ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇسسۇل پىشىۋاسى قەمبەرخانىمنىڭ سەنئەت ھاياتى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 2 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇسسۇل پىشىۋاسى قەمبەرخانىمنىڭ سەنئەت ھاياتى
 
     داڭلىق ئۇسسۇلچى قەمبەرخانىمنىڭ ھاياتى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇسسۇل سەنئىتى ئۈچۈن توختىماي ئەجر سىڭدۈرۈش بىلەن ئۆتكەن . ئۇ ئۇسسۇل نومۇرلىرىنى ئورۇنلاش ۋە ئۇسسۇل ئىجاد قىلىشتىكى ماھارىتى ۋە تۆھپىسى بىلەن خەلقىمىزنىڭ يۈكسەك ھۆرمىتىگە مۇيەسسەر بولغان تالانتلىق سەنئەتكار .
 
 
      يېرىم ئەسىرلىك سەنئەت ھاياتىدا مىللىتىمىزنىڭ ئۇسسۇل بايلىقلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ ئۇنى ئىجادىي يوسۇندا راۋاجلاندۇرۇش يولىدا ئەجر سىڭدۈرگەن قەمبەرخانىمنىڭ ھايات پائالىيىتى ئۇنىڭ مەملىكەتلىك ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ، جۇڭگو ئۇسسۇلچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ، شىنجاڭ ئۇسسۇلچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولۇشقا مۇناسىپ زات ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ .
 
      قەمبەرخانىم 1922 - يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان . كېيىن ئائىلىسى بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ بارغان . بۇ چاغدا ئۇ تېخى كىچىككىنە بىر قىز ئىدى . چېچەن ، شوخ قىز قەمبەرخان كىچىگىدىنلا جاپاغا چىداپ ئۆگىنىش ئىستىلىنى يېتىلدۈرگەنىدى . ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ سەنئەت مەكتىپىگە قوبۇل قىلىندى ۋە بۇ بىلىم يۇرتىدا ئۆزبېكىستاننىڭ ئاتاقلىق ئۇسسۇل ئەربابى تامار خانىم ، مۇكەررەم خانىملاردىن ئۇسسۇل ئۆگىنىپ ، تېز ئارىدىلا كۆزگە كۆرۈنىدۇ . ئۇ يەنە ئۆزبىكىستاندىكى تامارا خانىم ئۇسسۇل مەكتىپىنى پۈتكۈزۈپ ، موسكۋا سەنئەت ئىنىستىتوتىغا بىلىم ئاشۇرغىلى باردى .
 
      1940 ·يىلى 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى كەچتە موسكۋا كالونى زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە كونسىرت كېچىلىكىگە قەمبەرخانمۇ قاتناشتى . ئويۇن كۆرشكە سىتالىن قاتارلىق ئەينى ۋاقىتتىكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ رەھبەرلىرى قاتناشقانىدى . ئېلانچى ‹‹ نۆۋەتتە ئۆزبېك قىزى قەمبەرخان ئۆزبېكچە ئۇسسۇل ئوينايدۇ ›› دەپ ئېلان قىلىدۇ . بۇنى ئاڭلىغان ياش قەمبەرخان قىلچە ھودۇقماستىن سەھنىگە چىقىپ ، ئېلانچىغا : ‹‹ مەن قەشقەرلىق ئۇيغۇر قىزىمەن ، ئورۇنلايدىغان نومۇرۇم ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل ( نىم پەدە ) ››   دەيدۇ . ئېلانچى نومۇرنى قايتىدىن تۈزىتىپ ئېلان قىلىدۇ . زالدا بىر مەھەل پىچىرلىشىشلار ھۆكۈم سۈرىدۇ . قەمبەرخانىمنىڭ ئۇسسۇلى باشلىنىش بىلەنلا زالمۇ سۇ سەپكەندەك جىمجىتلىققا چۆكىدۇ .
 
      قەمبەرخانىمنىڭ ئۇسسۇلى ئۆزىگە خاس ھەركەت گۈزەللىكىگە ، ھېسسىيات گۈزەللىكىگە ، تەسىر قىلىش كۈچىگە ئىگە ئىدى . ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنى ئەۋرىشىمدەك تولغىنىپ ، جىلۋىلىك كۆزلىرىدىن نۇر يېغىپ كىشىلەرنى ئۆزىگە ماگىنىتتەك جەلپ قىلاتتى . قەمبەرخاننىڭ ئۇسسۇلى ئاخىرلاشقاندا زالدا گۈلدىراس ئالقىش ساداسى ياڭرايدۇ . تاماشىبىنلار قەمبەرخانىمغا ، ئۇيغۇر ئۇسسۇلىغا تەنتەنە قىىلىشىدۇ . قەمبەرخانىمنىڭ سەھنە ھاياتى ئەنە شۇنداق باشلىنىدۇ .
 
     قەمبەرخانىم 1942 - يىلى سىڭلىسى گۈلبەھرەم بىلەن بىللە ۋەتەنگە قايتىپ كېلىدۇ . ئۇ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ، ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ تەكلىپى بىلەن بىر مەزگىل چۆچەكتە تۇرۇپ ئويۇن قويۇش ۋە ئۇسسۇلچىلارنى تەربىيىلەش بىلەن مەشغۇل بولىدۇ . شۇ يىلى 11 - ئايدا سىڭلىسى گۈلبەھرەم بىلەن بىللە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر ، قازاق ، خەنزۇ ، ئۆزبېك ، موڭغۇل ، خۇيزۇ قاتارلىق ئون ئۈچ مىللەتنىڭ سەنئەت مۇسابىقىسىغا قاتنىشىپ ، بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ .
 
       قەمبەرخانىمنىڭ ۋەتەنگە قايتىپ سەنئەت سېپىگە قېتىلىشى شۇ يىللاردىكى شىنجاڭ ئۇسسۇلچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ، بېيىتىش ، سەھنە سەنئىتىنى گۈللەندۈرۈشتە ئاجايىپ زور رول ئوينايدۇ . ئۇ 1942 - يىلى يالغۇز كىشىلىك ئايالچە ئۇسسۇل ‹‹ قەشقەر سەنىمى ›› نى سەھنىلەشتۈرىدۇ . ئۇ سىڭلىسى گۈلبەھرەم بىلەن بىرلىكتە ئويۇن كېچىلىكلىرىنى ئويۇشتۇرۇپ ، كۆپ قېتىملىق ئويۇننىڭ كىرىمىنى ئالدىنقى سەپكە ئىئانە قىلىدۇ . ئۇ يەنە شۇ يىللاردا ‹‹ باھار ئۇسسۇلى ›› نى ئىجاد قىلىپ ئورۇنلايدۇ .
 
      قەمبەرخانىم شۇ يىللاردا كېچىلەپ ئويۇن قويۇپ ئۇسسۇل ئىجاد قىلىپ ، ئالدىنقى سەپ ئۈچۈن ئىئانە توپلاشقا ھەسسە قوشتى . ئۇ ئۆز مېھنىتى ، قان - تەرى بىلەن ۋەتەننى قوغداۋاتقانلىقىدىن پەخىرلىنەتتى .
 
      قەمبەرخانىم ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆرپ - ئادىتى، مىجەز - خۇلقى، ئەمگەكچان، جەسۇر، ئاق كۆڭۈل، خۇش خۇي خىسلەتلىرىنى ئۆز ئۇسسۇللىرىدا ئەكس ئەتتۈردى. ھەمدە ئۆزى ئىلگىرى ئۆگەنگەن نەزەرىيىۋىي بىلىملە بىلەن ھەركەتنى بىرلەشتۈرۈپ ، ئارقىمۇ - ئارقىدىن نۇرغۇن ئۇسسۇللارنى ئىجاد قىلدى .
 
       ئۇ ئىجاد قىلغان يالغۇز كىشىلىك ئايالچە ئۇسسۇل ‹‹ قەشقەر سەنىمى›› كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە مۇيەسسەر بولدى . ‹‹ ئىلى سەنىمى›› ، ‹‹سىم خاراج ›› ، ‹‹ دىل خاراج ›› ، ‹‹ مۇناجات ››، ‹‹ تەخسە ئۇسسۇلى ›› قاتارلىق ئۇسسۇللار تۇرمۇش چىنلىقى ئىنتايىن قويۇق ئۇسسۇللار بولۇپ ، ئامما تەرىپىدىن قىزغىن قارشى ئېلىندى .
 
      1947 – يىلى قەمبەرخانىم شىنجڭ ياشلار سەنئەت ئۆمىكى تەركىبىدە شىنجاڭنىڭ گۈزەل ، رەڭدار مىللىي ئۇسسۇلىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئېلىپ بېرىپ ئويۇن قويۇش جەريانىدا دۆلىتىمىزنىڭ ئەينى چاغدىكى ئاتاقلىق ئارتىسلىرىدن مى لەنفاڭ ئەپەندى ، دەي ئەيلەن قاتارلىقلار بىلەن چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى . لەنجۇ ، خاڭجۇ ، نەنجىن ، شاڭخەي ۋە تەيۋەن قاتارلىق ئۆلكە - شەھەرلەردە ئۇسسۇل ئويناپ  سەھنىنى زىلزىلگە كەلتۈردى .  ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سەنئىتىنى نامايەن قىلدى . ئۇيغۇر مىللىتىنى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە تونۇتتى . ئويۇن كۆرگۈچىلەر قەمبەرخانىمغا ئاپىرىن ئوقۇشتى . گېزىت - ژورناللارمۇ قەمبەرخانىمنى ‹‹ ئۇسسۇل خانىشى ›› ، ‹‹ تەڭرىتاغ گۈلى ›› دەپ مەدھىيىلەشتى .
 
       1947–·يىلى 5 – ئاينىڭ 13 – كۈنى قەمبەرخانىم يەنە شىنجاڭ سەنئىتىنى گۈللەندۈرۈش يولىدا تۆھبە قوشقان ئوتتۇز نەچچە نەپەر ۋەتەنپەرۋەر ئارتىسنى تەقدىرلەش ۋە مۇكاپاتلاش يىغىنىدا شىنجاڭ ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەخمەتجان ئەپەندىم تەرىپىدىن ئالتۇن مېدال بىلەن مۇكاپاتلاندى . قەمبەرخانىم تالانتلىق ئۇسسۇلچى بولۇپلا قلاماستىن ، رول ئېلىشتىكى ماھارىتى بىلەمۇ ئاممىنىڭ ماختىشى ۋە مەدھىيىسىگە سازاۋەر بىرگە ماھىر ، كۆپكە قادىر دراما ئارتىسى . ئۇ ‹‹غېرىپ - سەنەم ›› ، ‹‹ فەرھاد - شېرىن ›› ئوپېرالىرى ھەم ‹‹ قانلىق داغ ›› درامىلىرىدا مۇھىم روللارنى مۇۋەپپەقىيەتلك ئورۇنلاپ چىقتى .
 
       1949–يىلى ئازادلىق تېڭى ئاتتى . ئۇ ئازادلىق ئارمىيە تەشۋىقاتچىلىرىغا ئۇيغۇر ئۇسسۇللىرىنى ئۆگەتتى. 1950 - يىلى شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىك تەركىپىدە بېيجىڭگە بېرىپ جۇڭخۇا خەلق جەمھۇريىتى قۇرۇلغانلىىنىڭ بىر يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىىگە قاتناشتى ھەمدە ناخشا - ئۇسسۇل كېچىلىكىدە شىنجاڭ خەلقىنىڭ شادلىقىنى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلىش يۈزىسىدىن ئىجاد قىلغان ‹‹ كەلدى بۈگۈن ئازاد زامان›› دېگەن ئۇسسۇلنى ئورۇنلىدى . ئويۇن ئاخىرلاشقاندا جۇڭگو خەلقىنىڭ داھىسى ماۋ زېدوڭ، زوڭلى جۇ ئېنلەي قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىرى شىنجاڭ ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلدى . ماۋ جۇشى قەمبەرىانىمنىڭ قولىنى چىڭ قىسىپ تۇرۇپ : ‹‹ مەن سىزنىڭ نامىڭىزنى ئاڭلىغان، سىزنى تونۇيمەن›› دېدى. بۇ تەسىرلىك مەنزىرە ھەمدە قەمبرخانىمنىڭ بىر قانچە ئۇسسۇللىرى كىنوغا ئېلىندى . بۇ ئىش  قەمبەرخانىمغا غايەت زور ئىلھام بېغىشلىدى .
 
     قەمبەرخانىم 1956 - يىلى جۇُڭگو ئۇسسۇل مۇتەخەسىسلىرى ئۆمىكى تەركىبىدە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا زىيارەتكە چىققاندا ، ئۆز ۋاقتىدىكى ئۇسسۇل ئۇستازى تامارا خانىمنىڭ قىزغىن كۈتىۋېلىشىغا ئېىشتى . ئۆمەك شەرىپىگە بېرىلگەن زىياپەت ، سۆھبەت ۋە ئويۇن قويۇش جەريانلىرىدا ئىككى دۆلەتنىڭ سەنئەتكارلىرى ھېسسيات ۋە تەجرىبە ئالماشتۇردى . قەمبەرخانىممۇ ئۇسسۇل ئويناپ قوشنا ئەل خەلقلىرى ئارىسىدا ئۆز تالانتىنى نامايان قىلدى .
 
      1961–يىلى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن پىشقەدەملەرنىڭ سەنئەت كېچىلىكىدە قەمبەرخانىم خۇددىي چولپاندەك چاقناپ كۆركەم ، نەپىس ئۇسسۇللارنى ئىجرا قىلىپ ، شىنجاڭ خەلقىنىڭ قەلبىنى يەنە بىر قېتىم زىلزىلىگە سالدى . ئۇ شۇ قېتىمدا ئۆزى ئىجاد قىلىپ سەھنىلەشتۈرگەن ئۇسسۇلادىن ‹‹ ئوششاق››، ‹‹ نىم پەدە›› ، ‹‹ سىم خاراج›› ، ‹‹ تەخسە ئۇسسۇلى›› قاتارلىق يالغۇز كىشىلىك ئۇسسۇللارنى ھەم پىشقەدەم سەنئەتكار ئابدۇگۈل بىلەن ‹‹ نازىركوم ››، ‹‹ داۋانچىڭ››، ‹‹يارىگۇللا›› قاتارلىق لەپەرلەرنى يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئورۇنلاپ ، تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى .
 
      ئازادلىقتىن كېيىن قەمبەرخانىم ئۆزىنىڭ پۈتۈن زېھنى قۇۋۋىتىنى، ئەقىل - پاراسىتىنى شىنجاڭنىڭ ئۇسسۇلچىلىقىنى گۈللەندۈرۈش ۋە ئۇسسۇل ئارتىسلىرىنى يېتىشتۈرۈكە سەرپ قىلدى . ئۇ 1950 - يىلى غەربىي شىمال مىللەتلەر ئىنىستىتوتىنىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلەنگەندىن كېيىن ، ئوقۇتۇش ماتىرىياللىرى - دەرسلىكلەر يوق شارائىتتا قايتا - قايتا ئىزدىنىش ئارقىلىق بىر يۈرۈش ئۇسسۇل دەرسلىكى تۈزۈپ چىقتى . قەمبەرخانىم ئوقۇغۇچىلارغا ناھايتى ئەستايىدىل دەرس بېرەتتى ھەمدە ئوقۇغۇچىلاردا ئۇسسۇل سەنئىتىگە زور ئىشتىياق پەيدا قىلاتتى . ئۇ تۈزگەن ئۇسسۇل دەرسلىكى ھازىرغىچە سەنئەت مەكتەپلىرىنىڭ ئاساسىي دەرسلىك قوللانمىسى بولۇپ كەلمەكتە . 
 
      قەمبەرخانىم بىر تەەرپتىن دەرس ئۆتۈش بىلەن بىرگە مەكتەپ خىزمەتلىرىنى باشقۇرغان بولسا ، يەنە بىر تەەرپتىن شۇ چاغدىكى ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنى سەگەكلىك بىلەن كۈزىتىپ ، زامان تەلىپىگە ، سىياسىي يۆنۈلىشكە ماس كېلىدىغان ‹‹  تېنچلىق ئۇسسۇلى›› ، ‹‹ ئازاد قىز ››، ‹‹ جۇڭگو چاۋشيەن خەلقى قۇدرەتلىك ›› ، كوللىكتىپ ئۇسسۇل ‹‹ ئالدىنقى سەپكە ئۇزىتىش››، كوللىكتىپ ئۇسسۇل ‹‹ مول ھوسۇل ئۇسسۇلى›› قاتارلىق بىر قاتار ئۇسسۇللارنى ئىشلەپ ۋە ئىجاد قىلىپ، شۇ چاغدىكى ئۇسسۇل ئىجادىيىتىدىكى بوشلۇقنى تولدۇردى . بۇ ئۇسسۇللار ھەر قايسى سەنئەت ئۆمەكلىرىدە ئوينىلىپ كەڭ تارقالدى .
 
      قەمبەرخانىم 1955 - يىلىدىن كېيىن سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتوتى سەنئەت فاكولتېتىنىڭ مۇدىرى ھەم شىنجاڭ سەنئەت مەكتىپىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ، تاكى 1965 - يىلغىچە دەرس مۇنبىرىدىن ئايرىلمىدى  ئۇ 1950 - يىلدىن 1966 - يىلغىچە سەنئەت مائارىپىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ ، ئۆزى بىۋاستە ئۇسسۇل دەرسىگە كىرىپ ، يەتتە قارارلىق ئۇسسۇلچى يېتىشتۈرۈشكە باشچىلىق قىلدى  . ئىبراھىمجان ، زەينەپ سابىت ، مەريەم ناسىر ، رەنا ، ئىنايەت ، خەلچەم سىدىق ، ريھان ئابلىز ، ئابلىمىت توختى قاتارلىق داڭلىق ئۇسسۇلچى ۋە ئۇسسۇل تەتقىقاتچىلىرى ئۇنىڭ تەربىيىسىدە يېتىشىپ چىققان .
 
      قەمبەرخانىم شىنجاڭنىڭ سەنئەت ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلىدى. ئۆزىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئۇسسۇل سەنئىتىنىڭ پىشىۋاسى بولۇشقا مۇناسىپ ئىكەنلىكىنى ئەمەلىي ھەركىتى ئارقىلىق ئىسپاتلىدى. 1954 - يىلى مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن ، دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۆز رولىنى ئوبدان جارىي قىلدۇردى . ئۇ كۆپ قېتىم مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ، مەملىكەتلىك ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە ئۇسسۇلچىلار جەمئىيىتىنىڭ يىغىنلىرىغا بارغان ۋاقىتلىرىدا دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ۋە غەمخورلۇقىغا مۇيەسسەر بولدى.
 
      1982 – يىلى بېيجىڭدا ئېچىلغان ئاسىيا مەملىكەتلىرى مىللىي ئۇسسۇللىرىنى قوغداش ، ئاسراش ، گۈللەندۈرۈش يىغىنىغا جۇڭگو ۋەكىللىرى قاتارىدا قاتنىشىپ ، ئۇيغۇر خەلق ئۇسسۇللىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى . ئون نەچچە دۆلەتنىڭ ئاتاقلىق ئۇسسۇل ئەرباپلىرى بلەن پىكىر ئالماشتۇردى ھەم نەق مەيداندا ئۇسسۇل ئويناپ ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنىڭ تىل بىلەن تەسۋىرلەش قىيىن بولغان ھەركەتلىرىنى كۆرسەتتى . يىغىن ئەھلى ھاياجان بىلەن ‹‹ قەمبەرخانىم ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنىڭ ئانىسى بولۇپلا قالماستىن ، بەلكى بىزنىڭ ئۇسسۇل سەنئىتىمىزنىڭمۇ ئانىسى بولۇشقا مۇناسىپ ئىكەن ›› دەپ يۇقىرى باھا بەردى . ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن ۋە تۈركىيە ، ياپونىيە ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى قاتارلىق ئەللەردىن كەلگەن سەنئەت مۇتەخەسىسلىرى ، سەنئەتكارلار قەمبەرخانىمنى زىيارەت قىلىپ ، پىكىر ئالماشتۇردى . ھەمدە ئۆز جايىدا قەمبەرخانىمنىڭ ناھايتى يۇقىرى ئابرويغا ئىگە ئىكەنىىنى قەيت قىلىشتى .
 
      قەمبەرخانىم شىنجاڭ ئۇيغۇر ئۇسسۇلچىلىقىغا ئاساس سالغۇچىلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنى تەەرققىي قىلدۇرۇش ۋە ئۇسسلچىلار قوشۇنىنى تەربىيىلەپ ، كېڭەيتىش يولىدا سىڭدۈرگەن يېرىم ئەسىرلىك ئەجرىنى خەلقىمىز ، دۆلىتىمىز ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالىدۇ . ھازىر قەمبەرخانىمنىڭ ئۇسسۇل ئۇسلوبى ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر ئاساسى سۈپىتىدە تەتقىق قىلىنماقتا.
 
      ھازىر ۋە كەلگۈسىدىكى ئۇسسۇل نەزەرىيىسى، ئۇسسۇل تەتقىقاتى ۋە كىلاسسىك ئۇسسۇل نەمۇنىلىرىنى رەتلەشتەك غايەت زور خىزمىتىمىزنىڭ  ئاساسى قەمبەرخانىمنىڭ ئۇسسۇلچىلىقىمىزغا قوشقان يۈكسەك تۆھبىسى بىلەن بېيىغۇسى.  
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 2

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 420 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01