سىپرۇس

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

   سىپرۇس جۇمھۇرىيىتى  Republic of Cyprus   ( سىپرۇس ئەمەلىيەتتە گىركلەر ئىشغالىدىكى جەنۇب ۋە تۈركلەر ئىشغالىدىكى شىمالدىن ئىبارەت ئىككى مۇستەقىل دۆلەتتىن تەركىپ تاپقان)
پايتەخت: نىكوزىيە، ئاھالىسى  363مىڭ (گىرىك رايونىدا 273مىڭ، تۈرك رايونىدا 90مىڭ)
زىمىنى 9مىڭ250 كۇۋادىرات كىلومېتىر،  بۇنىڭ ئىچىدە شىمالى سىپرۇس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىشغالىدىكى زىمىن 3355كۇۋادىرات كىلومېتىر.
ئاھالىسى: جەنۇبى سىپرۇسنىڭ 2010-يىللىق نوپۇسى   840مىڭ 301بولۇپ، ئاھالىنىڭ 98%نى  گىرىكلار ئىگەللەيدۇ . شىمالى سىپرۇسنىڭ 2010-يىللىق نوپۇسى نوپۇسى 300 مىڭ172 بولۇپ   سىپرۇس گىرىك رايونىدا گىرىك تىلى، شىمالى سىپرۇس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە تۈرك تىلى دۆلەت تىلى .

 


سىپرۇسنىڭ 1976-يىلىدىن بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى مىللەتلەر ئولتۇراقلىشىش خەرىتىسى 


   دىنى :گىرىكلار، بىر قىسىم ئەرەپلەر ۋە ئەرمەنلەر پروۋسلاۋىيە دىنىغا، تۈركلەر ۋە كۇردلار ئىسلام دىنىغا  ئىشىنىدۇ.
پۇلى:  سىپرۇس 2008-يىلىدىن باشلاپ ياۋروپا ئىتىپاقىنىڭ رەسمى ئەزاسى بولدى ۋە ياۋرونى ئاساسلىق پۇل بىرلىكى قىلدى، ئەمما ياۋرو پەقەت گىرىكلار رايونىدا كۈچكە ئىگە، تۈركىيە تېخى ياۋرو رايونىغا كىرمىگەنلىكتىن  تۈركلەر رايونىدا تۈرك لىراسى ئىشلىتىلىدۇ.

   ئىقتىسادى:  2006 -يىلى سىپرۇس گىرىك رايونىنىڭ ئۇمۇمى مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 17مىليارت790مىليۇن دوللار بولۇپ كىشى بېشىغا 22700دوللار توغرا كەلگەن، يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى 3.7% .   تۈرك رايونىنىڭ ئۇمۇمى مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 2مىليارت540مىليۇن دوللار بولۇپ كىشى بېشىغا 7135دوللار توغرا كەلگەن، يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى 10% .

 دۆلەت بايرىمى:گىرىك رايونىدا( 1960-يىلى)10-ئاينىڭ 1-كۈنى، سىپرۇسنىڭ ئەنگىلىيەدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغان كۈنى، تۈرك رايونىدا( 1983-يىلى)11-ئاينىڭ 15-كۈنى، شىمالى سىپرۇسنىڭ سىپرۇستىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغان كۈنى
ۋاقىت رايونى :ياۋروپا ۋاقتى(2- ۋاقىت رايونى)

   قىسقىچە تارىخى: سىپرۇس ئارىلى ئەسلىدە ئاسۇرىيانلارنىڭ زىمىنى بولۇپ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 10-ئەسىرلەردە گىرىكلار كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلىشىشقا باشلىغان، مىلادىدىن كېيىن بۇ يەر شەرقى رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولغان.7-ئەسىرلەردە ئەرەپ ئىمپىرىيىسى بۇ جاينى بويسۇندۇرۇپ ئىككى ئەسىردىن كېيىن چېكىنىپ كەتكەن، 1192-يىلى سىپروستىكى گىرىكلار مۇستەقىل پادىشاھلىق قۇرۇپ 1489-يىلى ۋېنتسىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن گرىتسىيەدىكى ئاھالە كۆپ رايوندىن سىپرۇسقا نوپۇس يۆتكىگەن .
 

 1571-يىلى تۈرك ئىمپىرىيىسى سىپرۇس ئارىلىنى تارتىۋالغان، تۈركلەر كەڭ كۆلەمدە سىپرۇسقا كۆچۈپ كىرىپ ۋە يەرلىك قەدىمى ئاھالە ئاسۇرىيانلارنى ئىسلام دىنىغا كىرگۈزۈش جەريانىدا  سىپرۇستىكى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ قالغان.
  1878-يىلى ئەنگىلىيە سىپرۇس ئارىلىنى ئىشغال قىلغان، سىپرۇستىكى تۈركلەر تۈركىيە ۋە ئەنگىلىيەگە كۆچۈشنى باشلىغان.

1923-يىلى تۈركىيە جۇمۇرىيتى قۇرۇلۇشنىڭ ئالدى كەينىدە لوزان كېلىشىمى تۈزۈلگەندە سىپرۇس مەسىلىسى تۈركىيە مەڭگۈ زىمىن تەلىۋى قويۇشقا بولمايدىغان ئارال قىلىپ بەلگىلەنگەن ۋە كېلىشىمگە ئاساسەن سىپرۇس ۋە گرىتسىيەدىكى تۈركلەر تۈركىيەگە كۆچۈشكە باشلىغان. 1960-يىلى ئەنگىلىيە بۈگۈنگە قەدەر ئىشغال قىلىپ تۇرىۋاتقان سىپرۇستىكى ئاكروتىرى ۋە داكېلىيا دىن باشقا جايلارنىڭ مۇستەقىل بولۇشىغا قوشۇلغان، 1983-1976-يىلى سىپرۇستىكى گىرىكلار بىلەن تۈركلەر ئوتۇرىسىدا ئۇرۇش پارتىلىغاندا تۈركىيە سىپرۇسقا ئەسكەر چىقىرىپ سىپرۇسنىڭ شىمالىدىكى 36%زىمىننى ئىشغال قىلىپ يەرلىك سىپرۇس تۈركلىرىنىڭ شىمالى قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇشىغا شارائىت يارىتىپ بەرگەن، سىپرۇسنىڭ باشقا جايلىرىدىكى تۈركلەر شىمالدىكى تۈركلەر ئىشغالىدىكى رايونلارغا كۆچۈپ كەلگەن. 1983-يىلى سىپرۇسنىڭ شىمالىدىكى تۈركلەرنىڭ رەھبىرى رەئۇف دىنىقتاش مۇستەقىل شىمالى سىپرۇس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ تۈركىيىدىن باشقا بىرمۇ دۆلەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمىگەن. نۆۋەتتە سىپرۇس تۈركلىرىدىن 500مىڭ ئادەم تۈركىيەدە، 400مىڭ ئادەم ئەنگىلىيەدە ياشاۋاتقان بولسىمۇ سىپرۇسقا قايتىش ھوقۇقى بىر مەسىلە بولۇپ تۇرماقتا.


     سىپرۇس ئوتتۇرا دېڭىزدىكى مەنزىرىسى گۈزەل، تۆت پەسىل باھاردەك ئۆتىدىغان، كان بايلىقى مول، يېرى مۇنبەت ئارال بولۇپ يېقىنقى يىگىرمە يىلدىن بۇيان ياۋروپا ئىتىپاقىنىڭ زور سوممىلىق ياردىمى ئارقىسىدا جەنۇبى سىپرۇس ساياھەت ۋە يۇقىرى تېخنىكا كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇپ دۇنيادىكى باي دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. تۈركلەر كونتىرۇللىغىدىكى شىمالى سىپرۇسمۇ(تۈركچە كۈزەي كىبرىس) تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمىدە باغۋەنچىلىك، ساياھەت ۋە كان ئېچىشنى تەرەققى قىلدۇرۇپ ھاللىق دۆلەتلەر سەۋىيىسىدە تۇرمۇش كەچۈرمەكتە.2006-يىلى گىركلەر ئىشغالىدىكى سىپرۇسنىڭ دۆلەت ئىقتىسادىدا يېزا-ئىگىلىك كىرىمى %3.7 سانائەت %19.6، مۇلازىمەت %76.8 نى، تۈركلەر ئىشغالىدىكى سىپرۇسنىڭ دۆلەت ئىقتىسادىدا يېزا-ئىگىلىك كىرىمى %10.6 سانائەت %20.5، مۇلازىمەت %68.9 نى ئىگەللىگەن.

2010-يىلى جەنۇبى سىپرۇسنىڭ مۇقىم تېلپون ئابونتى 420مىڭ، يانپون ئابونتى بىر مىليۇن 34 مىڭ، ئىنتېرنېت ئابونتى  332مىڭ، شىمالى سىپرۇسنىڭ مۇقىم تېلپون ئابونتى 86مىڭ، يانپون ئابونتى 147مىڭ178، ئىنتېرنېت ئابونتى 97مىڭ بولغان.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 818 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01