تەغدىر يولىدا تەدبىر(نەزىرە مۇھەممەد سالىھ)

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 1 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش
تەغدىر يولىدا تەدبىر
نەزىرە مۇھەممەد سالىھ
 
 
 
تەغدىر مەسىلىسىنى چۈشىنىشتە نۇرغۇن كۆزقاراش ۋە خاھىشلەر ئوتتۇرغا چىققان. تەغدىر ئەقىدىسىدە قەدەرىيلەر ۋە جەبەرىيلەرنىڭ خاتا كۆزقارىشىنى ئەمەس، بەلكى يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتكەن ئەھلى سۈننە ۋە جامائە ئەقىدىسىدىكى ئىككى دائىرە ئاساسىدا چۈشىنىشنى تەغدىر ئەقىدىمىزنىڭ مىزانى قىلىشىمىز كېرەك.ھەممە ئىشنى تەغدىردىن كۆرۈش، ھورۇنلۇق، ئىرادىسىزلىكتەك ئۆزىدىكى ئۆزىدىكى كەمچىللىكلەرنى مەسئولىيەتتىن قېچىپ تەغدىرگە ئارتىش، ياخشىلىقنى قولغا كەلتۈرۈش، يامانلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن سەۋەب قىلماي، تىرىشماي، بىر چەتتە قول قوشتۇرۇپ تۇرۇش، چارە-تەدبىر قىلماي،«ئۈژمە پىش، ئاغزىمغا چۈش» دەپ يېتىشتەك ئىسلام دىنى روھىغا يات بولغان بۇنداق ناچار خاھىشلارنى بىز تارىختىلا ئەمەس، بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئەتراپىمىزدا ئېچىنىش ۋە ئەپسۇسلىنىش بىلەن كۆرۈپ  تۇرىمىز.                                       
 
 
ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەۋرىدە بىر ئوغرىنى ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ  ئالدىغا ئېلىپ كەپتۇ. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ:«نېمىشقا ئوغرىلىق قىلدىڭ؟» دەپ سورىغانىكەن، ئوغرى:«ئاللاھ تائالا پېشانەمگە شۇنداق قىلىشىمنى پۈتۈپتىكەن» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئوغرىنىڭ قولىنى كېسىپ يەنە دەررە ئۇرۇشقا بويرۇپتۇ. ئەتراپتىكىلەر ئەجەپلىنىپ:«قولىنى كېسىشقۇ ئوغرىلىقنىڭ جازاسى ئۈچۈن، يەنە نىمىشقا دەررە بىلەن ئۇرىدۇ؟»دېيىشىپتۇ. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ:«قولىنى كىسىش ئوغرىلىق قىلغانلىقى، دەررە بولسا ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغانلىقى ئۈچۈن»دەپتۇ.ئۆمەر ئىبنى خەتتاب مەدىنىدىن شامغا يۈرۈش قىلىپ سەرىغ دېگەن جايغا كەلگەندە شامدا ۋابا تارقالغانلىقى، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەر كەپتۇ. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ داۋاملىق يۈرۈش قىلىپ شامغا كىرىش ياكى كەينىگە قايتىپ كېتىش ھەققىدە ساھابىلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، قايتىپ قېتىش قارار قىلىنىپتۇ. ساھابىلاردىن ئەبۇ ئۇبەيد جەرراھ:«ئى ئۆمەر! ئاللاھنىڭ پۈتكەن تەغدىرىدىن قاچامسەن؟» دېگەندە، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ:«مۇشۇ گەپنى سەندىن باشقا بىرىسى دېسە ئەجەبلەنمەس ئىدىم. شۇنداق، ئاللاھنىڭ تەغدىرىدىن يەنە ئاللاھنىڭ تەغدىرىگە قاچىمىز. ئەگەر بىر كىشى دەريا ۋادىسىغا بارسا، دەريانىڭ بىر تەرىپى ئوتلاق، يەنە بىر تەرىپى گىياھ ئۈنمەس قاقاس يەر بولسا، ئوتلاقتا پادىلىرىنى باققان كىشىمۇ ئاللاھنىڭ تەغدىرى بىلەن، قاقاس يەردە پادىلىرىنى باققان كىشىمۇ ئاللاھنىڭ تەغدىرى بىلەن باققان بولىدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەن. ساھابە ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆمەر ئىبنى خەتتابقا پەيغەمبەر ئالايھىسسالامنىڭ ۋابا تارقالغان جاي ھەققىدە ئېيتقان:«ئەگەر ۋابا تارقالغان جايدا بولساڭلار، ئۇ يەردىن چىقىپ كەتمەڭلار، ئەگەر باشقا يەردە بولساڭلار ۋابا تارقالغان جايغا بارماڭلار»دېگەن ھەدىسنى يەتكۈزگەندە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ناھايتتى خۇش بولغان. ھەدىستە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزىنىڭ توغرا تەغدىر ئەقىدىسى بىلەن ھەممە خىل ھالاتنىڭ ئاللاھنىڭ ھۆكۈم قىلغان، ئىلمىي ئەزەلىدە مەلۇملۇق بولغان تەغدىرى ئىكەنلىكىنى، ۋابا كېسىلىگە دۇچ كېلىشتەك تەغدىر ئالدىدا ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تەدبىر قىلىشىمۇ ئاللاھنىڭ تەقدىرى ئىكەنلىكىنى، پادىلىرىنى قاقاس يەردىن ئوتلاققا يۆتكىگەن كىشىنىڭ ئاللاھنىڭ بىر خىل تەقدىرىدىن يەنە بىر خىل تەقدىرىگە يۆتكىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. ئەمەلىيەتتە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ۋابادىن ھەزەر ئەيلەپ شامغا كىرمىگەنلىكى ئاللاھ تائالانىڭ : { ئۆزۈڭلارنى ھالاكەتكە تاشلىماڭلار } (سۈرە بەقەرە 195-ئايەت) ئايىتىنىڭ رېئاللىققا جانلىق تەدبىقلىنىشى ئىدى.                
 
 
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەممە ئىشلىرىدا سەۋەب-تەدبىر قىلاتتى. جەڭگە ئاتلىنىشتىن ئىلگىرى قۇشۇنلارنى پۇختا تەييارلىق قىلدۇراتتى. قارشى تەرەپنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ كېلىش ئۈچۈن خەۋەرچىلەرنى ئەۋەتەتتى. شەھەر ئەتراپىغا خەندەك كولىتىپ ئوقياچىلارنى جايلاشتۇراتتى. ساۋۇت-دۇبۇلغا كىيىپ جەڭگە كىرەتتى. يىراق جايلارغا سەپەرگە چىقىشتىن ئىلگىرى، ھەمراھلىرىنىڭ ئۇزۇق-تۈلۈكىنى ئالدىنئالا تەييارلىتاتتى. ئۆيىدىكىلەرگە تاكى قايتىپ كەلگۈچە يەتكۈدەك يېمەك-ئىچمەك جايلاپ بېرەتتى. ھەرگىزمۇ تەغدىرنى بانا قىلىپ، ئاسماندىن رىزىق چۈشۈشىنى ساقلاپ ئولتۇرمايتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېسەل بۇلۇپ قالغاندا، ساقىيىش ئۈچۈن داۋا قىلاتتى ھەم ساھابىلىرىنى شۇنداق قىلىشقا بويرۇيتتى.«ئاللاھ تائالا ھەرقانداق كېسەلنى داۋاسى بىلەن قوشۇپ ياراتقان» دېگەن ھەدىسنى ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتەتتى. بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھوزۇرىدا:«ئى رەسۇلۇللاھ! ھەرنەرسە تەغدىر بىلەن بولسا، كېسەلگە داۋا قىلىشنىڭ نېمە لازىمى؟» دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«كېسەلگە داۋا قىلماقمۇ تەغدىردىندۇر، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن داۋا پايدا قىلىپ كېسەل شىپالىق تاپىدۇ»، دەپ جاۋاب بەرگەن.                   
 
تەغدىرگە شەكسىز ئىمان ئېيتىش، ئاللاھ  تائالا بويرۇغان ئەمەللەرنى قىلىش، شۇ جۈملىدىن ھەرقانداق ئىشنى تىرىشىپ ئىشلەپ چارە-ئامال قىلىش، سەۋەب قىلىپمۇ ئالدىنى ئالالمىغان ئىشلاردا ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە رازى بۇلۇش، غەيىپ مەسىلىلەردە شەك-شۈبھىگە، ئىنكار قىلىشقا ئېلىپ بارىدىغان بىھۇدە زىغىرلاشتىن ساقلىنىش ئەھلى سۈننە ۋە جامائەنىڭ تەغدىر مەسىلىسىدىلا ئەمەس، بارلىق ئەقىدە ۋە شەرىئەت ئەھكاملىرىدا تۇتقان يولى ئىدى. شۇنداقلا بىزنىڭ ئۈلگە قىلىشىمىزغا، ئىزىنى بېسىشمىزغا ئەرزىگۈدەك ئېسىل ئۆرنەك ئىدى. تەقدىرگە ئىمان ئېيتىش ئىنسان ھاياتىنىڭ ھەربىر كارتىنىلىرىدا ئۆزىنىڭ تەڭداشسىز مۆجىزىدار كۈچىنى نامايەن قىلىدۇ، ئىنساننى پەرۋەردىگارى بىلەن مەھكەم باغلاپ ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى، كائىناتتىكى ماس بىرلىكىنى ھېس قىلدۇرۇپ، ئىنسانغا سەۋر، ئۈمىد ۋە خاتىرجەملىك بېغىشلايدۇ.
 
 
 
مەنبە :  «شەرق يۇلتۇزلىرىنى ئىزلەپ»ناملىق كىتابتىن ئېلىندى .
 
_______________________________
 
نەزىرە مۇھەممەد سالىھ مۇھەممەد سالىھ  ھاجىمنىڭ قىزى
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 1418 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01