ئۇيغۇرلاردىكى ناماقۇللۇق چېيى(مۇتەللىپ ئىقبال)

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 2 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش
ئۇيغۇرلاردىكى ناماقۇللۇق چېيى
مۇتەللىپ ئىقبال
 
 
 
 
بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى ھەر بىر ھەرىكەت ۋە گەپ سۆزلىرىمىز مەلۇم بىر ئادەتنىڭ ، قاراشنىڭ تۈرتكىسىدە بىلەن بولىدۇ . ئەنە شۇ ئادەت ۋە مۇراسىم ئەنئەنىلىرى ئىچىدە ناماقۇللۇق چېيى ۋە مەشرىپى ئۆزگىچە ئەقلىيەتچىلىك بىلەن جەلىپكاردۇر .
 
ناماقۇللۇق چېيى ئادەتتە ئۆز - ئارا زىدىيەتلىشىپ قالغانئىككى كىشى ، دوست - بۇرادەر ، قۇلۇم - قوشنا ، يۇرت - جامائەت ئارىسىدا ئېلىپبارىدىغان ئاداۋەتنى يۇيۇپ ، بۇرۇنقى كۆڭۇلسىزلىكلەرنى ئۇنتۇپ ، باشقىدىن دوست - بۇرادەر ، قۇلۇم - قوشنا بولۇپ ئۆتىدىغان ، ئىككى تەرەپنى ياراشتۇرۇش مەزمۇنىدا ئىلىپ بىرىلىدىغان چايدىن ئىبارەت . ئەگەر ئىككى كىشى ئارازلىشىپ قالسا ، شۇ كىشىلەرگە مۇناسىۋەتلىك ، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ئارا تۇرالايدىغان بىرەيلەن ئوتتۇرىغا چۈشۈپ ، ئالدى بىلەن ئىككى تەرەپنىڭ زىدىيەتلىشىپ قېلىش سەۋەبىنى ئېنىقلاپ ، ئۇلارغائايرىم داستىخان ھازىرلاپ ، ئۈچىيلەن بىر يەرگە كىلىپ ، ئارازلىشىپ قالغان كىشىلەر ئۆتكەن - كەچكەن ئىشلارنى بىر قۇر ئەسلىشىدۇ ياكى ياراشتۇرغۇچى ئۇلارنىڭ قىلغان - ئەتكەنلىرىنى بىر قۇر سۆزلەپ چىقىدۇ . ئوتتۇرىدا بولۇپ ئۆتكەن ئىشلار ئايدىڭلاشقاندىن كىيىن ، ياراشتۇرۇش باشلىنىدۇ . ئىككى تەرەپنىڭ كەتكۈزۈپ قويغان تەرەپلىرى سىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ . قايسى كىشى بەكرەك كەتكۈزۈپ قويغانبولسا ئۆز خاتالىقىنى تونۇپ ، گۇناھىنى ئۈستىگە ئالىدۇ . ياراشتۇرغۇچى ياكى گۇناھى ئېغىر تەرەپ ئارازلىشىپ قالغان كىشىگە چاي قۇيۇپ ، قارشى تەرەپتىن ئەپۇ قىلىشنى ئۆتۈنىدۇ . قارشى تەرەپمۇئۆزىدىن ئۆتكەن تەرەپلىرىنى سۆزلەپ كەمتەرلىك بىلەن خاتالىقىنى تونۇپ ، سۇنغان چاينى قوبۇل قىلىدۇ .
 
ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئاداۋەت شۇنىڭ بىلەن تۈگىگەن بولىدۇ . ئىككى كىشى «ئەسسالامۇئەلەيكۈم » دەپ قايتىدىن كۆرۈشىدۇ ۋە يارىشىدۇ . كېيىنچە بىر - بىرىگەئاداۋەت ساقلاپ يۈرمەيدۇ . ئادەتتە ، ياراشتۇرغۇچىسىز بىرەيلەن بىرەيلەننى ئۆيىگە چاقىرىپ ، چايقۇيۇپ ناماقۇللۇق بىلدۈرىدىغان ئەھۋاللارمۇ بار .
 
قۇلۇم - قوشنا ، يۇرت جامائىتى ئوتتۇرىسىدىكى ئاداۋەتنى يۇيۇش چايلىرىمۇ يۇقىرقىدەك شەكىلدە ئېلىپ بىرىلىدۇ . بۇنىڭدا پەقەت قۇلۇم - قوشنىلارئوتتۇرسىدا ئىككى تەرەپكە ئارا تۇرالايدىغان ، ئىككى تەرەپ ھۆرمەتلەيدىغان ، ئىناۋەتكە ئىگە كىشى ئوتتۇرىغا چۈشىدۇ . يۇرت بىلەن يۇرت كىشىلىرى ئوتتۇرسىدىكى ئاداۋەتلەرنى يۇيۇشمۇ يۇقىرقىغا ئوخشاش بولىدۇ . پەقەت ئىككى يۇرت تەڭ ھۆرمەتلەيدىغان بىركىشى ياكى شۇ يۇرتنىڭ ئاقساقال ، مۆتىۋەرلىرى بولسا ۋە ياكى ئىككى يۇرت ئىچىدىن ئىككى يۇرت كىشىلىرىگىلا ۋەكىل بولالىغۇدەك كىشىلەر بولسا بولىدۇ . ئەگەر ئاداۋەت ئىككى يۇرت كىشىلىرى ئارىسىدا ساقلانغان بولسا ، ۋەكىل كىشىلەر بىر يەرگە كىلىپ گۇناھلىرىنى ئۈستىگە ئىلىشىپ ، ناماقۇللۇق بىلدۈرۈشسە ياكى چاي قۇيۇشسا ئاداۋەت شۇنىڭ بىلەن تۈگىگەن بولىدۇ . ھەممە كىشىلەرنىڭ ناماقۇللۇق چېيى قويۇشى ھاجەتسىز .
 
ناماقۇللۇق چېيى قۇيۇلسا ئىككى كىشى ، قۇلۇم - قوشنىلار ، يۇرت ئەھلىقاتارلىقلار ئارىسىدىكى ئاداۋەت ئاساسەن شۇنىڭ بىلەن تۈگەيدۇ ، ئىككى تەرەپ ياراشتۇرۇغۇچىنىڭ كېلىشىمىگە بويسۇنمايدىغان ئەھۋال ئاساسەن يوق . ئىككى تەرەپ قايىل بولۇشمىسا ھىلىقى ياراشتۇرغۇچىسىن ئابرويلۇق بىرەيلەن ئارىغاچۈشۈپ ناماقۇللۇق چېيى قۇيسا بولىدۇ .
 
ئەگەر يۇرت كىشىلىرى تەرىپىدىن لەنەتگەردى قىلىنغان ، يۇرت كىشىلىرىنىڭ نەزىرىدىن قالغان كىشى بولسا يۇقىرقىدەك شەكىلدە جامائەتكە داستىخان سېلىپ ، ئۆز گۇناھىنى تونۇپ ، ئۇلارنىڭ ئەپۇقىلىشىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ .
 
ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇرلاردا ناماقۇللۇق مەشرىپى ، ئاداۋەتنى يۇيۇش مەشرىپى قاتارلىق مەشرەپلەر بار . ناماقۇللۇق مەشرىپى ئادەتتە مەشرەپ قائىدىسىنى بۇزغان ، مەشرەپ تۈزۈمىنى كۆزگە ئىلمىغان ، مەشرەپكە كىچىكىپ كەلگەن ، كەلمىگەن ، ئىجتىمائى ئەخلاقنى بۇزغان كىشى ئۆزگۇناھىغا ئاساسەن ئۆتكۈزۈپ بىرىدىغان جازا مەشرىپىدىن ئىبارەت .
 
ئاداۋەتنى يۇيۇش مەشرىپى بولسا ئاداۋەتلىشىپ قالغان ئىككى كىشىنى قاتناشتۇرۇپ ئىلىپ بىرىلىدىغان ، ئىككەيلەننى ياراشتۇرۇپ ئاداۋەتنى يۇيۇشنى مەقسەت قىلغان مەشرەپتىن ئىبارەت . ئاداۋەتلىشىپ قالغان كىشىلەر مەشرەپ سورۇنىدا بىر - بىرىگە چاي قۇيۇشۇپ ، قايتىدىن كۆرۈشىدۇ ۋە ئاداۋەتنى ئۇنتۇپ كىتىشىدۇ . مەشرەپ داۋاملىشىدۇ .
 
بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ، خەلقىمىز ئارىسىدا ، بولۇپمۇ ياشلار ئارىسىداناماقۇللۇق چېيىدىن ئىبارەت بۇ گۈزەل ئادىتىمىز ھاراق سورۇنىنى مەركەز قىلىپ ئۆتكۈزىلىدىغان بولدى . ئۆز - ئارا ياراشماقچى بولغان ئىككى تەرەپ بىر - بىرىگە ھاراق قۇيۇش ئارقىلىق ئاداۋەتنى يۇيۇشىدىغان بولدى .
 
ناماقۇللۇق چېيى ، ناماقۇللۇق مەشرىپى ، ئاداۋەتنى يۇيۇش مەشرىپى قاتارلىقلارجەمئىيەتتىكى ئىجتىمائى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ساغلام ئىلىپ بىرىلىشىغا ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيۇشقاقلىق قارىشىنىڭ ۋە ئادىتىنىڭ شەكىللىنىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان . ناماقۇللۇق چېيى ، ناماقۇللۇق مەشرىپى ، ئاداۋەتنى يۇيۇش مەشرىپى قاتارلىقلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئومۇملىشىشى ئۇيغۇر پسېخىكىسىنىڭ خارەكتىرىدىكى ئوچۇق مىجەزلىك ، كۆڭلى - كۆكسى كەڭ بولۇش ، ئىجتىمائى مۇناسىۋەتلەردە ئەقلىيلىكنى مەنبە قىلىشتەك خاسلىقىنى يورۇتۇپ بىرىدۇ ، شۇنداقلا ساغلام بىر جەمئىيەت ھازىرلاشقا تېگىشلىك ئۆلچەم ۋە ئادەتلەرنىڭ بۇرۇندىنلا بارلىقىنى ئىسپاتلاپ بىرىدۇ .
 
بىر مىللەتتە شەرىئەت ، ئادالەت مەھكىمىلىرىنىڭ ، ھەقىقەت دەستۇرلىرىنىڭ بولۇشى جەمئىيەتنىڭ خارەكتىرى ۋە تەرەققىياتىغا باشلىق ئىش . ئەمما ، ھەق - ئادالەت ئىشلىرىنى مەلۇم بىرئۇيۇشۇشچانلىق ئىچىدە سىلىق - چىرايلىق ھەل قىلىش تەدبىرى ۋە ئۇسۇلىنىڭ بولۇشى شۇ مىللەت خارەكتىر كۈچىنىڭ ساپ ۋەئۆتكۈرلىكىنى ئىسپاتلاپ بىرىدۇ . ناماقۇللۇق چېيى ، ناماقۇللۇق مەشرىپى ، ئاداۋەتنى يۇيۇشمەشرەپلىرىنىڭ خەلقىمىزنىڭ تۇرمۇشىدا ئادەت قانۇنى ۋە ھۆكۈم شەكلىدە ئىجرا قىلىنىشى ئەلۋەتتە تىلغا ئالغۇدەك ۋە داۋاملاشتۇرۇدەك قۇتلۇق ئىش.
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 2

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 430 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01