پەلسەپە دېگەن نېمە؟(مورتىمېر ئادلېر | ئامېرىكا)

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 2 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

پەلسەپە دېگەن نېمە؟
مورتىمېر ئادلېر (ئامېرىكا)

 


   «پەلسەپە» نىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەيمىز، بەجايىكى ئۇ ئىلىمىي ئىزدىنىشلەرگە ئوخشاپ كەتمەيدۇ، پەن ئېنىق تېمىغا ئىگە. پەلسەپە بارلىق شەيئىي ۋە بىلىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ساھەمۇ قانداق؟ بىز ئۇنىڭدا ئالاھىدە تېما يوق، پەقەت ئىدىيەلا بار، دەپ ئېيتامدۇق؟

 

   پەلسەپە بىزنى  مول، ئېنىق بىلىملەرگە ئىگە قىلىدىغان پەنمۇ؟ ياكى بىر خىل پىكىر سەنئىتىمۇ؟ ئىنسانىيەتنىڭ  نەچچە مىڭ يىللىق مەنزىلى توغۇرلۇق نېمىشقا ھەر خىل پىكىرلەردە بولىمىز؟

 

   پەلسەپىگە تەبىر بېرىش شۇنىڭ ئۈچۈن  قىيىنكى، بىز ئۇنىڭ مۇددىئاسى ۋە ۋەزىپىسى ھەققىدە ھەققىدە  تۈرلۈك قاراشلارغا ئىگىمىز. بىر جەھەتتىن، بىز پەلسەپىنى بارلىق شەيئىلەرگە يېشىم بىرىدىغان ئاساسلىق بىلىم دەپ قارايمىز. يەنە بىر جەھەتتىن بىز پەلسەپىنى تۇرمۇشىمىزنىڭ يېتەكچىسى دەپ قارايمىز. ئوتتۇرا ئەسىردە كىشىلەر پەلسەپىنى ئىلاھىيەتنىڭ دېدىكى دەيتتى، ئەمدىكى كىشىلەر ئۇنى تەبىئىي پەن ۋە ئىجتىمائىي پەنلەر ياردەمچىسى دەپ قارايدۇ.

 

   «پەلسەپە» نىڭ سۆز مەنىسى «ئەقىلنى سۆيۈش» دېگەنلىكتۇر. بۇ مەنىدىن ئېيىتقاندا پەلسەپە بىلىم تاشلىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىدىغان ياكى يۆتكەپ بېرىدىغان تاشچى ئۇستاملا ئەمەس، بەلكى بىر خىل رىغبەت ۋە تەلەپتۇر. سوقرات ئېيتىدۇكى: پەيلاسوپقا كېرەك بولىدىغىنى ئەقىل پاراسەتكە ئېرىشىش ئەمەس، بەلكى سۆيۈش.

 

   سوقرات پەلسەپىنىڭ يولىنى ئېنىق كۆرسەتتى. ئۇ «تەجرىبىدىن ئۆتمىگەن تۇرمۇشنى ياشىغىلى بولمايدۇ، شۇڭا بىز ئەقىلنىڭ يېتەكلىشىنى قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك» دېگەن. مەلۇمكى، سۇئال سوراش ۋە ئىزدىنىش كەيپىياتى دەل پەلسەپىنىڭ ئاساسلىق ئامىلىدۇر. ئۇ يەنە تۇرمۇشنىڭ ئېتىكىلىق ئامىللىرىنى كۆرسەتكەن بولۇپ، ئۇ پەلسەپىلەردە كۆپ تەكىتلەنگەن.

 

   ئارىستوتېل ئۆزىنىڭ ئۆلمەس ئەسەرلىرىدە پەلسەپىنىڭ مەزمۇنىنى لايىھىلەپ چىققان. ئۇ پەلسەپىنى بىر قانچە تۈرگە بۆلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە تەڭداشسىز بولغىنى «بىرىنچى پەلسەپە» ياكى «مېتافىزىكا»، ئۇ ئەڭ ئالىي قائىدە ۋە پرىنسىپلار ھەققىدىكى بىلىملەردىن ئىبارەت. بۇنداق مېتافىزىكا تەكىتلەر پەلسەپە تارىخىدا مۇھىم رول ئويناپ كەلدى.

 

   ھازىرقى ئادەملەر بىلىمنىڭ ماھىيىتىنى تەكىتلەيدۇ. كانت بىلىمنى ئىككىگە بۆلگەن. ئۇنىڭ بىرى، تەبىئىي پەنگە  ماس تەجرىبىۋى بىلىملەر؛ يەنە بىرى پەلسەپە ئارقىلىق يەتكىلى بولىدىغان ئەقلىي بىلىملەر. دەۋرىمىزدە پەلسەپە ئارقىلىق پەن ئوتتۇرىسىدا ئىنىچكە مۇھاكىمىلەر بولماقتا. ئادەتتىكى ئەھۋالدا كىشىلەرنىڭ قوغلىشىدىغىنى پەلسەپە ئەمەس، پەن . ھازىرقى زامان پەلسەپىلىرىنىڭ داغدۇغىسى ئەمەلىيەت نەزەرىيىسى. ئۇنىڭدا پەقەت تەجرىبىۋى بىلىملا  ھەقىقىي بىلىم بولۇپ، پەلسەپە پەقەت ئۇنىڭ شەرھىچىسى ۋە تەنقىدچىسىدىن ئىبارەت، خالاس.

 

   مەن شۇنداق قارايمەن: پەلسەپە پاراسەتكە تولغان روشەن بىلىملەرنى بېرىدۇ. ئۇ ئىنسانىيەت، دۇنيا، خۇدا، گۈزەل تۇرمۇش، جەمئىيەتكە ئائىت ئەقىل پاراسەتلەرنى تەقدىم قىلىپ، شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتى ۋە ھايات نىشانى توغرىسىدىكى مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىدۇ. شۇڭا، ئۇ يۈزەكى ياكى پارچە پۇرات شەيىئىلەر ھەققىدىكى باشقا پەنلەردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.

 

   يۇقىرىقىلار بويىچە بولغاندا، ھەر قانداق كىشى پەلسەپىگە كۆڭۈل بۆلۈشى لازىم. پەلسەپە مۇرەككەپ مېتودولوگىيە ئالىي ماتېماتىكا ياكى نازۇك دىففېرېنسئال ۋە ئىنتېگراللارنى پۇختا بىلىشنى تەلەپ قىلىپ كەتمەيدۇ. ھەقىقىي پەيلاسوپ كەم تېپىلىدىغان گۆھەر، چۈنكى مۇشۇنداق تەرتىپسىز دۇنيادا جان – دىلى بىلەن ئەقىل پاراسەت ئىزدەش تولىمۇ قىممەتلىك روھ. دۇنيا پەيلاسوپنى چاقىرىدۇ، بۇ چاقىرىق ھەر بىرىمىزدە ئىنكاس پەيدا قىلىدۇ. چۈنكى، سەندە خۇادا ئاتا قىلغان قەلب، تەڭداشسىز ھەقىقەتكە بولغان تەشنالىقلا بولىدىكەن، پەيلاسوپ بولالايسەن.

 

   ھەممە سۇئاللىرىڭغا قارىتا جاۋابنىڭ يىپ ئۇچىنى ساڭا تاپشۇردۇم. پەلسەپە بولسا فىزىكا، خىمىيە، بىئولوگىيە قاتارلىق تەجرىبىۋى پەنلەرگە ئوخشىمايدۇ. ئۇ ماتېماتىكىغا ئوخشاش سىستېمىلىق پىكىر ۋە ئانالىزلار ئارقىلىق روياپقا چىقىدىغان ئەقلىي ئىلىم. ماتېماتىكا بىلەن پەيلاسوپ ئورتاق تەجرىبىدىن تاشقىرى ھالدا ئەمەلىيەتكە قارىتا كۆزىتىشكە تايانسىمۇ بولىدۇ. ئۇلار شىرە ئالدىغا ئولتۇرۇپلا بايقاشلىرىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ؛ ئۇلار راھەت ئورۇندۇقتىكى مۇتەپەككۇرلار.

 

   پەلسەپە سەنئەت ئەمەس، لېكىن ئۇنىڭ سەنئەتكە قارىتا يېتەكلەش رولى بولىدۇ. بولۇپمۇ دىئالېكتىكا تېخىمۇ شۇنداق. پەلسەپە ئىلاھىيەت ئەمەس، چۈنكى ئىلاھىيەت دىنىي ئېتىقادتىن كەلگەن. پەلسەپە ساۋاتلارنى چىقىش قىلىپ، كىشىلەرنىڭ ساۋاتلىرىغا يوشۇرۇنغا ھەر خىل چۈشەنچىلەرنى گۈزەللەشتۈرىدۇ ۋە ئۆزگەرتىدۇ.

 

   پەلسەپە ئالدى پەنلەردىن ئەمەس. ئۇ ئارقا پەنگە مەنسۇپ. تارىختىن مەلۇمكى، كىشىلەرنىڭ پەلسەپىگە بولغان ئىنتىلىشى لېكىن  بىز تەجرىبە بىلىملىرىنىڭ ئەركىن دۇنياسىغا يەتكەندىن كېيىن، پەلسەپە يەنىلا ئۇزۇن بىر مۇساپە ئۈستىدە كېتىۋاتقان بولىدۇ. تەجرىبە پەنلىرى پىشىپ يېتىلىپ، بەزى ساھەلەردە ئاخىرقى پەللىسىگە بېرىپ قالدى. پەلسەپە بولسا تېخىمۇ بىر بالا، ئۇ يەنە نەچچە مىڭ يىلدىن كېيىن چوڭ بولىدۇ.

 


مەنبەسى: «غەربنىڭ تەپەككۇرى» ناملىق كىتابتىن ئىلىندى.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 2

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 1096 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01