خەنزۇ تىلىنىڭ ئىنگلىز تىلىنىڭ دۇنيادىكى ئورنىنى تەۋرىتىشى قىيىن

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 13 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

خەنزۇ تىلىنىڭ ئىنگلىز تىلىنىڭ دۇنيادىكى ئورنىنى تەۋرىتىشى قىيىن


ئامېرىكا ‹‹ئاخبارات ھەپتىلىك ژۇرنىلى ›› تور بېكىتىنىڭ 17-يانۋاردىكى ماقالىسى ئەسلى تېمىسى : ئىنگلىز تىلىنىڭ ئورنى مۇستەھكەم (ئاپتورى جون . مايك ۋاتىر )
     مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلار كەڭ تارقالغاندەك قىلىدۇ : بىر مىلىيارد تۆت يۈز مىلىيۇن نوپۇسى بار جۇڭگو كەلگۈسى نەچچە ئون يىل ئىچىدە دۇنيادىكى بىرىنچى ئىقتىسادىي چوڭ دۆلەتكە ئايلىنىدۇ . لېكىن بەزى كىشىلەرنىڭ تەسىراتى شۇكى ، بۇ دۇنيا تىلى ۋەزىيىتىدە كەسكىن ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ . مائارىپ ، تەسىر كۈچى ياكى ھوقۇقنى قوغلىشىدىغان كىشىلەر شۈبھىسىزكى خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىش كېرەك ، بۇ توغرىمۇ ؟
   خاتا . پۈتۈن دۇنيا بويىچە ئەمەلىي قوللىنىدىغان خەلقئارا تىل داۋاملىق ئىنگىلىز تىلى بولىدۇ . دۇنيا بويىچە ئىشلىتىدىغان تىل دۇنيانى باشقۇرۇدىغان دۆلەتنىڭ سۆزلىشىدىغان تىلى ئەمەس : بۇ بىر خىل يېڭى ، ئارلاشما تىل دۇنياسى تەرتىپىدىن ئىبارەت .
   قەدىمدىن تارتىپلا كۈندىلىك ئىشلارنى ئىشخال قىلىنغان دۆلەتنىڭ تىلى ئارقىلىق باشقۇرىدىغان ئىمپىرىيەلەر بولغان . پىرىتسىيە ئىمپىرىيەسىنىڭ زېمىنى مىسىردىن ھىندىستانغىچە كېڭەيگەن بولسىمۇ ، لېكىن ئەرەب تىلىنى ئىشلەتكەن . چىڭگىزخانۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى مۇڭغۇللار ئىلگىرى جۇڭگوغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان بولۇپ ، ئۆزىنىڭ تىلىنى مەقسەتسىز ھالدا تارقاتقان بولسىمۇ ، لېكىن خەنزۇ تىلىنى خوشاللىق بىلەن ساقلاپ قالغان .
   جۇڭگو ۋە يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆكۈمرانلىق بىلەن تەڭ مەۋجۇت بولىدىغان ھادىسە شۇكى : ئىنگىلىز تىلى دۇنيادا داۋاملىق ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ . توغرا ، تارىختا شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئورۇندا تۇرغان ناھايىتى نۇرغۇن تىللار ئۇنىڭ كەينىدىكى زوراۋانلىق ئاجىزلاشقاندىن كېيىن چەتلەشتۈرۈلۈش ئەھۋاللىرى بولغان . ئىسكەندەر زۇلقەرنەئىن پىرتسىيەنى سۈر-توقاي قىلغاندا ، كىشىلەرنىڭ ھەممىسى گرېك تىلى مەڭگۈ بىر خىل دۇنيا تىلى بولىدۇ دەپ قارىغانىدى .
   لېكىن ئىنگىلىز تىلىنىڭ ئەھۋالى ئوخشىمايدۇ . ئىنگىلىز تىلى ئەڭ دەسلەپتە ساۋاتسىز گېرمان قەبىلىسى سۆزلىشىدىغان بىر نەچچە خىل نامسىز تىللارنىڭ بىرى ئىدى ، بۈگۈنكى كۈندە بىزگە مەلۇم بولغان 6000 خىل تىل ئىچىدىكى ئەڭ دائىم ئىشلىتىدىغان بىر خىل تىلغا ئايلاندى . بۇ خىل ئەھۋال ناھايىتى غەيرىي بولۇپ ، ناھايىتى زور دەرىجىدە غەربىي ياۋروپانىڭ جۇغراپىيەسىدىن ، شۇنداقلا بۇ خىل جۇغراپىيە پەيدا قىلغان يېڭىلىق يارىتىش روھىدىن كەلگەن .
   ئىنگىلىز تىلىنىڭ ئورنى مۇستەھكەم ، چۈنكى ئۇ مەتبەئەنىڭ كەشىپ قىلىنىشى ، ساۋات چىقىرىشنىڭ ئومۇملىشىشى ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئاخىرى ھەممە يەردە بار بولۇشىغا ئەگىشىپ ، تەدرىجىيھالدا يېتەكچى ئورۇننى ئىگىلىگەن .

   تەرجىمە تېخنىكىسىنىڭ ياخشىلىنىشى ئىككىنچى تىلنى ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئاجىزلاشتۇرمايدۇ بەلكى بۇ نۇقتىنى ئۆزگەرتىدۇ . تىل پەرقلەندۈرۈش كودىلا ئەمەس ، بەلكى سۇبيېكتىپ بەلگە بولۇپ ، ئادەت ، نەپىس ۋە تېخىمۇ كەڭ نەزەر دائىرىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك .
   شۇڭلاشقا ، ئەگەر فىرانسۇزچە كىشلەر ياخشى كۆرىدىغان تىل ، نېمىسچە كەسكىنلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك تىل بولسا ، ئىنگىلىز تىلى دۇنيادا كەڭ ئامېرىكىدا كەڭ تارقالغان ئامېرىكا مۇزىكىلىرى ، كىنولىرى ۋە ئامېرىكىنىڭ تەسىر كۈچىدىن ئىبارەت . گەرچە ئىنگىلىز تىلىنىڭ بۇ خىل تەسىر ئۈزلۈكسىز ئاجىزلىشىۋاتقان بولسىمۇ . سېلىشتۇرۇپ قارىغاندا : گەرچە فىرانسىيەنىڭ دۇنيادىكى تەسىر كۈچى 1945-يىلدىن كېيىن روشەن ھالدا ئاجىزلاشقان بولسىمۇ ، ئامېرىكىنىڭ بىلىم ساھەسىدىكىلەر يەنىلا ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ فىرانسۇز تىلى فاكولتېتلىرىنىڭ ئورنىنىڭ ئاجىزلىشىدىن ئىختىيارسىز سەسكەنمەكتە ، ھەمدە يەنىلا فىرانسۇزچىنى بىرئاز بىلىش ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيەنىڭ نازاكەتلىكىنىڭ بەلگىسى دەپ قارىماقتا .
   ئىنگىلىز تىلىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىمۇ چەت ئەللىكلەرنىڭ خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىشىنىڭ قىيىن بولغانلىقىدىن كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ . ئەگەر تۇغۇلۇپلا ئۆگىنىشكە باشلىمىسا ، ھەر خىل ئوقۇلىدىغان(  骂,马 ) لارنى پەرقلەندۈرۈش ئادەمنى ناھايىتى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدىغان بىر ئىش . دىبولاخ فروسى ‹‹ خەنزۇچە چۈش كۆرۈش ›› دېگەن ئەسەردە ئۆزىنىڭ جۇڭگودا خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىشتە باشتىن كەچۈرگەنلىرىنى سادىقلىق بىلەن خاتىرىلىگەن . ئۇ ، ئۆزىنىڭ ئىككى يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئاندىن باشقىلارنىڭ سۆزىنى ئاران چۈشىنەلەيدىغان بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان . شۇڭا خەنزۇ تىلى دۇنيا بويىچە ئورتاق ئىشلىتىدىغان تىل قىلىشقا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ . بۇنىڭدىن باشقا ، خەنزۇ يېزىقى فونىتېكىلىق يېزىق ئەمەس ، بەلكى تەسۋىرىي يېزىق بولۇپ ، بۇمۇ بىر چوڭ يۈك .
  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ئىنگىلىز تىلىنىڭ ئاساسىي گىرامماتىكىسى بىر قەدەر ئاددىي بولۇپ ، ئاددىي تاق سۆزلەرنى بىرلەشتۈرسىلا مەنانى ئىپادىلىگىلى بولىدۇ . ئىنگىلىز تىلى دۇنيا تىلىغا ئوخشىمايدۇ ، ئەمما بىر خىل دۇنيا تىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىشلەتكۈچىلەرگە نىسبەتەن ‹‹ ئىنتايىن دوستانە ›› تىل .
تەرجىمە قىلغۇچى : مۇسا ئەخمەت

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 13

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 627 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01