېلىپ :«ئاللاھ سىلەرگە مۇشۇنداق قىلىشنى بۇيرۇغانمۇ؟ مەن سىلەرگە مۇشۇنداق بىمەنە تالاش-تارتىش قىلىشىڭلار ئۈچۈن ئەۋەتىلگەنمۇ؟ سىلەردىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەر مۇشۇ مەسىلىدە بەس-مۇنازىرە قىلغانلىقى ئۈچۈن ھالاك بولغان، سىلەرنىڭ بۇ ھەقتە تالاش-تارتىش قىلماسلىقىڭلارنى خالايمەن» دېگەن.
ئىسلام دىنى ئەرەبىستاندا روناق تېپىپ ئۇزاق ئۆتمەي ئەرەب يېرىم ئارىلىدىن باشقا جايلارغىمۇ كەڭ تارقىلىپ، پارىس، رۇم ۋە باشقا خەلقلەرنىڭ تۈركۈم-تۈركۈملەپ ئىسلام دىنىغا كىرىشى بىلەن، شۇ مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى، تەپەككۇر ئۇسۇلى ۋە تەپەككۇر ھاسىلاتلىرى مۇسۇلمانلار ئارىسىغا سىڭىپ كىرىشكە باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ مىللەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ يۇنان پەيلاسوپلىرىنىڭ كىتابلىرى ئەرەب تىلىغا كۆپلەپ تەرجىمە قىلىندى. مەدەنىيەت جەھەتتىكى بۇ خىل سۈركىلىش، تەسىر كۆرسىتىش ۋە ئىسلام ئۆلىمالىرى بىلەن يەھۇدى، خرىستىئان پوپلىرى ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان بەس-مۇنازىرىلەر نەتىجىسىدە قەزا ۋە قەدەر ھەققىدىكى چوڭقۇر ئىزدىنىش ۋە بەس-مۇنازىرىلەر بارلىققا كەلدى. بۇ بەس-مۇنازىرىلەرنىڭ مەركىزى ئىنسان ياخشى ياكى يامان بولسۇن بارلىق ئەمەللىرىنى ئۆز ئىرادىسى ۋە خاھىشى بويىچە ئىخىيارى رەۋىشتە قىلغىچىمۇ ياكى ھىچقانداق تاللاش ئەركىنلىكى بولمىغان ھالدا مەجبۇرى يوسۇندا پۈتۈلگەن تەغدىرنى ئىجرا قىلغۇچىمۇ؟ ئەگەر ئىنسان ئۆز ئىرادىسى بويىچە تاللىغۇچى دېيىلسە، ئاللاھ تائالانىڭ بارلىق شەئىيلەرنى ئۆز ئىرادە ۋە خاھىشى بويىچە ياراتقانلىق، ئۇلارغا مۇناسىپ ئۆلچەم-تەغدىر بېكىتكەنلىك ئەقىدىسىدىكى ئىنساننىڭ ئىرادە ۋە ئىختىيارلىقىنىڭ رولى قانچىلىك؟ ناۋادا ئىنسان پۈتۈلگەن تەغدىرنى مەجبۇرى يوسۇندا ئىجرا قىلغۇچى بولسا، كۇفرى ۋە پاسىقلىق پۈتۈلگەن ئادەمنىڭ شۇ سەۋەبلىك جازاغا ئۇچرىشى ئالاھنىڭ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلمايدىغان ئادىللىق سۈپىتىگە ماس كەلمەيدۇ ئەمەسمۇ؟ دېگەن مەسىلىلەر ئىدى.
يۇنان پەلسەپىسىنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرىغان مۇئتەزىلىلەر قۇرئان ۋە ھەدىسلەردىن نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ قەزا ۋە قەدەر ھەققىدىكى كۆزقاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇشتى. مۇئتەزىلىلەر ئاللاھنىڭ بارلىق سۈپەتلىرىگە ئوخشاش مۇرىد (ئىرادە قىلغۇچى) ۋە ئادىللىق سۈپەتلىرىنى ئۇلۇغلاپ ۋە تەكىتلەپ، بۇنى ئىنسان قىلغان ئەمەللىرىگە يارىشا ئېرىشىدىغان مۇكاپات ۋە جازا بىلەن بىرلەشتۈرۈپ چۈشەندۇرەتتى. ئۇلار مۇشۇ نۇقتىدا تۇرۇپ: «بەندە مۇتلەق ئەركىنلىككە ئىگە، ئۇ ئۆز ئەمەللىرىنى ياراتقۇچىدۇر» دېيىش بىلەن بەندىنىڭ ھىدايەت ياكى زالالەت يولىنى تاللىشى ئۆز ئىرادىسى ۋە ئىختىيارىي ئاساسىدىكى تاللاشنىڭ نەتىجىسى بولغاندىلا، ئاخىرەتتىكى ساۋاب ۋە جازانىڭ ئاللاھنىڭ ئادىللىق سۈپىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويدى. بۇلار تارىختا قەدەرىيلەر دەپ ئاتالدى. ئۇلار قۇرئاندىكى :{ئاللاھ ھېچكىمنى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ. كىشىنىڭ قىلغان ياخشىلىقى (نىڭ ساۋابى) ئۆزىگىدۇر، يامانلىقى (نىڭ جازاسىمۇ) ئۆزىگىدۇر} (سۈرە بەقەرە 286-ئايەت)، {ئىنسان پەقەت ئۆزىنىڭ ئىشلىگەن ئىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ}(سۈرە نەجىم 39-ئايەت) دېگەن ئايەتلەرنى ئۆز پىكىرلىرىنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە بايان قىلاتتى. جەھمە ئىبنى سەفۋاننىڭ باشچىلىقىدا بىر بۆلۈم جامائەت قەدەرىيلەرنىڭ كۆز قاراشلىرىغا رەددىيە بېرىپ، جەبەرىيلەر دەپ ئاتالدى. ئۇلار: «ئىنساننىڭ بارلىق ئەمەللىرى ئاللىبۇرۇن ھۆكۈم قىلىنىپ پۈتۈلۈپ بولغان ئاللاھنىڭ تەغدىرى بويىچە بولىدۇ، ئىنساندا ھېچقانداق ئىرادە ۋە تاللاش ئەركىنلىكى يوق بولۇپ، ئۇ گويا تەغدىر شامىلى خالىغان يۆلىنىشكە ئۇچۇرۇپ يۈرگەن بىر تال پەي ياكى دېڭىز دولقۇنلىرى لەيلىتىپ يۈرگەن بىر تال تاختايغا ئوخشاش ئامالسىز. يارىتىش، ئىجاد قىلىش پەقەت ئاللاھقا خاس سۈپەت بولۇپ، بەندە ھەرگىزمۇ ئۆز ئەمەللىرىنى خەلق ئەتكۈچى، يەنى ياراتقۇچى بولمايدۇ. ئەگەر شۇنداق دېيىلسە، بۇ ئاللاھنىڭ سۈپىتىگە شېرىك كەلتۈرگەنلىك بولىدۇ» دېگەننى ئوتتۇرغا قويدى. جەبەرىيلارمۇ ئۆز پىكىرلىرىنىڭ دەلىلى قىلىپ :{پەقەت ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ خالىغاندىلا، ئاندىن سىلەر خالايسىلار (يەنى ئاللاھ خالىمىغۇچە سىلەرنىڭ خالىغىنىڭلارنىڭ ھېچ پايدىسى يوق)} (سۈرە تەكۋىر 29-ئايەت) دېگەن ئايەتنى كەلتۈرۈشتى. مۇتەكەللىملەر قەدەرىيلارگىمۇ، جەبەرىيلەرگىمۇ رەددىيە بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ خاس يېڭى كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويدى. ئۇلارنىڭ ئوتتۇرغا قويغان كۆز قاراشلىرى مۇنداق ئىدى :«بەندىنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىرادىسى ۋە خاھشى بويىچە بولىدۇ، ئىرادە بىلەن خائىش (مەيل) بىر مەنىدە بولۇپ، ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: {ئاللاھ بىرەر شەيئىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشنى ئىرادە قىلسا، ئۇنى ‹ۋۇجۇدقا كەل›، دەيدۇ-دە، ئۇ ۋۇجۇدقا كېلىدۇ (سۈرە ئال ئىمران 47-ئايەت). قەزا ۋە قەدەرنىڭ ئىسلام دىنىنىڭ مۇھىم مەنبەسى بولغان «قۇرئان كەرىم» ۋە ھەدىسلەردە كېلىشى بۇ ئىككىسىنىڭ لۇغەت مەنىسىدىن باشقا ئۆزلىرىگە خاس ئىستېلاھ مەنىسى بارلىقىنى، قەزا ۋە قەدەرنى پەقەت قۇرئان ۋە ھەدىسلەردىكى شۇ ئېستىلاھ مەنىسى بويىچە چۈشىنىشلا ئۇنى توغرا ئىزاھلاش بولىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭغا خالىغانچە مەنا بېرىشكە بولمايدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن.
قەزا ۋە قەدەرنىڭ ئىستېلاھ مەنىسى: كائىناتتىكى بارلىق شەيئىلەرنى ئاللاھ ئۆز ئىرادىسى، خاھىشى بىلەن ياراتقان ۋە ئۇلارغا مۇناسىپ ئۆلچەم-قانۇنىيەت بويىچە يۈز بېرىدۇ. بارلىق شەيئىلەر ئاللاھنىڭ ئەزەلىي ئىلمى دائىرىسىدە بولۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ ئەزەلىي ئىلمىدىن چەتتە قالغان ھېچ نەرسە مەۋجۇت ئەمەستۇر. قەزا سۆزىنىڭ لۇغەت مەنىسىگە كېلىدىغان بولساق، ئىمام ئىبنى مەنزۇر«لىسان المرب» (ئەرەبلەرنىڭ تىلى) ناملىق قامۇسىدا قەزا سۆزىنى ئىزاھلاپ مۇنداق دەيدۇ :«قەزا ھۆكۈم دېمەكتۇر، يەنى بىرەر ئىشنىڭ ھۆكۈم قىلىنىشى ۋە ئىجرا قىلىنغانلىقىدۇر». ئىمان قۇرتۇبى ئۆز تەفسىرىدە مۇنداق دەيدۇ :«قەزا بۇيرۇق، تەۋسىيە قىلىش مەنىسىدە بولۇپ، ئاللاھ تائالا بۇ مەنىدە مۇنداق دېگەن {پەرۋەردىگارىڭ پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشىڭلارنى ۋە ئاتا-ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلدى} (سۈرە بەنىي ئىسرائىل23-ئايەت). قەزا يەنە «يارىتىش» مەنىسىدە بولۇپ، «قۇرئان كەرىم» دە مۇنداق دېيىلگەن: {ئاللاھ يەتتە ئاسماننى ئىككى كۈندە ياراتتى} (سۈرە فۇسسىلەت 12-ئايەت). قەزا يەنە «ھۆكۈم قىلىش» مەنىسىدە بولۇپ، سۈرە «تاھا» دا مۇنداق دېيىلگەن :{(بىزنىڭ ھەققىمىزدە) نېمىنى ھۆكۈم قىلساڭ شۇنى ھۆكۈم قىلغىن، سېنىڭ ھۆكمىڭ پەقەت بۇ دۇنيادىلا ئۆتىدۇ} (سۈرە تاھا 72-ئايەت). قەزا يەنە «ئىرادە» مەنىسىدە بولۇپ، «قۇرئان كەرىم» دە مۇنداق كەلگەن :{ئاللاھ خالىغىنىنى شۇنداق يارىتىدۇ، بىرەر ئىشنىڭ بولۇشىنى ئىرادە قىلسا، (ۋۇجۇدقا كەل) دەيدۇ-دە، ئۇ ۋۇجۇدقا كېلىدۇ} (سۈرە ئال ئىمران 47-ئايەت). ئۇ يەنە ۋەھىي قىلىش مەنىسىدە بولۇپ، «قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق كەلگەن :{(ئى مۇھەممەد!) بىز غەربىي تاغنىڭ بىر تەرىپىدە مۇساغا ۋەھىي نازىل قىلغىنىمىزدا سەن يوق ئىدىڭ} (سۈرە قەسەس 44-ئايەت). قەزانى تۈپ ئاساس قىلىپ تۈرلەنگەن سۆزلەر «قۇرئان كەرىم» دە 60 تەك ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان. ئىمان قۇرتۇبى بايان قىلىپ ئۆتكەن مەنىلەرگە قارايدىغان بولساق، ئۇلار گەرچە تۈرلۈك شەكىللەردە كەلگەن بولسىمۇ، ھەممىسىنىڭ ھۆكۈم قىلىش، قارار قىلىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشتەك ئورتاق بىر مەنە نۇقتىسىدا كېسىشىدىغانلىقىنى كۆرۋالالايمىز. چۈنكى، ئاللاھنىڭ ئەمرى، يارىتىشى، ئىرادىسى بولسا ھۆكۈم قىلىش ۋە ئورۇنلاش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. قەزا سۆزى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىدىمۇ كۆپ تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، پەرز، تالاق، دىيەت، قەسەم ۋە مۇئامىلىگە ئائىت ھەدىسلەردە ھۆكۈم مەنىسىدە كەلگەن. ناماز، روزا، ھەج، قەرز، سودا-سېتىققا ئائىت ھەدىسلەردە ۋاپا قىلىش، تاماملاش، ئورۇنلاش مەنىسىدە كەلگەن. يەنە باشقا ھەدىسلەردە تەستىقلىماق، رازى بولماق مەنىسىدە كەلگەن.


نەزىرە مۇھەممەد سالىھ
مەنبەسى: «شەرق يۇلتۇزلىرىنى ئىزلەپ» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 1157 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 2قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-07-04