ئىسلام دىنىدىكى خاۋارىجلار توغرىسىدا(پەرھات غاپپار)

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش
ئىسلام دىنىدىكى خاۋارىجلار توغرىسىدا
پەرھات غاپپار
 
 
 
 
خاۋارىجلار تارىخىي مەنبەلەردە خاۋەرىجىيە ، خارىجىيە پىرقىسى قاتارلىق ناملار بىلەنمۇ ئۇچرايدۇ .  ئىسلام تارىخىدا تۇنجى بولۇپ ھەزرىتى ئەلى تەرەپدارلىرىدىن بۆلۈنۈپ چىققان ۋە كېيىنكى دەۋرلەردە ئىسلامنىڭ سىياسىي سەھنىسىدە خېلىلا زور تەسىرگە ئىگە بولغان گۇرۇھ بولغانلىقى ئۈچۈن ، تارىخچىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۇنى پىرقە ئەمەس، بەلكى مۇستەقىل بىر مەزھەب سۈپىتىدە تونۇپ ، مەنبەلەردە ئايرىم سەھىپىلەرنى ئاجرىتىپ تونۇشتۇرۇشقان . شۇڭا مەزكۇر ماقالىدە، بۇ گورۇھنى «مەزھەب» دەپ ئاتاشنى توغرا تاپتۇق .
 
مەزكۈر مەزھەبنىڭ نامى سۈپىتىدە قوللىنىۋاتقان «خاۋارىج» سۆزى «بۆلۈنۈپ چىققان» دېگەن مەنىدە بولۇپ ،ئۇ دەسلەپتە ھەزرىتى ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپنىڭ شام ۋالىسى مۇئاۋىيەگە قارشى ئۇرۇشتا ئەلىدىن كۆڭلى رەنجىپ بۆلۈنۈپ چىققان بىر گورۇھ كىشىلەرنى كۆرسىتەتتى . بۇ گۇرۇھدىكى كىشىلەرنىڭ ھەزرىتى ئەلى بىلەن بولغان ئىختىلاپى سىففىن ئۇرۇشى ( 657 - يىلى ) دا يۈز بەرگەنىدى. يەنى ئۈچىنچى خەلىپە ئوسمان مىلادىيە 656 - يىلى قەستكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەلى خەلىپە بولۇپ سايلىنىدۇ. خەلىپە ئوسماننىڭ بىر نەۋرە ئىنىسى، سۈرىيىنىڭ باش ۋالىسى ئوسمان قەستلەندى دېگەننى باھانە قىلىپ، ھەزرىتى ئەلىنى قاتىلنى قانات ئاستىغا ئالدى دەپ ئەيىپلەيدۇ ھەمدە ھەزرىتى ئەلىنىڭ خەلىپىلىك ئورنىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى كۆرەش ئىنتايىن جىددىي بولۇپ، ئاخىرى سىففىن ئۇرۇشى پارتلايدۇ، بۇ قېتىمقى ئۇرۇش ئۈچ ئاي داۋاملىشىدۇ. بۇ ئۇرۇشتا ئەلىنىڭ لەشكەرلىرى مۇئاۋىيەنىڭ لەشكەرلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىدۇ. مۇئاۋىيە تەرەپدارلىرىنىڭ مەغلۇبىيىتى يېقىنلاشقان ۋە ئەلىنىڭ نۇسرەت قازىنىشى مۇقىملاشقان بىر پەيتتە، مۇئاۋىيە تەرەپدارلىرى قورال كۈچى بىلەن تاقابىل تۇرالمىغان دۈشمەنلىرىگە سۈلھى تۈزۈش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىپ ، قېيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈشنىڭ ئامالىنى ئىزدەيدۇ . بۇ ئىشتا ئۇلار ئەمىر ئىبنى ئاسنىڭ ھىيلىسى بويىچە بارلىق لەشكەرلەرنىڭ نەيزىسى ئۇچىغا « قۇرئان كەرىم » ۋاراقچىلىرىنى ئېسىپ ، قارشى تەرەپنىڭ غەلىبە قىلىش ئالدىدا تۇرغان قوشۇنىنىڭ ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توختىتىپ ، مەغلۇبىيەتتىن ساقلىنىپ قالماقچى بولىدۇ. بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن، ئۇلار يەنە بارلىق زىددىيەتلەرنى قان تۆكۈش يولى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئاللاھنىڭ كالامى ۋە رەسۇلىللانىڭ ھەدىسلىرىگە تايانغان ھالدا ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالىدۇ. ئەمىر ئىبنى ئاس ئويلاپ تاپقان بۇ خىل ئامال، شۇ پەيتتە ھەقىقەتەن كارغا يارايدۇ . چۈنكى، ئەلىنىڭ ئەسكىرىي سېپىدە نۇرغۇن موللا ، قارىيلارنىڭ بارلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەلىگە بولغان تەسىر كۈچىنىڭ خېلىلا زور ئىكەنلىكىنى قارشى تەرەپ ئالدىن مۆلچەرلىگەنىدى . ئالدى بىلەن دەل مۇشۇ تەقۋادار كۈچلەر قارشى تەرەپ لەشكەرلىرىنىڭ نەيزە ئۇچلىرىغا ئېسىلغان « قۇرئان كەرىم » ۋاراقچىلىرىنى كۆرۈپ ، ئەلىنى سۈلھى تۈزۈشكە دەۋەت قىلىشىدۇ . ئەلىنىڭ ھەربىي مۇشاۋىرلىرىمۇ « قارشى تەرەپ بىزنى بارلىق ئىختىلاپلارنى ‹ قۇرئان كەرىم › ئاساسىدا ھەل قىلىشقا چاقىرغان پەيتتە، بىز شەمشەر كۆتۈرۈپ قان تۆكسەك ئادىللىق بولماسمىكىن » دەپ ئەلىنى سۈلھى يولىنى تۇتۇشقا ئۈندىشىدۇ . بۇ خىل تەشەببۇس ئەلىنىڭ ئەسكىرى سېپىدىكىلەرنىڭ كۆپ قىسمى تەرىپىدىنمۇ قوللاشقا ئېرىشىدۇ . ئەلۋەتتە قوماندان ۋە ئەسكىرىي سەپتىكىلەردىن يەنە بىر قىسمى گۇمران بولۇش ئالدىدىكى مۇئاۋىيە قوشۇنىنىڭ ئاخىرقى تەقدىرىنى ھەل قىلىپ ، ھاكىمىيەتكە تەھدىت بولىۋاتقان بۇ كۈچنى تامامەن يوقۇتۇشنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالىدۇ . ھەزرىتى ئەلى كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ تەلىپىنى ماقۇل كۆرۈپ ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى بارلىق زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە قورۇلىدىغان مۇھاكىمە سوتى تەشكىللەشكە رازىلىق بېرىدۇ . بۇ سوتتا ئەبۇمۇسا ئەشئەرى ئەلىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ۋە ئەمىر ئىبنى ئاس مۇئاۋىيەگە ۋەكىللىك قىلىدىغان داۋەگەرلەر بولۇپ تەيىنلىنىدۇ .
 
ئەلىنىڭ مۇرەسسەچىلىك يولىنى تۇتۇشى، مۇئاۋىيە بىلەن سۈلھى تۈزۈشكە رازىلىق بەرمىگەن بىر قىسىم لەشكەر ۋە ئەمىر لەشكەرلەرنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغايدۇ . ئەلىنىڭ لەشكەرلىرى كۇفەگە قايتقاندىن كېيىن سۈلھى تۈزۈشتىن نارازى بولغان بۇ بىر قىسىم كىشىلەر ئەلىنىڭ سېپىدىن بۆلۈنۈپ چىقىپ ( شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار خاۋارىجلار ، خارىجىلەر ― سەپتىن چىقىپ كەتكەنلەر ، بۆلۈنۈپ كەتكەنلەر، دەپ ئاتىلىدۇ ) ، كۇفەنىڭ يېنىدىكى ھەرۇرا دېگەن يېزىغا توپلىشىدۇ . ئۇلارنىڭ قارىشىچە، مۇئاۋىيەنىڭ تەقدىرىگە قارىتا ئاللاھنىڭ ھۆكمى چىقىرىلىپ بولغان ۋە بۇ ھۆكۈمگە ئاساسەن ئۇ يېڭىلگەنىدى . ئەمما،ھەزرىتى ئەلى ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە قارشى يولنى تۇتۇپ ، خاتالىق سادىر قىلدى . چۈنكى مۇقەددەس كىتابتىمۇ « لا ھۇكمە ئىللەللاھى » ( ئاللاھنىڭ ھۆكمىدىن باشقا ھېچقانداق ھۆكۈم مەۋجۇت ئەمەس ) دەپ ئېنىق يېزىلغان ، ئەلىنىڭ شۇنداق پەيتتە سۈلھى يولىغا مېڭىشى ئىلاھىي ھۆكۈمگە قارشى چىققانغا باراۋەر ئىدى.
 
ھەزرىتى ئەلى بىر قىسىم لەشكەرلەرنىڭ نارازى بولۇپ بۆلۈنۈپ كەتكەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا بارىدۇ ۋە نارازىلىقىنىڭ سەۋەبلىرىنى تەپسىلىي ئاڭلايدۇ . كەينىدىن ئۆز قارارىنىڭ خاتا ئەمەسلىكى توغرىسىدا پاكىت كەلتۈرۈپ ، ئۇلارنى قايىل قىلىشقا تىرىشىدۇ . ئەمما، ھەزرىتى ئەلى بۆلۈنۈپ كەتكەن 12 مىڭ كىشىدىن پەقەت ئىككى مىڭنىلا قايىل قىلىپ ، ئۆز سېپىگە قايتۇرۇپ كېلەلەيدۇ . قالغانلىرى ئەلىنىڭ ئىلگىرىكى ئەمىر لەشكەرلىرىدىن بىرى بولغان ئابدۇللاھ ئىبنى ۋاھاب رەسىبى باشچىلىقىدا ئەلىنىڭ سۆزلىرىگە قايىل بولماي ، ئۇنىڭ پەرمانلىرىغا ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتىشىدۇ ھەمدە ئابدۇللاھ ئىبنى ۋاھاب رەسىبىنى ئۆزلىرىنىڭ خەلىپىسى دەپ بىلىپ، ھەزرىتى ئەلى بىلەن مۇ ئاۋىيىنىڭ ئىسلام جەمئىيىتىدىكى ئورنىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى جاكارلايدۇ. ھەزرىتى ئەلى ئاخىر باشقا ئىلاجنىڭ قالمىغانلىقىنى تونۇپ يېتىپ ، ئۇلارغا قارشى جەڭ ئېلان قىلىدۇ . خاۋارىجلار بۇ قېتىم ئۇرۇشتا قاتتىق زەربە يەپ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان، باشلىقى ئابدۇللاھ ئىبنى ۋاھاب رەسىبى جەڭدە ئۆلگەن ۋە ناھايىتى ئاز بىر قىسمى ھايات قالغان بولسىمۇ ، لېكىن ئۇلار بىر سىياسىي گۇرۇھ سۈپىتىدە تامامەن يوقۇلۇپ كېتىشتىن ساقلىنىپ قالىدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۆچ ئېلىش ۋە ئۆزىنى بېغىشلاش روھى تېخىمۇ ئۇرغۇيدۇ. ئۇلار ھەزرىتى ئەلى ۋە مۇ ئاۋىيىدىن يۈز ئۆرىگەندىن كېيىن، ئۆزلىرىنى بىردىن بىر لاياقەتلىك، توغرا ئېتىقادقا ئىگە ھەمدە مۇسۇلمان دۇنياسىدا رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرالايدىغان گورۇھ ھېسابلايدۇ. كېيىنچە ھەزرىتى ئەلى تەرەپدارلىرى ئىچىدىكى باشقا نارازى كۈچلەرمۇ تەدرىجى ھالدا خاۋارىجلار سېپىگە قېتىلىپ، مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىلىپ ، كۈچلۈك تەرغىباتلار بىلەن شوغۇللىنىدۇ .ئۇلارنىڭ سىياسىي ۋە دىنىي جەۋەتتىكى بۇنداق خىيالى ئۇمەييە سۇلالىسى بىلەن قىلغان ئۈزلۈكسىز جەڭلەردە ئاشكارىلىنىدۇ. خاۋارىجلارنىڭ مەقسىتى تىغ ئۇچىنى ھەزرىتى ئەلىگىلا قارىتىش بولماستىن، قۇرەيىش قەبىلىسىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ يۇقىرى قاتلام رەھبەرلىرىگە قارىتىش بولىدۇ. ئۇلار ئۆز تەشەببۇسلىرىدا بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ باراۋەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغاچقا تېز سۇرئەتتە راۋاجلىنىپ ، بارغانسېرى كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ ، قىسقىغىنە مۇددەت ئىچىدە بىر كىچىك سىياسىي گۇرۇھدىن تەرەققىي قىلىپ ، ئىسلام دۇنياسىنىڭ سىياسىي سەھنىسىدە تەسىرى خېلىلا زور بولغان كۈچلۈك دىنىي - سىياسىي ئېقىمغا ئايلىنىدۇ .
 
خاۋارىجلارنىڭ قارىشىچە، ئىسلام دۇنياسىدىكى بارلىق تەڭسىزلىك ۋە ئاخىرى چىقمايدىغان تالاش - تارتىشلار ، تىنچسىزلىقلارنىڭ مەنبىئىي ― مۇئاۋىيە ۋە ئەلەۋىيە ( ھەزرىتى ئەلى تەرەپدارلىرى ) نىڭ ئۈستۈنلۇك ئىگىلەپ تۇرغانلىقىدا دەپ قاراپ ، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ باشلىرى بىلەن بىرگە سىففىندىكى سۈيىقەستنى پىلانلىغان ئەمىر ئىبنى ئاسنى جىسمانىي جەھەتتىن يوقىتىشنى پىلانلاپ ، ئىشەنچلىك ۋە مەخسۇس تەربىيە كۆرگەن قاتىللاردىن ئۈچنى تاللاپ ، ھەزرىتى ئەلى، مۇئاۋىيە ۋە ئەمىر ئىبنى ئاسنى ئۆلتۈرۈشكە ئەۋەتىدۇ . ھەزرىتى ئەلى كۇفە مەسچىتىدە بامدات نامىزى ئوقۇۋاتقاندا ، خاۋارىجلار مۇرىتى ئىبنى مولجەم تەرىپىدىن سۈيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلىدۇ . ئەمىر ئىبنى ئاس شۇ كۈنى بامدات نامىزىغا بارمىغانلىقى ئۈچۈن قۇتۇلۇپ قالىدۇ ، مۇئاۋىيە يارىلىنىدۇ . خاۋارىجلارنىڭ بۇ قىلمىشى مۇئاۋىيەنى سەگەكلەشتۈرۈپ قويىدۇ . ئۇ ئۆز تەسىر دائىرىسىدىكى بارلىق رايونلاردا خاۋارىجلارنى تۇتقۇن قىلىش ، قەتلىئام قىلىشقا ئەمىر چىقىرىدۇ . قاتتىق باستۇرۇش نەتىجىسىدە ، خاۋارىجلار تەرەپ- تەرەپكە قېچىشقا مەجبۇر بولىدۇ . ئۇلارنىڭ بىر قىسمى شىمالىي ئافرىقىغا ، بىرقىسمى ئىراقنىڭ قىسمەن رايونلىرىغا توپلىشىدۇ ، يەنە بىر قىسمى خۇراسان ، ئەرەب دېڭىز قولتۇقى تەرەپلەرگە قېچىپ بېرىپ ، ئۆز پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ .
 
ئىسلام دۇنياسىدا سىياسىي - ئىجتىمائىي زىددىيەتلەر كەسكىنلەشكەن دەۋرلەردە، خاۋارىجلار ئاساسەن خەلىپىلىكنىڭ ئىجتىمائىي - ئىقتىسادىي تۈزۈملىرىگە قارشى تۇرۇشنى ۋە بۇ جەھەتتىكى تەڭسىزلىكنى يوقۇتۇش ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ باراۋەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۆزلىرىنىڭ كۆرەش نىشانى قىلىپ ئاممىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. ئۇمەۋىيلەر خەلىپىلىكى دەۋرىدە خاۋارىجلارنىڭ پائالىيەتلىرى ئەڭ ئەۋج ئالغان ۋە ئۇلارنى قوللايدىغانلارنىڭ سانىمۇ ئەڭ كۆپ بولغان بىر دەۋر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . بۇ دەۋردە ئۇلار ئىران ، ئىراق، خۇراسان ۋە ماۋەرائۇننەھر، ئەرەب يېرىم ئارىلى ( يەمەن ، خەزرەمەۋت ، ئوممان ) ، شىمالىي ئافرىقا قاتارلىق جايلاردا ناھايىتى يۇقىرى نوپۇزغا ئېرىشىدۇ .
 
خاۋارىجلار تەلىماتلىرىنىڭ ئاساسىنى بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجتىمائىي باراۋەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش غايىلىرى تەشكىل قىلىدۇ . ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئىستىلاھ قىلىنغان رايونلاردا مۇسۇلمانلار غەيرى مۇسۇلمانلاردىن ئېلىنىدىغان تۈرلۈك باج - سېلىقلارنى نازارەت ئاستىغا ئېلىشى ۋە ئۆزلىرى بولسا باج - سېلىق تاپشۇرۇشتىن ئازاد بولۇشى كېرەك . خاۋارىجلارنىڭ خەلىپىلىككە ئائىت تەلىماتلىرىمۇ شىئە ۋە سۈننىي مەزھىبىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى تەلىماتلىرىدىن پەرقلىنىدۇ ؛ ئۇلارنىڭ قارىشىچە، خەلىپە سايلام يولى بىلەن تەيىنلىنىشى ۋەخەلىپىنىڭ سايلىمىغا جەمئىيەتنىڭ بارلىق ئەزالىرى قاتنىشالايدىغان بولۇشى كېرەك . خەلىپىنىڭ پەقەت قۇرەيىش قەبىلىسىدىن سايلىنىشى شەرت ئەمەس ، ھەتتا ئىمانى پاك بولغان بىر نېگىر ئەگەر لاياقەتكە ۋە جامائەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بولسا خەلىپە بولۇپ سايلانسا بولىۋېرىدۇ . خاۋارىجلار خەلىپىلەرگە ئىلاھىي خاسىيەت ۋە پەۋقۇلئاددە قۇدرەت نىسبەتلەشتۈرۈشنى خالىمايدۇ . ئۇلار، سايلامدىن ئۆتكەن خەلىپىلەرمۇ ئەگەر تەقۋادارلىقنى قولدىن بېرىپ قويۇپ ، ئادالەت يولىدىن ئازىدىغان بولسا ئۇلارنىڭ خەلىپىلىكى بىكار قىلىنىشى ۋە ھەتتا بۇنداق خەلىپىلەر قەتلىئام قىلىنىشى كېرەك، دەپ تەكىتلەيدۇ . خاۋارىجلارنىڭ تەلىماتى بويىچە، بىرلا ۋاقىتتا ئىككى ئورۇندا ئىككى خەلىپە سايلاپ تەيىنلەشكە بولىدۇ . ئۇلار ئەبۇبەكىر بىلەن ئۆمەرنىڭ خەلىپىلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ . ئوسماننىڭ خەلىپىلىكىنى تامامەن ئىنكار قىلىدۇ . ئۇلار ئەلىنىڭ ھەرىكەتلىرى تاكى سىففىن ئۇرۇشىغىچە توغرا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ئېغىر خاتالىقلارغا يول قويغان، دەپ قاراپ ، ئەلى ئەۋلادلىرىنىڭ خەلىپىلىككە ۋارىسلىق قىلىشىغا قوشۇلۇشمايدۇ . ئۇمەۋىيلەر ۋە ئابباسىيلارنىڭ خەلىپىلىگىنىمۇ تامامەن ئېتىراپ قىلمايدۇ . ئۇلار ئاھالىلىرى باراۋەرلىك ئاساسىدا ئىناق ياشايدىغان بىر غايىۋىي دۆلەت قۇرۇشنى ئۆزلىرىنىڭ كۆرەش نىشانى قىلىپ تاللايدۇ .
 
خاۋارىجلار ئىجتىمائىي ۋە قىياسنى قوبۇل قىلىشمايدۇ . « قۇرئان كەرىم » دىكى « يۈسۈپ » سۈرىسىنى رەت قىلىدۇ، ئەۋلىيالارغا ئېتىقاد قىلىش ، چوقۇنۇشنى ناتۇغرا دەپ قارىشىدۇ . ئەمما ، خاۋارىجلار نىڭ ئىچكىي قىسمىدا ئۆزلىرىنىڭ پېشىۋالىرىغا چوقۇنۇش ئادەتكە ئايلانغان . خاۋارىجلار دىنىي ۋە ئەخلاقىي پەرزلەرگە قاتتىق رىئايە قىلىشنى دائىم تەكىتلىشىدۇ . چوڭ گۇناھ سادىر قىلغۇچىلارنى كۇپۇرلۇققا چىقىرىدۇ . دىنىي ئەھكاملارغا تولۇق رىئايە قىلىشنى ئىماننىڭ بىر تەركىبى قىسمىي دەپ قارايدۇ . ئىماننى تەنھا ئېتىقاد دەپ قارايدىغان قاراشلارنى قوبۇل قىلمايدۇ . ئۇلارنىڭ پىكرىچە، ئاللاھنىڭ يېگانىلىقى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ تۇرۇپ دىنىي پەرزلەرنى بەجا كەلتۈرمەيدىغانلارنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمان ھېسابلانمايدۇ . ئۇلار مۇشرىكلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىمۇ ئاتا – ئانىلىرىغا ئوخشاشلا دوزاخقا ھۆكۈم قىلىدۇ . ئۇلار ئېتىقاد ۋە ئىماننىڭ پاكلىقىغا يۇقىرى تەلەپلەرنى قويۇپ، مۆمىنلەرنىڭ روھىي جەھەتتىن پاك بولۇشىنى قاتتىق تەلەپ قىلىدۇ . ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ناتوغرا بېسىلغان بىرلا قەدەم مۆمىنلەرنى موسۇلماندارچىلىق يولى ( بۇ يەردە خاۋارىجلار تەلىماتىنى تۇتقان يولدىن دېگەن مەنىدە ) دىن ئازدۇرۋېتىشى مۇمكىن . خاۋارىجلار نىڭ پىكرىچە، ھەرىكەتسىز ، ئۆز ئېتىقادىدا مۇستەھكەم ئىرادىگە ئىگە بولمىغانلارنىڭ خەلىپىلىكى مەۋجۇت بولۇپ تورالمايدۇ . ئۇلار چېكىملىككە ۋە مەيخۇرلۇققا بېرىلىپ، مۇزىكا چېلىش ياكى ئاڭلاش ، ھەشەمەتكە بېرىلىش ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىماننىڭ پاكلىقىغا ۋە مۆمىنلەرنىڭ ئىرادىسىنىڭ مۇستەھكەملىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار دەپ قاراپ ، ئۆز تەرەپدارلىرى ئىچىدە قاتتىق چەكلىگەن. ئۇلار ئۆز تەلىماتلىرىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاش ۋە ئۇنىڭ نوپۇزىنى قوغداش ئۈچۈن، باشقا پىرقە نەزەرىيىچىلىرى بىلەن دائىم كەسكىن مۇنازىرىلەرنى ئېلىپ بارغان. ئۇلار ھەر قانداق نەرسە مەيلى موسۇلمان ياكى يەھۇدى ۋە مەسېھى ( خرىستىئانلار ) ئۈچۈن بولسۇن، ئوخشاش ئەھمىيەتكە ئىگىدۇر، دەپ ھېسابلايدۇ . ئىبادەت ئىچكىي ( قەلبتىكى ) ۋە تاشقىي تاھارەتتىن كېيىنلا ئاندىن جائىزدۇر، دەپ قارايدۇ .
 
خاۋارىجلار يۇقىرىدىكىدەك تەلىماتلىرىغا ئاساسەن ئۇمەۋىيلەر ۋە ئابباسىيلار خەلىپىلىكلىرىنى ئېتىراپ قىلماي ، ئۇلارنىڭ يۇقىرى-تۆۋەندىكى ھاكىم ۋە ۋالىيلىرىنىڭ ھەممىسىنى دىن يولىدىن ئاداشقانلار، دەپ ئاتىشىپ ، ئۇلارغا قارشى مۇقەددەس جەڭ ئېلان قىلىشقان . ئۇلار دىندىن تانغان ، باش تارتقانلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇغان . ئۇلارنىڭ بۇ خىل ئۇسۇلى كېيىنچە ئىستېئىراد نامى بىلەن دىنىي تەلىماتلارغىمۇ كىرگۈزۈلگەن .
 
تارىخىي مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 7 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدىلا خاۋارىجلارنىڭ ئىچكىي قىسمىدا تۈرلۈك ئىختىلاپلار تۇغۇلۇپ، پىرقىلارغا بۆلۈنۈش باشلانغان . ئۇمەۋىيلەر ۋە ئابباسىيلار خەلىپىلىكى دەۋرىدە ئىسلام دىنى تارقالغان ھەر قايسى رايونلاردا خاۋارىجلارنىڭ ئوخشىمىغان پىرقىلىرى كەڭ دائىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بارغان. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى سىياسىي ھەرىكەتلەرگە كۆپرەك كۆڭۈل بۆلگەن بولسا، يەنە بەزىلىرى دىنىي تەلىماتلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئاساسىي ئورۇنغا قويۇشقان . دىنىي تارىخچىلاردىن مۇھەممەد شەھرىستانى خاۋارىجلارغا تەۋە سەككىز پىرقە ( ئەزرەقىيە ، نەجدىيە ، سۇفرىيە، ئەجارىدە ئەبازىيە ، بەيھەسىيە ، سەئلەبىيە ۋە ھەفسىيە ) ۋە بۇ پىرقىلارغا تەۋە بىر قانچە تارماق توغرىلىق خېلى تەپسىلى مەلۇمات بېرىدۇ . ئەبدۇلقاھىر باغدادى خاۋارىجلار 20 پىرقىگە بۆلىنىدۇ ، دەپ قارايدۇ . تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆپ قىسمى خاۋارىجلار پىرقىلىرى ئىچىدە ئەزرەقىيەنى چەكتىن ئاشقان ۋە ئەبازىيەنى مۆتىدىل يول تۇتقان پىرقىلار دەپ ھېسابلىشىدۇ . تەلىمات جەھەتتە، خاۋارىجلارنىڭ بارلىق پىرقىلىرى ئىچىدە ئاساسىي مەسىلىلەردىكى قاراشلاردا چوڭ پەرقلەر كۆرۈلمەيدۇ. پەقەت ئايرىم سىياسىي ۋە دىنىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ئوخشىمىغان قاراشلارنى ياقلىشىدۇ .
 
ئۇزاق تارىخ جەريانىدا خاۋارىجلارغا تەۋە ھەر قايسى پىرقىلەر خەلىپىلىككە تەۋە ھەر قايسى رايونلاردا ئۇمەۋىيلەر ۋە ئابباسىيلا ھاكىمىيىتىگە قارشى توختاۋسىز سىياسىي كۆرەشلەرنى ئېلىپ بېرىپ ، شەرقتىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا زور تەسىرگە ئىگە بولىدۇ . ئۇلارنىڭ ئىران ۋە ئىراقتىكى ئەبدۇللاھ ئىبنى زۇبەير ۋە ئەبدۇلمەلىك ئۇمەۋىگە قارشى قوزغىغان قوزغىلاڭلىرى 13 يىلدىن ئارتۇق (684 - 697) داۋام قىلىدۇ . بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇلار يەنە كۇفە ۋە بەسرەدىمۇ كۆپ قېتىم قوزغىلاڭ تەشكىللەيدۇ . ئۇلار كېيىن كىرمان ۋە تەبەرىستان قاتارلىق شەھەرلەردىمۇ تەسىرى زور بولغان ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارىدۇ . ئابباسىيلار خەلىپىلىكى دەۋرىدە، خاۋارىجلارنىڭ سىياسىي ھەرىكەتلىرى ھەرقايسى پىرقە ئاساسچىلىرىنىڭ باشچىلىقىدا ئاساسەن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ غەربىي قىسمى ، شىمالىي ئافرىقا قاتارلىق رايونلاردا ئەۋجىگە چىقىدۇ . خاۋارىجلارنىڭ مەخسۇس تەربىيىلەنگەن ئالاھىدە ماھارەتلىك كۈچلىرى ئومان، خۇراسان، خۇزىستان ، سىستان قاتارلىق رايونلاردا ئۇمەۋىيلەر ، كېيىنرەك ئابباسىيلارنىڭ يەرلىك ھاكىملىرىغا قارشى كۆرەش ئېلىپ بارىدۇ . بۇنداق كۆرەشلەرگە ئاياللارمۇ پائال قاتناشقان . كېيىنچە خاۋارىجلارغا تەۋە ھەرقايسى پىرقىلارنىڭ ئىچكىي قىسمىدىكى پەرقلەرنىڭ زورىيىشى ۋە زىددىيەتلەرنىڭ كەسكىنلىشىشى، شەرقتىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا بىر مەزگىل ئالاھىدە تەسىرگە ئىگە بولغان بۇ زور كۈچنى خورىتىپ ، ئۇلارنىڭ پائالىيەتچانلىقىنى تەدرىجى سۇسلاشتۇردى. خاۋارىج مەزھىبى كېيىنكى دەۋرلەردە بىر دىنىي – غايىۋىي ئېقىم سۈپىتىدە بىر نەچچە ئەسىر مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ تۇرغان بولسىمۇ ، لېكىن ئۇنىڭ سىياسىي سەھنىلەردىكى پائالىيەتچانلىقى ۋە كۈچلۈك تەسىرى كەلمەسكە كەتتى .
 
دېمەك، خاۋارىجلارنىڭ تارىخى ― ھوقۇقدارلار بىلەن قىلىنغان كۆرەش تارىخى ھېسابلىنىدۇ. ئۇمەييە سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، بۇ مەزھەب مىلادى 744- يىلى 11- قارار خەلىپە ۋەلىد Ⅱنى ئۆلتۈرگەن. ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، قۇللار قوزغىلىڭى قوزغاپ، مىلادىيە 869- يىلىدىن 883- يىلىغىچە 14 يىل ئۇرۇش قىلىپ، بەسرە قاتارلىق شەھەرلەرنى ئىستېلا قىلغان. ۋەھالەنكى، خاۋارىجلار تارىختا قوزغىغان قوزغىلاڭلار ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەر تەرىپىدىن تاكى ئابباسىيلار سۇلالىسى ئاجىزلاپ تۈگىگەنگە قەدەر باستۇرۇلۇپ كەلگەن. خاۋارىجلارغا تەۋە پىرقىلاردىن ھازىر پەقەت ئەبازىيە تەرەپدارلىرىلا ئوماندا ئۆز پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئەلجەزاھىر ، تۇنىس، لىۋىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ ئەبازىيە تەرەپدارلىرىنىڭ ئاز بىر قىسىم مۇرىتلىرى ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كەلمەكتە.
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 848 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01