ئۇيغۇر مائارىپى دۇچ كېلىۋاتقان بىر قىسىم مەسىلىلەر

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 2 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

ئۇيغۇر مائارىپى دۇچ كېلىۋاتقان بىر قىسىم مەسىلىلەر
ھەقىقىي كۆز قاراشلىرىم
 ئاماننىسا قەمىردىن
 


    پەن ـ تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى تېز بۇلۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە پەن ـ تېخنىكا ئۇچۇرلىرىنىڭ يېڭىلىنىش سۈرئىتى ۋە سانى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئەمما بۇنىڭ ئىچىدىكى مۇتلەق كۆپ ئۇچۇرلار ئۆگىنىدىغان بىلىملەر چوڭقۇرراق بولغاچقا بۇنى ئۇقۇغۇچى دوستلار دەرھال چۈشىنىپ كېتەلمەيدۇ، ئۇنداقتا ئۇقۇغۇچىلارنىڭ بۇ يېڭى ـ يېڭى ئۇچۇرلارنى قانداق ئىگىلەش ۋە ئۇچۇردىن پايدىلىنىش ئىقتىدارىنى قانداق ئاشۇرۇش كېرەك؟ مەن تۆۋەندە مائارىپنىڭ يېڭى ئۇچۇر تارقىتىش رولىنى قانداق جارى قىلدۇرۇش ۋە شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قىسىم قاراشلىرىمنى ئوتتۇرغا قويىمەن.
  قېنى ئويلىنىپ كۆرەيلى! ئوقۇغۇچىلارغا قاچىلىنىۋاتقان بۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەپ بەرگىنى بويىچە يادلاپ ئۆگىنىشى كېرەكمۇ ياكى ئوقۇغۇچىلارمۇ ئۆز تەپەككۈرىگە تايىنىپ، ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ تەھلىل قىلىپ، ئۆزلىرى ئويلىغاننىمۇ دەپ بېقىشى كېرەكمۇ؟ ئويلىغان ئېيتقانلىرىنى ئاۋۋال ئۆزلىرى تىلىدا ئويلىشى ئېيتىشى كېرەكمۇ ياكى باشقا تىللاردىمۇ؟ يېڭىلا مەكتەپكە كىرگەن بالىلارغا يازىدىغان تاپشۇرۇق بېرىپلا ئۇلارنىڭ تەپەككۈرىنى بوغۇپ قويۇش ھەمدە ئۇلارغا نىسبەتەن تاپشۇرۇق بېسىمى پەيدا قىلىپ، ئۇلارنى مەكتەپكە بارغۇسى كەلمەيدىغان مەكتەپكە ئۆچ قىلىپ، ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ شوخ ، بەڭۋاش،خىيالى ۋە تەسەۋۇر دۇنياسىنى مەھرۇم قىلىپ، ئاستا ـ ئاستا ئوقۇتقۇچىلار خالىغانچە بىر تەرەپ قىلىشقا بۇلىدىغان «ياغاچ قونچاق»قا ئايلاندۇرۇپ قويۇش كېرەكمۇ؟ ياكى ئۇلارنىڭ مېڭىسى ۋە قولىنى ئازاد قىلىپ، ئۇلارنىڭ تەپەككۈر ۋە تەھلىل قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش، ئۇلاردىكى بېسىمنى قىزىقىش ۋە خۇشاللىققا ئايلاندۇرۇش ، ئۇلارنى مەكتەپنى ياىشى كۆرىدىغان مەكتەپنى ئەڭ كۆڭۈللۈك جاي دەپ چۈشىدىنىغان ھېسىيات شەكىللەندۈرۈش بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭمۇ ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى ھۆرمەت قىلىش كېرەكمۇ؟ مانا بۇلار مائارىپىمىز ئويلىنىپ كۆرۈشكە تېگىشلىك مەسىلە.
   مائارىپىمىزنى زامانىۋىلىشىشقا ، كەلگۈسىگە ۋە دۇنياغا ھەقىقى يۈزلەندۈرىشىمىز كېرەك ئىدى. ئەمەلىيەتتىچۇ؟ بىز مائارىپنى زادى نېمىگە يۈزلەندۇرۇۋاتىمىز؟ بىزنىڭ مائارىپىمىز ئېنىقكى بايا ئېيتقان بىز ئويلىنىپ بېقىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرنىڭ ئالدىنقىسىغا ئوخشاپ قالدى، ئەمەلىيەتتە، توغرا يۆلىنىشلىك تەرەققىيات يولىنى ئىزدەيدىغانلارنىڭ مائارىپى كىيىنكى مائارىپ ئۇسۇلى بۇلۇشى كېرەك. تۆۋەندە بىز كېينكى مائاىرپ ئۇسۇلىنىڭ توغرىلىقى تۇغۇرلۇق توختىلىمىز.
     ئەنگىلىيىلىك مۇتەپپەككۈر ، داڭلىق پىداگوك ، ماتىماتىكا ئالىمى بېرتىراند روسسېل : « ئەگەر بىز بالىلارنى ئويلىساق، مائارىپتا بالىلارنى ئۇ ياكى بۇ پارتىيە گورۇھقا كىرگۈزۈشنى مەقسەت قىلماي، بەلكى ئۇلارنى ئىككى گورۇھ ئارىسىدا ئاقىلانە تاللاتقۇزۇشىمىز كېرەك، ئوقۇتقۇچىللار ئويلىغاننى ئويلاتقۇزماي، بەلكى ئۆزىنى مۇستەقىل ئولاتقۇزىشىمىز لازىم. ئەگەر بىز بالىلارنىڭ ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى ھۆرمەت قىلساق، بالىلارنى مۇستەقىل قاراش شەكىللەندۈرۈشكە زۆرۈر بولغان بىلىم ۋە ئىدىيە ئادىتى بار قىلىپ  تەربىلىشىمىز لازىم. بىراق مائارىپ بىر خىل سىياسىي تۈزۈم بۇلۇپ قالاندا ، مائاىرپ ئادەت شەكىللەندۈرۈش ۋە چەكلىمىلىك بىلىمگە ئامال  ئىزدەيدۇ.» دېگەندە ھۆكۈمران گورۇھلارنىڭ مائارىپنى مەدەنىيەت مۇستەبىتلىكى يۈرگۈزۈشتىكى شەكىلسىز چاكارغا ئايلاندۇرۇۋالماسلىقى كېرەكلىكىنى نەزەرردە تۇتقان بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن باشقا ئېينىشتىيىننىڭ ئامېرىكا  ئالىي مائارىپىنىڭ 300 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇتۇقىدىمۇ مۇستەقىل پىكىر قىلالايدىغان ۋە ئىش قىلالايدىغان كىشىلەرنى يىتىلدۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى ناھايىتى ئېنىق ئوتتۇرغا قويغان.
   قايسى بىر شەخس ئېيتقاندەك « مىللەتنىڭ تىلى مىللەتنىڭ مۇكەممەل بولغان جانلىق ئىجادىيىتى» ھەممىمىزگە ئېنىقكى ھەرقانداق بىر مىللەت ئالدى بىلەن ئۆز ئانا تىلىدا  ئويلىنىدۇ ۋە تەپەككۈر قىلىدۇ. ئانا تىلىغا پىششىق بولماي تۇرۇپ، باشقا تىلنى ئۆگىنىش ھەقىقەتەنمۇ تەسكە توختايدۇ. تىلدا بىر خەلىقنىڭ بارلىقى ـ ئۇنىڭ پۈتكۈل ۋەتىنى گەۋدىلىندۇ. تىل مىللەتنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشنىڭ ئومۇمىي تارىخىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. مىللەتنىڭ تىلى ئۇنىڭ ئۆتمۈشى بىلەن بۈگۈنكى كۈننى باغلاپ تۇرىدۇ. تەربىيە نۇقتىسىدىن ئالغاندا مائارىپشۇناسلىرىمىز ئېيتقاندەك ئۆز تىلىنىڭ پۇقراۋى مائارىپتىكى مۇھىم ئۆزىنى ئالدى بىلەن ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىلىقنى ئۇلاش ۋاستىسى ئىكەنلىكىدە ئىپادىلىندۇ. مائارىپ مەدەنىيەتنى يەتكۈزۈدۇ. ئالماشتۇرىدۇ ۋە ئۈزلۈكسىز يېڭى مەدەنىيەت يارىتىدۇ. شۇڭا، مائارىپ بىلەن مەدەنىيەت ئوتتۇرىسىدا ھەركەتچان مۇناسىۋەت بار . ھەر قانداق مىللەت ئۆزىنىڭ تەسۋىرى سەنئەت ئەسەرلىرى ۋە ناخشا مۇزىكا، ماقال ـ تەمسىل ، ئىدىئوم ، رىۋايەت ، تىياتىر، ھېكايە، رومانلارغىچە بارلىق يېزىق شەكلىدىكى ئەدەبىي ئەسەرلەردە ئۆزىنىڭ ئېتىقادى ، ئىشەنچىسى، ئارزۇ ـ ئارمانلىرىنى جەملەپ چىقىدۇ. مىللەت ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى ساپاسىنى ئەسەرلەردىكى غايىۋىلاشتۇرۇلغان ئادەم ـ پىرسۇناژلاردا ئەكس ئەتتۈرىدۇ. مىللەتنىڭ ئۆز قەلىمىدىن چىققان بۇنداق ئەسەرلەردىن مىللەتنىڭ ئادەم، ئەخلاق ، جەمىئەت ھەققىدىكى غايىۋى تەلپۈنىشلىرىنى بىلگىلى بۇلىدۇ. يەنە بىر نۇقتىدىن ئالغاندا، مىللەتنىڭ پەلسەپىسى مىللەتنىڭ دىلىدا ئانا تىلىدا ساقلىنىدۇ. تىلنىڭ يوقلىشى پەلسەپنىڭمۇ يوقىلىشنى تېزلىتىدۇ. بىلىش تەس ئەمەسكى، پۇقراۋى مائارىپتا ئانا تىلنىڭ ئورنى ئىنكار قىلىنسا، مىللەت ئەنئەنىسىنىڭ ئۈزۈلۈشكە زېمىن ھازىرلانغان بۇلىدۇ.  بۇ ماھىيەتتە بىر پۈتۈن مىللىي گەۋدىدە قەلبىنىڭ يەڭگۈشلىنىشىدۇر.
   ھازىر مەكتپەلىرىمىزگە قارايدىغان بولساق ئاساسەن ئەدەبىياتتىن باشقا دەرسلىكلەرنىڭ ھەممىسى باشلانغۇچنىڭ 1 ـ يىللىقىدىن باشلاپ ،  خەنزۇچە قىلىپ تۈزۈلدى. تۇرمۇشتىكى گەپ سۆزلەرنى ئانا تىلىدا دىيىشنى ئەمدىلا ئۆگەنگەن 6 ياشلىق بالا مەكتەپ ھاياتىغا قەدەم بېسىپلا ئۆزىگە ناتونۇش بولغان باشقا بىر تىلدىكى خەتلەرنى ئوقۇش ۋە يېزىشنى ئۆگىتىشكە ئاران ئۈلگۈرۈۋاتقاندا قوشۇلغان خەنزۇتىلى بويىچە دەرس ئۆگىتىش تېخىمۇ بېسىم بولدى. باشلانغۇچنى پۈتتۈرگىچە ئاز ـ تولا خەنزۇتىلى ئۆگەنسىمۇ، ئۇيغۇرچە خەتنى راۋان ئوقۇيالمايۋاتقان ۋە ئۇيغۇرتىلى بىلەن خەنزۇتىلىنى ئارلاشتۇرۇپ ئەبچەش سۆزلەيدىغان ئوقۇغۇچىلار ئاز ئەمەس. ھازىرقى مائارىپىمىزغا نەزەر سالىدىغان بولساق باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى دەرسلىرىنىڭ ئۇلارغا نىسبەتەن ئەڭ قىيىن دەرس ئىكەنلىكى بايقىۋىلىش تەس ئەمەس. دوكتۇر ئەسئەت سۇلايماننىڭ دېيىشىچە جۇڭگو مائارىپىدا 1 ـ يىللىقلارغا ئۆتۈلدىغان دەرسلەر تەرەققىي قىلغان  دۆلەتلەرنىڭ 3 ـ ،4 ـ يىللىقدا ئوقۇلىدىغان دەرسلەرگە باراۋەر كېلىدىغان ھەمدە تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە باشلانغۇچتا ئاساسەن بالىلارغا تاپشۇرۇق بەرمەي، بالىلارنىڭ تەپەككۈرى ۋە زېھنىنى ئاشۇرىدىغان پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن ، لېكىن ئۇيغۇر مائارىپى )جۇڭگو مائارىپى( ھە دېسە بالىلارغا تاپشۇرۇق بېرىپ ئۇلارنى مەكتەپتىن زېرىكتۈرۈپ قويۇۋاتىدۇ. بۇلارغا مېنىڭ ئۇكام مىسال بولالايدۇ. ھەر كۈنى مەكتەپتىن ئېلىپەدىن 3 ۋاراق، خەنزۇتىلىدىن 2 ۋاراق، ماتىماتىكىدىن 2 ۋاراق تاپشۇرۇق بېرىدىكەن، ئۇكام تاپشۇرۇق ئىشلەيمەن دەپ يا ئوينىيالماي يا ئۇيقۇسى قانماي مەكتەپكە كېتىدۇ. ئۇكاملا ئەمەس باشقا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ، ئايىغى ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان بىلىم ۋە ئۇچۇرلارنى ، بىر ـ بىرىدىن سىرلىق ئوقۇملارنى دەرسخانىدىن ئىبارەت ئاشۇ « يېپىق دۇنيا» دا جىمجىت ۋە ئىنكاسىز ھالەتتە، پاسسىپ قوبۇل قىلغۇچى ئورۇندا تۇرۇپ، ئاشۇ كېچىككىنىە نازۇك مېڭىسىگە توىتىماي قاچىلاپ، قاچىلىغانلىرى توغۇرلۇق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئويلاندۇرۇشى ۋە پىكىر يۈرگۈزتىشى يوق، بار بولغان تەقدىردىمۇ ئىنتايىن ئاز بولغان ئەھۋالدا بارلىق ئوقۇغۇچىلارنى ئوخشاش بىر خىل تەپەككۈر، ئوخشاش بىر خىل ھېسىيات، ئوخشاش بىر خىل ئىدىيە، ئوخشاش بىر خىل كۆز قاراش بىلەن تەربىيىلەش، ئاخىردا نۇرغۇن ئوقۇغۇچىنى بىر ئوقۇغۇچى قىلىپ چىقىش مانا بۇ بىزنىڭ مائارىپىمىزدا كۆرۈلۈۋاتقان ۋە كۆرۈلمەكچى بۇلۇۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى.
   تىلغا ئىلىپ ئۆتۈشلۈكى مەخسۇس مائارىپ تەتقىقاتچىسى شائىر تەلئەت قادىر ئەپەندى « بىز ئىزدەۋاتقان مائارىپ» دېگەن كىتابدا «بىز ئىزدەۋاتقان مائارىپ دەل ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاسلىقى ۋە مۇستەقىللىقى ئۆزىگە قايتۇرۇپ بېرىدىغان ۋە ئۇنى يىتىشتۈرۈشكە زېمىن ھازىرلايدىغان مائارىپتۇر. بىز ئىزدەۋاتقان مائارىپ دەل مۇستەقىل پىكىر قىلالايدىغان ۋە ئىپادىلىيەلەيدىغان، ئىجاد قىلالايدىغان ، يېڭىلىق يارىتالايدىغان قول سېلىپ ئىشلىيەلەيدىغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتىشتۈردىغان مائارىپتۇر. بىز ئىزدەۋاتقان مائارىپ دەل بەس ـ مۇنازىرىگە تولغان، ئېچىۋىتىلگەن ئەركىن دىمۇكراتىك دەرىسخانا مائارىپىنى تەكىتلەيدىغان مائارىپتۇر. بىز ئىزدەۋاتقان مائارىپ دەل ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۈر پىلتىسىگە ئوت تۇتاشتۇرالايدىغان مائارىپتۇر» دەپ ئېيتىپ مائاىرپمىزغا سالماقلىق بىلەن قاراپ چىقىشىمىزنى كۈچلۈك دەۋەت قىلدى ۋە بىزگە بۇ توغۇرلۇق نۇرغۇن ئىلمىي ئۇچۇرلارنى بەردى.
   ئامېرىكىنىڭ ئامىلچىلىق پىداگوكلىرى: « ئىنسانلارنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرى ئىچىدە ئۆزگەرمەيدىغان ئورتاق ئامىللار بار. بۇ مەدەنىيەت ئامىللىرىنى ئوقۇغۇچىلارغا يەتكۈزۈپ بېرىش باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى» دېگەن قاراشنى ئوتتۇرغا قويغان. لېكىن بىر ئەۋلاتلاردىكى كۇنسايىن كۈچىيىۋاتقان ياتلىشىش ـ ئېتىقاد، ئېنتىلىش ، ئادەت دۇنيا قاراش جەھەتلەردىن، ئاتا ـ ئانىلاردىن تېز سۈرئەتتە يىراقلىشىش، ئەخلاق جەھەتتىن بۇزۇلۇش ھالەتلىرىنىڭ ئاساسلىقى مائارىپىمىزنىڭ كاتالىزاتورلىقى ۋە بىغۇدلىقىدا يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى چوڭقۇر چۈشىنىشىمىز كېرەك.
   ئاخىردا يەنە شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەككى، تىل خەلقىنىڭ ئۆتمۈشى، ھازىر ھەم كېلەچەكتىكى ئەۋلاتلىرىنى مۇستەھكەم پۈتۈنلۈككە، تارىخىيلىق ۋە جانلىقلىقى جەھەتتە جىپىسلىققا ئىگە قىلغۇچى ئەڭ ھاياتىي كۈچكە ئىگە، ئەڭ باي، ئەڭ مۇستەھكەم ۋاستىدۇر. شۇڭا شۇ مىللەتنىڭ تىلىدىكى ئوقۇتۇشنى مۇھىم مەركىزىي ئورۇنغا قويۇش كېرەك، ئويغۇر مائارىپىمۇ ھەم شۇنداق.
   ئەلۋەتتە بۇ يەردە تىل ئۆگەنمەسلىك دېگەن گپ چىقمايدۇ. ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ ئېيتقىنىدەك ئانا تىل ئادەمنىڭ ئۆز كۆزىگە ئوخشايدۇ، قالغان تىللار كۆزەينەك، دۇربۇن، تېلىسكۇپ، مېكروسكوپ دىگەنلەرگە ئوخشايدۇ، ئۇلار ھەرقانچە ئىلغار بولسىمۇ كۆزۈڭ يەنىلا ساق بولۇشى كېرەك.
  بىر زىيالىي بىر دانىشمەنگە مۇنداق دەپتۇ:
  ـ پەننىڭ قۇدرىتىگە بىر نىمە دېمەك تەس، كۆزەينىكىم بولمىسا نەرسىلەرنى تۈزۈك كۆرەلمەيمەن. كۆزەينىكىمنى تاقىۋالسام، قارا كىگىزدا ئۆمىلەپ كىتىۋاتقان قارا چۈمۈلىنىمۇ كۆرەلەيمەن.
  ـ ئوبدان دېدىلە ئەپەندى ئاشۇ قارا چۈمۈلىنى سىلىنىڭ كۆزەينەكلىرى كۆرەمدۇ ياكى كۆزلىرىمۇ؟ ئىشەنمىسىلە كۆزەينەكلىرىنى كاسسىلىرىغا توغۇرلاپ باقسىلا، ـ دەپتۇ دانىشمەن.
  ئانا تىل غۇرۇر، مۇھەببەت ، ۋىجدان ۋە ئەقىدىنىڭ تىلى، ئۇ يىلىك، مەرىپەت، ھەقىقەت، قۇدرەت ئۇنىڭدىن باشلىنىدۇ. باشقا تىللار گوۋاھنامە، شاھادەتنامە، كاپالەتنامە، ھوقۇقنامە تىللىرىدۇ.
  يوقىرىدا مەن ئۆزەمنىڭ ئۇيغۇر مائارىپى توغرىسىدىكى كۆز ـ قاراشلىرىمنى ۋە بەزى مائارىپشۇناسلىرىمىزنىڭ مائارىپ ھەققىدىكى كۆز ـ قاراشلىرىمنى ئېيتىپ ئۆتتۈم، بىز ئاساسىي مائارىپىمىزدىكى تۈزەتمىسەك بولمايدىغان  مەسىلىلەنى، كۆزىلىتىشىگە نىسبەتەن تۈرلۈك قانۇن ۋە سىياسەتتىن ئاساسى بارلىقىغا ئىشىنىش بىلەن بىرگە، مۇھىمى ھەر بىرىمىز يۈكسەك مىللىي مەسئۇلىيەت نۇقتىسىدىن ئىجادىي كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك.
   ئېسىمىزدە بولسۇنكى 21 ـ ئەسىر بىر ئۈچۈن كىملىك قۇرۇلىشى دەۋرى، شۇنداقلا كىملىكىمىزنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش دەۋرى، يانچۇقۇڭدىكى كىملىك بىلەن يۈرۈكىڭدىكى كىملىك بىردەك بولغاندا دۇنيا ساڭا قۇچاق ئاچىدۇ.
   

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 2

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 1173 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01