ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىش تەقدىرگە ئىمان ئېيتىش جۈملىسىدىندۇر(نەزىرە مۇھەممەد سالى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىش تەقدىرگە ئىمان ئېيتىش جۈملىسىدىندۇر
نەزىرە مۇھەممەد سالىھ

 

    ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىشنىڭ مەنىسى ئىنساننىڭ ھەممە ئىشلىرىدا ئاللاھقاا يۆلىنىشى، ئاللاھنىڭ ئىلمىگە، قۇدرىتىگە، ئەمەلىگە يارىشا بېرىدىغان ساۋاب ۋە جازاغا ئىمان ئېيتقان ھالدا ئۆز ئىشلىرىنى ئاللاھقا تاپشۇرۇشتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ«ئاللاھقا تائەت-ئىبادەت قىلىشقا ئاللاھتىن باشقا ياردەمچى يوق، گۇناھ، ئاسىيلىق قىلىشتىن ئاللاھتىن باشقا ياردەمچى يوق» دېگەن ھەدىسنى ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىشنىڭ ئۇمۇمىي مەزمۇنىنىڭ ئىخچام خۇلاسىسى دېيىشكە بولىدۇ. ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىش ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ زۆرۆر تەركىبىي قىسىملىرىنىڭ، شۇنداقلا ئىسلام ئىدېئولوگىيىسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىدىن بىرى.


    ئاللاھ تائالا«قۇرئان كەرىم» دىكى ئايەتلەرنى ھەممە ئىشلىرىدا بىر ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىشقا بۇيرىغان ۋە ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىشنى ئىماننىڭ ئالامەتلىرىدىن قىلغان.{ئەگەر سىلەرگە ياردەم بەرسە، سىلەرنى ھىچ كىشى يېڭەلمەيدۇ، ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە ياردىمىنى تەرك ئەتسە، ئاللاھتىن باشقا سىلەرگە كىم ياردەم بېرىدۇ؟ مۆمىنلەر يالغۇز ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلسۇن!(يەنى ھەممە ئىشنى ئاللاھقا تاپشۇرسۇن} (سۈرە ئال ئىمران 160-ئايەت)؛{سەن ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگىن(يەنى كەچۈرگىن)، ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلغىن،(تەۋەككۇل قىلغۇچىغا) ئاللاھنىڭ ھامىيلىقى يېتەرلىكتۇر}(سۈرە نىسا 81-ئايەت)؛{ئۇلارنى ئەپۇ قىل، ئۇلار ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگىن، ئىشتا ئۇلار بىلەن كېڭەشكىن،(كېڭەشكەندىن كېيىن)بىر ئىشقا بەل باغلىساڭ، ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋەككۇل قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ}(سۈرە ئال ئىمران159-ئايەت).{مۇسا: « ئەگەر ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان بولساڭلار، ئاللاھقا بويسۇنغان بولساڭلار ئۇنىڭغا تەۋەككۇل قىلىڭلار (يەنى ھەممە ئىشڭلارنى ئاللاھقا تاپشۇرۇڭلار، ھەرقانداق ئەھۋالدا ئاللاھقا يۆلىنىڭلار) دېدى» } (سۈرە يۈنۇس 84-ئايەت).           


    ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك مۇھىم نۇقتا شۇكى، ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىش ھەرگىزمۇ بەزى كىشىلەر چۈشەنگەندەك ئىشلاردا ھېچقانداق سەۋەب، تەدبىر قىلمايلا قاراملىق قىلىشنى ئەمەس، بەلكى تىرىشىپ ئىشلەش، تاقىتىنىڭ يېتىشىچە چارە-ئامال قىلغاندىن كېيىن ئاللاھنىڭ ئەجىر قىلغۇچىنىڭ ئەجرىنى زايا كەتكۈزۋەتمەيدىغانلىقىغا ئىشەنگەن ھالدا ئاللاھقا يۆلىنىش ۋە ئىشلىرىنى ئاللاھقا تاپشۇرۇشتۇر. شەيخ مۇھەممەد مۇتەۋەللى شەئىراۋى مۇنداق دەيدۇ:«ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىش قەلبىگە خاس سۈپەتتۇر، بەدەننىڭ سۈپىتى ئەمەستۇر، بەدەنگە بولسا ئىجتىھات قىلىش، ئىشلەش پەرز قىلىنغان، ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىش بولسا چارە-ئامال قىلىش، تىرىشىپ ئىشلەشكە كىرىشكەندىن كېيىن ئاللاھقا يۆلىنىش ۋە ئۆزىنى ئاللاھقا تاپشۇرۇشتۇر.شۇنىڭ ئۈچۈن مۆمىن بەندە قەلبى بىلەن ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىدۇ، بەدىنى بولسا مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن چارە-تەدبىر ئىزلەپ ئىشلەيدۇ. تەۋەككۇلنىڭ ھەقىقىتى شۇكى،سېنىڭ بەدىنىڭ ئىشلەپ چارچايدۇ،قەلبىڭ بولسا ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىش بىلەن ئارام تاپىدۇ». پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھوزۇرىدا بىر كىشى تۆگىسىنى باغلىماستىن قويۇۋەتتى ۋە«ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلدىم»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە:«ئاۋۋال تۆگىنى باغلا، ئاندىن ئاللاھقا تەۋەككۇل قىل»، دېدى. شۇڭا تەدبىر قىلماي، ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىش خاتادۇر.«قۇرئان كەرىم»دە ئىنساننى ئىجتىھات قىلىشقا، ئىشلەشكە دەۋەت قىلغۇچى ئايەتلەر ناھايتتى كۆپ.{ناماز ئوقۇلۇپ بولغاندا(يەنى نامازدىن پارىغ بولغىنىڭلاردىن كېيىن) زېمىنغا تارىلىپ (يەنى ئۆز مەشغۇلاتىڭلار بىلەن بۇلۇپ) ئاللاھنىڭ پەزلىدىن تەلەپ قىلىڭلار}(سۈرە جۇمۇئە 10-ئايەت). ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىشنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ھاياتىدىكى رولى ناھايتتى زور. ئىسلام تارىخىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىشنىڭ ھەقىقىتىنى چۈشىنىپ يېتىپ، ئەڭ قىيىن شارائىتلاردا پىداكارانە روھىي بىلەن تارىخ بېتىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى يازغان مۇسۇلمانلارنىڭ ئاجايىپ نەتىجىلىرى بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالىدۇر. ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىش غۇۋا كۆزلەرنى روشەنلەشتۈرگۈچى نۇرلۇق ماياكقا ئوخشاش ئىنسانغا پۈتمەس كۈچ-قۇۋۋەت بېغىشلايدۇ. 

 

مەنبەسى: «شەرق يۇلتۇزلىرىنى ئىزلەپ»ناملىق كىتابتىن ئېلىندى. 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 916 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01