كرودىيە

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

    كرودىيە جۇمھۇرىيىتى
پايتەخت: زاگرېب، ئاھالىسى 873مىڭ
زىمىنى: 56مىڭ542 كۇۋادىرات كىلومېتىر
ئاھالىسى: كرودىيەنىڭ 2008-يىللىق نوپۇسى 4مىلىيۇن 491مىڭ بولۇپ، ئاھالىنىڭ 90%نى خورۋاتلار، 5%نى سېربلار، 17%قالغانلىرىنى بوسنىيان، ۋېنگىر، سلوۋېن ۋە سىگانلار ئىگەللەيدۇ . سېربو-خورۋات تىلى دۆلەت تىلى. كىرودىيە دۇنيادىكى نوپۇسى ئازىيىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى.
دىنى : كرودىيىلىكلەرمۇ دىنى ئېتىقادىغا ئاساسەن مىللەتكە ئايرىلغان بولۇپ، خورۋاتلار كاتولىك دىنىغا، سېربلار پروۋسلاۋىيە دىنىغا، بوسنىلىكلەر ۋە بىر قىسىم سىگانلار ئىسلام دىنىغا ئىشىنىدۇ.
دۆلەت بايرىمى:( 1991-يىلى)12-ئاينىڭ 8-كۈنى، كرودىيەنىڭ يۇگۇسلاۋىيە ئىتىپاقىدىن ئارىلىپ مۇستەقىل بولغان كۈنى
ۋاقىت رايونى :ياۋروپا ۋاقتى(شەرقى1- ۋاقىت رايونى)
پۇلى: كۇنا، (2006-يىلى) 5.862كۇنا=بىر دوللار. 2004-يىلى 6.0358كۇنا= بىر دوللار. 2002-يىلى 7.868كۇنا=بىر دوللار . كرودىيە ياۋوپا ئىتىپاقىنىڭ ئەزاسى.     2010-يىلىدىن باشلاپ ياۋرونى ئاساسلىق پۇل بىرلىكى قىلماقچى.

   ئىقتىسادى: 2006 -يىلى كرودىيەنىڭ ئۇمۇمى مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 63مىليارت350مىليۇن دوللار بولۇپ كىشى بېشىغا 16900دوللار توغرا كەلگەن. كرودىيەنىڭ2000-يىلىدىن بۇيانقى يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى 4%-5% بولۇۋاتىدۇ. كرودىيە ئەسلىدىنلا سابىق يۇگۇسلاۋىيەدىكى سىلوۋىنىيىدىنلا قالسا ئەڭ باي جۇمھۇرىيەت بولۇپ، تۇپرىقى مۇنبەت، تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ كۆلىمى كەڭ، پۇخرالارنىڭ ساپاسى يۇقىرى. يەر ئاستى ئېقىنلىرىنىڭ كۆچمە نامى بولۇپ قالغان كىرست رايونى ۋە ئادىرياتىك دېڭىزى بويىدىكى گۈزەل تاقىم ئاراللار بۇرۇندىنلا داڭلىق ساياھەت ئورنى بولغاننىڭ ئۈستىگە يېقىنقى يىللاردىن بېرى ياۋروپا ئىتىپاقىنىڭ ياردىمىدە كرودىيە ئىقتىسادى يەنىمۇ تېز گۈللىنىپ، ئەسلىدىكى سانائەت ۋە كان بايلىقلىرىغا چەتئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىش بىلەن بىللە ساياھەتچىلىكنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇردى.

 2008-يىلى كرودىيەنىڭ دۆلەت ئىقتىسادىدا يېزا-ئىگىلىك كىرىمى %7 سانائەت %31مۇلازىمەت %63 ئىگەللىگەن. 2008-يىلى مۇقىم تېلپون ئابونتى 1مىليۇن820مىڭ، يانپون ئابونتى 5 مىليۇن35مىڭ، ئىنتېرنېت ئابونتى 1مىليۇن 951مىڭ بولغان. قىسقىچە تارىخى: كرودىيە زىمىنى ئەسلىدە ئىرىلىيە(ئالبانلارنىڭ ئەجدادى)لىكلەر ۋە گۇتلار(گېرمان تىل ئائىلىسىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئەجدادى) نىڭ بولۇپ كېيىن بۇ يەر غەربى رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ بىر ئۆلكىسى بولغان.7-ئەسىرلەردە جەنۇپقا كۆچكەن بىر قىسىم سىلاۋيانلار بۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ كىچىك بەگلىكلەرنى قۇرغان، 8-ئەسىردە قۇرۇلغان قۇدرەتلىك كرودىيە پادىشاھلىقى ھازىرقى كرودىيە ۋە بوسنىيەنىڭ بىر قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. كرودىيەنىڭ جەنۇبى ېڭىز بويى رايونلىرىدا مىلادى12-ئەسىردە قۇرۇلغان دالماتسىيە بەگلىگى، 1-دۇنيا ئۇرۇشى ھارپىسىغىچە مۇستەقىللىغىنى ساقلاپ تۇرغان بولۇپ، كرودىيەنىڭ باشقا كۆپ قىسىم زىمىنى 1102-يىلىدىن 1527-يىلىغىچە ۋېنگىرىيە پادىشاھلىقىنىڭ، 1527-يىلىدىن 1918-يىلىغىچە ئاۋستىرىيە ھابىسبورگ ئىمپىرىيىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان.

     بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن كرودىيە سېربو-خورۋات پادىشاھلىقىنىڭ بىر قىسمى بولغان، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن يۇگۇسلاۋىيە ئىتىپاقى قۇرۇلۇپ كرودىيە ئىتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلىك سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن. 1991-يىلى سابىق يۇگۇسلاۋىيە پارچىلانغاندا كرودىيىلىكلەر ئۇمۇمى خەلق ئاۋازىغا قويۇپ مۇستەقىللىق جاكارلىغان. ياۋروپا ئىتىپاقى بولۇپمۇ ئاۋستىرىيە ۋە گېرمانىيە ئەڭ دەسلەپ كرودىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىپ كرودىيەنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە كۈچىيىشىگە يول ئېچىلغان. سلوۋانىيەدىكى سېربلار مۇستەقىل بولۇشقا قارشى تۇرغانلىقتىن كرودىيەلىكلەر سېربلار بىلەن جاپالىق ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇرۇشىى ئېلىپ بارغان. كىرودىيە نۆۋەتتە ياۋروپا ئىتىپاقىغا ئەزا بولدى، شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش سۆھبىتىنى باشلىدى.

[admin تەستىقلىدى . 2010-2-13 23:49:56]
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 480 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01