ئىسلامىيەتتە ئىچكى ئىختىلاپنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئۇنىڭ ئىسلام دۇنياسىغا كۆرسەتكەن

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 3 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش
ئىسلامىيەتتە ئىچكى ئىختىلاپنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئۇنىڭ ئىسلام دۇنياسىغا كۆرسەتكەن تەسىرى توغرىسىدا
پەرھات غاپپار
 
 
 
   مۇھەممەد پەيغەمبەر ھايات ۋاقتىدا مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ھېچقانداق زىددىيەت يوق دېيەرلىك ئىدى.مىلادىيە 632-يىلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن، خەلىپىلىك ئورنىغا چىقىش مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا، ئىسلامىيەتتە ئېغىر ئىچكى ئىختىلاپلار پەيدابولۇشقا باشلىدى. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى يوق بولۇپ، ئۇنىڭ بىردىن بىر پەرزەنتى-قىزى فاتىمە، ئەلىنىڭ ئايالى ئىدى. ئۇچاغلاردا ۋارىسلىق مەسىلىسىدە ئەمەل قىلغۇدەك ئۈلگە يوق ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىمۇ بۇ توغرىلىق ئېنىق كۆرسەتمە بەرمىگەنىدى.
 
 
   ئەينى دەۋردە، ئەرەبلەردە قەبىلىنىڭ باشلىقلىرى ياكى «ئاقساقاللار» نى سايلاپ چىقىشتا ياشتا چوڭ ۋە قابىلىيەتلىك بولۇش ئاساس قىلىناتتى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن، تېخى ئۇنىڭ دەپنە ئىشلىرى ئاخىرلاشمايلا نۇرغۇن زىددىيەتلەر بارلىققا كەلدى ۋە ئۇ كېيىنكى چاغلاردا زورىيىپ، مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا نۇرغۇنلىغان قارىمۇ - قارشى گۇرۇھلارنىڭ شەكىللىنىشىگە سەۋەب بولدى. ئەلى خەلىپىلىككە ئولتۇرغاندىن كېيىن مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى ئىككى چوڭ گۇرۇھغا،يەنى ئەلىدىن ئىلگىرىكى ئۈچ خەلىپىنى ياقىلايدىغانلار ۋە ئەلى تەرەپدارلىرىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ گۇرۇھغا بۆلۈنۈپ كېتىدۇ. بۇ ئىككى گۇرۇھ كېيىنچە سۈننىي ۋە شىئە نامى بىلەن ئاتىلىدۇ. تارىخىي تەرەققىيات ۋە سىياسىي، ئىدېئولوگىيىلىك كۈرەشلەر داۋامىدا، يۇقىرىدىكى ئىككى گۇرۇھ يەنە ئۆز ئىچىدىن كۆپلىگەن پىرقە ۋە تارماقلارغا بۆلۈنۈپ، ئىسلامنىڭ ئىچكى جەھەتتە مۇرەككەپ بولغان ئىدېئولوگىيىلىك بىر پۈتۈنلۈكىنى تەشكىل قىلىش بىلەن بىللە، مەزھەپلەر ئىچىدىكى گۇرۇھلارنىڭ يامراپ كېتىش ۋەزىيىتىنى پەيدا قىلىدۇ. دىنىي كىتابلاردا، ئەبدۇللاھ ئىبنى سەبباھ شىئە مەزھىپى تەلىماتلىرىنىڭ ئاساسچىسى، دەپ قارىلىدۇ. ئۇ ئەسلى يەھۇدى بولۇپ، كېيىن ئىسلامنى قوبۇل قىلغان ۋە خەلىپە ئوسمان دەۋرىدە ئەلىنىڭ كۈچلۈك تەرەپدارلىرىدىن بىرى سۈپىتىدە ئۆز پائالىيەتلىرىنى باشلىغان. ئۇ خرىستىئان تەلىماتلىرىغىمۇ كامىل بولۇپ، دەسلەپتە شىئە مەزھىپىنىڭ ئىماملىققا ئائىت تەلىماتلىرىنى تۈزۈپ چىقىدۇ. بۇ تەلىماتتا، ئىماملىق خۇدا بەندىلىرىگە شاپائەت تەرىقىسىدە بېغىشلىغان ئىلاھىي مەرھەمەتدۇر، دەپ قارىلىدۇ. ئەبدۇللاھ ئىبنى سەبباھنىڭ پىكرىچە، ئىماملىقمۇ خۇددى پەيغەمبەرلىككە ئوخشاش سايلام يولى بىلەن ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈلىدىغان مەرتىۋە بولماستىن، بەلكى قانداشلىق ئارقىلىق ۋارىسلىق قىلىنىدىغان، ئالدىنقى ئىمام ئۆز ئىختىيارى بىلەن كېيىنكى ئىمامنى تەيىنلەيدىغان ئىلاھىي مەرھەمەتتۇر. مەزكۇر تەلىماتتا، ئادەملەر بۇ دۇنيادا ئىمامسىز ياشىيالمايدۇ ۋە ئۆز ئىمامىنى تونۇمايدىغان ھەرقانداق شەخس جاھىل ھەم ناداندۇر. 
 
 
   ئىمام پەيغەمبەرلەرنىڭ خەلقنى خۇدا يولىغا دەۋەت قىلىشىدىكى ۋە يەر يۈزىدە ئادالەت ئورنىتىشىدىكى ياردەمچىسىدور، دەپ قارىلىدۇ. ئىماملارنىڭ ئىلاھىي مەرھەمەتلەردىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى نەزەرگە ئېلىپ، شىئە ئەھلى ئىمام بولغۇچىلارنى ھەرقانداق چوڭ - كىچىك گۇناھلاردىن خالىي،ھەممە جەھەتتىن پاك ۋە ئۆزگىچە پەۋقۇلئاددە سۈپەتلەرگە ئىگە، دەپ قارىشىدۇ. ھەرقانداق دىنىي، سىياسىي مەسىلىلەردە ئۇلارنىڭ دېگىنى توغرا، ھېچقانداق بەس - مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدۇ، دەپ ھېسابلىشىدۇ. ئىماملارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە ئىشەنمەي، ئۇلارنى بېھىشتە مەڭگۈ تىرىك ياشايدۇ، دەپ قارىشىدۇ. شىئە مەزھىپىنىڭ ئىلاھىي نۇر توغرىسىدىكى تەلىماتىدا، ئىلاھىي نۇر ئادەم ئەلەيھىسسالام دەۋرىدىن باشلاپلا ئۇلۇغ كىشىلەر ئارىسىدا كۆچۈپ يۈرگەن، كېيىن ئۇ پەقەت پەيغەمبەردىن پەيغەمبەرگە كۆچىدىغان بولغان. شۇنداق قىلىپ ئۇ ئىلاھىي مەرھەمەت تۈپەيلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بوۋىسى ئەبدۇلمۇتەللىپنىڭ تېنىگە كۆچكەن، ئۇنىڭدىن كېيىن ئىلاھىي نۇر ئىككىگە بۆلۈنۈپ، بىر قىسمى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دادىسى ئەبدۇللاھنىڭ تېنىگە ۋە ئۇنىڭدىن مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ئۆزىگە كۆچۈپ توختىغان. ئىلاھىي نۇرنىڭ يەنە بىر قىسمى ئەبدۇلمۇتەلىپتىن مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ تاغىسى، يەنى ئەلىنىڭ دادىسى ئەبۇتالىپقا، ئۇنىڭدىن ئەلىگە كۆچكەن. ئەلىدىن يەنە ئۇنىڭ ۋارىسلىرىغا كۆچىدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق ئۇزاققىچە داۋام قىلىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. شىئە مەزھىپىنىڭ بۇ خىل تەلىماتى ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىدا نۇرغۇن ئوخشىمىغان پىكىر ئېقىملىرىنىڭ بارلىققا كېلىپ، كۆپلىگەن پىرقىلەرگە ۋە پىرقىلەرنىڭ يەنە ئۆز ئىچىدىن تارماقلارغا بۆلۈنىشىگە سەۋەب بولدى. شىئە مەزھىپىدىكى غۇلات (ئىسلامدىكى چېكىدىن ئاشقان )پىرقىلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشى ۋە بۇنداق پىرقىلەرنىڭ سانى جەھەتتىن كۆپىيىشى ھەمدە بەزى غۇلات پىرقىلىرىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى ئىلگىرىكى قاراشلارغا نۇرغۇن ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ ئىماملارغا ئىلاھىي سۈپەتلەرنى نىسبەتلەشتۈرۈشى، بەزىدە ئىماملارنى خۇدا بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويىدىغان پىكىرلەرنىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇشى نەتىجىسىدە، ئاخىرقى ھېسابتا غايىپ ئىمام، رىجئەت قىلغان ئىمام، سەتر ( پەردە ئىچىدىكى ) ئىمام، مۇنتەزەر ( كۈتىلىۋاتقان ) ئىمام، مەھدى ئىمام، قائىم ئىمام قاتارلىق نۇرغۇن نەزەرىيىلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئاساس سالدى. شۇنداق قىلىپ شىئە مەزھىپى ئىلاھىيەتشوناسلىقىدا ئىماملارغا ئىلاھىي نۇرنىڭ روسۇخ قىلىدىغانلىقى ( سىڭىپ كىرىدىغانلىقى ) توغرىسىدىكى تەلىمات مەيدانغا كەلتۈرۈلدى. بۇ تەلىمات ئوتتۇرا ئەسىردە « نۇرى مۇھەممەدى » نامى بىلەن ئاتالغانىدى. شۇنىڭ بىلەن شىئە مەزھىپىنىڭ تەلىماتىمۇ كۆپ تەرەپلىمىلىككە يۈزلىنىپ، مۇرەككەپ تۈس ئالدى ؛ تەناسۇخ (روھنىڭ تەندىن تەنگە كۆچۈشى)، ھولۇل ( روھنىڭ تەن بىلەن بىرلىشىشى ) مۇشەببىھە ( ئانتراپومورفىزم ) گە ئوخشاش نەزەرىيىلەر بارلىققا كېلىپ، بەزى پىرقە ئاساسچىلىرى ھەتتا خۇدالىق دەۋاسى قىلىدىغان ئەھۋاللارمۇ يۈز بەردى. 
 
 
   شىئە مەزھىپى تەلىماتلىرى دەسلەپكى دەۋرلەردە سۈننىي مەزھىپى تەلىماتلىرىدىن ئانچە پەرقلەنمەيتتى، ھەتتا شىئە مەزھىپى ئۆز ئىچىدىن بىر نەچچە پىرقىگە بۆلۈنگەن دەۋرلەردىمۇ، ئاساسىي پىرقىلەرنىڭ دىنىي ئۇسۇل جەھەتتىكى قاراشلىرىدا سۈننىيلەر بىلەن چوڭ پەرقلەر يوق دېيەرلىك ئىدى. بۇ جەھەتتە ھەر ئىككى تەرەپ ئىسلامنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدىكى تۆت خەلىپە دەۋرىدە شەكىللەنگەن قاراشلارنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۆز تەلىماتلىرىنى راۋاجلاندۇراتتى. كونكرېتراق ئېيتقاندا، شىئەلەرنىڭ بىر قىسمى خۇددى سۈننەت ئەھلىگە ئوخشاشلا ئەبۇبەكر، ئۇمەر ۋە ئوسماننىڭ خەلىپىلىكىنى ئېتىراپ قىلىشاتتى، يەنە بىر قىسمى پەقەت ئوسماننىڭ خەلىپىلىكىنىلا ئىنكار قىلىشاتتى، قالغان قىسىملىرى ئەلىدىن باشقىسىنى ئېتىراپ قىلىشمايتتى. ئەمما، كېيىنچە شىئە مەزھىپى تەلىماتىدا ئىماملىققا ئائىت نەزەرىيىنىڭ شەكىللىنىشى، پەيغەمبەرنىڭ ئەلى شەخسىيىتىدە قايتىدىن تىرىلىشى توغرىسىدىكى غايىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە ئۇنىڭ روھىنىڭ ۋارىسلىرىغا كۆچىدىغانلىقىدىن ئىبارەت « نۇرى مۇھەممەد » نامى بىلەن ئاتالغان تەناسۇخ نەزەرىيىسىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى، شىئە بىلەن سۈننىي مەزھىپىنىڭ تەلىماتلىرىدىكى پەرقنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇۋەتتى. تەناسۇخچىلار روھنىڭ كۆچۈشىنى نەسخ، مەسخ، رەسخ ۋە فەسختىن ئىبارەت تۆتكە بۆلىدۇ. بەزى پىرقىلەر ھەر تۆت خىل تەناسۇخنى، يەنە بەزىلىرى بىر ياكى ئىككى خىلىنىلا ئېتىراپ قىلىشىدۇ. ئۇلار، روھ بىر ئادەمنىڭ تېنىدىن چىقىپ يەنە بىر ئادەمنىڭ تېنىگە كۆچكەن بولسا، ئۇنى نەسخ دەپ، ئادەمدىن ئايرىلغان روھ ھايۋانلارنىڭ بەدىنىگە كۆچسە مەسخ دەپ، دەرەخ ۋە ئۆسۈملۈكلەرگە كۆچسە رەسخ، زىيانلىق ھاشارەتلەرگە كۆچسە فەسخ دەپ ئاتىشىدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئىنساننىڭ روھى قايسىلا شەكىلدىكى تەناسۇختا بولمىسۇن، ئەنبىيا ۋە رەسۇلىللانىڭ يول كۆرسىتىشىدە ئالەمنى كېزىدۇ. ئالەمنىڭ ئايلىنىشىمۇ روھنىڭ بىر جىسىمدىن يەنە بىر جىسىمغا كۆچۈشىدە ئىپادىلىنىدۇ. روھنىڭ بەدەننى تەرك ئېتىشى ھەقىقىي قىيامەتتۇر. ئەگەر ئىنسان خەيرلىك ئىشلارنى قىلغان بولسا، ئۇنىڭ روھىمۇ خەيرلىك بىر تەنگە كۆچىدۇ، ئەكسىچە بولغاندا، ئۇنىڭ روھىمۇ گۇناھكار بىر جىسىمغا كۆچۈرۈلىدۇ. سۈننەت ئەھلى تەناسۇخنى قوبۇل قىلمايدۇ. كېيىنكى دەۋرلەردە تەناسيخىيە مەسىلىسى پەلسەپە ساھەسىدىمۇ ئەكس ئېتىدۇ. مەششا ئېقىمىنىڭ نۇرغۇن ۋەكىللىرى بۇ خىل قاراشنى ئېتىراپ قىلماي ئۇنى قاتتىق تەنقىت قىلىدۇ، مۇئتەزىلەچىلەرمۇ ئوخشاش پوزىتسىيە تۇتىدۇ. ئەمما، شىئە مەزھىپىدىكى مۇتەپەككۇرلارنىڭ ئىدىيىۋى سىستېمىسىدا تەناسۇخىيە مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. بۇ خىل ئىدىيىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا، 8- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ شىئە مەزھىپى بىلەن سۈننىي مەزھىپىنىڭ ئىسلام ئەھكاملىرىغا ئەمەل قىلىش ۋە ئۇنى چۈشىنىش جەھەتتىكى پەرقى زورىيىپ كېتىپ، بۇ ئىككى مەزھەپ ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت كەسكىنلىشىپ، تا بۈگۈنگە قەدەر ئىسلام دۇنياسىدا كۆپلىگەن توقۇنۇشلارنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولماقتا. بۇ ئىككى مەزھەپ ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ئاساسلىقى تۆۋەندىكى جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ: 
 
 
   بىرىنچى، خەلىپە مەسىلىسى. سۈننىي مەزھىپىدە، تۆت چوڭ خەلىپىنىڭ ھەممىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قانۇنلۇق ۋارىسلىرى، دەپ قارىلىدۇ ؛ شىئە مەزھىپىدە بولسا، ھەزرىتى ئەلى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بىردىنبىر ۋارىسلىرى، دەپ قارىلىدۇ. 
 
 
   ئىككىنچى، « قۇرئان كەرىم » نى چۈشىنىش مەسىلىسى. سۈننىي مەھىپىدىكىلەر « قۇرئان كەرىم »نىڭ ھازىرقى نۇسخىسى (خەلىپە ئوسمان رەتلەتكۈزگەن) غا ئىشىنىدۇ ۋە ئۇنىڭ كىتابى مەنىسىگە كۆپرەك ئېتىبار بىلەن قارايدۇ. شىئە مەزھىپىدىكىلەر « قۇرئان كەرىم »نىڭ يوشۇرۇن مەنىسىگە كۆپرەك ئېتىبار قىلىپ، «قۇرئان كەرىم»نىڭ كىتابى مەنىسىدىن باشقا ئۇنىڭدا يوشۇرۇن مەنە بولىدۇ، ئۇنىڭدىكى يوشۇرۇن مەنىنى پەقەت ئىماملارلا بىلىدۇ. شۇڭا، « قۇرئان كەرىم » نىڭ كىتابى مەنىسىنى بىلىش بىلەن بىللە، ئۇنىڭ يوشۇرۇن مەنىسىنىمۇ چۈشىنىش كېرەك،دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، ئۇلار « قۇرئان كەرىم » نىڭ ئەسلى نۇسخىسىدا ئەلىنىڭ ئىماملىقىغا ئائىت مەزمۇنلار بارئىدى. ئەمما، كېيىن زەيد ئىبنى سابىت تەرىپىدىن تەھرىرلەنگەندە ئەلىنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ قۇتراتقۇلىقى بىلەن ئەلىگە ئائىت مەزمۇنلار چىقىرىۋېتىلگەن دېگەن قاراشنى ياقىلاپ،« قۇرئان كەرىم » نىڭ مەتنىگە باشقىچە نەزەردە قاراپ، ئۇنىڭدىكى بەزى سۆزلەرنى ئۆزگىچە ئىنتۇناتسىيىدە ئوقۇيدۇ ۋە « قۇرئان كەرىم » نى ئۆزگىچە ئۇسۇلدا تەپسىرلەشنى تەۋسىيە قىلىشىدۇ. مەسىلەن، شىئەلەر ئەسلىدە «ئەلا» دەپ ئوقۇلىدىغان سۆزنى «ئەلى» (يېزىلىشى ئوخشاش)، «ئۇممە» دەپ ئوقۇلىدىغان سۆزنى «ئەئىممە» ( ئىماملار ) دەپ ئوقۇشىدۇ. «قۇرئان كەرىم » گە ئۇلار مۇھەممەد ۋە ئەلى دېگەن ئۇقۇمنى ئىپادىلەيدىغان « نۇرەين » سۈرىسىنى قوشۇپ كىرگۈزگەن بولۇپ، بۇمۇ ئۇلارنىڭ سۈننەت ئەھلىدىن پەرقلىنىدىغان مۇھىم تەرەپلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن، سۈننىي مەزھىپىدىكىلەر شىئە مەزھىپىدىكىلەرنى « قۇرئان كەرىم » نى بۇرمىلاپ چۈشەندى، ئايەتلەردىكى تەنبىھلەرگە سەل قارىدى، قۇرئانغا بىھۆرمەتلىك قىلدى، دەپ ئەيىبلىسە، شىئە مەزھىپىدىكىلەرمۇ سۈننىي مەزھىپىدىكىلەرنى ئوخشاش ئەيىبلەيدۇ. 
 
 
   ئۈچىنچى، ھەدىسكە مۇئامىلە قىلىش مەسىلىسى. سۈننىي مەزھىپىدىكىلەر ئالتە ھەدىسلەر توپلىمىنى ئىشەنچلىك ھەدىس دەپ قاراپ، ئۇنى قانۇن چىقىرىشنىڭ مۇھىم ئاساسلىرىدىن بىرى قىلىدۇ؛ شىئە مەزھىپىدىكىلەر بولسا، بۇ ھەدىسلەرنى ساختا دەپ قاراپ، ئۆزلىرى تۈزگەن ھەدىسنى ئاساس قىلىدۇ.يەنى، شىئەلەر 10 - ئەسىردىن باشلاپ ئۆزگىچە سۈننىتىنى رەتلەپ، ئۇنى « ئەخبار » نامى بىلەن ئېلان قىلىشقان. « ئەخبار » غا كىرگۈزۈلگەن ھەدىسلەرمۇ سۈننىيلەرنىڭ ھەدىسلىرىدىن خېلى كۆپ جەھەتتىن پەرقلىنىدۇ. « ئەخبار » دىكى ھەدىسلەر تامامەن باشقا مەنبەلەر ئاساسىدا تۈزۈلگەن. ئۇلاردا پەقەت مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام، ئەلى ۋە باشقا ئىماملارنىڭ ئۆزلىرىگىلا تەئەللۇق دەپ قارالغان رىۋايەتلىك نەقىللەر ئاساس قىلىنغان بولۇپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ باشقا ساھابىلىرىگە تەئەللۇق بولغان نەقىللەر تامامەن ئىنكار قىلىنىدۇ. 
 
 
   تۆتىنچى، دىنىي داھىيلارغا قاراش مەسىلىسى. سۈننىي مەزھىپىدىكىلەر خەلىپىنى دىنىي داھىي، دەپ بىلىدۇ. شىئە مەزھىپىدىكىلەر، ئىمامنى دىنىي داھىي، دەپ قارايدۇ. ئۇلارنىڭ دىنىي داھىي توغرىسىدىكى چۈشەنچىسى ئوخشىمايدۇ. سۈننىي مەزھىپىدىكىلەر، خەلىپە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىي ئىشلارنى ۋاكالىتەن باشقۇرغۇچىسى، ئۇ كىشىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ ئەمەللىرىگە رىئايە قىلىشىغا رەھبەرلىك قىلىدۇ، ئۇ ئەدلىيە، مەمۇرىيەت، ھەربىي، دىنىي ئىشلاردا باشلىق بولسىمۇ، ئۇنىڭدا قانۇن چىقىرىش ھوقۇقى بولمايدۇ. « قۇرئان كەرىم » نى ۋە ھەدىسنى چۈشەندۈرۈش ھوقۇقىغىلا ئىگە ؛ ئىلگىرىكىلەرگە ئۇچراپ باقمىغان ئىشلار ئۇچرىغاندا، يەنە كېلىپ قۇرئان ۋە ھەدىستىن ئۇ ھەقتە بايان تېپىلمىغاندا، خەلىپە ئىشلەپ چىقسا بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. شىئە مەزھىپىدىكىلەر بولسا، ئىمام كىشىلەر ئارىسىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئۇستازدۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەممە ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىدۇ، ئۇ نۇقسانسىز ئادەم بولۇپ، ئاللاھنىڭ قوغدىشىغا نائىل بولىدۇ، مەڭگۈ خاتالىق سادىر قىلمايدۇ، دەپ قارايدۇ. 
 
 
   بەشىنچى، شىئەلەر «ئىلمى شاھادەت»كە ئەلىنىڭ نامىنى قوشۇپ ئوقۇيدۇ، ئەزان توۋلاش، رامىزاندىكى تارابېھ نامىزى ۋە شېھىتلەرنىڭ قەبرىلىرىنى زىيارەت قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ سۈننىيلەردىن پەرقلىنىدۇ. شىئەلەر ھەج قىلغاندا مەككە، مەدىنىگە بېرىش بىلەن بىللە نەجەف، كەربەلا، مەشھەد ۋە قۇمرا قاتارلىق شەھەرلەرنى تاۋاپ قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، شىئەلەر «فاتىمەنىڭ تۇغۇلغان كۈنى»، « ئاشۇرا » ( ھۆسەين قەتلە قىلىنغان كۈن ) ۋە ئىماملارنىڭ تۇغۇلغان، قازا قىلغان كۈنلىرىنى خاتىرىلىشىدۇ. خەلىپە ئومەر ئۆز ۋاقتىدا بىكار قىلغان ۋاقىتلىق نىكاھ ( سىغە ) غا يول قويۇشىدۇ. شىئەلەر بىلەن سۈننىيلەر ئارىسىدا يەنە بەزى ئادەتلەرنى بەجا كەلتۈرۈش جەھەتتىمۇ قىسمەن پەرقلەر مەۋجۇت. خۇلاسىلىغاندا، شىئە مەھىپى بىلەن سۈننىي مەھىپى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ئىسلامىيەتنىڭ ھەممە ساھەلىرىگە دېگۈدەك تاقىلىدىغان بولۇپ، شىئە مەزھىپىدىكى بەزى غولات پىرقىلارنىڭ چەكتىن ئاشقان بەزى تەشەببۇسلىرى بۇ ئىككى مەزھەپ ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى تېخىمۇ ئۇلغايتىپ، ئىسلام دۇنياسىغا ئارازلىق ئۇرۇقلىرىنى چاچقان. بۇيەردە شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش زۆرۈركى، ئىسلامىيەتتىكى بۇ زىددىيەتلەر تېگى-تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھاكىمىيەت تالىشىشتىن كېلىپ چىققان بولۇپ، بۇ زىددىيەتلەرنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق دېيىشكە بولىدۇ.شۇڭا، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچى مىللەتلەر ئىسلامنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى تونۇپ يېتىپ، ئۇ تەشەببۇس قىلغان ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىققا ھەقىقىي ئەمەل قىلىپ، بۇ ئايىقى چىقماس زىددىيەتلەردىن ئۆزلىرىنى چەتكە ئېلىشى كېرەك.
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 3

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 2655 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01