تەغدىر مەسىلىسى ھەققىدە(نەزىرە مۇھەممەد سالىھ)

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 1 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش
تەغدىر مەسىلىسى ھەققىدە
نەزىرە مۇھەممەد سالىھ
 
 
 
ئىماننىڭ مۇھىم تەركىبى قىسىملىرىدىن بولغان، ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە، پەرىشتىلىرىگە، نازىل قىلغان كىتابلىرىغا، پەيغەمبەرلىرىگە ۋە ئاخىرەتكە ئىمان ئېيىتىش قاتارىدا تىلغا ئېلىنىدىغان تەغدىر سۆزى ئەرەب تىلىدا«القغىائ والقدر» سۆزلىرى بىلەن ئىپادىلىندۇ. قەزا ۋە قەدەر (تەغدىر) مەسىلىسى يەر يۈزىدە ھاياتلىق باشلىنىپ، ئىنسانىيەت سەھىپىسى ئېچىلغاندىن بۇيان، ئىنسانىيەت ئەقلى دۇچ كەلگەن ئەڭ مۇرەككەپ ۋە نازۇك مەسىلىدۇر. قەزا ۋە قەدەر مەسىلىسى ھىجرىيە1-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئىسلام ئۆلىمالىرى ئارىسىدا بەس-مۇنازىرە قوزغىغان. بەندىنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ئۇنىڭ ئۆز ئىختىيارى، ئىرادىسى بىلەن بولىدىغانلىقى ياكى بەندىدە شەخسىي ئىرادە خاھىش بولمىغان ھالدا پەقەت ئاللاھ پۈتكەن تەغدىر بىلەن بولىدىغانلىقىنى، ئەمەلگە يارىشا بېرىلدىغان ساۋاب ۋە جازا بىلەن ئاللاھنىڭ مۇرىد (ئىرادە قىلغۇچى) ۋە ئادىللىق سۈپەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى مەركەز قىلغان، چېتىلىش دائىرىسى كەڭ، دىنىي سەزگۈرلۈكى يۇقىرى مەسىلىلەرنى دەۋر قىلغان ھالدا ئوخشىمىغان كۆز قاراشتىكىلەر ئايىغى چىقماس نۇرغۇن تالاش-تارتىشلارنى قوزغاپ پىرقە-مەزھەپلەرگە بۆلۈنۈپ كەتتى. ھەربىر پىرقە-مەزھەپتىكىلەر قەزا ۋە قەدەر ئاتالغۇلىرىنى ئۆز پىكىرلىرىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان لوغەت ۋە ئېستىلاھ مەنىسى بويىچە ئىزاھلاپ،«قۇرئان كەرىم» ھەدىسلەردىن نەقىل كەلتۈرۈپ. ئۆز كۆزقاراشلىرىنى ئىسپاتلاشقا ئورۇندى.             
 
ئىسلام تارىخىدا ئەڭ دەسلەپ تەغدىر ھەققىدىكى بەس-مۇنازىرىنى قوزغىغان مۇئتەزىلىلەردىن بولغان قەدەرىيلەر، قەدەرىيلەرگە قارشى پىكىردىكى جەبەرىيلەر ۋە ھەرئىككىسىگە رەددىيە بەرگۈچى مۇتەكەللىملەر ئوتتۇرىسىدىكى ئوزۇنغا سوزۇلغان تالاش-تارتىشلار بۇ نۇقتىنى ئوچۇق ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. لېكىن شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش زۆرۆركى، بۇ پىرقىلەر ئاللاھنىڭ قەزا ۋە قەدەرىگە ئىمان ئېيتىش ۋە ئۇنىڭغا رازى بۇلۇشتەك ئەڭ ئاساسىي ئىمانىي مەسىلىدە بىردەكلىككە ئىگە بۇلۇپ، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى تالاش-تارتىش يۇقىرىدا بايان قىلىنغان بەندىنىڭ ئەمەللىرىنىڭ ئىختىيارى ئاساستا ياكى مەجبۇرىي يۇسۇندا پۈتۈلگەن تەغدىر ئاساسىدا بولىدىغانلىقى بىلەن ئەمەلگە يارىشا بېرىلدىغان مۇكاپات ۋە جازانىڭ تەڭپۇڭلۇق مۇناسىۋىتىنى مەركەز قىلغانىدى. مەيلى قەدەرىيلەر، جەبەرىيلەر ۋە ياكى مۇتەكەللىملەر بولسۇن، ھەممىسى ئاللاھ تائالانىڭ :{ئاسمانلارنىڭ ۋە زىمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھنىڭ بالىسى يوقتۇر، پادىشاھلىقتا شېرىكىمۇ يوقتۇر، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى ياراتتى، ئاندىن (ئۆزىنىڭ خاھىشى بويىچە) ئۇنىڭغا مۇناسىپ ئۆلچەمنى بەلگىلىدى}(سۈرە فۇرقان2-ئايەت).{ئېيتقىنكى، بىزگە پەقەت بىر ئاللاھنىڭ تەغدىر قىلغان نەرسىسى يېتىدۇ، ئۇ بىزنىڭ مەدەتكارىمىزدۇر}(سۈرە تەۋبە 51-ئايەت) دېگەن ئاياتلىرىگە شەكسىز ئىمان ئېيتىشاتتى. كۈننىڭ شەرقتىن چىقىپ غەرپكە  پېتىشى، كىچە-كۈندۈزنىڭ، پەسىللەرنىڭ ئالمىشىشىدەك ئاللاھ كائىناتتا بەرپا قىلغان ئۆزگەرمەس قانۇنىيەتلارنى ئاللاھنىڭ ئومۇمىي تەغدىرى دەپ ئىمان ئېيتىشاتتى. پەرىشتە جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئىسلام، ئىمان، ئىھسان توغرۇلۇق سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ جاۋاب بېرىپ:«ئىمان دېگەن ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە، ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە ۋە نازىل قىلغان كىتابلىرىغا، ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلىرىگە،ئۆلگەندىن كېيىن ئاخىرەتتە قايتا تىرىلىشكە، مەيلى ياخشىلىق، يامانلىق بولسۇن، ھەممىسى ئاللاھنىڭ تەغدىرى بىلەن بولىدىغانلىقىغا ئىمان ئېيتىشتۇر»، دېگەن ھەدىسنى سەھىھ ھەدىس دەپ ئېتىراپ قىلىشاتتى.
 
مەنبەسى:  «شەرق يۇلتۇزلىرىنى ئىزلەپ»ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 814 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01