خىلىت ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر

خىلىت ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر


    ئىنسان بەدىنىدىكى خىلىتلار ئۆزىنىڭ تەركىبى، تەبىئىتى ۋە ئالاھىدىلىكى ئارقىلىق بەدەننىڭ بىئولوگىيىلىك تۈزۈلۈشى، قىياپىتى ۋە ھەرىكىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىش بىلەن بىرگە، يەنە زاھىر بولىدىغان ياكى ئىككىنچى بىر ئىنسانغا زاھىر بولمايدىغان پسىخولوگىيىلىك مىزاج – خۇلقى ھەم يۇشۇرۇن ئېڭىغا تەسىر كۆرسىتىپ ياكى ئۇنى بەلگىلەپ تۇرىدۇ. يەنى مەلۇم خىلىت خۇسۇسىيەت جەھەتتىن نىسبەتەن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن. ماددىي بارلىقتا (تەندە) شۇ خىلىتنىڭ ئىپادىسى كۆرۈلۈپلا قالماي، بەلكى شۇ تەندىكى مەنىۋى دۇنيانىڭ ياسىلىشى، ئۆزگىرىشى ۋە ئىپادىلىنىپ چىقىشىدا مەزكۇر خىلىتنىڭ رولى چوڭ، دېمەك، ماددىي ۋە مەنىۋى دۇنيايىمىز بەدەندىكى خىلىتلارنىڭ شۇ مومېنتتىكى مىقدارى، سۈپىتى، ئۆزگىرىشى، پىششىشى ياكى كۆيۈشىگە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ساغلاملىقنىڭ ئەسلىي مەنىسى، خىلىتلارنىڭ سۈپەت جەھەتتىكى نىسپىي تەڭپۇقلۇقى نەتىجىسىدە، بەدەننىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى كۆرسەتكۈچلىرىنىڭ نىسبەتەن نورمال قىممەتكە يەتكەن ياكى يېقىنلاشقانلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

 

    ئىنساننىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشى نۇرغۇن ئىچكى – تاشقى ئامىللارغا مۇناسىۋەتلىك. ئىچكى ئامىل دېگىنىمىزدە، بەدەندىكى خىلىتلار مىقدار جەھەتتە نورمال كۆرسەتكۈچكە يەتكەن _ يەتمىگەنلىكى، سۈپەت جەھەتتە پىشقان _ پىشمىغانلىقى، كۆيۈش ۋە سەرپ بولۇش دەرىجىسى، قۇيۇقلۇقى، ساپلىقى ھەمدە ئىرسىي شىفىر، مىللىي گېن ئالاھىدىلىكى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. تاشقى ئامىل دېگىنىمىزدە، جەمئىيەتنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي مۇھىتى، شەخسىنىڭ ىقتىسادىي شارائىتى، مەدەنىي تۇرمۇشى، بىلىم ئېلىش دەرىجىسى، تۇرالغۇ، ھاۋا، كىيىم – كېچەك، سۇ قاتارلىقلارنىڭ خىلىت ياساشقا ئۇيغۇن كېلىش – كەلمەسلىكىگە ئېيتىلىدۇ. ئەگەر بەدەندىكى خىلىتلارنىڭ سۈپىتى، ھاسىل بولۇشى ۋە كۆيۈشى مۇۋاپىق بولسا، سىرىتقى ياشاش مۇھىتى نىسبەتەن ئوبدان بولسا، مەزكۇر كىشىنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ئېھتىمالى زىيادە بولىدۇ. ئەگەر خىلىتلار سۈپەت قەھەتتىن ئارتۇقچە خام ياكى ئارتۇقچ ئازاب – ئوقۇبەتكە دۇچار بولغان بولسا، مەزكۇر كىشى مۇقەررەر ھالدا تېزرەك ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن. چۈنكى، خىلىتلار ئارتۇقچە خام بولسا ياكى كۆيگەن ھالەتتە بولسا، ھەرخىل ئېغىر جىسمانىي كېسەللىكلەرگە مۇپتىلا بولىدۇ. سىرىتقى مۇھىتتا ئۈزلۈكسىز بېسىم ۋە ئازابقا ئۇچراپ تۇرسا، بۇ كىشىنىڭ پسىخولوگىيىلىك توسالغۇلارغا ھەمدە روھىي كېسەللىكلەرگە دۇچار بولۇش نىسبىتىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. يۇقىرىقى ھەر ئىككى كېسەللىك كۆپىنچە ھاللاردا بىرلىكتە ياكى بىرىنىڭ كەينىدىن يەنە بىرى ئۇلىشىپلا كەلگەچكە، مەزكۇر كىشىنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش مۇمكىنچىلىكى تۆۋەن بولىدۇ. دەرۋەقە، ماددىي ياكى مەنىۋىي كېسەللىكلەرنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىمال دەرىجىسى ۋە ئاقىۋىتى قاتارلىقلار سەۋەبچى خىلىتنىڭ تەبىئىتى، سۈپىتى ۋە غەيرىي تەبىئىي ھالەتلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ. ئوخشاش مۇھىت، ئوخشاش ياشاش شارائىتى شەرتى بىلەن قارايدىغان بولساق، كلىنىك ۋە ئامبۇلاتورىيە شارائىتىدا ئىسىق تەبىئەتلىك قان ۋە ۋە سەپرا خىلىتلىق كىشىلەرنىڭ كېسەللىلىنىشى تېز ۋە ئېغىر بولىدىغانلىقى بايقىلىدۇ. چۈنكى ئىنسان تەبىئەت دۇنياسىدىكى بارلىق شەيئىلەرگە ئوخشاشلا «ئىسسىق» لىق (فىزىكىلىق ۋە خىمىيىلىك» تەسىرگە نىسبەتەن سەزگۈر كېلىدۇ. مۇۋاپىق مىقدار ۋە سۈپەتتىكى ئىسسىق تەبىئتلىك يېمەكلىكلەر بەدەنمنى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئىسسىتىدۇ ۋە كۈچەيتىدۇ. گۆش ۋە قان ئايلىنىشنى تېزلىتىپ بەدەننى قىزىتىدۇ، يۈرەكتىن يىراق ئەزالاردىكى ماددا ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. كىشىنى روھلۇق، جىگەرلىك ۋە جۇشقۇن قىلىدۇ. بۇ خىل يېمەكلىك ۋە دورىلار پۇت – قول، بۇغۇم ئاغرىقلىرى، مېڭىنىڭ سوغۇقتىن بولىدىغان كېسەللىكلىرى ۋە سۆڭەك كېسەللىكلىرىگە مۇۋاپىق كېلىدۇ. دېمەك، «ئىسىق» بولغاندىلا بەدەننىڭ نورمال مەۋجۇددىيىتى ۋە ھەرىكىتىنى ساقلاپ قالىغىلى بولىدۇ. بىراق، «ئىسسىق» نورمالدىن ئېشىپ كەتسە، خىلىتلارنىڭ ھاسىل بولۇش مۇھىتى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ. مەۋجۇت خىلىتلارنىڭ كۆيۈشى تېزلىشىدۇ، نەتىجىدە سەرپ بولىدىغنا خىلىتلار ئازىيىپ، كۆيۈش، بۇزۇلۇش دەرىجىسىگە بېرىپ قالغان چۆكمە ماددىلار كۆپىيىپ، تېز ۋە ئېغىر ئۆتىدىغان كېسەللىكلەر كېلىپ چىقىدۇ. مانا بۇ ئىسسىق مىزاجلىق كىشىلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن ئىسسىق تەبىئەتلىك غىزا ۋە دورىلارنى كۆپ ئىستىمال قىلغاندا قان بېسىم ئۆرلەش، قان تومۇر قېتىش، يۈرەك تېقىلمىسى، ئۆت ياللۇغى، سوقۇر ئۈچەي، بوغماق ئۈچەي ياللۇغى... قاتارلىق قىزىزتمىلىق، خەتەرلىك ماددىي كېسەللىكلەرگە ئاسان گىرىپتار بولىدىغانلىقنىڭ تۈپكى سەۋەبى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، روھىي جەھەتتە خىلىت ئالاھىدىلىكى ئەكس ئېتىپ، جىددىيلىشىش، گۇمانخورلۇق، زىيادە رىقابەت، ئېلىشىش... قاتارلىق ئىنسان ئۆمرىنى قىسقارتىدىغان مەنىۋى كېسەللىكلەرنىڭ ئېغىر ئۆتىدىغانلىقىمۇ ئۆز – ئۆزىدىن مەلۇم.

 

    ئەمدى «سوغۇق» لۇققا كېلىدىغان بولساق، بۇنىڭ ئىجابىي ۋە سەلبىي تەرەپلىرى بار. سوغۇق يېمەكلىك ۋە دورىلار بەدەندىكى ئارتۇقچە ئىسىسقلىقىنى ھەيدەيدۇ، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرىدۇ. يۈرەك ۋە جىگەر ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئىسىسقلىق زەربىسىدە تۇنجۇقۇشىنى ۋە ئۆلۈشىنى توسىدۇ. كۆزنى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەردىن ساقلايدۇ، بەدەندىكى ئىسىسق تەبىئەتلىك ئەزالاردىكى بۇزۇلۇش، چىرىش، قىزىش قاتارلىق ماھىيەتلىك ياكى ئالامەتلىك ھەدىسىلەرنى بىر تەرەپ قىلىدۇ. مۇھىمى، بەدەننى تۈزۈش (ئۇستىخان، چاچ، تېرە، چاندىرىلارنى ھاسىل قىلىش)، سۇيۇقلۇق بىلەن تەمىنلەش، ئارتۇقچە قىزىش ۋە سۈركىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتلەردە ئاساس خاراكتېرلىك خىزمەتلەرنى ئۆتەيدۇ. لېكىن «سوغۇق» نورمالدىن ئېشىپ كەتسە، قۇۋۋىتى ھايۋانىي (ھاياتلىق كۈچى) تەھدىتكە ئۇچرايدۇ، قان خىلىتىنىڭ ھاسىل بولۇشىغا كېرەكلىك بولغان سۈوەتلىك بەلغەم خىلىتى تولۇق پىشماي، ئومۇمىي قان مىقدارى ئازىيىپ كېتىدۇ. يۈرەكتىن يىراق ئەزالاردا ماددىلارنىڭ ئالمىشىشى دەخلىگە ئۇچرايدۇ. ھۈجەيرە بوشلۇقىدىن تارتىپ ئەزالار ئارىسىدىكى بوشلۇقلارغا قەدەر بولغان كاۋاكلاردا پىشمىغان، بۇزۇلغان سۇيۇقلۇقلار ئورناپ، زاھىر كۆرۈنۈشتە ئىشىشق بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. سوغۇق مىزاجلىق ئەزالارنىڭ خىزمىتى دەرھال ئاجىزلىشىدۇ، نېرۋا ۋە ئۆپكە ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ، پۇت – قول مۇزلايدۇ، جىنسىي ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرايدۇ، كىشى سۇلغۇن، قورقۇنچاق، ياۋاش ۋە ھىچنېمىگە قىزىقماس بولۇپ قالىدۇ. سوغۇقتىن بوغلان زۇكام، ئۆپكە سۇلۇق ئىششىقى، زىققە، بۇرۇن ياللۇغى، ئىرقۇننىسا (ئولتۇرغۇچ نېرۋا ئاغرىقى)، رېماتىزم قاتارلىق سۇزۇلما كېسەللىكلەرگە ئاسانلا گىرىپتار بولىدۇ، لېكىن، ئومۇمەن ئېيتقاندا «ئىسىسق» مەنبەلىك كېسەللىكلەرنىڭ يۈز بېرىشى تېز، ئۆتۈشى ئېغىر بولۇپ، قان ۋە سەپرا خىلىتىنىڭ ئومۇمىي خۇسۇىيەتلىرىگە ئاساسلانغاندا «سوغۇق» مەنبەلىك كېسەللىكلەرگە قارىغاندا تېز بىر تەرەپ بولىدۇ، يەنى ساقىيىشى ياكى ئۆلۈشى تېز بولىدۇ، شۇڭا خەلق ئارىسىدا «سوغۇقتىن بولغان كېسەل خوتەندىن دورا ئەكېلىشكە چىداپ تۇرالايدۇ، ئىسىقتىن بولغان كېسەل يانچۇقتىن دورا چىقىرىپ بولغۇچە ساقلىيالمايدۇ» دېگەن تەمسىل بار.

 

    ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ يۇقىرىقى نەزەرىيىلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىنسان ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن – قىسقا بولۇشى ئىچكى _ تاشقى ئامىللارغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە خىلىتتىن ئىبارەت ئىچكى مۇھىتنىڭ ساغلاملىقى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەگەر تۆت خىلىتنىڭ بىر – بىرىگە زىت، ئەمما بىر – بىرىگە ئېھتىياجلىق خۇسۇسىيەتلىرى مەلۇم كىشىگە نىسبەتەن نورمال ھالدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بولسا، مەزكۇر كىشىنىڭ ئۆمرى نىسبەتەن ئۇزۇن بولىدۇ، خىلىتلارنى خۇسۇسىيەت جەھەتتە كۆزەتكەندە، بەلغەم ۋە سەۋدانىڭ ئايلىنىشى ۋە كۆيۈشى ئاستىراق بولغاچقا، مۇشۇ خىلىتلار نىسبەتەن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن كىشىلەر بەدىنىدە، ھازىرقى زامان تېببىي ئىلمىي بويىچە ئېيتقاندا، ئوكسىدلىنىش بىرقەدەر ئاز بولىدۇ، نەتىجىدە مۇشۇ خىلىتلار نىسپىي ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن كىشىلەرنىڭ ياشاش ياكى ساقلىنىش قېلىش ئىقتىدارى نىسبەتەن كۈچلۈك بولىدۇ. دۇنيادىكى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگۈچىلەر رايونىدىكى كىشىلەرنىڭ يېمەك – ئىچمەك، تەن ساپاسى قاتارلىقلارنى تەھلىل قىلغاندا، ئۇلار كۆپىنچە سۇيۇق – سەلەڭ، ئاسان ھەزىم بولىدىغان، تەبىئىي يېمەك – ئىچمەك ۋە كۆكتات، مېۋە – چېۋىلەرنى ئىستېمال قىلىدىەن. قورۇغان ۋە يۇقىرى كالورىيىلىك تاماقلار ھەمدە يۇقىرى گرادۇسلۇق ھاراقلارنى ئىستېمال قىلمايدىكەن، ئارتۇقچە رىقابەت، جىددىيلىك ۋە ھەرخىل كۈرەشلەردىن يىراق تۇرىدىكەن. ئاپتونوم رايونىمىزدا «دۇنيادىكى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگۈچىلەر يۇرتى» بولغان خوتەندىكى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگۈچىلەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىمۇ ئەنە شۇ قانۇنىيەت دائىرىسىدىن چىقىپ كەتمەيدۇ، بۇنىڭدا بەدەندىكى خىلىتلارنىڭ ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغانلىقى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.

  

    ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش – ئىنسانلارنىڭ ئاداققى ئىنتىلىش نىشانى. بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن تېببىي خادىملار نۇرغۇن دورا ۋە چارىلەرنى ئىجاد قىلغان بولسىمۇ، تېخى ئۈنۈملۈك داۋاسى تېپىلمىدى. بۇنىڭ ئەسلىيتۈپكى ھەل قىلىش چارىسى خىلىتلارنى ئەلالاشتۇرۇشتۇر. بۇ تېما ھازىرقى زامان بىئولوگىيە ئىلمىدە باشقىچە ئاتالغۇ بىلەن ئىپادىلىنىدىغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە كۆزدە تۇتۇلغان مەقسەت بىر بولۇپ، قانداق قىلغاندا خىلىتلارنىڭ ھاسىل بولۇشى، ئايلىنىشى ۋە كۆيۈشىنى نورماللاشتۇرۇش ئاخىرقى مەقسەت قىلىنغان. مېنىڭچە، ئىنسانلار خۇددى چوڭ جەھەتتىكى ئېكولوگىيىلىك مۇھىتقا كۆڭۈل بۆلگەنگە ئوخشاش ئۆزىنىڭ بەدىنىدىكى خىلىتلارنىڭ ئېكولوگىيىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان، تېببىي خادىملار ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ خىلىت نەزەرىيىسى ۋە تېبابەت پسىخولوگىيە ئىلمىنى ھازىرقى زامان بىئو – گېن تېخنىكىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تەتقىق قىلىدىغانلا بولسا، يېقىن ئاراىدا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش تەتقىقاتى ساھەسىدە تەننەرخى ئەرزان، ئۈنۈمى يۇقىرى بوغلان دورا ۋە ئۇسۇللارغا ئىگە بولالايدۇ، بۇنىڭدا توغرا تېببىي تەپەككۇر ئىنتايىن مۇھىم.

 

قىسقىچە ئۇيغۇر تېبابىتى پسىخولوگىيەسىدىنئېلىندى.


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 1147 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 4قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-03-29