ئۇيغۇرلاردا دەپنىدىن كېيىنكى ئادەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ مەنبەسى ھەققىدە ئىزدىنىش(دىلمۇ

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش
ئۇيغۇرلاردا دەپنىدىن كېيىنكى ئادەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ مەنبەسى ھەققىدە ئىزدىنىش
دىلمۇرات مۇھەممەت
 
 
 
 
     ئۆلۈم-ئىنسان ھاياتىنىڭ تۈگەنچىسى سۈپىتىدە ئىنسان بىلەن ئىنساننى،ئىنسان بىلەن دۇنيانى ئازابلىق رەۋىشتە ئايرىيدۇ.مانا بۇ خىل ئايرىلىش ئېلىپ كەلگەن ئاچچىق تۇيغۇلار خىلمۇ خىل دەپنە پائالىيەتلىرىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن.سېھرىي تۈسكە ئىگە بولغان بۇ دەپنە پائالىيەتلىرى ماھىيەتتە «ئايرىلىش مۇراسىملىرى» دىن ئىبارەت.
 
    دەپنىدىن كېيىنكى تىرىكلەر بىلەن ئۆلگۈچى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت سۇبيېكتىپ جەھەتتىن ئالغاندا،تىرىكلەرنىڭ ئۆزلىرىنى ئۆلگۈچىنىڭ روھىغا باغلاش ئىستەكلىرى سۈپىتىدىكى روھىي ھالەتلىرى بولۇپ ئىپادىلەنسە،ئوبېكتىپ جەھەتتىن،شۇ خىل روھىي ھالەتلەر ئۈستىگە قۇرۇلغان بەزىبىر پائالىيەتلەردە روشەن گەۋدىلىنىدۇ.
 
    ئۇيغۇرلارنىڭ كوللىكتىپ ئېڭىدا ئۆلگۈچىدىن قورقۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلمەيدۇ.بىزنىڭ فولكلور تەتقىقاتىمىزنىڭ ئوبيېكتى كوللىكتىپ ئاڭغا تايانغان ئاممىۋى ھادىسىلەر بولغاچقا،شەخسلەرنىڭ تۇيغۇسىنى نەزەرگە ئالمايمىز.ئۇيغۇر خەلقىدە ئۆلگۈچىدىن ئەيمىنىش تۇيغۇسى ئۇنى رازى قىلىش،خۇش قىلىش تەرىزىدە ئىپادىلىنىدۇ،ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىدا ئۆلگۈچىدىن قورقۇش،قېچىش ئەنئەنىسىگە ئىگە بولغنالىقىدا مەلۇمات يوق.بۇ ئېھتىمال بۇددىزىم ۋە ئىسلامىيەتنىڭ تۈرتكىسىدىن بولسا كېرەك.بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىر-چىراق پائالىيەتلىرى گەرچە ئىسلامىيەت بىلەن شەكلەن باغلىنىشلىق بولسىمۇ،ماھىيەتتە ئۇلاردىكى ئىپتىدائىي ئېتىقاد ئەنئەنىلىرى ۋە بۇددىزىم ئالامەتلىرىنى بايقىۋېلىشقا تەس ئەمەس.
 
    ئۇيغۇرلاردىكى ئۆلگۈچى ئۈچۈن نەزىر قىلىش ئەنئەنىسى دىنىي ئىدىئولوگىيىلەر بىلەن چېتىلىشى مۇمكىن.ئۆلگۈچىگە ئاتاپ نەزىر قىلىش ئادىتىگە تۈرتكە بولغان يەنە بىر سەۋەپ بار.يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي قارىشىدا،ئادەم ئۆلگەندىن كېيىنتەندىن ئايرىلغان روھ ئۈچ كۈنگىچە ئۆيدىن ئديرىلماسمىش،يەتتىنچى كۈنى ئۆيدىن چىقىپ ھويلىدا بولارمىش،قىرىق كۈنگە توشقاندا ئۆي بىلەن قەبرىستانلىق ئارىسىدا ئايلىنىپ يۈرەرمىش،بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن يەتتىنچى ئاسمانغا چىقىپ تەڭرى ۋە باشقا روھلار بىلەن بىللە ياشارمىش. بۇ قاراش بۇددا دىنىدىكى نۇقتىئىنەزەرلەرگە ئوخشاپ كېتىدۇ.ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆلگۈچىگە ئاتاپ ئاتاپ ئۆكۈزىدىغان نەزىر پائالىيەتلىرىنىڭ قەرەللىرىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىردەكلىككە ئىگە.ھالبۇكى،بۇ سانلارنىڭ بۇددا دىنىدىكى ئۆلگۈچىگە ئاتالغان نەزىر ۋە ئىستىغپار قەرەللىرى بىلەن بىردەك بولماسلىقى،روشەنكى بۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس سان چۈشەنچىلىرى ۋە ئېتىقادلىرى رول ئوينىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
 
 
    ئىسلامىيەتنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ نەزىر قىلىش ئادىتى توغرىسىدا مەھمۇد قەشقىرى مەلۇلات بېرىدۇ.يەنى شۇ چاغلاردا«يوغ»دېگەن سۆز «نەزىر»مەنىسىدە ئىشلىتىلگەن بولۇپ،ئۇ مىيىت كۆمۈلگەندىن كېيىن ئۈچ كۈنگىچە ياكى يەتتە كۈنگىچە بېرىلىداغان ئاش بولۇپ،ئۇ «يوغلادى»«ئول ئۆلۈككە يوغلادى»دېگەندەك شەكىللەردە قوللىنىلاتتىكەن.شۈبھىسىزكى،«يوغ»ئادىتى توغرىسىدىكى بۇ ئۇچۇر بىزنىڭ يۇقىرىقى مۇلاھىزىلىرىمىزنى يەنىمۇ كۈچلۈك پاكىتقا ئىگە قىلىدۇ.ئۇيۇغۇرلارنىڭ بۇ خىل ئەنئەنىسى ئەسلى شامانىزىم ۋە بۇددىزىم دەۋرىنىڭ مەھسۇلى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس چۈشەنچىلىرى ۋە كېيىنكى ئىسلام دىنى ئەنئەنىلىرى بىلەن بىرىكىپ بۈگۈنكى كۈنگە ئۇلاشقان.
 
    دەپنە پائالىيەتلىرىدىن كېيىنكى يەنە بىر مۇھىم مەسىلە-قارلىق تۇتۇش، بۇخىل ئادەت ئىسلامىيەتتىن بۇرۇن ۋە ئىسلامىيەتنىڭ ئۆزىدە ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت.بىراق ئۇلارنىڭ شەكلى،ماھىيىتىدە پەرق بار.بۈگۈنكى ئۇيۇغۇرلارنىڭ قارلىق تۇتۇش ئادەتلىرىدە ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلار ئەمەل قىلىۋاتقان ئۆلگۈچىگە 40 كۈن قارلىق تۇتۇش ئەنئەنىسىنىڭ يىلتىزىنى يەنە بۇددا دىنىدىن سۈرۈشتۈرىشىمىز مۇمكىن.
 
    ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆلگۈچى ئۈچۈن 40 كۈن ئىچىدە چاچ-ساقال ئالدۇرماي،چاچ تارىماي يۈرۈشى پەقەت بىر خىل رەسىم-ئادەت سۈپىتىدىلا داۋاملاشقان.ئۇنىڭ ئەسلى ماھىيىتىدە ئۆلگۈچىگە بولغان سادىقلىق،قايغۇ،ئېچىنىش،ھېسداشلىق مەنىلىرى يوشۇرۇنغان.
 
    ئۇيغۇر تىلىدىكى «قارىلىق»سۆزى ئەرەبچىدە «اللاخداد»سۆزى بىلەن باراۋەر كېلىدۇ.بۇ سۆزنىڭ لۇغەت مەنىسى-خۇش پۇراق نەرسىلەرنى،چاچ مېيى،گىرىم بويۇملىرىنى ئىشلەتمەسلىك،زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقىماسلىق،خېنە ياقماسلىق،سەۋەبسىز (كۆز ئاغرىقى بولمىسا) سۈرمە تارتماسلىق،رەڭدار كىيىملەرنى كىيمەسلىك ۋەھاكازالارنى كۆرسىتىدۇ. ئىسلامىيەتتە ئادەتتە بۇنداق قارلىق تۇتۇش ۋاقتى ئۈچ كۈندىن ئاشمايدۇ.
 
    شۈبھىسىزكى،ئىسلامىيەتتە ئۆلۈم بەك چوڭ ھادىسە ھىسابلانمايدۇ.ئۇنىڭ ئۈچۈن زىيادە قايغۇرۇپ،قارلىقنى چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىشنىڭ ھەممىسى ئاللانىڭ ئىرادىسىگە نارازى بولغانلىق قاتارىدا سانىلىدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىسلامىيەتتە ئۆلۈم ھاياتلىقنىڭ پۈتۈنلەي ئاخىرلىشىشىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.ئاخىرەت كۈنى ئايرىلغانلار قايتا جەم بولىدۇ.
 
    «قارىسىنى سۇندۇرۇش»ئادىتىگە كەلسەك،ھازىر ئۇيغۇرلاردا بۇنىڭ نەچچە خىل شەكلى بار.يۇرتلاردا قىرىق كۈن توشقاندا قولۇم-قوشنىلار ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى يوقلاپ كىرىپ،ئاق ياغلىقلىرىنى ئېلىۋېتىدۇ.چاچلىرىنى يۇيۇپ،تاراپ قويىدۇ.ئەرلەرمۇ بېلىدىكى ئاقنى يېشىدۇ،ساقال-بۇرۇتىنى ئالىدۇ.
 
    قەبرە بېشىدا ئۈچ كېچە ئولتۇرۇپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىش ئەنئەنىسى گۆرىستاننىڭ كەچتىكى قاباھىتى ھەممە ئادەمنى شۈركەندۈرىدۇ،يېڭىلا ئۆلگەن كىشىنڭمۇ بۇ خىل قورقۇنۇشنى باشتىن كەچۈرمەسلىكى كىشىلەرگە مۇمكىنسىز تۇيۇلىدۇ.شۇڭا،ئۇنىڭغا بىر نەچچە ۋاخ ھەمرا بولۇپ،ئۇنىڭ يېڭى جايغا كۆنۈۋېلىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك.گەرچە بۈگۈنكى كۈندە بۇ خىل ئادەت ئىسلام دىنى بىلەن نىقابلىنىپ،يۇقىرىقى ئىشەنچىلەرنى كىشىلەرگە ئۇنتۇلدۇرغان بولسىمۇ،بىراق ھازىدارلارنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىدا يەنىلا شۇ خىل ئىستەكلەر،تۇيغۇلارنىڭ بولماسلىقى مۇمكىن ئەمەس.
 
    قارىلىق كىيىملىرى ھەققىدىكى ئۇقۇم ياكى ئەنئەنە پۈتكۈل دۇنيادا ئومۇميۈزلۈك ھادىسە بولۇش بىلەن بىرگە،ئۇيغۇرلاردا ناھايىتى روشەن گەۋدىلىنىدۇ. «قارىلىق»سۆزى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاڭ ياغلىق چېگىپ،ئاق بەلباغ باغلىشى ئارىسىدا زىددىيەت بولسىمۇ،ئادەتتە كىشىلەر بۇنىڭغا ئانچە ئېتىبار بەرمەيدۇ.بۇ مىللى ئۆرپ-ئادەتلەرنىڭ ئاڭسىز تەرىزدە تەبىئىي داۋاملىشىش خۇسۇسىيىتىنى كۆرسۈتۈپ بېرىدىغان بىر پاكىت.ئىسلامىيەتتە.مەخسۇس قارىلىق كىيىمى كىيىش توغرىسىدا بەلگىلىمە يوق،پەقەت رەڭدار بولمىغان،سىيدام كىيىملەرنى كىيسىلا كۇپايە قىلىدۇ.ھالبۇكى، ھازىدار ئاق كىيىنىش ئەنئەنىسى پۈتكۈل جۇڭگودىكى خۇيزۇلاردا،ئۇيغۇرلاردا ۋە خەنزۇلاردا ئورتاق ھالدا كۆرۈلىدۇ.بۇ يەردە قانداقتۇر بىر خىل قەدىمكى دىنىي ئىدىئولوگىيىنىڭ بىردەك تەسىرىنى ھېس قىلىش مۇمكىن.قارلىق كىيىملىرى ھەققىدىكى ئەنئەنىلەرنىڭ ھەممىسى ئاق چىگىش،باغلاش بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ.ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە ئومۇميۈزلۈك ھالدا گۈللۈك،رەڭدار ياكى يېڭى كىيىملەرنى كىيىشنى چەكلەشى ئىسلامغا لايىق.ماتەمدارلارنىڭ يالاڭۋاشتاق يۈرمەسلىكى بولسا، باشقا مەنبەگە باغلىنىدۇ.
 
    ئۇيغۇرلارنىڭ دەپنىدىن كېيىنكى باشقا پائالىيەتلىرىدە ئومۇمەن ئىسلامىيەت ئەنئەنىلىرى مۇھىم مەنبە بولغان.ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يەنە قىسمەن مىللىي،قەدىمكى ئەنئەنىلەرنىڭ ئامىللىرىنىمۇ بايقاش مۇمكىن.مەسىلەن،«تاۋاق كىرگۈزۈش»ئادىتى دەپنە-ئۆلۈم ئەنئەنىلىرىمىزنىڭ ئالاھىدە ئىلغار بىر قىسىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن بىۋاستە ھالدا ئىسلام يوسۇنلىرىغا چېتىلىدۇ.ئۇ، قوشنىلار،دوستلار ئارا مۇناسىۋەتنىڭ كۈچىيىشى،مەھەللىۋى ئىتتىپاقلىق جەھەتلەردە ئاكتىپ رول ئوينايدۇ.ئاداۋەتلىشىپ قالغانلار مۇسىبەتنى ۋاستە قىلىپ تۇرۇپ بىرەر قېتىم تاماق ئەكىرىش بىلەنلا ياخشىلىشىپ قالالايدۇ.مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا،بۈگۈنكى كۈندە ئۇ مىللىي ئۆرپ-ئادىتىمىزنىڭ داۋاملىق جارى قىلدۇرۇشقا تېگىشلىك،ئىلغار بىر تەركىبىي قىسمى بولۇشقا لايىق.
 
    قەبرە يوقلاش ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل ئەنئەنىسىنى يالغۇز ئىسلام دىنىدىن كەلگەن دەپ كېسىپ ئېيتىشقا بولمايدۇ.بۇ خىل ئەنئەنە تەركىبىدىكى غەيرىي ئىسلام ئامىللىرى ئىسلامىيەت دەۋرىدىن بۇرۇنقى ئۇيغۇرلارنىڭ قەبرە يوقلاش ئادەتلىرى ھەم ئۇلارنىڭ مەنەلىرىدىن دېرەك بېرىپ تۇرىدۇ.ئىسلام دىنىدا دەسلەپ قەبرە زىيارىتى چەكلەنگەن.كېيىن يولغا قويۇلغان دىيىلىدۇ.
 
    ئىسلامىيەت بىلەن بىۋاستە چېتىشلىقى بولغان ئادەتلەردىن يەنە بىرى،تەھلىل ئوقۇش ئەنئەنىسى بولۇپ،ئەر ھازىدارلار مىيىتنى دەپنە قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئايال ھازىدارلارنىڭ ئۆيدە يىغىلىپ ئولتۇرۇپ دۇرۇت ئوقۇش پائالىيىتىنى كۆرسىتىدۇ.
 
    ئومۇمەن،دەپنە مۇراسىمى ئاياقلاشقاندىن كېيىنكى بۇ ھالەت، پائالىيەتلەردە كۆپەرەك غەيرىي ئىسلام ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.بىراق ئۇلارنىڭ ھەممىسى كىشىلەر تەرىپىدىن ئاڭسىز ھالدا قوبۇل قىلىنىپ ھەم ئىجرا بولۇپ كەلمەكتە.بۇمىللىي ئەنئەنىلىرىمىزنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى نامايان قىلىپ تۇرىدىغان كونكرېت ھادىسىلەر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىسلام دىنى مۇھىتىدا ئىسلام تۈسىنى ئېلىپ داۋامىلىق مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن.
 
 
 
شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىىتېتى ئىلمىي ژورنىلى 2004-يىل 1-ساندىن ئېلىندى.
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 743 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01