ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ قۇرۇلما ئالاھىدىلىكى توغرىسىدا(تۇرنىسا روزى)

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ قۇرۇلما ئالاھىدىلىكى توغرىسىدا
تۇرنىسا روزى

 

 

كىشى ئىسىملىرى – ئىنسانلار جەمئىيىتىگە خاس ئالاھىدە ھادىسە بولۇپ، باشقا تىل ھادىسلىرىگە ئوخشاش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇنىڭ شەكىللىنىشى، كىشىلەر ھايات كەچۈرىۋاتقان جەمئىيەت، مەدەنىيەت، تارىخىي مۇھىت ۋە شۇ مىللەتنىڭ قوللىنىۋاتقان تىلى قاتارلىقلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى، مەدەنىيىتى ۋە تۇرمۇشىنى بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ ھەم بىر ئىنساننى ئىككىنچى بىر ئىنساندىن پەرقلەندۈرۈش زۆرۈرىيىتىدىن تۇغۇلغان نام بەلگە، ئۇ كىشىلىك ھاياتتا، خۇسۇسەن ئىجتىمائىي ئالاقىدە كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم رولغا ئىگە. ئىنسانلار ئۆزىگە خاس ئېڭى بىلەن باشقا مەخلۇقاتلاردىن پەرقلىنىدىغان بولغاچقا، كىشى ئىسىملىرىدا ئاشۇ يۈكسەك ئاڭ جىلۋە قىلىپ تۇرىدۇ. ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ كىشى ئىسىملىرى شۇ مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت كاتېگورىيىسىگە كىرىدۇ. شۇنداقلا ئۇ شۇ مىللەتنىڭ ئومۇمىي مەدەنىيەت قۇرۇلمىسىنىڭ ھەر قايسى تارىخىي دەۋرلىرىنى مۇئەييەن ئالاھىدىلىكى بىلەن ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭدا شۇ مىللەتنىڭ تارىختىكى دىنىي ئېتىقادى، ئۆزىگە خاس ئۆرپ – ئادىتى، دۇنيا قارشى، ئەخلاق ئۆلچىمى، تۇرمۇش پەلسەپىسى قاتارلىقلارنى نامايان قىلىدىغان كونكرېت مەزمۇنلار جانلىق ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇيغۇر خەلقى ئۇزاق تارىخقا، شانلىق مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئىگە خەلق بولۇپ، بارلىق مەدەنىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىرى قاتارىدا، ئۆزىگە خاس ئىسىم قويۇش ئادىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، دۇنيا ئىسىم مەدەنىيىتىگىمۇ بەلگىلىك تۆھپە قوشقان. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسىم قويۇش ئالاھىدىلىكى، ئىسىملارنىڭ كۆپ خىل، كۆپ مەنىلىك، تەكرار ۋە سىمۋوللۇق بولۇشىدا گەۋدىلىنىدۇ.

 

    ئىسىملار مەيلى قايسى تىلغا مەنسۇپ بولسۇن، ھۆسن – جامال، قەددى – قامەت، خۇشپېئىللىق مەزمۇن قىلىنغان ئىسىملار ھازىرقى زامان ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ ئاساسىي تەركىبىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئىسىملارنىڭ كۆپ خىللىقى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ گۈزەللىكنى نەقەدەر سۆيىدىغانلىقىنى، ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىسىم تاللاشتا شەكىل ۋە مەنىگە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. بۇ مەزمۇندىكى ئىسىملار تاق تەركىبلىك بولغاننىڭ سىرتىدا يەنە گۈزەل شەيئىلەرنىڭ نامى بىلەن بىرىككەن قوشما ئىسىملار، جەلپ قىلىش كۈچى يۇقىرى بولغان ئىسىملار بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن: گۈلىجېھرە، ئايپەرى، دىلبەر، ئاققىز، زىبا ... دېگەندەك.

    ئەجدادلىرىمىز بالا تۇغۇلۇپ ئىسىم قويۇلغاندىن كېيىن، تاكى بالا تۆت - بەش ياشقا كىرگۈچە ئۆز ئىسمى بىلەن ئاتىماي سىمۋول خاراكتېرىگە ئىگە ئەركىلەتمە نام بىلەن ئاتايدۇ. مەسىلەن: ئوغۇل بالىلار « قوزام»، « بوتام »، « بېگىم »، « پاقلىنىم »، « گاڭ »، « قارىچۇغام »، « ساقام »؛ قىزلارغا « پەرى »، « ئاي »، « خان »، « گۈل - گۈلۈم »، «مونچىقىم »، « ئىپار »، « چولپىنىم »، « تومۇچۇقۇم » دېگەندەك بەش ياشتىن ئۆيلۈك - ئوچاقلىق بولغىچە ئۆز ئىسمىغا « گۈل »، « قىز »، « قارى »، « ئاخۇن »، « جان »،« بەگ » قاتارلىق سۈپەت قوشۇمچىلىرى قوشۇپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن: رەيھانگۈل، تۇرسۇنقىز، يۈنۈس قارى، يۈسۈپبەگ، توختاخۇن، ئابلىمىتجان قاتارلىقلار. ياشانغانلار ئىسمىنىڭ ئاخىرىغا « دادا »، « ئاتا »، « بوۋا »، « تاغا »، « ئانا »، « موما » قاتارلىق ئىسىملار قوشۇلۇپ ئاتىلىدۇ.

    1. كىشى ئىسىملىرىنىڭ قۇرۇلما ئالاھىدىلىكى

    ھازىرقى زامان ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى ھەر قايسى تارىخىي دەۋرلەردە مۇئەييەن مەنە ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىش بىلەن بىللە، ئۆز تەرەققىياتى داۋامىدا ئۆزىگە خاس قۇرۇلما ئالاھىدىلىكىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، ئاساسلىقى ئىسىملارنىڭ لېكسىكىلىق تەركىبى، تىل تەۋەلىكى، نىسبەت جەھەتتىكى ئۆزگىچىلىكى ۋە پەرقى ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ مۇشۇ خىل ئالاھىدىلىكىنى تەشكىل قىلىدۇ. لېكسىكىلىق تەركىب بولسا، مەلۇم ئىسىمنىڭ تاق تەركىبلىك، قوش تەركىبلىك ياكى كۆپ تەركىبلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، تىل تەۋەلىكى، ئىسىملارنىڭ ئەسلى كېلىپ چىقىش ئەھۋالى، تىل جەھەتتىكى سۆز مەنبەسى، شۇنىڭدەك مەلۇم تىلنىڭ ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىدا ئىگىلىگەن ئورنى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. نىسبەت جەھەتتىكى ئۆزگىچىلىكى بولسا، مەلۇم تۈردىكى ئىسىمنىڭ بارلىق ئىسىملار ئىچىدە ئىگىلىگەن نىسبىتىنى كۆرسىتىدۇ.

    1)ئىسىملارنىڭ لېكسىكىلىق تەركىبى

    ھازىرقى زامان ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى تاق تەركىبلىك ئىسىم، قوش تەركىبلىك ئىسىم، مۇرەككەپ تەركىبلىك ئىسىم دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. تاق تەركىبلىك ئىسىم يەنى بىرلا سۆزدىن تۈزۈلگەن ئىسىمنى كۆرسىتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسمى كۆپىنچە تاق تەركىبلىك بولۇپ، ئۇ كۆپ ساننى تەشكىل قىلىدۇ. مەسىلەن، رەيھان، ئارزۇ، ئالما، ئانار، جەمىلە ئادىل، پولات، تۇرسۇن يولۋاس، قۇربان دېگەنلەرگە ئوخشاش.

    بۇ ئىسىملار خاراكتېرى، بىلدۈرگەن مەنىسى، سۆز تۈركۈمى قاتارلىق جەھەتلەردىن قارىغاندا، ئەسلى ئىسىملار، ياسالما ئىسىملار، سۈپەتلەر، پېئىللار، قوشۇمچە ئىسىملار ۋە باشقىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    قوش تەركىبلىك ئىسىملار ئىككى ئىسىمدىن ياكى ئۈچ ئىسىمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇلار قوش تەركىبلىك ئىسىم دەپ ئاتىلىدۇ. قوش تەركىبلىك ئىسىم قوللانغانلارمۇ ئاز ئەمەس. مەسىلەن، تۇرسۇن خوجا دېگەن ئىسىمدا ئۆز ئىسمى « تۇرسۇن + خوجا »، « مۇھەممەدئەلى قادىر » دېگەن ئىسىمدا ئۆز ئىسمى « مۇھەممەد + ئەلى ». مۇرەككەپ تەركىبلىك ئىسىملار ئاز بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇستەقىل بىر ئىسىم بىلەن، يەنە بىر قوش تەركىبلىك ئىسىم قوشۇلۇپ، بىر كىشىنىڭ خاس ئىسمى تەشكىل قىلىنىدۇ. مەسىلەن، « مۇھەممەدرەھىمھاجى تۇرسۇن » دېگەن ئىسىمدا ئۆز ئىسمى « مۇھەممەد + رەھىم + ھاجى ». تۈزۈلۈش شەكلىدىن قارىغاندا، بۇ ئىسىملارنى يەنە ئىككى تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ:

    (1) جۈملە شەكلىدە بىرىككەن ئىسىملار. بۇ خىل ئىسىملار ئاساسەن ئىگە، خەۋەر ياكى قوشما پېئىل شەكلىدە تۈزۈلگەن. خۇدا بەردى، تىلىۋالدى، سېتىۋالدى، ئاللا بەردى، ئىگەم بەردى دېگەنلەرگە ئوخشاش.

    (2) ئارىلاش بىرىككەن ئىسىملار. ئوخشاش بىر مۇستەقىل ئىسىمنى ياكى قوشۇمچە ئىسىمنى يەنە بىر ئىسىمنىڭ بىردەم ئالدىدا، بىردەم كەينىگە قوشۇلۇشى ئارقىلىق ياسالغان ئارىلاشما ئىسىملار. مەسىلەن، نۇرگۈل، گۈلنۇر، خانزۆھرە، زۆھرەخان...

    2) ئىسىملارنىڭ تىل تەۋەلىكى

    ھازىرقى زامان ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ تىل تەۋەلىكى خىلمۇ-خىل ۋە مۇرەككەپ بولۇپ، ئەرەب تىلىدىن قوبۇل قىلىنغان ياكى ئەرەب تىلىنى مەنبە قىلغان ئىسىملار بارلىق كىشى ئىسىملىرى ئىچىدە تەخمىنەن ﹪80 نى تەشكىل قىلىدۇ. ئەرەب تىلىدىن قوبۇل قىلىنغان بۇ خىل ئىسىملار مەيلى تاق تەركىبلىك، قوش تەركىبلىك ياكى كۆپ تەركىبلىك بولسۇن، ئومۇمەن ئەرەب تىلىدىكى تۈرلۈك پېئىللاردىن شاخلىنىپ چىققان ۋە سىنتاكسىسلىق يول بىلەن بىرىككەن بولۇپ، شەكىل جەھەتتە تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە خىلغا ئايرىلىدۇ.

    (1) ئۈچ ھەرپلىك ئاددىي پېئىللاردىن شاخلانغان ۋە ئىش – ھەرىكەتنى ئورۇندىغۇچىنىڭ نامىنى بىلدۈرىدىغان ئىسىملار: ئادىلە، زاھىدە، نادىرە، كامىلە، ساجىدە، ... قاتارلىقلار.

    (2) ئۈچ ھەرپلىك ئاددىي پېئىللاردىن شاخلانغان ۋە ئىش – ھەرىكەتنىڭ نىسبەتەن ئارتۇقراق ئورۇندالغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان سېلىشتۇرما ئىسىملار. ئەدھەم، ئەختەم، ئەنسەر ... قاتارلىقلار.

    (3) ئۈچ ھەرپلىك ئاددىي پېئىللاردىن شاخلانغان ۋە ئىش – ھەرىكەتنىڭ ئوبيېكتىنى ياكى ئىش ھەرىكەتنى قوبۇل قىلغۇچىنىڭ نامىنى بىلدۈرىدىغان ئىسىملار: مەھبۇبە، مەختۇمە، مەقسۇدە، مەئىسۇمە، مەنسۇرە، مەئمۇنە ... قاتارلىقلار.

    (4) ئۈچتىن ئارتۇق تۆت ياكى بەش ھەرپلىك پېئىللاردىن شاخلانغان ۋە ئىش – ھەرىكەتنى ئورۇندىغۇچىنىڭ ۋە ئىش – ھەرىكەت ئوبيېكتىنىڭ نامىنى بىلدۈرىدىغان ئىسىملار. مۇقەددەس، مۇكەررەم، مۇنەۋۋەر، مۇجەسسەم، مۇقتەبەر، مۇرتەزا ... قاتارلىقلار.

    (5) ھەر خىل پېئىللارنىڭ تومۇرى ھېسابلىنىدىغان ۋە ئىش – ھەرىكەتنىڭ نامىنى بىلدۈرىدىغان ئىسىملار: مۇھەببەت، مەغپىرەت، نۇسرەت، سالامەت، لاتاپەت، كارامەت ... قاتارلىقلار .

    (6) ھەر خىل پېئىللاردىن شاخلانغان ھەمدە ۋاقىت، ئورۇن ۋە نەرسە نامىنى بىلدۈرىدىغان ئىسىملار: مەشرەپ، مەرسەد، مەنزەر، مەشئەل، مەنار ( مۇنار ) ... قاتارلىقلار.

    (7) چىرمىشىش مۇناسىۋىتىدە ۋە يانداش مۇناسىۋەتتە باغلىنىپ، بىرىكمە شەكلىدە قوللىنىلغان ئىسىملار. ئەرەبچە ئىسىملار ئىچىدە بۇ خىلدىكىلىرىمۇ كۆپ ساننى تەشكىل قىلىدۇ. مەسىلەن: ئابدۇللا، بەدرىدىن، ئاماننىسا، خەيرىنىسا ... قاتارلىقلار.

    ئەرەبچە ئىسىملاردىن قالسا، ھەر خىل ئارىلاشما تەۋەلىك ئىسىملار ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ تەخمىنەن ﹪10 ىنى تەشكىل قىلىدۇ. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى ئىچىدە پارسچە ئىسىملار تەخمىنەن ﹪5 نى، ساپ ئۇيغۇرچە ئىسىملار تەخمىنەن ﹪4.5 نى، غەيرىي ئەرەب – پارس تىللىرىدىن كىرگەن ياكى ئەرەب تىلى ۋە ئەرەبچە مۇقەددەس كىتابلار ۋاسىتىسى بىلەن كىرگەن ئەرەبلەشكەن ئىبرانىچە ۋە ياۋروپاچە ئىسىملار﹪0.5نى تەشكىل قىلىدۇ.

    ھازىرقى زامان ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ قوللىنىش مىقدارى، جۈملىدىن ئايرىم ھەرپلەرنى باشلىنىش قىلغان ئىسىملارنىڭ ئومۇمىي ئىسىم جەھەتتىكى پەرقى خېلى چوڭ. ئاساسلىقى، ھەر بىر ھەرپنىڭ ۋە شۇ ھەرپنى باشلامچى قىلغان سۆزلەرنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى ۋە ئايرىم ئىسىملارنىڭ ياسىلىش خاراكتېرى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.

    3) كىشى ئىسىملىرىدىكى ئۆزگىرىشلەر

    ھازىرقى زامان ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىدىكى ئۆزگىرىش بىر قەدەر گەۋدىلىك. ئۇ، ئاساسەن ئىسىملارنى تولۇق توغرا ئاتىماسلىق، ئەركىلىتىپ ۋە كەمسىتىپ ئاتاش، جانلىق تىلدا پەيدىنپەي ئۆزگىرىپ كېتىش قاتارلىق بىر نەچچە خىل ئامىلغا مەركەزلەشكەن. بىر بۆلەك ئىسىملار ئىستېمال جەريانىدا توغرا قوللىنىلمىغانلىقتىن، ئەسلى ئاتىلىشىدىن قىسمەن ياكى كۆرۈنەرلىك يىراقلاپ كېتىپ، بەزى ئىسىملارنىڭ كۆپ خىل ئۆزگىرىشلىرى بارلىققا كەلگەن. ئايرىم ئىسىملارنىڭ ئەسلىنى تاپماي تۇرۇپ، ئۇنىڭغا مەنە بەرگىلى بولمايلا قالماستىن بەزى ئىسىملارنىڭ ئەسلىنى تاپماق ناھايىتى قىيىن. دېمەك، كۆپىنچە ئىسىملار مۇرەككەپ ئۆزگىرىش ھاسىل قىلغان بولۇپ، بۇ خىل ئۆزگىرىش ئىسىملارنىڭ ئېيتىلىشىغا ئاسان، ئىخچام بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىسىملارنىڭ ئىلمىيلىكى ۋە سىستېمىلىقىغا بەلگىلىك تەسىر يەتكۈزگەن.

    ئەرەبچە، پارسچە بەزى ئىسىملار ۋە قىسمەن ئۇيغۇرچە ئىسىملار ئۇيغۇر تىلىنىڭ شىۋە ئالاھىدىلىكى ۋە ئۇيغۇر تىلىدىكى تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قانۇنىيىتىگە ئاساسەن، تاۋۇش ( ھەرپ ) ئالمىشىش ۋە چۈشۈپ قېلىش ھادىسىسى ئارقىلىق ئۆزگىرىپ ۋە ئىخچاملىنىپ، جانلىق تىلغا بويسۇنغان. بۇنداق ئۆزگەرگەن ئىسىملار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، مۇرەككەپ، زەنجىرسىمان ئۆزگىرىش ھاسىل قىلغان.

    (1) ئۇيغۇر تىلىدىكى « ئا، ئە، ئې، ئى، ئۇ » قاتارلىق سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن تەلەپپۇز قىلىنغان بىر قىسىم ئىسىملارنىڭ باشلىنىش بوغۇمى « ھا، ھە، ھې، ھى، ھۇ » غا ئۆزگەرگەن. مەسىلەن :

    توغرىسى ئۆزگىرىشلىرى

    ئارىپ ھارىپ

    ئەزىز ھەزىز

    ئېيد ھېيت

    ئىلاخۇن ھىلاخۇن

    ئۇشۇر ھۇشۇر

    (2) « ق، ھ، غ، ئى » تاۋۇشلىرى ئايرىم – ئايرىم ھالدا « خ » غا ئۆزگەرگەن . بۇ يەردە « خ » تەلەپپۇز قىلىنغان « ھ » تاۋۇشى ، ئومۇمەن ئەرەبچىدىكى « ﭺ » بولۇپ ، توغرىسى « ھ » تەلەپپۇز قىلىش بولسىمۇ، ئۇنىڭ « خ » غا مايىللىق تەرىپىمۇ بار. مەسىلەن:

    توغرىسى ئۆزگىرىشلىرى

    ئاقنىياز ئاخنىياز

    پەرىھە پەرىخە

    مەغپىرەت مەخپىرەت

    (3) « ز » تاۋۇشى « س » غا، « س » تاۋۇشى « ز » غا ئۆزگىرىپ، قايچىسىمان ئۆزگىرىش ھادىسىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن . مەسىلەن:

    توغرىسى ئۆزگىرىشلىرى

    مەرزىيە مەرسىيە

    غىياسىدىن غىيازىدىن

    ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىدىكى تاۋۇش چۈشۈپ قېلىش ئارقىلىق شەكىللەنگەن ئۆزگىرىش، ئاساسەن تۆۋەندىكى بىر نەچچە خىل بولۇپ ، ئۇنى قىسقىراش ھادىسىسى دېيىشكىمۇ بولىدۇ:

    (1) ئىسىملارنىڭ مەيلى ئوتتۇرىسىدا ياكى ئاخىرىدا كەلسۇن، ئومۇمەن « ھ » تاۋۇشىنىڭ چۈشۈپ قېلىشى كۆپ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن:

    توغرىسى ئۆزگىرىشلىرى

    زۆھرە زورە

    زۇلھەي زۇلەي زىلەي

    ساباھ سابا

    (2) ئارقا- ئارقىدىن تەكرارلىنىپ كەلگەن ئىككى ئوخشاش تاۋۇشنىڭ بىرى قىسقىراپ كەتكەن. مەسىلەن:

    توغرىسى ئۆزگىرىشلىرى

    راززاق رازاق

    سەيپىددىن سەيپىدىن

    (3) ئىسىملارنىڭ باش بوغۇمى ياكى بىر، ئىككى تاۋۇشى ساقلىنىپ، ئاخىرى پۈتۈنلەي قىسقىراپ، ئۇنىڭ ئورنىغا « گۈل، خان، قىز » سۈپەتلىرى ( بۇلار تىل نۇقتىسىدىن سۈپەت بولمىسىمۇ، كىشى ئىسىملىرىدا سۈپەت رولىنى ئۆتەيدۇ ) ئۇلىنىپ كەلگەن. مەسىلەن:

    توغرىسى ئۆزگىرىشلىرى

    گۈلشەن گۈشەخان، گۈشەقىز

    پاتىمە پاتىگۈل، پاتىخان

    ئاتىكە ئاتىگۈل، ئاتىقىز، ئاتىخان

    (4) « ر » ھەرپىنىڭ چۈشۈپ قېلىشى جانلىق تىلدا تەبىئىي كۆرۈلىدىغان ھادىسە بولۇپ، كىشى ئىسىملىرىدىمۇ بۇ ھادىسە كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن:

    توغرىسى ئۆزگىرىشلىرى

    تۇرنىسا تۇنسا

    نۇرخان نۇخان

    (5) بىردىن ئارتۇق ياكى بىر نەچچە تاۋۇش بىراقلا چۈشۈپ قېلىپ، ئىخچاملىنىش ئەھۋالىمۇ كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن:

    توغرىسى ئۆزگىرىشىلىرى

    خەيرىنىسا خەرنىسا ، خەيرىخان

    زۇلقەھرى زۇلقەر

    (6) تاۋۇش ئالمىشىش ۋە چۈشۈپ قېلىشى، بىرلا ۋاقىتتا يۈز بېرىدىغان ئەھۋالمۇ مەۋجۇت. مەسىلەن:

    زەبىرە زىۋىرە

    ئۇبەيدۇللا ئەبەيدۇللا، ئەبەيدۇل، ئەبەي

    ئەرەبچىدىن قوبۇل قىلىنغان بەزى ئىسىملارنىڭ باش بوغۇمى تەلەپ بويىچە « ئە » تەلەپپۇز قىلىنىشى كېرەك. ئەمما ئۇيغۇر تىلىدىكى تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قانۇنىيىتىگە ئاساسەن، « ئە » بوغۇمى « ئا » غا ئۆزگەرگەن. بۇ خىل ئۆزگىرىش تەبىئىي ھالدا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئېھتىياجى بويىچە بارلىققا كەلگەن. مەسىلەن:

    توغرىسى ئۆزگىرىشلىرى

    جەمال جامال

    ۋەھھاب ۋاھاب

    كەمال كامال

    سەلام سالام

    ئۇيغۇر تىلىدا « ئا ، ئە » تاۋۇشلىرىنىڭ « ئې ، ئى » غا نۆۋەتلىشىش قانۇنىيىتىگە ئاساسەن، ئاخىرقى تاۋۇشى « ئا ، ئە » بىلەن كەلگەن ئىسىملار ئۆزىگە باشقا تەركىبلەر قوشۇلۇپ كەلگەندە، تەبىئىي ھالدا ئۆزگىرىپ كەتكەن. مەسىلەن :

    توغرىسى ئۆزگىرىشلىرى

    سارە سارىخان

    ھەپىزە ھەپىزىخان، ھەپىزىگۈل

    جەمىلە جىمىلىخان

    ھازىر زامان ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىدا يەنە تۆۋەندىكىدەك ئەھۋال مەۋجۇت:

    (1) بەزى ئىسىملارنىڭ ئاخىرىغا بىرىنچى شەخس تەۋەلىك قوشۇمچىسى « م » ۋە « جان » قوشۇلۇپ كېلىپ، شۇ خىل ئىسىملارنىڭ ھۆرمەت مەنىسىنى كۈچەيتىپلا قالماستىن، بەلكى ئۇ يۇقىرىقىدەك ئىسىملارنى شەكىل جەھەتتىنمۇ يېڭى تۈسكە ئىگە قىلىدۇ. مەسىلەن، ساجىدە – ساجىدەم، زەيتۇنە – زەيتۇنەم، تاھىر – تاھىرجان.

    (2) بەزى ئىسىملار پەيدىنپەي ئۆزگىرىش ئارقىلىق بىر – بىرىدىن يىراقلاپ، پەرقلىق ئىسىملارغا ئايلىنىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، بىر مەنبەلىك ۋە ئوخشاش مەنىلىك ئىسىم بولسىمۇ، بىر ئائىلىدىكى كىشىلەر تەرىپىدىن ئاڭسىز ھالدا ئايرىم – ئايرىم ئىسىم ئورنىدا قوللىنىلغان. نەتىجىدە ئاتىنىڭ ئىسمى بىلەن ئوغۇلنىڭ، ئانىنىڭ ئىسمى بىلەن قىزنىڭ ياكى بىر ئۆيدىكى ئىككى پەرزەنتنىڭ ئىسمى ماھىيەتتە ئوخشاش ئىسىم بولۇپ قالغان. مەسىلەن:

    ئەسلى ئىسىم ئاتىسىنىڭ ئىسمى ئوغۇلىنىڭ ئىسمى

    ئەھمەد ئەمەت ئەخمەت

    بەزى ئەر ئىسىملىرىنىڭ ئاخىرىغا « ئاي، خان » قاتارلىق ئىسىم ئۆزگەرتكۈچى سۈپەتلەرنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ئايرىم ئاياللار ئىسمى ياسالغان. مەسىلەن:

    تۇرسۇن + ئاي = تۇرسۇناي ئەركىن + ئاي = ئەركىناي تۇيغۇن + ئاي = تۇيغۇناي

    ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ قوللىنىشى، جۈملىدىن قۇرۇلمىسى، ئۆزگىرىشلىرى ۋە باشقا ئالاھىدىلىكلىرى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تىل ئەمەلىيىتى ۋە مەدەنىيەت ھاياتىنىڭ نامايەندىسى. ئۇ، قوللىنىلىش جەريانىدا، كۆپ خىل ئۆزگىرىش، مۇستەھكەملىنىش ۋە قېلىپلىشىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرۈپ، بۈگۈنكى ھالەتكە كەلگەن. كىشى ئىسىملىرى مەيلى قەدىمكى ياكى ھازىرقى زامان بولسۇن، مەيلى ساپ ئۇيغۇرچە ياكى باشقا مىللەت تىلىدىن قوبۇل قىلىنغان بولسۇن، ھامان مەلۇم مەنىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.

    2. ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ ئۆسۈملۈكلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى

    قەدىمكى تەبىئەت ئىلاھىيەتچىلىكى دەۋرىدە، ئۇيغۇرلار ئۆز پەرزەنتلىرىگە تەبىئەتكە جۈملىدىن ئاسمان جىسىملىرىغا، ھايۋاناتقا، ئۇچار – قۇشلارغا، گۈل – گىياھقا، دەل – دەرەخلەرگە، تەبىئەت ھادىسىلىرىگە، زىمىن ۋە سۇغا دائىر ئىسىملارنى قويۇش ئادىتىنى شەكىللەندۈرگەنىدى. مەسىلەن:

    ① دەل – دەرەخ نامىدىن ئېلىنغان ئىسىملار:

    جىنەستىخان ، ئالمىخان ، ئانارخان، چىنارخان، زەيتۇنەم ...قاتارلىقلار.

    ② گۈل – گىياھ نامىدىن ئېلىنغان ئىسىملار:

    تاجىگۈل، چىمەنگۈل، مودەنگۈل، ھۆرىگۈل ... قاتارلىقلار.

    ③ زىرائەت ۋە باشقا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ نامىدىن ئېلىنغان ئىسىملار:غۇنچەم ، مايسىخان ... قاتارلىقلار.

    ④ مۇھىت ۋە تەبىئەت مەنزىرسىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىسىملار: بۇ، گۈزەل مۇھىت ۋە رەڭمۇ رەڭ تەبىئەت مەنزىرسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىسىملارنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىسىملار كۆپىنچە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئىسىملىرىدا كۆپرەك قوللىنىلىدۇ. مەسىلەن: گۈلبوستان، گۈلجەننەت، زۇمرەتخان ، گۈلباھار، گۈلزار، گۈلچىمەن، گۈلشەن، زۇلال، زەينۇر،گۈلجەمىلە... قاتارلىق.

    ⑤ دورا ئۆسۈملۈكلىرى نامىدىن ئېلىنغان ئىسىملار:

    لەيلىگۈل، رەيھانگۈل، نىلۇپەر، زەپەر، سىراج ... قاتارلىقلار.

    يېقىنقى ئەسىردىن بۇيان، خەلقىمىز قوللىنىپ كەلگەن ئىسىملار ئىچىدە تەبىئەتتىكى ئۆسۈملۈكلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىسىملار بىر قەدەر كۆپەيدى. چۈنكى، ئەجدادلىرىمىز ئەزەلدىنلا ئورمان، گۈل - گىياھ ۋە يېشىل ئۆسۈملۈكلەرنى ئىنتايىن ياخشى كۆرۈپ كەلگەن. ئۇلارنىڭ تەبىئەتتىكى ھەر خىل ئۆسۈملۈكلەرنىڭ نامىنى ئۆزلىرىگە ئىسىم قىلىپ قوللىنىشى، يېشىللىقنى قەدىرلەپ، يېشىللىقنى ئۆزلىرىنىڭ ھاياتى بىلەن تەقدىرداش دەپ قاراپ، يېشىللىققا چەكسىز مۇھەببەت باغلىغانلىقىنىڭ روشەن ئىپادىسى، شۇنداقلا گۈزەللىككە ئىنتىلگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى.

    دېمەك، كىشى ئىسىملىرى تەتقىقاتى ئېتىمولوگىيە تەتقىقاتى بىلەن ماسلاشقاندىلا ئاندىن، ئۆزىنىڭ ياخشى نەتىجىسىنى نامايان قىلالايدۇ. ئىسىمشۇناسلىقتا تەتقىق قىلىدىغان تەرەپلەر ناھايىتى كۆپ، ئاشۇ ئىسىم – ناملار ئىپادىلىگەن سۆز ئاتالغۇلارنىڭ مەنىسىنى ئېنىقلاش ھەمدە ئۇنىڭ ھەممە جەريانلىرىنى ۋە نامۇۋاپىق قوللىنىلغان ئىسىملارنى تېزلا توغرىلاش قىيىن. ئۇنىڭ بىر قىسمى تىلىمىزنىڭ فونېتىكىلىق خۇسۇسىيىتىگە ماس ھالدا بارلىققا كەلگەن ۋە تىلىمىزغا ئۆزلىشىپ كەتكەن. شۇڭا، ئۇنى پۈتۈنلەي چەتكە قاققىلىمۇ بولمايدۇ. بىراق مەسئۇلىيەتسىزلىك تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان بەزى ئۆزگىرىشلەرنى بىلمەسلىككە سالماستىن، بەلكى ئەدەبىي تىلدا، جۈملىدىن مەتبۇئاتلاردا بولسىمۇ، ئۇنىڭ توغرىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئومۇملاشتۇرۇشىمىز لازىم.

 

______________________________

 پايدىلانغان ماتېرىياللار:

    1.مۇتەللىپ سىدىق قاھىرى: « ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى » قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى ،  1998- يىلى 8- ئاي 1- نەشرى.
    2.ئابدۇرەھىم ھەبىبۇللا: « ئۇيغۇر ئېتنوگرافىيىسى » شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ،    2000- يىل 4- ئاي 2- نەشرى.
    3.« ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى » 1999- يىل 8- ئاي 1- نەشرى.
    4.« ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز لۇغىتى » شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1997 - يىل 1- ئاي 1- نەشرى.

 

ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى تىل تەتقىقات ئورنى

 

ماقالە مەنبەسى: شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتى

 
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 1059 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01