ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

يەھۇدىيلار ئەسلىدە ئافرىقىدا دۆلەت قۇرماقچى بولغان

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 1 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

يەھۇدىيلار ئەسلىدە ئافرىقىدا دۆلەت قۇرماقچى بولغان

 

ئەگەر ئوتتۇرا شەرقنى يېقىنقى ۋە ھازىرقى زاماندىكى مەڭگۈلۈك قىزىق نۇقتا دېسەك، يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان،  زېمىنى ئانچە كەڭ بولمىغان پەلەستىندە ئۆزئارا قىرغىن قىلىۋاتقان  يەھۇدىيلار بىلەن ئەرەبلەرنى  رەقىب دېيىشكە بولىدۇ. قەدىمكى زاماندا، يەھۇدىيلارنىڭ ئاخىرقى ھاكىمىيىتى مىلادى 135 – يىلى گۇمران بولدى، رىم ئىمپېرىيىسى  نۇرغۇن يەھۇدىينى زېمىنىدىن قوغلاپ چىقاردى ھەم ئەسلىدىكى ‹‹ئىسرائىلىيە››، ‹‹يەھۇدىي›› دېگەن ئاتالغۇلارنىڭ ئورنى ‹‹ سۇرىيە ۋە پەلەستىن›› دېگەن يېڭى ئاتالغۇلار ئالدى. ئۇنداقتا، 2000 يىل  ئىلگىرى بۇ زېمىندىن يىتكەن بۇ دۆلەت قانداق قىلىپ قايتىدىن بۇ يەردە باش كۆتۈرۈپ چىقتى؟

       ئاسسىمىلياتسىيە بولۇشتىن دۆلەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويۇشقىچە

 

      يەھۇدىيلار ئۆز مىللىتىنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە ئۆرپ – ئادىتىنى ئۇزاقتىن بۇيان ساقلاپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تارقاق ئولتۇراقلىشىپ كەلدى، ئوتتۇرا ئەسىر ۋە كېيىنكى خېلى ئۇزاق تارىخىي مەزگىلدە يەھۇدىيلار ئومۇمىي سانىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئىگىلەيدىغان ياۋروپادىكى يەھۇدىيلارنىڭ ئاساسلىق سىياسىي خاھىشى ‹‹ئاسسىمىلياتسىيە بولۇش›› بولۇپ، ئۇلار بۇرژۇئازىيىنىڭ ‹‹ئادەملەر دۇنياغا كۆز ئېچىشىدىلا باراۋەر بولىدۇ›› دېگەن ئىدىيىسىدىن پايدىلىنىپ، يەھۇدىيلارنىڭ ياۋروپادىكى باشقا مىللەتلەر بىلەن بولغان باراۋەر ياشاش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئارزۇ قىلغان. لېكىن، 1848 – يىلىدىكى ياۋروپا ئىنقىلابىدىن كېيىن، نۇرغۇن دۆلەتنىڭ فېئودال پادىشاھلىرى ئىنقىلابنى يەھۇدىيلارغا ئارتىپ قويدى ھەم قايتىدىن يەھۇدىيلارنى چەتكە قاققان ۋە ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلغان. ئىنقىلابتىن كېيىن ھەر قايسى ئەللەردە مىللەتچىلىك كەيپىياتى كۈچىيىپ، ‹‹يات مىللەت›› بولغان يەھۇدىيلار بىر تەرەپتىن ھەر قايسى ئەللەردە چەتكە قېقىلدى، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلاردا ‹‹نېمە ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ  دۆلىتىنى قۇرمايمىز؟›› دېگەندەك چەكلىگىلى بولمايدىغان بىر خىل يېڭى كەيپىيات پەيدا بولۇشقا باشلىدى. بۇ ئىدىيىنى تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرىغا قويغان كىشى گېرمانىيىلىك يەھۇدىي موسېس ھېس بولۇپ، ئۇ 1862 – يىلى ‹‹رىم ۋە يېرۇسالېم، ئاخىرقى مىللىي مەسىلە››، دېگەن ئەسىرىنى ئېلان قىلىپ، ‹‹دۆلەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يەھۇدىيلارنىڭ چىقىش يولى›› دېگەن ئىدىيىنى تۇنجى قېتىم ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان. 1882 – يىلى  پولشالىق يەھۇدىي لېئو پىنكىستېيىن ئىمزاسىز ماقالە ئېلان قىلىپ: ‹‹بىز يەھۇدىيلار خەقنىڭ جۇۋىسىدا تەرلەۋاتىمىز، سىياسىي، ئىقتىسادىي جەھەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازانغانسېرى باشقىلارنىڭ شۇنچە ئۆچمەنلىكىگە ئۇچراۋاتىمىز، بىز يەھۇدىيلارنىڭ بىردىنبىر چىقىش يولىمىز مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش، بۇنىڭ ئۇسۇلى: بىز يەھۇدىيلارنىڭ ئۆزىمىزگە تەۋە دۆلىتىمىزنى قۇرۇش ئۈچۈن دۇنيا يەھۇدىيلار قۇرۇلتىيى ئېچىپ، مەبلەغ غەملەپ مۇۋاپىق يەر سېتىۋېلىش››، دېدى. شۇ يىلى روسىيىنىڭ خاركوفتا ئوقۇۋاتقان 14 ستۇدېنت ‹‹تەۋرات›› تىكى قىسسەلەردە تىلغا ئېلىنغان زىئون تېغى پەلەستىننى كۆرسىتىدۇ، دېگەندىن پايدىلىنىپ، ‹‹زىئونغا قايتىش›› دەپ ئاتىلىدىغان بىر تەشكىلات قۇرغان. 1890 – يىلى ئاۋسترىيىلىك بىرنبائۇم دېگەن كىشى زىئونىزم (يەھۇدىي قىساسچىلىقى) ئاتالغۇسىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان ھەم ئۇ يەھۇدىي قىساسچىلىقىنىڭ نامىغا ئايلانغان .

 

         1894 – يىلى فرانسىيىدە مەشھۇر دېرېيفۇس ۋەقەسى يۈز بەردى، يەھۇدىي ئوفىتسېر دېرېيفۇسنىڭ بىگۇناھ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشى غەربىي ياۋروپادىكى يەھۇدىيلارنىڭ مىللىي ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتتى، بۇنىڭ بىلەن يەھۇدىي قىساسچىلىقى بارا – بارا يەھۇدىيلارنىڭ ئاساسىي ئېڭىغا ئايلاندى. ۋېنگرىيىلىك يەھۇدىي خېرىزىلىنىڭ 1896 – يىلى نەشر قىلىنغان ‹‹يەھۇدىي دۆلىتى›› دېگەن كىتابىدا: ‹‹يەھۇدىي دۆلىتى قۇرۇش — بىردىنبىر چىقىش يولىمىز››، دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى .

 

        ئافرىقىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ، دۆلەت قۇرۇشقا تەييارلىنىش

 

        يەھۇدىي دۆلىتىنىڭ دەسلەپتە ئىسرائىلىيە بىلەن بىۋاسىتە چېتىشلىقى يوق ئىدى. ‹‹يەھۇدىي دۆلىتى›› توغرىسىدا خېرىزىل پەلەستىن بىلەن ئارگېنتىنادىن ئىبارەت ئىككى لايىھىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ ئىككى جايدا ‹‹مىللەت مەۋجۇت بولمىغان زېمىن›› بار بولۇپ، يەھۇدىيلاردەك ‹‹تىرىكچىلىك قىلىدىغان زېمىنى يوق مىللەت›› نىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىغا ناھايىتى مۇۋاپىق كېلەتتى. دەسلەپكى دۆلەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش لايىھىسى خىلمۇ خىل بولدى: ئەنگلىيە ئافرىقىدىن بىر پارچە زېمىننى يەھۇدىيلارغا سېتىپ بېرىپ، ‹‹يەھۇدىي دۆلىتىنىڭ ئۇلى›› قىلىش تەكلىپى بەرگەن، يەنى بەزىلەر جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالى ياكى لاتىن ئامېرىكىسىدىن يەر سېتىۋېلىش توغرىسىدىمۇ چوت سوققان، ئۇلارنىڭ تەپەككۇرى يەھۇدىي بايلارنىڭ مالىيە كۈچىدىن پايدىلىنىپ، ئىگىسىز قاقاس يەر سېتىۋېلىپ دۆلەت قۇرۇشتىن ئىبارەت، خالاس .

 

        1903 – يىلى ئەينى چاغدىكى روسىيىنىڭ يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكە ئىشلىرى ۋەزىرى جوسېف چېمبېرلېيىن شېئودور خېرىزىل رەھبەرلىكىدىكى زىئونىزم تەشكىلاتىغا ‹‹ئەنگلىيىگە قاراشلىق ئۇگاندا پىلانى›› نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەنگلىيىگە قاراشلىق شەرقىي ئافرىقىدىكى 13 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر زېمىننى يەھۇدىيلارنىڭ يۇرت – ماكانى قىلىشقا ئاجرىتىپ بەرمەكچى، ئەگەر يەھۇدىيلار كۆچمەن بولۇپ بارماقچى بولسا، ‹‹يېشىل چىراغ›› يېقىپ بېرىدىغان بولدى. نۇرغۇن كىشى زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان يەھۇدىيلارنىڭ بۇ يەرگە ئورۇنلىشىشىنى ئۈمىد قىلدى. 1903 – يىلى شۋېتسارىيىنىڭ باسېلدا ئېچىلغان زىئونىزم قۇرۇلتىيىدا كۆپ تەرەپ بۇ پىلان توغرىسىدا كەسكىن مۇنازىرە قىلدى. 2 – يىلى زىئونىزم قۇرۇلتىيىدا يېڭى يۇرت – ماكاننى تەكشۈرۈشكە ئۈچ ۋەكىل ئەۋەتىش بېكىتىلدى. ئېگىزلىك كىلىماتى بىلەن ياۋروپانىڭ كىلىماتى ئوخشاپ كېتىدىغان بولۇپ، بۇ جاي ياۋروپادىكى يەھۇدىيلارنىڭ كۆچۈپ بېرىشىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان بولسىمۇ، ئېگىزلىكنىڭ ھەممە يېرىدە خەتەرلىك ياۋايى ھايۋان بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ يەردە

 

يەرلىك ئاھالىلەر ئەسلىدىلا ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئافرىقىدىكى نوپۇس ئەڭ زىچ رايون بولغاچقا، يەرلىك كىشىلەرنىڭ ياۋروپالىق كۆچمەنلەرنى قوبۇل قىلىشى ناتايىن ئىدى. زىئونىزم قۇرۇلتىيى تەكشۈرۈش ئۆمىكى تاپشۇرغان دوكلاتنى مۇھاكىمە قىلغاندىن كېيىن، 1905 – يىلى ئەنگلىيىنىڭ تەكلىپىنى چىرايلىق رەت قىلىشنى قارار قىلدى .

 

       ئارگېنتىنا لايىھىسى خېرىزىل دەسلەپتە ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹يەھۇدىي دۆلىتى›› گە ئالاقىدار ئىككى لايىھىنىڭ بىرى ئىدى، چۈنكى ئارگېنتىنانىڭ پامپاس ئوتلىقى كەڭ، ئادەم شالاڭ، گېرمانىيىلىك نۇرغۇن كۆچمەن بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى يەھۇدىي ئىدى، خېرىزىلنىڭ دۆلەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پرىنسىپى ‹‹زېمىنى يوق بۇ مىللەتنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن، مىللەت يوق بىر پارچە زېمىن تېپىش›› ئىدى، شۇڭا، ئۇ ئارگېنتىنا ناھايىتى مۇۋاپىق دەپ قارىدى، لېكىن، ئارگېنتىنا لايىھىسى تېزلا ئىنكار قىلىندى، چۈنكى، ئۇ جايدا گېرمانىيىلىك كۆچمەنلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت جىددىي بولۇپ، يەھۇدىيلار ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىمەيتى، شۇڭا، يەھۇدىي سودىگەرلەر بۇ پىلانغا قىزىقمىدى .

 

        1908 – يىلى يەھۇدىيلار پەلەستىندىن يەر سېتىۋېلىپ، كۆچمەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇنى تەشكىللىك تىرىلدۈرمىچىلىك ھەرىكىتىگە ئايلاندۇردى. 1909 – يىلى ‹‹كىبۇتىز›› دەم ئاتالغان يەھۇدىيلار مەھەللىسى پەلەستىندە تۇنجى بولۇپ پەيدا بولدى، 1 – دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئالدىغىچە، شەرقىي ياۋروپادىن تەخمىنەن 40 مىڭ يەھۇدىي پەلەستىنگە كۆچۈپ كەلدى .

 

        ئىسرائىلىيە دۆلەت بولۇپ قۇرۇلۇپ ئەتىسىلا ئۇرۇش پارتلىغان

 

        1 – دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشى يەھۇدىيلار دۆلىتى بىلەن پەلەستىننى يەنىمۇ بىر قەدەم يېقىنلاشتۇردى: يەھۇدىيلارنى ئۆزىگە تارتىش ئۈچۈن، ئەنگلىيە دىپلوماتىيە ۋەزىرى بالفۇر پەلەستىندە ‹‹يەھۇدىيلار يۇرتى›› قۇرۇشنى قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىدى، 65 سۆزلۈك بۇ خەت يەھۇدىي قىساسچىلىقىنىڭ ‹‹تىلتۇمارى›› غا ئايلاندى. 1920 – يىلى ئەنگلىيە پەلەستىننى ئىشغال قىلىپ ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا باشلىدى، ئىككى يىلدىن كېيىن ئۆزىگە پىششىق بولغان ‹‹ئايرىپ ئىدارە قىلىش›› ھىيلە – مىكرىنى قوللىنىشقا باشلىدى .

 

        2 – دۇنيا ئۇرۇشى داۋامىدا، ياۋروپادا  6 مىليون يەھۇدىي ھاياتىدىن ئايرىلىپ، يەھۇدىيلارنىڭ قۇرۇلمىسىدا تەلتۆكۈس ئۆزگىرىش بولدى، ‹‹يۇرت – ماكانىغا قايتىش›› نۇرغۇن ئازاب – ئوقۇبەتنى باشتىن كەچۈرگەن يەھۇدىيلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك يۈرەك ساداسىغا، ‹‹يەھۇدىي دۆلىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش›› غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى. 1949 – يىل 11 – ئاينىڭ 29 – كۈنى ب د ت كېڭىشىنىڭ يىغىنىدا پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيىنى ئايرىپ ئىدارە قىلىش قارارى ماقۇللىنىپ، ئىككىنچى يىلىدىن باشلاپ ئەنگلىيىنىڭ ھاۋالىلىق (مانداتلىق) باشقۇرۇش ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئەرەب دۆلىتى ۋە يەھۇدىي دۆلىتى قۇرۇپ، پەلەستىننى ئايرىپ ئىدارە قىلىش بەلگىلەندى .

 

 

      1948 – يىل 5 – ئاينىڭ 14 – كۈنى، ئەنگلىيىنىڭ ھاۋالىلىق (مانداتلىق) ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلىشىشتىن بىر كۈن بۇرۇن بېن گۇرىئان تېل ئاۋىۋدا يەھۇدىي دۆلىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى، دۆلەت نامىنىڭ ئىسرائىلىيە، دەپ بېكىتىلگەنلىكىنى جاكارلىدى. خۇددى بېن گۇرىئان ئېيتقاندەك، يەھۇدىي قىساسچىلىقى ھەرىكىتى چوڭ دۆلەتلەر ئارىسىدىكى زىددىيەتتىن پايدىلىنىپ، يەھۇدىيلار ئۆزىگە تەۋە زېمىننى قولغا كەلتۈرگەن بىر قېتىملىق ئۇچىغا چىققان سىياسىي ھەرىكەت بولدى، بۇ يول ئەگرى – توقاي، جاپا – مۇشەققەتلىك بولۇپ، ‹‹ئارقاندا ئەمەس، بەلكى قىل ئۈستىدە ماڭغانلىق ئىدى››. لېكىن، ئۇلار بۇ يولدا ماڭالىدى. ھالبۇكى، ئەرەبلەر روشەنكى ‹‹مەغلۇبىيەت›› نى ئېتىراپ قىلىشنى خالىمىدى، ئىسرائىلىيە دۆلىتى قايتىدىن پەيدا بولغان كۈننىڭ ئەتىسى بەش ئەرەب دۆلىتى ئىسرائىلىيىگە جەڭ ئېلان قىلدى، ‹‹يەھۇدىي دۆلىتىنى يوقىتىش›› ئاخىرقى مەقسەت قىلىنغان 1 – قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى پارتلىدى، مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن ئەرەب بىرلەشمە ئارمىيىسى ‹‹تېز ئۇرۇش قىلىپ، تېز غەلىبە قىلىپ، ئىسرائىلىيىنى ئۈچ ھەپتە ئىچىدە تۈپتۈز قىلىۋېتىش›› تەك جەڭ نىشانىنى بېكىتتى، 60 نەچچە يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە ئەينى چاغدىكى ‹‹زىئون›› نىڭ ئەتراپىدا ھازىرقىدەك سىياسىي تېررىتورىيە پەيدا بولىدىغانلىقىنى ھېچكىممۇ خىيالىغا كەلتۈرمىگەن بولۇشى مۇمكىن .


 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 873 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01