ئافغانىستاننىڭ بايرىقى ۋە گىرىبى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 1 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

 ئافغانىستان

             20-ئەسىردىن بۇيان ،پامىر ئىگىزلىگىدىكى  تاغلىق دۆلەت --ئافغانىستاندا ئۇرۇش  توختىمىدى .دۆلەت تۈزۈلمىسىدە  ئۆزگىرىش كۆپ بولدى.بۇ ھەر قېتىمقى دۆلەت تۈزۈلمىسى ۋە ھاكىميەت تۈزۈلمىسىدە بولغان ئۆزگىرىش  ئافغانىستان دۆلەت بايرىغىدا مۇناسىپ ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى.1919-يىلى  ئاۋغۇستتا  ئافغانىستان خەلقى جاپالىق كۈرەشلەر ئارقىلىق ئەنگىلىيىنى  ئافغانىستاننىڭ  مۇستەقىللىغىنى ئېتىراپ قىلىشقا  مەجبۇرلاپ ،پادىشاھلىق دۆلەت قۇرغان .1973-يىلى  پادىشاھ چاشىر  ئاغدۇرۇلۇپ ،ئافغانىستان جۇمھۇريىتى قۇرۇلغان ؛1978-يىلى بىر تۈركۈم ياش ئوفىتسىرلار  ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش ئېلىپ بېرىپ،دۆلەت نامىنى دېمۇكىراتىك جۇمھۇريەتكە ئۆزگەرتكەن .ئۇزۇمايلا سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلغان ،ئىچكى ئۇرۇش پارتلاپ،ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش تەشكىلاتلىرى سوۋىتپەرەس ھاكىميەت بىلەن كەسكىن جەڭ قىلغان . 1989-يىلى سوۋىت ئارمىيىسى چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن ئافغانىستان يەنە جۇمھۇريەتكە ئۆزگەرتىلگەن ؛1992-يىلى ئافغانىستان مۇسۇلمانلىرى  سابىق ھاكىميەتنى ئاغدۇرۇپ،جۇمھۇريەتنى ئىسلام دۆلىتىگە ئۆزگەرتىپ،ئىلگىرى قارا،قىزىل ۋە يېشىل رەڭدىكى  دۆلەت بايرىغىنىڭ ئورنىغا ئىسلامنىڭ يېشىل ،ئاق ۋە قارا رەڭىك بايرىغىنى دەسسەتكەن .

         ئافغانىستان ئىسلام دۆلىتىنىڭ  بايرىقى يۇقىردىن تۆۋەنەىچە يېشىل،ئاق ۋە قارىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل رەڭدىكى توغرا سىزىقتىن تەركىپ تاپقان ،يېشىل رەڭ ئافغانىستاننىڭ تاغ،ئورمان ،ئوتلاق ۋە ھاياتلىق جۇش ئۇرۇپ تۇرغان كەڭ تەبىئىتىنى بىلدۈرگەن .پاك ئاق رەڭ ئەركىنلىك ۋە تېنچلىقنىڭ  قىممەتلىگىنى بىلدۈرگەن ،تۇم قارا رەڭ ئىلگىركى يىللاردا  مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇرىتلىرى ئېتىقات قىلىدىغان  ئىسلام دىنىنى بىلدۈرگەن ،دۆلەت بايرىغىنىڭ ئۈستىدىكى يېشىل بەلدەمگە «ئاللاھۇ ئەكبەر» ،ئوتتۇردىكى ئاق بەلدەمگە «لا ئىلەھەئىللەللاھۇ مۇھەممەدىنروسۇلىللا» دىگەن ئەرەپچەخەت يېزىلغان .

[admin تەستىقلىدى . 2010-2-12 17:58:26][admin تەستىقلىدى . 2010-2-12 17:58:44]
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 585 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01