ھايۋانلارنىڭ يەر تەۋرەشتىن ئالدىن مەلۇمات

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

ھايۋانلارنىڭ يەر تەۋرەشتىن ئالدىن مەلۇمات بېرىشى .

1976- يىلى 7- ئاينىڭ 28- كۈنى تاڭ سەھەردە ، تاڭشەن شەھىرىنىڭ ھەممە يېرىدە جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرگەن ، پۈتۈن شەھەر خەلقى شېرىن ئۇيقۇدا بولۇپ ، ئويلىمىغان يەردىن چوڭ ئاپەت شەھەرگە بېسىپ كىرمەكتە ئىدى ، سائەت 1:00، 2:00...3:42 ئۆتكەندە ، تۇيۇقسىز بۇ قورقۇنچلۇق ۋەھىمە شەھەرگە قىستاپ كىرى ، شەھەر تەۋرەشكە باشلىدى . دېمەك ، بۇ شەھەردە قاتتىق يەر تەۋرەش باشلىغانىدى.

كىشلەر يەر تەۋرەشتىن ئىلگىرى ئاپەتتىن خەۋەر تاپمىغان ، ھەتتا ئۇلاردا ئازىراق تۇيغۇمۇ بولمىغانىدى . لېكىن يەر تەۋرەپ بولغاندىن كېيىن ، كىشلەر ھايۋانلارنىڭ  يەر تەۋرەشتىن ئىلگىرىكى ھەرىكىتى ( قىلىقلىرى ) نى ئېسىگە ئالدى ، ئۇلارنىڭ ھەركىتى ھەقىقەتەن ھەيران قالارلىق ئىدى .

بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەشنىڭ ئالدىنقى كۈنى ، يەنى 7- ئاينىڭ 27- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10:00 لاردا تاڭشەن رايونى لۈننەن ناھىيسىنىڭ ۋاڭدوڭجۇاڭ كەنتىدىكى بىر دېھقان كېۋەز ئېتىزلىرىدا چوڭ چاشقانلارنىڭ كىچىك چاشقانلارنى چىشلەپ ، ئۇياندىن بۇيانغا يۈگۈرەۋاتقانلىقىنى ، كىچىك چاشقانلارمۇ تەرتىپ بىلەن بىر - بىرىنىڭ قۇيرۇقىنى چىلشەپ ، رەتلىك ھالدا ئەگىشىپ مېڭىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن . 7- ئاينىڭ 25- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن فۇنىڭ ناھىيسىنىڭ شۈجۇاڭ يېزىسىدا بەزىلەر نۇرغۇن ئاغمىخانلارنىڭ بىر كونا تاملىقىتىكى ئۇۋىسىدىن چىقىۋاتقانلقىنى ھەمدە چوڭ ئاغىمىخانلارنىڭ كىچىكلىرىنى دۈمبىسىگە ئېلىپ ، بەزىلىرىنى چىشلەپ ، كەنىت تەرەپكە كۆچۈۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ، شۇ كۈنى كەچتە يەنە 10 نەچچە ئاغمىخان بىر تۈپ ياڭاق دەرىخىنى چۆرىدەپ ئايلانغان ، 7- ئاينىڭ 26- ۋە 27 - كۈنى ئاغمىخانلار ناھايتى ئەنسىزلىك ئىچىدە توختىماي چىقىرىغان .

چاڭلى ناھىيسىدىكى بىر ئۆيدە بېقىلىۋاتقان ئىككى ، ئۈچ يۈز كەپتەر يەر تەۋرەشتىن 2 سائەت ئىلگىرى ئۇۋىسىدىن چىقىپ ئۇچۇپ كەتكەن ، بۇ ئىش كەپتەرلەرنىڭ ئىگىسى ۋە قوشنىلارنى ئەندىشىگە سالغان ، كۆپچىلىك نېمە بولغانلىقى ئۈستىدە غۇلا - غۇلا قىلىشقاندىن كېيىن ئۆيلىرىگە قايتىپ ئەمدىلا ئۇخلاي دېگەندە ، قاتتىق يەر تەۋرەش باشلىنىپ كەتكەن .

تاڭشەن شەھىرىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئىتلار يەر تەۋرەشتىن ئىلگىرىكى كۈنى كېچىدە ئىگىلىرىنى ئۇخلاتمىغان . ئىگىسى ئەمدىلا ئۇخلاي دېگەندە ئىتلار ئۇۋىسىدىن چىقىپ ھوۋلاشقا باشلىغان . ئىگىسى ئۇلارنى قورقۇتۇپ ، يىراقلارغا ھەيدىۋەتكەن ، لېكىن يەنە ئەمدىلا ئۇخلاي دىيشىگە ، ئىتلار يەنە ئىگىلىرىنى چىشلەپ تارتقان ، ئىت ئىگىلىرى تاياق ئېلىپ ئىتلارنى ئۇرۇپ ئۆيدىن قوغلاپ چىقارغان ، ئەمما بىردەمدىن كېيىن قاتتىق يەر تەۋرەشكە باشلىغان .

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كۆپ ئۆيلەردە ، ئۆي قۇشلىرى ۋە ئۆي ھايۋانلىرىدا غەيرىي ئالامەتلەر كۆرۈلگەن . ئۇنداقتا ، يەر تەۋرەشتىن ئىلگىرى نېمە ئۈچۈن ھايۋانلاردا غەيرىي ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ؟ يەر تەۋرەش مەنبەسى ھايۋانلارغا قانداق ئۇچۇر بېرىدۇ ؟ ھايۋانلار بۇ ئۇچۇرلارنى قايسى ئەزاسى ئارقىلىق قۇبۇل قىلىدۇ ؟ بۇ مەسىلە تا بۈگۈنگە قەدەر بىر سىر بولۇپ كەلمەكتە . بەزىلەر يەر تەۋرەشتىن ئىلگىرى تەۋرەش مەنبەسى رايونلىرىدىكى تاغ جىنسىلىرى كۈچلۈك تەۋرەش كۈچىنىڭ تەسىرىدە ، شىددەتلىك فىزىكىلىق ۋە خىمىيلىك ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ئاۋاز ، نۇر ، زەرەت ، ماگىنىت ، ئىسسىقلىق قاتارلىق فىزىكلىق ھادىسلەر پەيدا بولىدۇ، دەپ قارايدۇ . يەر تەۋرەشتىن ئىلگىرى پەيدا بولغان ئاۋاز دولقۇنىنى كىشلەر ئاڭلىيالمايدۇ ، ئەمما بەزى ھايۋانلار ئېىنىق ئاڭلىيالايدۇ، يەر نۇرى كۆزنى چاقنىتىدىغان رەڭدار نۇر بولۇپ ، ئۇ ھايۋانلارغا غىدىقلاش تەسىرى بېرىدۇ. ئامېرىكىلىق بىر ئالىم مۇنداق قارىغان : بىرى ، مەلۇم ھايۋانلار يەر ماگىنىت مەيدانىدىكى كىچچىكىنە ئۆزگىرىشلەرگىمۇ ناھايتى سەزگۈر كېلىدۇ ، شۇڭا يەر تەۋرەشتىن ئىلگىرى ئۇلاردا غەيرىي ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. يەنە بىرى ، نۇرغۇن ھايۋانلارنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارى ئىنسانلارغا قارىغاندا ئىنتايىن كۈچلۈك ، ئۇلار چاستوتىسى ناھايتى يۇقىرى ياكى ئىنتايىن تۆۋەن ئاۋازنىمۇ ئاڭلىيالايدۇ ، شۇڭا يەر تەۋرەشتىن ئىلگىرى ئۇلاردا غەيرىي ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

ھايۋنلار بىلەن يەر تەۋرەشنىڭ مۇناسىۋىتىگە دائىر تەتقىقات يەنىلا ئىزدىنىش باسقۇچىدا ، پەقەت يەر تەۋرەشتىن ئالدىن مەلۇمات بېرىشتە پايدىلىنىشقا بولىدۇ، يەر تەۋرەشتىن ئىلگىرىكى بىشارەت ئالامەتلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ ، ئومۇملاشتۇرۇپ ، تەھلىل ئېلىپ بارغاندا ، ئاندىن توغرا يەكۈن چىقارغىلى بولىدۇ. خۇلاسلىغاندا ، يەر تەۋرەشتىن ئىلگىرى نېمە ئۈچۈن ھايۋانلاردا غەيرىي ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، دېگەن بۇ تېما يەنىلا سىر بولۇپ ، تېخىمۇ ئىچكىرلەپ تەتقىق قىلشنى كۈتمەكتە.

« شىنجاڭ مائارىپى » ژورنىلىدىن .

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 537 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01