ئاندوررا كېنەزلىكى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

    ئاندوررا پىرېنېي تاغ تىزمىسىدىكى  فرانسىيە بىلەن ئىسپانىيەنىڭ ئارىلىغىغا جايلاشقان بولۇپ ،1278-يىلى بەگلىك دۆلىتى بولغان . فرانسىيە بىلەن ئىسپانىيە ئىمزالىغان تېنچلىق كېلىشىمنامىدىكى  بەلگىلىمىگە ئاساسەن ،ئىككى دۆلەت ئاندورراغا بولغان ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىدىن  تەڭ بەھرىمەن بولغان .ئاندوررا ھەر يىلى  سىمۋول خاراكتىردە بۇ ئىككى دۆلەتكە باج تاپشۇرغان .فرانسىيە زۇڭتۇڭى بىلەن ئىسپانىيەنىڭ  يەرلىك ئىپىسكوپى ئوخشاشلا  ئاندوررانىڭ دۆلەت باشلىغى بولغان .1806-يىلى ،ئاندوررا سېرىق ۋە قىزىل يوللۇق  بىر بايراقنى ئىشلەتكەنىدى؛ 1866-يىلى ،ئاندوررا فرانسىيە دۆلەت بايرىغىدىكى كۆك رەڭ بىلەن ئىسپانىيە دۆلەت بايرىغىدىكى سېرىق ۋە قىزىل رەڭلەرنىمۇ قوبۇل قىلىپ ،ئۆزىنىڭ كۆك ،سېرىق ۋە قىزىل يوللۇق بايرىغىنى تۈزۈپ چىققان ،بايراقنىڭ ئوتتۇرسىغا  فرانسىيە زۇڭتۇڭى  ئاندوررا بەگلىگىگە ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقنى يۈرگۈزۈشكە ئەۋەتكەن  گراف فويكېسنىڭ مۆھۈر بەلگىسى سىزىلغان .

      ئاندوررا دۆلەت گېربىدە ئۆزىنىڭ فرانسىيە بىلەن ئىسپانىيىنىڭ  قوش ھامىيلىغىدا تۇرغان ئورنى ئىپادىلەنگەن ،دۆلەت گېربىدىكى  ئاساسلىق سۈرەت تۆت قىسىمغا بۆلۈنگەن  قالقانسىمان گېرب بولۇپ ،ئۈستىدىكى سول تەرەپكە ئېپىسكوپنىڭ ئالتۇن تاجىسى بىلەن بىر ھاكىميەت ھاسىسى سىزىلغان . بۇ ئىسپانىيە ئوگار يەرلىك ئېپىسكوپنىڭ بەلگىسى ، سول ئاستىدىكى ئالتۇن بەلدەمگە تۆت قىزىل بەلدەم  تارتىلغان بولۇپ ،ئىسپانىيىنىڭ كاتالونىيە ئاپتۇنۇم رايونىنى بىلدۈرگەن ، ئۇ ئاندوررانىڭ ئۆرپ -ئادەت  ۋە تىلىنىڭ مەنبەسى؛ ئوڭ ئاستىدىكى ئىككى سېرىق كالا گراف فويكېسنىڭ  ۋارىسى گراف بېرئىننىڭ مۆھۈر بەلگىسى، ئوڭ ئۈستىدىكى ئالتۇن بەلدەملىك ئورۇندا ئۈچ تىك قىزىل بەلدەم بولۇپ ، بۇ ئاندوررانىڭ دەسلەپكى ھىمايىچىسى گراف فويكېسنىڭ گېربى . دۆلەت گېربىنىڭ  ئاستى قىسمىغا  ئاندوررالىقلارنىڭ  ھىكمەتلىك سۆزى « ئىتىپاقلىق ---كۈچ » دىگەن خەت يېزىلغان .

[admin تەستىقلىدى . 2010-2-13 20:41:24]
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 395 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01