ئىسلام پەلسەپىسىنىڭ ياۋرۇپا پەلسەپىسى بىلەن بولغان ئالاقىسىگە قىسقىچە چۈشەنچە

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 1 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

 ئىسلام پەلسەپىسىنىڭ ياۋرۇپا پەلسەپىسى بىلەن بولغان ئالاقىسىگە قىسقىچە چۈشەنچە

 


ھەزارەت ھەمكارلىقى

 

   ئىسلام ھەزارىتى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرجىدە غەربنىڭ قەدىمى پەلسەپىسىگە ئىچىلدى. پەيلاسوپ ئىبنى رۇشد بۇ خىل ئىچىلىشنى سۈپەتلەپ: «ئىلگىرىكىلەرنىڭ كىتابلىرىغا قاراش ۋە نەزەر سىلىش شەرئى پەرز»دەيدۇ.

 

   ئىبنى رۇشدىنىڭ بۇ تىمىدىكى سۆزىنىڭ مەزمۇنى: ئىلگىرىكىلەر(قايسى دىندا بولۇشىدىن قەتئىنەزەر) دىگەن سۆزلەرگە قاراپ، ھەقىقەتكە ئۇيغۇن بولسا قوبۇل قىلىشىمىز ۋە ئۇلارغا رەھمەت ئىيتىشىمىز، ھەقىقەتكە ئۇيغۇن بولمىسا ئاگاھلاندۇرۇشىمىز لازىم. ھۇشيار،شەرئى ئادالەت ۋە ئەخلاق پەزىلەت قابىلىيىتىگە ئىگە ئالىملارنى باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىگە قاراشتىن توسقان كىشى كىشىلەرنى شەرىئەت چاقارغان يولدىن توسقان بولىدۇ. ئۇ يول بولسا ئاللاھنى ھەقىقى تونۇشقا ئىلىپ بارىدىغان يولدۇر.

 

   ئىبنى رۇشدىنىڭ بۇ سۆزى شۇنداقلا دەپ قويغان سۆز بولماستىن، ئىسلام پەلسەپىسى قوللانغان پوزىتسىيەنى مۇداپىئە قىلغانلىقتۇر.


گىرىك (گىرىتسىيە) پىكىرلىرىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ ئىسلام پەلسەپىسىنى تولۇق چۈشەنگىلى بولمايدۇ، چۈنكى ئىسلام پەلسەپىسى گىرىك پەلسەپىسى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن.

 

   ئۇنىڭ مۇقابىلىسىدە ئىسلام پەلسەپىسى بىلەن ئوتتۇرا ئەسىردىكى ياۋرۇپا پەلسەپىسىنىڭ چاڭلاشقانلىقى ۋە ھەمكارلاشقانلىقى روشەن مەسىلە. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام پەلسەپىسىنى بىلمەي تۇرۇپ ياۋرۇپا نىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى پەلسەپىسىنى چۈشەنگىلى بولمايدۇ.

 

   ئىسلامنىڭ پەلسەپە پىكىرى بىلەن گىرىتسىيەنىڭ پەلسەپە پىكىرى ئارلىقىدا قىزغىن مۇناسىۋەت بولغان بولسا، بۇ قىزغىن مۇناسىۋەت ئىسلامنىڭ پەلسەپە پىكىرى بىلەن ياۋرۇپانىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى پەلسەپە پىكىرىدە تىپىلىدىغانلىقىمۇ ئىنىق مەسىلە.

 

   ئىسپانىيەلىك داڭلىق شەرقشۇناس ئەسىن بىلاسيوس ئىبنى رۇشد بىلەن توماس ئەكۋىنىنى سىلىشتۇرۇپ مۇنداق يازغان: «توماس ئىبنى رۇشدىنىڭ كۆز قاراشلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقتى ۋە ئۇنىڭ بىلەن پايدىلاندى» (كۇۋەيتتە زەنجىرسىمان نەشىر قىلىنىدىغان«مەرىپەت دۇنياسى» ژۇرنىلىنىڭ «ئىسلام مىراسى» نامىلىق سانىغا قاراڭ).

 


ئىسلام پەلسەپىسىنىڭ يېڭى غەرب پەلسەپىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى

 

   ئىسلام پەلسەپىسى ئوتتۇرا ئەسىردىكى ياۋرۇپا پەلسەپىسىگە كەسكىن ئوبىكتىپ ياكى سۇبىكتىپ تەسىر كۆرسەتكەن بولسا، ئوتتۇرا ئەسىر پەلسەپىسى ئۆز نۆۋىتىدە ياۋرۇپانىڭ يىڭى پەلسەپىسىگە تەسىر كۆرسەتتى. دىمەك، ئىسلام پەلسەپىسى ياۋرۇپا يىڭى پەلسەپىسىگە ۋاستىسىز تەسىر كۆرسەتكەن دىيىش مۈمكىن، بۇ ئەلۋەتتە بىۋاستە تەسىر كۆرسەتكەنلىگىنى چەتكە قاقمايدۇ...

 

   1.غەززالى ۋە دىكارت:
   مەسىلەن بۇ ئىككى پەيلاسوپنىڭ «شەك(گۇمانى) پرىنسىپ(قارىشى)»ىنى تەكشۈرۈپ كۆرىدىغان بولساق، ئىككى پەيلاسوپ شەك(گۇمان) پرىنسىپىدىكى كۆز قاراشلىرىدا ۋە نەتىجىللىرىدە ئىتتىپاقلىشىپ قالغىلى تاس قالىدۇ. ئىككەيلەننىڭ كۆز قاراشلىرى ئوخشاش چىقىدۇ.


گىرمانىيە «جىيسىن» ئۇنۋىرسىتىنىڭ پروففىسورى« wein» ئىككى پەپلاسوپنىڭ كۆز قاراشلىرى سىلىشتۇرۇلغان تەتقىقاتنى كۆرۈپ ئۆزلىكىدىن:«غەززالى- دىكارت ئەمەس- يىڭى پەلسەپىنىڭ بوۋىسى ئىكەن» دىگەن.

 

   گىرمانىيەدە ياشايدىغان دوكتۇر ئابدۇسەمەد شازىلى پەيلاسوپ غەززالىنىڭ «ئازغۇنلۇقتىن قۇتقازغۇچى» نامىلىق كىتاۋىنى 1988- يىلى گىرمانىيەدە نەشىر قىلىنىدىغان پەلسەپە كىتابلىرى تىزمىسى نامىلىق مەشھۇر تىزمىغا تەرجىمە قىلغان. تەرجىمان كىتابنىڭ مۇقەددىمىسىدە: دىكارت بىلەن دوست بەزى بىر قىسىم شەرقشۇناسلار (شەرق دۇنياسىنى تەتقىق قىلغان ئەرەب تىلىنى بىلىدىغان ياۋرۇپالىقلار)دا غەززالىنىڭ «ئازغۇنلۇقتىن قۇتقازغۇچى» نامىلىق كىتاۋىنىڭ ئەرەبچە نۇسخىسىنىڭ بار ئىكەنلىكى ئىنىق ھەقىقەت. غەززالى بۇ كىتاۋىدا دىكارتنىڭ پرىنسىپى (كۆز قارىشى) بىلەن ماس كىلىدىغان پەلسەپە پرىنسىپىنى ( كۆز قارىشىنى) ئوتتۇرغا قويغان.

 

   دىكارتنىڭ شەرقشۇناس دوستلىرىنىڭ قاتارىدىن مەشھۇر شەرقشۇناس جاكوب گوليۇس (Jakob Golius,1596- 1667)، شۇنداقلا « Levinius Warner » دىگەن شەرقشۇناستىمۇ پەيلاسوپ غەززالىنىڭ «ئازغۇنلۇقتىن قۇتقازغۇچى» نامىلىق پەلسەپە كىتاۋىنىڭ قول يازمىسى بار ئىدى.

 

   بۇ قول يازما دىكارت ۋاپات بولۇپ15 يىلدىن كىيىن يەنى 1665- يىلى گوللاندىيە لىيدىن ئۇنۋىرسىتىنىڭ كۈتۈپخانىسىغا تەقدىم قىلىنغان. بۇ كىتاب ھازىرغىچە لىيدىندىكى رىيبىك ئۇنۋىرىستىسىنىڭ كۈتۈپخانىسىدا ( or.946 ) نومۇر ئاستىدا بار. ئۇنىڭدىن سىرت پارىژدىكى ۋەتەن كۈتۈپخانىسىنىڭ ئەرەبچە قول يازمىلار قىسمىدا 133 -نومۇر ئاستىدا ( Fol.25-24 ) نومۇردا تىپىلىدۇ.


غەززالىنىڭ بۇ كىتاۋى دىكارت ياشىغان دەۋردە فىرانسىيەدە تونۇشلۇق ئىدى.
غەززالىنىڭ«ئازغۇنلۇقتىن قۇتقازغۇچى» نامىلىق پەلسەپە كىتاۋى غەززالىنىڭ مۇھىم شەك ۋە گۇمانى كۆز قارشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى ھەممىگە ئايان.

 


   2. ئىبنى سىينا ۋە دىكارت:
   دىكارتنىڭ ئىسلام پەلسەپىسى بىلەن بولغان ئالاقىسى پەيلاسوپ غەززالى بىلەن چەكلىنىپ قالماستىن، ئۇنىڭدىن باشقا مۇسۇلمان پەيلاسوپلارغىچە تۇتىشىدۇ. ئىبنى سىنا بىلەن دىكارتنىڭ «ئىنسان نەپسى» ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىغا نەزەر سالساق، ئىككى پەيلاسوپنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىنىڭ ئارىسىدا ئالاقىنىڭ بارلىقى چىقىپ تۇرىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئىيتقاندا دىكارتنىڭ ئىبنى سىنادىن بىۋاستە ياكى ۋاستىسىز تەسىرلەنگەنلىك ئىھتىمالى كۈچلۈك. بۇنىڭ ئىككى تۈرلۈك سەۋەبى بار:

 

   بىرىنچى: مىلادىيە 12- ئەسىردىن مىلادىيە 16- ئەسىرگىچە بولغان ئارلىقتا ئىبنى سىنانىڭ كىتابلىرىنىڭ لاتىن تىلىغا تەرجىمە قىلىنغانلىقى.
   ئىككىنچى: ئىبنى سىنانىڭ خىرىستىيان لاتىن پىكىرىگە تەسىر كۆرسەتكەنلىگىدۇر.

 


   3. غەززالى ۋە دىيفىد ھىيۇم:
پەيلاسوپ غەززالىنىڭ:«تاھافۇت پالاسىفە» نامىلىق پەلسەپە كىتاۋى ۋە ئۇنىڭغا رەددىيە بەرىگەن ئىبنى رۇشدىنىڭ «تاھافۇت تاھافۇت» نامىلىق پەلسەپە كىتاۋى ئوتتۇرا ئەسىردە ياۋرۇپادا لاتىن تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان. غەززالى مەزكۇر كىتاۋىدا«سەۋەب قانۇنىيىتى» ھەققىدە تەپسىلى توختالغان.

 

   غەززالى كۆرۈلىۋاتقان ئىشلاردا سەۋەب بىلەن مۇسەببەب (سەۋەب ۋە نەتىجە) ئارىسىدا چوقۇم ئالاقىنىڭ بولۇشىنى رەت قىلىدۇ. غەززالى بۇ ئىككى ئىش ئارىسىدا ئالاقىنىڭ چوقۇم بولىشىنى پەقەت ئادەتكە قايتۇرىدۇ. مۇشۇ تەنقىدنىڭ دەل ئۆزى مىلادىيە 18-ئەسىردە دىيفىد ھىيۇمنىڭ تىلىدا تەكرارلىنىدۇ، لىكىن ئۇ غەززالى دىگەن كۆز قاراشلاردىن ئاشۇرۇپ بىر نەرسە دىمىگەن.

 

   غەززالى بىلەن ھىيۇم ئارىسىدىكى پەرقنىڭ ھەممىسى شۇكى، غەززالى سەۋەب بىلەن مۇسەببەب (سەۋەب ۋە نەتىجە) ئارىسىدا چوقۇم ئالاقىنىڭ بولىشىنى رەت قىلغاندىن كىيىن، تەسىرنى سەۋەبلەرگە سەۋەب بولغۇچى ئاللاھغا باغلايدۇ. ئەمما ھىيۇم بولسا سەۋەبنى رەت قىلىپ، ئادەت دەپ قاراپ، مۇشۇ دائىرىدە توختاپ قالىدۇ ۋە ئاللاھنى ھەممە نەرسىلەرنىڭ ئىللىتى دەپ قارىمايدۇ.

 

   غەززالى سەۋەب قانۇنىيىتىدە -ھىيۇمنىڭ ئەكسىچە- شەك قىلىشنى ئىيىپلىغان ۋە ئۇنى خاتا ئەقلى يەكۈن دەپ قارىغان.
   ئىرنىست رىينان ئۆتكەن ئەسىردە ئىبنى رۇشد ۋە كۆز قاراشلىرى نامىلىق كىتاۋىدا بۇ ھەقتە توختىلىپ:«ھىيۇم سەۋەب قانۇنىيىتىنى تەنقىد قىلىشتا غەززالىدىن ئارتۇق بىر نەرسە دىمىگەن» دەپ بايان قىلغان.(ئىرنىستنىڭ مەزكۇر كىتاۋىنىڭ، 112- بىتىگە قاراڭ).

 

   ھىيۇمنىڭ ياۋرۇپادا كەڭ تارقىلىپ كەتكەن غەززالىنىڭ كۆز قاراشلىرى بىلەن تونۇشماسلىقى بەك يىراق ئىھتىمال...
   بىز بۇ توغرىدا ئىككى مۇسۇلمان مۇتەپەككۈرنىڭ ئىزاھاتىنى قىستۇرۇپ ئۆتىمىز:


   دوكتۇر ئەھمەد فۇئاد ئەھۋانى:«پەلسەپە دۇنياسى»دا نامىلىق كىتاۋىدا مۇنداق دەيدۇ:«يىڭى ئىلىم - پەن ھىيۇمنىڭ كۆز قارشىنى قوبۇل قىلىپ، سەۋەب ۋە مۇسەببەب (سەۋەب ۋە نەتىجە) دىگەن سۆزدىن يىراقلىشىش يولىنى تاللىدى»
مەرھۇم مۇتەپەككۈر مەھمۇد ئابباس ئەققاد«ئىبنى رۇشد» نامىلىق كىتاۋىدا مۇنداق دەيدۇ:«مەلۇمكى، غەززالى سەۋەبلەر مۇسەببەبلەرگە يىقىنلىشىدىغان كۆرۈنۈش بولۇپ، ئۇنىڭ ئىللىتى ئەمەس دەپ قارايدۇ. بۇ كۆز قاراشقا سىرىتقى كۆرنۈشلىرىنى سۈپەتلەش بىلەن چەكلىنىپ، ھەقىقى ئىللىتىنى قىزىپ تەكشۈرمەيدىغان يىڭى ئىلىم-پەن قوشۇلىدۇ»( ئابباس ئەققادنىڭ ئىبنى رۇشد نامىلىق كىتاۋىنىڭ، 77-بىتىگە قاراڭ).

 


   4. ئىسبىينوزا ۋە ئىسلام پەلسەپىسى:
   ئىسبىينوزا بىلەن ئىسلام پىكىرى ئارىسىدا كۈچلۈك ئالاقە بار، بۇ ئالاقە ئىسلام پەلسەپىسىنىڭ لاتىن تىلىغا تەرجىمە قىلىنىشى بىلەنلا پەيدا بولغان ئەمەس. ئۇنىڭغا قوشۇمچە ئەندەلۇس(ئىسپانىيە)دە مۇسا بىن مەيمۇن ۋە ئۇنىڭدىن باشقا يەھۇدى مۇتەپەككۈرلىرىنىڭ ئىسلام پىكىرى بىلەن تەسىرلەنگەن مىراسى ئارقىلىق پەيدا بولغان.

 

   ئىسبىينوزانىڭ «ئىلاھىيەت ۋە سىياسەت» نامىلىق كىتاۋىنى ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلغان دوكتۇر ھەسەن ھەنەفى:«ئىسبىينوزانىڭ كۆز قاراشلىرى، ئىزاھلاش پرىنسپلىرى ۋە ھەقىقەتنىڭ ئايرىمچىلىق ياكى قوش ھەقىقەت نەزىريەلىرىنىڭ ئوخشىشى ئىسلام پەيلاسوپلىرىنىڭ مىراسىدا بولۇپمۇ ئىبنى رۇشدىنىڭ كۆز قاراشلىرىدا تىپىلىدۇ»دەيدۇ.

 

   دىنى ۋە پەلسەپىۋى ھەقىقەت ئارىسىدا زىتلىق بار دىگەن سۆز ياكى قوش ھەقىقەت دىگەن مەشھۇر سۆز غەرب پەلسەپىسىنىڭ نەزىريەسىدۇر. قانداقتۇر ئۇ ئىبنى رۇشدىنىڭ كۆز قارىشى ئەمەس.( ھىنرى كورباننىڭ:«ئىسلام پەلسەپىسىنىڭ تارىخى»نامىلىق كىتاۋىنىڭ، 362-بىتىگە قاراڭ)

 

   ئەمەلىيەتتە ئىسلامدا ھەقىقەت- كۆرۈنىشى بىر قانچە بولسىمۇ- بىر بولىدۇ. چۈنكى ئىسلامدا دىن بىلەن ئەقىل ئارىسىدا زىدىيەت تىپىلمايدۇ. ئىسلامدا دىنى ھەقىقەت بىلەن پەلسەپە ھەقىقەتلىرى- تەجرىبىدىن ئۆتكەن توغرا ئەقلى يەكۈن بولسا- زىتلاشمايدۇ.

 

   پەيلاسوپ ئەبۇبەكرى رازى ئىيتقاندەك ئىشنى نۆلدىن باشلايدىغان پەيلاسوپ تىپىلمايدۇ، پەلسەپە قۇرۇلمىسى ئارقىمۇ- ئارقا ئەۋلاتلار ھەسسە قوشىدىغان ئورتاق قۇرۇلۇشتۇر. يىڭى ئەۋلاتلار بۇ قۇرۇلۇشقا ھەر دەۋردە يىڭى نەرسىلەرنى قوشۇپ تۇرىدۇ...

 

   ئىسبىينوزانىڭ ئىسلام پىكىرىنىڭ كۆز قاراشلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى تەسىرلىنىش ۋە تەسىر كۆرسىتىش پرىنسىپى ئاساسىدا تىخىمۇ چوڭقۇرلاپ تەكشۈرۈشكە توغرا كىلىدۇ. چۈنكى پەلسەپە پىكىرى دىگەن مۇكەممەل قۇرۇلمىنى تەمسىل قىلىدىغان ئىنسانىيەت پىكىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن چۇغراپىيە ۋە ھەزارەت توسالغۇلىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ كىتىدۇ..

 

   ئىسلام ئۆلىمالىرى تەرىپىدىن زىندىق دەپ تەنقىدكە ئۇچرىغان ۋە كۆز قاراشلىرى ئىسلام ئىتىقادىغا كۆرە رەت قىلىنغان ئىبنى ئەرەبىنىڭ «ۋەھدەتۇل ۋۇجۇد» نەزىرىيىسىنىڭ ئوخشىشى ئىسبىينوزانىڭ پەلسەپە كۆز قارشىدا بار. بۇ تىمىنى ئىزدىنىشكە تىگىشلىك. ئەگەر غەربلىكلەر بىزنىڭ ئورنىمىزدا بولغان بولسا بۇ ساھەلەردە كۆپ ئىزدەنگەن بولاتتى. ئەمەلىيەتتە ئۇلار تەسىرلىنىش ۋە تەسىر كۆرسىتىش پرىنسىپى بويىچە ئىسلام پەلسەپىسىنىڭ گىرىك پەلسەپىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختالغاندا چىكىدىن ئاشۇرۋىتىشتى. رىينان بۇ كۆز قاراشنى تەسۋىرلەپ: «ئىسلام پەلسەپىسى ئەرەب ھەرپىلىرى بىلەن يىزىلغان گىرىك پەلسەپىسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس» دىگەنىدى.

 

   «پەلسەپە بىلەن دىننى ئايرىش» لازىم دىگەن كۆز قاراش ئىبنى رۇشدىگە غەرب پەلسەپە كۆز قاراشلىرىدىن چاپلانغان تۆھمەت. ئىبنى رۇشد پەلسەپىۋى كۆز قاراشلىرىدا پەلسەپە بىلەن دىن زىتلىشىپ قالسا ئىككىسىنى ئايرىش لازىم دىگەن كۆز قاراشنى ھىچقاچان ئوتتۇرغا قويمىغان. بۇ غەرب ئەللىرىنىڭ دىن بىلەن ئىلىم-پەننى جۈملىدىن پەلسەپىنى ئايرىش ئىقىمىدا ئىبنى رۇشدگە چاپلانغان غەرب نەزىريەسىدىن ئىبارەت. ئىبنى رۇشد ئىسلام بىلەن پەلسەپىىنى بىرلەشتۈرۈرشكە نورغۇن كۈچ چىقارغان ۋە بۇ توغرىدا كۆپ نەرسىلەرنى يىزىپ قالدۇرغان.( «ئىسلام دىنىنىڭ پەلسەپىسىنى تەرەققى قىلدۇرۇشتىكى رولى»نامىلىق ماقالىمىزگە قاراڭ).

 

   ھىنرى كوربان«ئىسلام پەلسەپىسىنىڭ تارىخى» نامىلىق كىتاۋىدا مۇنداق دەيدۇ:«بىر - بىرىگە زىت ئىككى ھەقىقەت بار دىگەن نەزىريەنى ئىبنى رۇشدىگە نىسبەت بىرىش چىكىدىن ئاشۇرۋەتكەنلىكتۇر» (ھىنرىنىڭ مەزكۇر كىتاۋىنىڭ 362-بىتىگە قاراڭ)

 

   دىمەك، ئىسلامنىڭ بەزى پەلسەپىۋى كۆز قاراشلىرى غەرب دۇنياسىدا بۇرمىلانغان ياكى ئىسلام ئىڭى مەقسەت قىلغاندىن باشقا مەقسەتتە ئىستىمال قىلىنغانلىقى روشەنلەشمەكتە. غەربنىڭ يىڭى پەلسەپىسى چىركاۋغا يەنى دىنغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن پەلسەپە بىلەن دىننى ئايرىۋەتكەن بولسا، ئىسلام دىنىدا دىن بىلەن پەلسەپە ياكى دىن بىلەن ئىلىم-پەن بىر بىرسىنى قوللاپ ماڭىدۇ. ئىسلامدا ئىلىم- پەن ئىسلامغا خىزمەت قىلىدۇ... بىر -بىرى بىلەن زىتلەشمەيدۇ، بەلكى بىر بىرسىنى تولۇقلايدۇ...

 


   5. غەززالى ۋە تەنقىدچىلىك پەلسەپىسى:
   پەيلاسوپ غەززالىنىڭ تەنقىد پەلسەپىسى بىلەن گىرمانىيەلىك پەيلاسوپ «كانت(kant)» نىڭ تەنقىد پەلسەپىسى ئارىسىدىكى ئالاقىنى تەتقىق قىلىش مەيدانى كەڭرى... 20-ئەسىرنىڭ بىشىدا نىمىس تەتقىقاتچىسى ئوۋبىرمان «Obermann» غەززالى توغرۇلۇق «غەززالىنىڭ دىنى ۋە پەلسەپىۋى شەخسىيىتى»توغرىىسىدا كىتاب يازغان. ئۇ كىتاۋىدا غەززالىنى ئىسلام پەلسەپىسىدىكى تەنقىد پەيلاسوپى دەپ قارىغان. باشقىچە قىلىپ ئىيتقاندا كانت ئۇنى ئىسلام پەلسەپىسى دەپ ئىتىبارغا ئالغان.(مەزكۇر كىتابنىڭ 41- بىتىگە قاراڭ).

 

   ھىيۇمنىڭ سەۋەب قانۇنىيىتىنى تەنقىد قىلغان(بۇ سەۋەب قانۇنىيىتىنىڭ دەل ئۆزىنى غەززالى تەنقىد قىلغان ئىدى)لىقىنى ئوقۇغان كانت:«ھىيۇم مىنى ئىتىقاد ئۇيقۇسىدىن ئويغاتتى» دىگەن.( kant: prolegomena.p.6)

 

   غەززالىنىڭ گىرىتسىيە پەلسەپىسىگە ئىنقىلاب قوزغىشى، كانتنىڭ ئۆزىدىن ئىلگىرى پەيلاسوپلارغا ئىنقىلاب قوزغىغىنىغا ئوخشاشلار بىر ئىش.

 


   6. ئىخۋان ساپا ۋە ئىبنى خەلدۇن كۆز قاراشلىرى:
   ئىسلام پەلسەپىسىنىڭ ياۋرۇپا پەلسەپىسى بىلەن بولغان ئالاقىسى مەيدانىدا، ئىخۋان ساپا (مىلادىيە 10- ئەسىردە ئىراقنىڭ بەسرە شەھىرىدە تەشكىللەنگەن جامائەت) نى مىلادىيە 18- ئەسىردە فىرانسىيەدە كۆرۈلگەن ئىلمى گۈللىنىش دەۋرىدىكى پەيلاسوپلىرىنىڭ -ۋە ئۇلار چىقارغان ئىنىسكىلوپىدىيەلەرنىڭ -يىتەكچىلىرى دەپ ئىشارەت قىلىش مۈمكىن.

 

شۇنداقلا ئىبنى خەلدۇننىڭ تارىخ پەلسەپىسى ۋە ئىجتىمائى پەلسەپە كۆز قاراشلىرى ياۋرۇپادا گۈللەنگەن ۋە ئۈنۈم بەرگەن. ئۇلار ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلانغان، بىز بولساق ئۇنىڭ كۆز قاراشلىرىدىن غاپىل بولۇپ، ئۇنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ياۋرۇپا ئارقىلىق تونۇپ يىتىۋاتىمىز..

 

7. لىيبىنتىز ۋە ئىسلام پەلسەپىسى:
   پەيلاسوپ لىيبىنتىزنىڭ روھى زەررىلەر مەزھىبى بىلەن مۇسۇلمان پەيلاسوپلىرى ۋە كالامىيەت ئالىملىرىنىڭ يەككە جەۋھەر مەزھىبىنى سىلىشتۇرۇش مۈمكىن. لىيبىنتىز زەررىلەر ئارىسىدا بىرىكىش ياكى ئۆز-ئارا تەسىر ئالماشتۇرۇشنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلىدۇ، زەررىلەر ئارىسىدىكى ئىشلارنى ئاللاھ زەررىلەرنى بىر- بىرىگە باغلاشنى تەقدىر قىلغان ئەزەلى رەتىمىگە قايتۇرىدۇ.

 

   مۇتەپەككۈر ئابباس ئەققاد «ئىبنى رۇشد» نامىلىق ئەسىرىدە: لىيبىنتىزنىڭ بىرىككەن مۈمكىن نەرسىلەردىكى كۆزقارىشى ئىبنى رۇشدىنىڭ يارتىلغان مۈمكىن نەرسىلەردىكى كۆز قارىشىدىن يىراق ئەمەس دەپ ئىشارەت قىلىدۇ. لىيبىنتىزنىڭ كۆز قارشىنىڭ خۇلاسىسى بىر مۈمكىنلىكنى ئۆزگەرتىش مۈمكىن بولمايدىغان ئىش ئەمەس، لىكىن بىر بىرسىنى تولۇقلايدىغان ۋە بىرسى يەنە بىرسىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان مۇمكىن نەرسىلەرنى ئۆزگەرتىش مۈمكىن بولمايدىغان ئىش دەپ قارايدۇ.

 

   دەل مۇشۇ كۆز قاراشنىڭ ئۆزى ئىبنى رۇشدىنىڭ سۆزى بولۇپ، ئۇ :مۈمكىن نەرسىلەرنى ئۆزگەرتىش جائىز، بۇ ئالەمنىڭ ھەممىسى جائىز ياكى ۋاجىب ۋۇجۇد( ئاللاھ)دىن باشقىسى ئۆزگىرىشنى قوبۇل قىلىدۇ دىگەنلەرگە رەددىيە بەرگەنىدى. ئىبنى رۇشدىنىڭ بۇنىڭغا بەرگەن جاۋابى: ئاللاھ ھىكمەت ئۈچۈن مۇئەييەن سۈرەتتە( شەكىلدە) ياراتقان مەخلۇقاتلارنى ئۆزگەرتىشىڭ مۈمكىن ئەمەس. بولمىسا ئاللاھنىڭ ئۇ مەخلۇقنى شۇ شەكىلدە يارتىشى ئەھمىيەتسىز بىر ئىش بولۇپ قالىدۇ، ئاللاھنىڭ ئەھمىيەتسىز ئىش قىلىپ سىلىشى ئەقىلغا سىغمايدۇ ھەم مۈمكىن بولمايدۇ.

 

   كەڭرى مەلۇماتلىق پەيلاسوپ لىيبىنتىزنىڭ مىلادىيە 12-ئەسىردىن تارتىپ لاتىنچىگە تەرجىمە قىلىنغان ئىسلام پەلسەپىسى بىلەن تونۇشۇپ چىققغانلىقىدا شەك يوق. لىيبىنتىزنىڭ كۆز قارىشى خىلمۇ- خىل ئىقىم ۋە ئوخشاشمىغان يۆلۈنۈشلەر ئارىسنى ماسلاشتۇرۇپ، يىڭى بىر خىل ئىقىمنى مەيدانغا كەلتۈرۈش ئىدى. ئۇ بۇ توغرىدا مۇنداق دىگەن:"ماڭا يىڭى شەكىل كۆرۈندى، شۇ ۋاقىتتىن تارتىپ ماڭا نەرسىلەرنىڭ ئىچىدىن يىڭى تەرەپلەر كۆرۈندى. بۇ يىڭى شەكىل بولسا ئافلاتوننى دىمۇگىراتىيەگە، ئارىستونى دىكارتقا، مەدرىسچىلارنى يىڭى پەيلاسوپلارغا، ئىلاھ ۋە ئەخلاقنى ئەقىلگە باغلاپ، ھەر بىرسىدىن ئۇنىڭدىكى ياراملىقىنى تاللاپ ئىلىش ۋە ئۇنى ھىچ بىر شەخس يىتەلمىگەن دەرجىگە تەرەققى قىلدۇرۇشتۇر".

 


خاتىمە
   بىز خاتىمىدە مۇقەددىمىدە زىكىر قىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، قەدىمى شەرەپلەر ۋە گۈزەل ئەسلىمىلەر بىلەن ئاغزىمىزنى تاتلىق ئەتمەكچى ئەمەس. بىزنىڭ بۇ يەردە تەكىتلەيدىغىنىمىز، ئۆزىمىزگە بولغان ئىشەنچىمىزنى كۈچەيتىپ، بىر قانچە ئەسىردىن بۇيان دۈچ كىلىۋاتقان مەدەنىيەت ۋە ھەزارەت كىرزىسىدىن قۇتۇلۇشقا يول ئىزدەشتۇر.

 

   ئۆزىمىزگە نەزەر سالىدىغان بولساق، ناھايىتى ئىچىنىشلىق ھالدا تۇرۇپتىمىز. پەلسەپە ساھەسىدە بەزىلىرىمىز ئۆتمۈشكە قارايدۇ، يەنە بەزىلىرىمىز غەرب پەلسەپىسىنى پۈتۈن يۆتكەپ كىلىشكە تەلمۈرىدۇ... بۇ ھەر ئىككىلى ئۇسۇل رەت قىلىنىدۇ ۋە توغرا بولمايدۇ.

 

   ئۆتمۈشنى رەت قىلمىغان، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئۆتمۈشكە ئەسىر بولۇپ قالمىغان ئاساستا تىراگىيەدىن چىقىش يولىنى تىپىشقا ئۇرۇنۇشىمىز لازىم. چۈنكى ئۆتمۈشتە توغرا - خاتالىق، ئىيجابى ۋە سەلبىلىك بار.

 

   شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە باشقىلاردىن توغرا پايدىلىنىش كىرەك، يەنى باشقىلاردىكى نەرسە توغرا ۋە مەنپەئەتلىك بولسا ئىلىپ پايدىلىنىش ۋە ياخشى ياماننى پۈتۈن سۆرەپ كىرمەسلىك كىرەك.

 

   بىزدىمۇ ئۆزىمىزنىڭ ئىلمى مىراسىنى ۋە باشقىلارنىڭمۇ مىراسى ۋە مەدەنىيىتىنى تەنقىد قىلىدىغان ئاڭ شەكىللەنسۇن. نىشانىمىزنى ئىنچىكىلىك ۋە ئەقلانىلىق بىلەن بەلگىلەپ، باشقىلارنى قارىغۇلارچە دوراپ كىتىۋەرمەي، توغرا تەرىپىدىن پايدىلىنىشنى، يامان تەرەپلىرىنى سىغدۇرماسلىقنى بىلەيلى...


مۇشۇنداق بولغاندا مۇستەقىل سالاھىيىتىمىزنى ۋە ئالاھىدە مەدەنىيىتىمىزنى تىكلىيەلەيمىز. ئۆزىمىزنى تەتقىق قىلىش بىلەن بىرگە باشقىلارنىمۇ تەتقىق قىلايلى، باشقىلارنى-روس ياكى يات كۆزلەر بىلەن ئەمەس- ئۆز كۆزىمىز بىلەن تەتقىق قىلايلى...

 

   غەرب پىكىرى ھەققىدە ئىزدەنگەندە غەرب ئەقلى ۋە ئۇلارنىڭ كۆزى بىلەن ئەمەس ئۆز ئەقلىمىز ۋە ئۆز كۆزىمىز بىلەن ئىزدىنەيلى. غەرب پىكرىنىڭ تەنقىد قىلىنىدىغان جايلىرى بولسا تەنقىد قىلايلى، شاتۇتىغا ئايلىنىپ قالمايلى...

 

   بىز كىم؟ بىزنىڭ ھەقىقى نىشانىمىز نىمە؟ بىز نىمىنى مەقسەت قىلماقچى؟ نىشاننى قانداق ئىشقا ئاشۇرالايمىز؟ بىز نىمىگە مۇھتاج؟ دىگەن تىمىلارنى بىلىپ تۇرۇپ، ئاندىن پىكىر ئۆزگىرىشى قىلىش زۆرۈردۇر.

 

   مەقسەت ۋە مەزمۇنىغا قارىماي تەرەققىيات دەپ قوبۇل قىلىۋەرمەيلى، كونىلىق ۋە ئارقىدا قالغانلىق دەپ ئەنئەنىۋى سالاھىيىتىمىز، مىللى خاراكتىرىمىز ۋە ئەسلى مەدەنىيىتىمىزنى رەت قىلمايلى..

 

   جەمئىيەتنى تىخىمۇ ياخشى تەرەپكە ھەرىكەتلەندۈرۈش ئۈچۈن پىكىرى يۆلۈنۈشنىڭ بىر قانچە بولىشى ۋە ئۆز ئارا ماسلىشىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. لىكىن پىكىرنى جەمىيەتتىن ئايرىش ۋە جەمىيەتنىڭ قىممەت قارىشى ۋە ئۆرپ-ئادىتىگە كۆز يۇمۇش توغرا بولمايدۇ. چۈنكى ھەر جەمىيەتتنىڭ قىممەت قاراشلىرى شۇ جەمئىيەتنىڭ ئالاھىدە سالاھىيىتى ۋە مۇستەقىل شەخسىيىتىنى بىرىدۇ...

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 1593 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01