سەنائىل ھەرفىىيە شېئىر شەكلى توغىرىسىدا-ئابدۇقادىر سادىر

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

"سەنائىل ھەرفىىيە" شېئىر شەكلى توغىرىسىدا

ئابدۇقادىر سادىر

 

سەنائىل ھەرفىيە- ئەرەبچە "سانائى"(سەنئەت) سۆزى بىلەن "ھرف"(ھەرپ) سۆزىنىڭ بېرىكىشىدىن تۈزۈلگەن  ئىسىم بولۇپ، "ھەرپ سەنئېتى" دېگەن مەنانى ئاڭلىتىدۇ. ۋەھالەنكى، بۇ ئالاھىدە شېئىر شەكلىنىڭ نامىنى بىلىپ- بىلمەي خاتا ئاتىۋالىدىغان، خاتا ئىزاھلايدىغان ئەھۋاللار پات- پات كۆرىلىۋاتىدۇ. مەن مۇشۇ ئەھۋاللارغا ئاساسەن "سەنائىل ھەرفىيە شېئىرى شەكلىنىڭ بايقىلىشى توغىرىسىدا زۆرۈر ئەسلەتمە" ناملىق ماقالەمدە تەپسىلى توختالغان ئىدىم. ("تارىم" ژورنىلىنىڭ 2009- يىللىق 5- سانىدا). بۇ يەردە شۇنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتمەي بولمايدۇكى، بۇ شېئىرى شەكىلنىڭ توغرا ئاتىلىشىنى "سەنائىل ھەرفىيە" دەيمىز. بۇ يەردىكى "ھەرفىيە" سۆزىنىڭ ئەرەبچە مەنىسى: بىر خىللا ھەرپنىڭ كۆپ يەردە تەكرارلىنىشى دېگەنلىكتۇر. "ھەرفىيات" ("ھەرفىيەت"، ھەرپىيەت" ئەمەس)، بولسا، بىزچە "ھەرپلەر" دېگەنلىك بولۇپ،  ئېلېپبەدىكى بارلىق تاۋۇشلارنى (ھەرپلەرنى) كۆرسىتىدۇ. يەنى، ئېلېپبەدىكى بارلىق ھەرپلەر "ھەرفيات" دەپ ئاتىلىدۇ.

دېمەك، ئۆز ئىسمىدىن مەلۇمكى "سانائىل ھەرفىيە بىر خىل يېڭىچە سەنئەتلىك شېرى شەكىل بولۇپ، "سانائىل ھەرفىيە" شەكلىدىكى شېئىرلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى شەكىل ئاساسى 9- ئەسىردە بارلىققا كېلىشكە باشلىغان قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىكى شېئىرلار بولۇپ، گەرچە ئۇنىڭ شەكىل نامى قويۇلمىغان ياكى بىزگىچە يېتىپ كەلمىگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ شەكىل ئالاھىدىلىكىدىن ئالاھىدە بىر خىل شېئىرى شەكىلنىڭ يارىتىلغانلىقىنى بىلىمىز.

بىزگىچە يېتىپ كەلگەن قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىكى شېئىرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئەينى زاماندىكى شائىرلار تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان بولۇپ، باشقا تىللاردىن تەرجىمە ئارقىلىق كەلگەنلىرىمۇ بار. بۇ شېئىرلار شەكىل جەھەتتىن ئاساسەن "باش قاپىيە" (ھازىرچە شۇنداق ئاتالدى) دە يېزىلىدۇ. ئاياغ قاپىيە، بوغۇم ۋە تۇراق تەڭپۇڭلىقىغا ئانچە ئىتىبار قىلىنمايدۇ. بۇ يەردىكى "باش قاپىيە" ھەر بىر مىسىرانىڭ باش سۆزىدىكى باش ھەرىپ ئوخشاش بىر خىل ھەرپتىن تۈزۈلىدۇ. بۇنداق ئوخشاش ھەرىپلىك سۆزلەر بىر مىسىرانىڭ نىر نەچچە يېرىدىمۇ ئۇچىرايدۇ. بەزىلىرىنىڭ مىسىرا ئاخىرى ھازىرقى شېئىر قاپىيىلىرىدەك توق، ئىزچىل، مۇكەممەل قاپىيىلىنىپ كەلمىگەن بولسىمۇ، ھەر ھالدا خېلىلا قويۇق قاپىيە تۈسىنى ئالىدۇ. مەيلى نېمىلا بولمىسۇن، بىز مۇشۇ شېئىرلارنىڭ شەكلىدە ھازىر بىز دەۋاتقان "سانائىل ھەرفىيە" (ھەرپلەر سەنئىتى) نىڭ ماۋجۇتلىقىنى بىلىمىز.

مەسىلەن: "شۇنداق ئورۇنلاردا" دەپ ئاتىلىدىغان بىر "دالا ناخشىسى" مۇنداق يېزىلىدۇ:

 

        1

"ئالقۇزۇ تۇرۇر قات- قات تاغدا

ئامىل ئاغلاق ئارانياتاندا

ئارتۇچ سۆگۈت ئالتىنتا

ئاقار سۇۋلۇقتا

ئامرانچىغىن ئۇچداچى قۇشقىئالار

تىرىنلىك قوۋراغلىقتا

ئاتقاغىسىزىن مەنگى تەگىنگۈلۈگ ئۇل

ئانى تەگ ئورۇنلارتا

        2

ئىچ تەرىڭ قات بۈك تاغدا

ئىركەكى سۆكى ئارانياتاندا

ئىدىز تىكىن قايالىق باسقۇقلۇغ ئەرىپ

ئىدىز تىكسىزدە

ئمىرت چوغۇت سۆگۈت ئاراسىنتا

ئىچگە- كىئە سۇۋ قىدىغىندا

ئىلتمەكىسىزىن ديان ئولۇرغۇلۇغ ئول

ئانى تەگ ئورۇنلارتا

        3

سەلىڭ بۇلۇڭ تەرىڭ تاغدا

سەۋىگلىگ ئارانياتاندا

سەۋرەلىت ئاقار سۇۋلۇغ ئەرىپ

سەپ سەم ئاغلاقتا

سەكىز تۈرلۈگ پىئىللەر ئۈزە تەبرەمەدىن

سەرىلىپ ئانتا

سەرە يالڭۇزىن نوم مەڭسىن تەگىنگۈلۈگ ئول

ئانى تەگ ئورۇنلارتا

         4  

كۆكەرىپ تۇرۇر كۆركلۈگ تاغدا

كۆڭۈل ياراشى ئاغلاق ئورۇنتا

كۆپ يىگى تەلىم سۈگۈتلۈگ ئەرىپ

كۆپىرىپ تۇرۇر كۆلمەن سۇۋلۇقتا

كۆز باشلاپ قاچىغلارىن يىغىنىپ

كوزۇنمىش بىلىلىمىشچە ئورۇنلارتا

كۇسەنچىگىسىزىن مەڭى تەگۈنگۈلۈگ ئول

ئانى تەگ ئورۇنلارتا

كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، بۇ شېئىرلارنىڭ بىرىنچى كۇبلىتدىكى مىسىرالارنىڭ بېشىدىكى بىرىنچى سۆزى "ئا" ھەرپىدىن، 2- كۇبلىتىدىكى مىسىرالار "ئى" ھەرىپىدىن، 3- سى "س" ھەرىپىدىن، 4- سى "ك" ھەرىپىدىن باشلىنىپ يېزىلىدۇ.

بۇ خىل شەكىلدىكى شېئىرلارغا سەل- پەل ئوخشاپراق كېتىدىغان يەنە بىر خىل "باش قاپىيە" بىلەن "ئاياغ قاپىيە" سى بىللە كەلگەن شەكىلدىكى شېئىرلار چاغاتاي دەۋرىگە خاس بولغان بەزى شېئىرلاردىمۇ ئۇچىرايدۇ. مەسىلەن شەرق كىلاسسىكلىرىدىن مەشرەب "مۇھەممەد" رادىفلىق بىر مۇستەھزادىنىڭ، نەمانگانلىق شائىر مۇخلىسى ئاياغ قاپىيىسى"ئەلف- ا-ئا" بىلەن كېلىدىغان بىر مۇستەھزادىنىڭ ئۇزۇن مىسىرالىرىنىڭ باش ھەرپىنى چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ئېلىپبەسىنىڭ 29 تاۋۇشى (ھەرپى) نىڭ ئېلىپبە تەرتىبىگە بوي سۇندۇرۇپ ("ا- ئا" دىن "ي- يا" غىچە) يازغان (مىسال مەنبەئى: "تۆھبەتۇل ئابىدىن")

 90- يىللارنىڭ بېشىغا كەلگەندە شائىر جاپپار رەھىم قۇچۇ ئىدىقۇت شېئىرلىرىنىڭ شەكلىدىن پايدىلىنىپ، يېڭىچە بىر شېئىرى شەكىل "سانائىل ھەرفىيە" شەكلىنى ئىجاد قىلىپ چىقتى. بۇ خىل شەكىلدىكى شېئىرلار ئارۇز ۋەزىندىمۇ، بارماق ۋەزىندىمۇ يېزىلىدۇ. ئۇنىڭ رۇشەن ئالاھىدىلىكى شۇكى، شېئىر مىسرالىرىنى تەشكىل قىلغۇچى بارلىق سۆزلەرنىڭ باش ھەرپى مەلۇم بىر ھەرپكە بويسۇنغان بولىدۇ. يەنى، مىسىرالار، باش ھەرىپى ئوخشاش بولغان سۆزلەردىن تەركىپ تاپقۇزۇلىدۇ. بۇ يەردىكى مۇھىم ھالقا شۇكى. ھەرىپلەرنىڭ ئوخشاش بولۇشىنى كۆزلەپلا شېئىر تۈزۈپ قويغان بىلەن بولمايدۇ. چۈنكى، ھەر بىر سۆز تەركىپىدىكى بىر خىل ھەرپ شېئىردا ئىپادىلىمەكچى بولغان مەزمۇنغا بويسۇنغان بولىشى كېرەك. بىر پارچە شېئىرنى مەيدانغا چىقىرىش ئۈچۈن سۆزلەر كانى ئىچىدىن يىڭنىدە قۇدۇق قازغانغا ئوخشاش مۇۋاپىق سۆزلەرنى ئىزدەشكە، ئەدەبىي تىلىمىزدىن باشقا يەرلىك شېۋىلەر، قەدىمى ئۇيغۇر تىلى بايلىقلىرىدىنمۇ ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىشقا، تاشلىنىپ قالغان سۆز- ئاتالغۇلارنى قايتىدىن نۇرلاندۇرۇپ، شېئىرنىڭ ئىستىتىك زوق بېرىش سەنئېتىنى كۈچەيتىشكە توغىرا كېلىدۇ. شۇنداقلا. شائىرنىڭ تولۇپ تاشقان شېئىرى ھېسىياتى ئاساسىدا، شېئىرىدا ئالغا سۈرۈلگەن مەلۇم بىر پىكىرنىڭ، مۇئەييەن مەزمۇننىڭ ئىزچىللىقى باشقا شېئىرلارغا ئوخشاش رۇشەنلىككە ئىگە بولغاندىن سىرت يەنە ئوخشاش ھەرپلىك سۆزلەر سەنئېتى ئارقىلىق شېئىرنىڭ بەدىئىي جەلىپ قىلىش كۈچىنى، لېرىكىچانلىقىنى ئاشۇرغان بولىدۇ. شۇڭا بۇ خىل شەكىل شائىردىن يۇقىرى ماھارەت، مول تىل بايلىقى، تىل تاللاش- ئىشلىتىشتىكى ماھىرلىقىنى تەلەپ قىلىدۇ.

بۇ خىلدىكى شېئىرلار 1992– يىلدىن باشلاپ، شائىر جاپپار رەھىم (روھلانى) نىڭ قەلىمى ئاستىدا ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا ئارقا- ئارقىدىن كۆرۈنۈشكە باشلاپ، ئۇيغۇر شېئىرىيەت شەكىللىرىنىڭ قاتارىدىن، جۈملىدىن ئۇيغۇر شېئىرىيەتى خەزىنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

مەسىلەن:

ھېيىت ھالاۋەت، ھېيىت ھۇزۇر، ھېيىتتۇر ھاياتنىڭ ھۆرمېتى،

ھېيىتتا ھەسرەت ھەم ھەسەتنىڭ ھالسىرايدۇ ھەيۋېتى.

ھېيىتتا ھېمايەت، ھېيىتتا ھۆرلۈك، ھېيىتتا ھەمقام ھەر كىشى،

ھېيىتتا ھەمراھتۇر ھىدايەت ھەم ھىلىملىق ھىممىتى.

ھېيىتتا ھازىرلىق ھېسابسىزكى ھېسىپ، ھالۋاغىچە،

ھازىر ھەتتاكى ھېسامنىڭ ھەق ھەزىللىك ھېكمىتى.

ھېس- ھاياجان ھېيىتتا ھاسىل، ھەممە ھاجەت ھېيىتتا ھەل،

ھېيىت ھالاللىق، ھېيىت ھايالىق، ھۆسنىيارلىق ھەرىكىتى.

(جاپپار رەھىم روھلانى: " ھېيىتنامە")

سانائىل ھەرفىيە شەكلىدىكى شېئىرلارنىڭ يەنە باشقىچە شەكىلدە يېزىلىدىغان بىر خىل تۈرىمۇ بولۇپ، ئاساسەن قەسىيدە (مەدىھىيە) تۈرىدىكى شېئىرلاردا قوللۇنىلىدۇ. ئادەتتىكى قىسقا شېئىرلارغا بۇ شەكىل ماس كەلمىگەنلىكتىن، كىلاسسىكلاردىن ئاز بىر قىسمى يېزىپ باققان بولسىمۇ ئانچە ئومۇملاشمىغان. بۇ خىل شەكىلدە، بىر شېئىردىكى ھەر بىر مىسىرانىڭ، بەزىدە ھەر بىر كۇبلىتتىن بىرىنچى مىسىرانىڭ باش ھەرىپى ئۇيغۇر تىلى (قەدىمدە چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى) نىڭ ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە ("ئەلف- ئا" دىن "يا- ي" غىچە) بولغان ھەپرپ تەرتىپىگە بويسۇندۇرۇلۇپ يېزىلىدۇ. بۇنداق بولغاندا، شېئىرنىڭ مىسىرا سانى ياكى كۇبلىتلار سانى ھەرپلەر سانى بىلەن ئوخشاش (تەڭ) چىقىدۇ. بۇ خىل شەكىلنى مەسنەۋى، مۇرەببە، مۇستەھىزاد، مۇخەممەس... قاتارلىق شەكىللەرنىڭ ھەر قاندېقىغا تەدبىقلاشقا (شۇلارغا سىڭدۈرۈپ) يېزىشقا بولىدۇ. مەسىلەن: خوتەن ۋىلايىتى لوپ ناھىيىسىنىڭ جىيا يىزىسىدا ياشىغان شائىر توختى ئاخۇن (غېرىبى) ئۆزىنىڭ مۇخەممەس شەكىلىدە يېزىلغان 39 كۇبلىتلىق بىر قەسىدىسىنىڭ 29– كۇبلىتىغىچە ھەر بىر كۇبلىتنىڭ بىرىنچى مىسىراسىنىڭ باش ھەرىپىنى ئېلىپبە ھەرىپلىرى تەرتىپىگە بويسۇندۇرۇپ تۈزگەن. شېئىر ئۇزۇن بولغاچقا سەھىيپە ئېتىبارى بىلەن ئەسەرنىڭ تېكىستى بېرىلمىدى.

يەنە مەشھۇر ئىسيانكار شائىر مەشرەب "مۇھەممەد" رادىفلىق بىر غەزەل مۇستەھزادىدا، شائىر مۇخلىسىمۇ بىر غەزەل مۇستەھزادىدا ھەر بىر بېيىتنىڭ بىرىنچى مىسىراسىنىڭ باش ھەرىپىنى "ا- ئەلف" تىن "ي- يا" غىچە ھەرپلەرگە بويسۇندۇرۇپ شۇ تەرتىپتە يازغان ("تۆھبەتۇل ئابىدىن" دېگەن توپلامدا)

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 500 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01