ئەلەۋىيە مەزھىبى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

ئەلەۋىيە(نۇسەيرىيە) مەزھىپى

   ئەلەۋىيە مەزھىبى يەنە نۇسەيرىيە مەزھىبى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئەلەۋىيە شىئە مەزھىپىدىكى ئىسمائىلىيەنىڭ تارماق مەزھەپلىرىدىن بىرى. بۇ مەزھەپ 4-ئەۋلاد خەلىپە ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا زىيادە ئەقىدە باغلىغانلىقى ۋە ھەزرىتى ئەلىنى مەبۇد قىلىۋالغانلىقى ئۈچۈن، ئەلەۋىيە مەزھىپى دەپ ئاتالغان. بۇ مەزھەپنى Ⅸ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى مۇھەممەد بىننى نۇسەيرى نامىل ئابد قۇرغانلىقتىن بەزىدە يەنە نۇسەيرىيە مەزھىبى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

   ئەلەۋىيە مەزھىبىنىڭ ھازىر ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق مۇخلىسى بولۇپ، ئاساسلىقى سۈرىيىنىڭ غەربىي شىمال قىسىمىدىكى لاتاكىيە، تارتۇس ئۆلكىسىگە، تۈركىيىنىڭ خاتاي ۋە شۇنىڭغا چېگرىداش ئۆلكىلىرىگە، لىۋاننىڭ سۈرىيە ۋە ئىسرائىلىيە بىلەن چېگرىلىنىدىغان تاغلىق رايونلىرىغا تارقالغان. سۈرىيەنىڭ ئالدىنقى پىرىزدېنتى ھافىز ئاساد ۋە ئوغلى بەشىر ئاساد سۈرىيەدىكى ئىككى يېرىم مىلىيۇن ئەلەۋىلەرنىڭ ئەڭ تىپىك ۋەكىلى ھىساپلىنىدۇ.

    ئەلەۋى مەزھىبىنىڭ ئاساسچىسى بىننى نۇسەيرە ئەسلى بەسرەدىكى شىئە مەزھىپىنىڭ مەشھۇر ئۆلىماسى، شىئە مەزھىپىنىڭ ئونىنچى ئىمامى ئەلى ھادى (؟-866) نىڭ ئەگەشكۈچىسى بولۇپ، ئەلى ھادى ۋە ئۇنىڭ ئوغلى مۇھەممەدنى «باب» دەپ ئاتىدى. 863- يىلى مۇھەممەت ۋاپات بولدى. بىننى نۇسەيرى ئۇنى غايىب ئىمام دەپ ئاتىدى ھەمدە ھەزرىتى ئەلىنى «ئاللاھ ئىنسانلارنى توغرا يولغا باشلاش ئۈچۈن ئەلىنىڭ قىياپىتىگە روھ بەرگەن، ئەلى ئاللاھنىڭ ئۆزگەرگەن بەندىسى» دەپ ئېتىراپ قىلدى. كېيىن ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلغۇچى ھۈسەيىن بىننى ئەمدان خاسبى (؟-968) بۇ مەزھەپنىڭ ئەقىدىسىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ سۈرىيىنىڭ ھەلەب قاتارلىق رايونلىرىغا كېڭەيتتى، ئىشىنىدىغانلار كۈنسايىن كۆپەيدى. بۇ مەزھەپنىڭ ئەقىدىسى يېڭى ئەپلاتونىزىم، خرىستىئان دىنى، بۇددا دىنىنىڭ تەسىرىگە ئۇرىدى ھەمدە ئىسمائىلىيە مەزھىپىنىڭ ئۆلىماسى ئەبۇ خەتتابنىڭ ئەقىدە تەلىماتىنى ئاساس قىلىپ، كۆپ تەلىماتلار ئالمىشىپ كەتكەن دىنى ئىدىيە بولۇپ شەكىللەندى.

بۇ مەزھەپنىڭ قارىشىچە، ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان، نامسىز ياراتقۇچى رەببى بولۇپ، ئۇنىڭدىن تۇنجى بولۇپ «نام»، «سۆز»، «ئالامەت» ئېقىپ چىقتى. «ئالامەت» مۇھەمەد ئەلەيھىسالام، ھەزرىتى ئەلى، فاتىم (شىئەلەرنىڭ قارىشىچە، فاتىمە دېگەن ئىسىمنىڭ ئەرلەشتۈرۈلگەن تۈرى)، ھەسەن، ھۈسەيىندىن ئىبارەت ئەۋلىيالىق ماقامىغا يەتكەن بەش زاتتا ئىپادىلەندى. بۇ بەش زات باراۋەر بىر تەندۇر. لېكىن، كېيىن سالۇس ئەقدەس (كۈچلۈك زات) قارىشىغا يەنى «ھەقىقەت»، «نام»، «تەلىمات» قا ئۆزگەردى. بېشارەت بەرگۈچى ئۈچ زات- ئەلى، مۇھەممەد، نورىمان فەلىس سالۇس ئەقىدەس قارىشىغا ماسلاشتۇرۇلدى. ئەلى ئاللا بىلنە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىشىدىغان «ھەقىقەت» نى ئىپادىلىدى. «نام» مۇھەممەدنى ئىپادىلىدى. «ھەقىقەت» تىن نام چىقتى ھەمدە «نام» غا مەنسۈپ بولدى، «تەلىمات» نورىماندا ئىپادىلەندى. نورىمان مۇھەممەدنىڭ ساھابىلىرىدىن ۋە ئەگەشكۈچىلىرىدىن ئىدى. بۇ مەزھەپ سىرلىق سان «يەتتە» گە ئەمەل قىلىپ، ئاللا «ئۇلۇغ نۇرلۇق دۇنيا» نى ئېقىتىپ چىقاردى. چۈشۈپ كەتكەنلەر يەتتە دەۋرنى ئۆتكۈزۈپ، ئاخىر تەن ئىچىگە قامىلىپ ئادەم بولۇپ قالدى. ئادەم ئەگەر بابنىڭ يېتەكلىشى بىلەن ئاللانى تونۇسا، يەتتە دەۋرنىڭ كۆتۈرۈشى ئارقىلىق جەننەتكە قايتىپ بارالايدۇ، دەپ قارىدى. بۇ مەزھەپ روھنىڭ يۆتكىلىش توغرىسىدىكى تەلىماتقا ئىشىنىدۇ. ئادەمنىڭ روھى ئەسلى ئاسماندىكى يۇلتۇزلار ئىدى. ھەزرىتى ئەلى ئۇلارنى كىشىلىك دۇنياغا چۈشۈردى. تەقۋادار ئۆلگەندىن كېيىن، روھى يۇلتۇز بولۇپ كېتىپ، ھەزرىتى ئەلى بىلەن بىللە بولىدۇ. گۇناھكار ئادەمنىڭ روھى ھايۋانلارنىڭ تىنىگە يۆتكىلىپ كېتىدۇ، دەپ قارىدى. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ مەزھەپ قۇياشقا، ئايغا، شەپەققە تىۋىنىشنىڭ قالدۇقلىرىنى ساقلاپ قالغان. سۈننىي مەزھىپى ۋە ئون ئىككى ئىمامچىلار ئۇلارنى «بىدئەتلەر» دەپ قارايدۇ. نۇسەيرىيە مەزھىپىنىڭ قائىدىسى قاتتىق بولۇپ، بۇ مەزھەپكە كىرىدىغان ئادەم ئالدى بىلەن مەزھەپنىڭ سىرىنى ئاشكارلاپ قويماسلىق توغرىسىدا قەسەم بېرىدۇ ھەمدە ھەمدە ئۇستاز سۆزلىگەن مەخپىي دىنىي ئەقىدىنىڭ روھقا ئىلھام بولۇشىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئاندىن كېيىن دىنىي پائالىيەتلەرنى بىلەن شۇغۇللىنىشقا بولىدۇ. بۇ مەزھەپ ھۆكۈمەتنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلىقتىن مەخپى دىنىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارىدۇ. ئۇنىڭ قائىدىلىرىنى مەزھەپ سىرتىدىكىلەر بىلمەيدۇ. ئۇنىڭدىكى دىنىي يۇقىرى قاتلام «سىر بىلگۈچى» دېيىلىدۇ، ئادەتتىكى مۇخلىسلار يۇقىرى قاتلامغا مۇتلەق بويسۇنۇش كېرەك. بۇ مەزھەپ روزى ھېيت، قۇربان ھېيت ۋە شىئە مەزھىپىنىڭ ئورتاق بايراملىرىنى خاتىرىلىگەندىن باشقا، خرىستىئان دىنىنىڭ روژدېستۋو بايرىمى، پاسخا بايرىمى قاتارلىقلارنى ئۆتكۈزۈپ تىرىدۇ. دۇئا-تىلاۋەت قىلغاندا مۇقەددەس غىزا يەيدۇ، مۇقەددەس ھاراق ئىچىدۇ.

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 850 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01