ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئېلىپبەسىدىكى 32 ھەرپىنىڭ بارلىققا كېلىش قىسقىچە تارىخى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

 

 

ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئېلىپبەسىدىكى  32 ھەرپىنىڭ بارلىققا كېلىش قىسقىچە تارىخى
 

   7-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ 10-ئەسىرگىچە ئىسلام دىنى بىزنىڭ يۇرتىمىزنىڭ جەنۇبى بۆلىكىگە تارقالغان. 10-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى بىزنىڭ خەلقىمىز ئىچىدىن تۇنجى بولۇپ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ئىسىملىك پادىشاھنىڭ قەبرىسى ھازىرغىچە يۇرتىمىزدا ساقلانماقتا. شۇندىن ئېتىبارەن بىزنىڭ مىللىتىمىز ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشقا باشلىغان. بۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ يۇرتىمىز بىلەن ئەرەب ئەللىرى ئوتتۇرسىدىكى مەدەنىيەت ئالاقىلىرى تېخىمۇ كۈچىيىپ بارغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئەرەپ تىلى ۋە ئىسلام دىنىغا دائىر دىنىي دەستۇرلاردىن بىزنىڭ تىلىمىزغا ناھايىتى كۆپ ئەرەپچە سۆز-ئاتالغۇلار كىرىپ ئۆزلەشكەن. ئەجداتلىرىمىز ئەرەپ يېزىقىنى بىزنىڭ تىلىمىزنىڭ فونېتىك ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ماسلاشتۇرۇپ، ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى 26 ھەرپنى ئىشلىتىپ، پارسلار ئۆزلەشتۈرگەن «ژ، گ،پ» قاتارلىق ھەرپلەردىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنى ياراتقان. ئەرەب ئېلىپبەسىدىكى «زال، ئىتقۇ، ئېزغۇ، ئېغىر ھ، سات، زات» قاتارلىق ھەرپلەر ئىشلىتىلمىگەن.
    1897-يىلى شۋېت مىسسىئونېرلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى پائالىيىتى باشلانغان.  بولۇپمۇ 1924-يىللاردا ئۇلارنىڭ شىنجاڭغا مەتبەئە بۇيۇملىرىنى ئەكىلىپ زامانىۋى تېخنىكا بىلەن دىننىي ماتېرىياللار، تارىخىي، ئەدەبىي ئەسەرلەر، تۈرلۈك دەرسلىكلەر ۋە باشقا ماتېرىياللارنى نەشىر قىلىپ تارقىتىشى يۇقىرى پەللىگە چىققان، بەزى كىتابلار ھەتتا قايتا - قايتا بېسىلغان، بەزى كىتابلارنىڭ تىراژى مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. شۋېت مىسسئونېرلىرى كۈنسېرى ئېشىۋاتقان جىددىي ئېھتىياجىنى نەزەردە تۇتۇپ 1929- يىلى «كىتابى ئىلمى ئىملا» دېگەن ئىملا لۇغىتىنى تۈزۈپ نەشىر قىلغان ۋە بارلىق باسما بۇيۇملارنىڭ ئىملاسى مۇشۇ قائىدە بويىچە قېىپلاشتۇرۇلغان. ئىملا لۇغىتىدە جانلىق تىلدىكى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىش ھادىسىسى ئېتىبارغا ئېلىنماي تۈركىي تىلنىڭ ئەنئەنىسى ئۆز پېتى ساقلاپ قېلىنغان. شۇ سەۋەبتىن بۇ تىل ئۇيغۇر تىلى دەپ ئاتالماي، بەلكى شەرق تۈركچىسى، ئالتەشەھەر تۈركچىسى دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتالغان. مەشھۇر ئۇيغۇرشۇناس ئالىم گۈننار ياررىڭ ئەپەندىمۇ بۇ تىلنى ئۇيغۇرچە دەپ ئاتاشقا ئىزچىل قارشى تۇرۇپ كەلگەن. بۇ ئەمەلىيەتتە سوۋېت ئىتتىپاقىدا باش كۆتۈرىۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي خەلقلەرگە ئورتاق تۈركىي تىل ئەنئەنىسىدىن چەتلەپ، يېڭى سۈنئىي تىللارنى يارىتىپ بېرىشكە قارشى ئىلىم كۈرىشىنىڭ مەھسۇلى ئىدى. شۇ سەۋەبلىك تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا خېلى چوڭقۇر يىلتىز تارتقان تۈركلۈك ئىدىيسى ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ غەلبە قىلىشى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىدا تولۇق بەربات قىلىنغان بولسىمۇ، شىنجاڭدا تاكى 1937-يىلى شۋېت مىسسىئونېرلىرى قوغلاپ چىقىرىلغانغا قەدەر داۋاملاشتى. شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۇيغۇر نامىنى رەسمىي ئېنتىك نام سۈپىتىدە قوبۇل قىلىش خېلى ئۇزاققا سوزۇلدى. شۇڭا، ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلىرىنىڭ شەكىللىنىشى يەنىلا يەتتسۇ ئۇيغۇرلىرى باشلامچىلىق بىلەن ياراتقان يېڭى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ بارلىققا كېلىشىدىن ئايرىپ قالغىلى بولمايدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيادا مىللىي جۇمۇرىيەتنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن پەقەت شۇ مىللەتكىلا خاس ئايرىم ئەدەبىي تىل يارىتىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلدى . ئۇيغۇر، ئۆزبىك خەلقلىرى ئارىسىدىكى مىللىي پەرق روشەن ئايرىلىپ چىقمىدى.

   سوۋېت ئىتتىپاقىدا يېڭى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ مەيدانغا كېلىشى 1920-يىلى تۇنجى جۇمھۇرىيەتلىك گېزىت «كەمبەغەللەر ئاۋازى» نىڭ نەشىر قىلىنىشى بىلەن باشلاندى. گېزىت يۈزىدە باشلانغان ئىملا ۋە يېزىق مەسىلىلىرى ھەققىدىكى تارتىشمىلار نەتىجىسدە 1925-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى ئالمۇتادا ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق كېڭىيشى چاقىرىلدى. يىغىندا ئۇيغۇرلار شۇ چاغقىچە ئىشىلىتىپ كەلگەن ئەرەپ يېزىقى ئىسلاھ قىلىنىپ 27 ھەربلىك يېڭى ئۇيغۇر يېزىقى مەيدانغا كەلگەن. بۇ تاتار جەدىتچىلىرنىڭ تاتار يېزىقىنى ئىسلاھ قىلىشىدىن بەش يىل كېيىنكى ئىش ئىدى. بۇنىڭدا سوزۇق تاۋۇشلار ئۈچۈن ئايرىم بەلگە بولماسلىق ئەھۋالىغا خاتىمە بېرىلىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدا غايەت زور بۇرۇلۇش ياسالدى. ھازىرقى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەمزىلىك سەككىز سوزۇق تاۋۇشنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئەنە شۇنداق باشلانغان بولسىمۇ، بۇ ھەمزىلىك سوزۇق تاۋۇشلار 1920-يىلىدىكى تاتار يېزىقى ئىسلاھاتىدىلا پەيدا بولۇپ بولغانىدى.

   1926-يىلى موسكۋادا س س س ر ئەللىرىنىڭ مەركىزىي نەشرىياتى تەرپىدىن ئۇيغۇر ئالىمى، شائىر ئابدۇلھەي مۇھەممىدىنىڭ «ئۇيغۇرچە يېزىق يوللىرى» دېگەن كىتابى نەشىردىن چىقتى. بۇ ئۇيغۇر تارىخىدىكى تۇنجى ئىملا لۇغىتى ئىدى. بۇنىڭغا ئابدۇللا روزىباقىيېف كىرىش سۆز يازغان بولۇپ، ئىملا پىرىنسىپى ھەققىدە ھېچقانداق سىياسى خاھىش ئېيتىلمىغان (25). بەلكى يېڭىدىن يارىتىلىدىغان ئەدەبىي تىلنىڭ «پەرغانە، يەتتسۇ، قەشقەر، غۇلجا، تۇرپان، قاتارلىق جايلاردىكى خەلق ئەدەبىياتى ۋە تىل خەزىنىلىرىگە ئاساسلانغان» تىل بولۇشى كۈچەپ تەكىتلەنگەن .

   نېمىشقىدۇر، شۇنىڭدىن ئىككى - ئۈچ يىل ئۆتۈپ ئابدۇلھەي مۇھەممىدىنىڭ «ئۇيغۇرچە يېزىق يوللىرى» غا ھۇجۇم باشلىنىپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملاسىنى قايتا بېكىتىش ھەققىدىكى كۈرەش باشلىنىپ كەتكەن.

   1928-يىلى سەمەرقەندتە چاقىرىلغان پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىنڭ تۇنجى قېتىملىق ئىملا كېڭىيىشىدە پۈتكۈل ئۇيغۇرلار (قەشقەر، ياركەنت، خوتەن، دولان، ئاقسۇ، ئۈچتۇرپان، قۇمۇل  ھەم ئىلى ئۇيغۇرلىرى) نىڭ تىلى بىر دېگەن خۇلاسە چىقىرىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر ئەدەبىي  تىلىنىڭ ئىملاسىنى قايسى پرىنسىپتا بېكىتىش مەسىلىسىدە تاكى 1930- يىلى 5-ئايدا 2-نۆۋەتلىك تىل ئىملا قۇرۇلتىيى ئېچىلغىچە ئۇيغۇر زىيالىلىرى ئارىسىدا قاتتىق دە-تالاش بولغان(26). بۇ دە-تالاش ئاساسلىقى قەدىمكى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى ئەنئەنىسىگە ۋارسلىق قىلغان ئاساستا يېڭى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملاسىنى مورفولوگىيىلىك پرىنسپنى ئاساس قىلغان جانلىق تىلغا تارتىش ئۈستىدە بولغان. ئابدۇلھەي مۇھەممىدى، لاتىپ ئەنسەرى، قادىر ئاشۇروف قاتارلىق زىيالىلار مورفولوگىيىلىك پىرىنسپنى ئاساس قىلش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرغان بولىسمۇ، لېكىن كۈنسېرى كۈچىيىپ بېرىۋاتقان سىنىپىي كۈرەش ئۇلارنى ئۆز مەيدانىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر قىلغان. بۇ ھەقتىكى بەس مۇنازىرىلەر  ئۇيغۇرچە «شەرىق ھەقىقىتى» ژۇرنىلى بىلەن «قىزىل تۇغ» گېزىتلىرىدە بېسلىپ تۇرغان.

  

   1936-يىلى ئالمۇتادا چاقىرىلغان جۇمھۇرىيەتلەر ئارا تىل ئىملا كېڭىيشىدە ئۇيغۇر ئالىمى قادىر ئاشۇروف «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملاسىنى بېكىتىشتە فونتىكىلىق پرىنسىپ مورفولوگىيىلىك پرىنسىپنىڭ ئورنىغا دەسسىسۇن. مەن ئىلگىرى خاتا پىكىرلەردە بولغان، چۈنكى ئۇ چاغدا مەن ساۋاتسىز ئىدىم، ھازىر ئۆستۈم …. » دەپ ئىلگىرىكى پىكىرىدىن يېنىشقا مەجبۇر بولغان. چۈنكى، شۇ چاغلاردا «كەمبەغەللەر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ مۇھەرىرى ئابلىمىت غوجامبەردى قاتارلىق كىشىلەر لېنىننىڭ «تىل سىنىپىي كۈرەشنىڭ ئۆتكۈر قورالى» دېگەن سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملاسىنى لېنىنچە يېشىش شۇئارىنى كۈچەپ توۋلىغان.

   1936-يىلىدىكى يىغىندىن كېيىن ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملاسىنى بېكىتىش پرىنسىپىدا تۈپتىن ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن، يەنى شۇنىڭغىچە ئاساسەن تۈركىي ئەدەبىي تىلىنىڭ پرىنسىپلىرىغا نىسپىي ئەمەل قىلغان ئاساستا چىقىۋاتقان ئۇيغۇرچە گېزىت - ژۇرناللار ئومۇميۈزلۈك جانلىق تىلغا تارتىلغان. جانلىق تىلدىلا مەۋجۇد بولۇپ يېزىقتا ئىپادىلەنمىگەن سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىىش ھادىسىسى ۋە شۇنىڭغىچە ئەدەبىي تىل سىرتىدا تۇرۇۋاتقان شىۋە سۆزلۈكلىرى تىلىدا ئومۇميۈزلۈك ئەكس ئېتىشكە باشلىغان. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بارلىق ئۇيغۇر مەكتەپلەردە ئۆتۈلىدىغان دەرسلىك كىتابلار، ئۇيغۇرچە ئەدەبىي، سىياسىي ئەسەرلەر مۇشۇ يېڭى ئەدەبىي تىل نورمىسى بويىچە نەشىر قىلىنغان. مۇنتىزىم مائارىپ ئارقىلىق ناھايىتى تېزلا ئومۇملاشتۇرۇلغان .

   1947-يىلى سوۋېت ئۇيغۇرلىرى لاتىن يېزىقىدىن سلاۋىيان يېزىقىغا كۆچۈش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسى يەنە بىر قېتىم قايتا بېكىتىلگەن.

1956-يىلىدىن كېيىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئېلىپبەسى ئەرەپچىگە خاس بولغان «ئەيىن» قاتارلىق ھەرپ بەلگىلەرنى چىقىرىپ تاشلاش بىلەن بىرگە «ڭ» ھەرپىنى رەسمى بېكىتكەن.  شۇندىن بۇيان بىز ئىزچىل ھالدا ئەرەپ يېزىقى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللىنىپ كېلىۋاتىمىز. ئېلىپبە كىتابىمىزدىكى 32 ھەرپ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك تىل تاۋۇشلىرى ھېساپلىنىدۇ.

   بۇ خىل يېزىق مىڭ يىلغا يېقىن ئىشلىتىلگەندىن كېيىن، 1960-يىلى ئاتاقلىق تىلشۇناس ئالىم خوجەخمەت سەداققاسوفنىڭ يېڭى ئىملا لۇغىتى ئېلان قىلىنىشى بىلەن كۈچتىن قالغان.

شىڭ شىسەي بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىر مەزگىللىك دوستلۇقى جەريانىدا  سوۋېت ئۇيغۇرلىرى نەشىر قىلغان تۈرلۈك گېزىت - ژۇرناللار شىنجاڭغىمۇ كۆپلەپ تارقىلىپ تۇرغان ۋە مۇنداق مەدەنىيەت ئالاقىلىرى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەن. شىڭ شىسەي بىلەن خوجانىياز ھاجىنى ياراشتۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن سوۋېت تەرەپ مۇتەخەسسى، خوجانىياز ھاجىنىڭ مەسلىھەتچىسى مەشۈر روزىيېف (ۋەتەن ئوغلى) ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ نەشىر ئەپكارى بولغان «شىنجاڭ گىزىتى» نى ئۆزى باشلامچىلىق بىلەن تەسىس قىلغان ۋە باش مۇھەررىرلىكنى ئۆزى ئۈستىگە ئالغان. شۇڭا بۇ گېزىتنىڭمۇ سوۋېت ئۇيغۇرلىرى ياراتقان يېڭى ئەدەبىي تىلدا چىقماسلىقى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

   شۋېت مىسىسىئونېرلىرى بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىمىلىرى ئوتتۇرسىدىكى ئۈن - تۈنسىز  ئېلىپ بېرىلغان كۈرەشتە ئاخىرى سوۋېت ئىتتىپاقى غەلبە قىلغان. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇزاق مۇدەتلىك تەربىيلىشىدىن كېيىن شىنجاڭدىكى يەرلىك ئاھالە تۇيمايلا ئۇيغۇر نامىنى ئۆزلەشتۈرگەن. 1936-يىلى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خوجانىياز ھاجىنىڭ پەرمانى بىلەن ئۇيغۇر نامىنى قوللىنىش قانۇنىي كۈچكە ئىگە قىلىنغان.

شۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭدا ئىشىلتىلگەن يېزىق ۋە ئەدەبىي تىل يەتتسۇدا قېلىپلاشقان ئەدەبىي تىل يولىدا ماڭغانلىقى ئۈچۈن، بىز ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ شەكىللىنىشنى ئوتتۇرا ئاسيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەرىپەتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ  نەتىجىسى دەپ قارايمىز. شىنجاڭدا 1955-يىلىدىن 1957-يىلىغىچە ئېلىپ بېرىلغان ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دىئالېكتلىرىنى تەكشۈرۈشتىن كېيىن ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس بولغان مەركىزىي دىئالېكىت، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئۆلچەملىك تەلەپپۇزى بولغان ئۈرۈمچى تەلەپپۇزى دەپ بېكىتىلگەن. ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شىنجاڭدا يېزىق ۋە ئىملا جەھەتتە بىر قانچە قېتىملىق ئىسلاھاتىنى باشتىن كەچۈرۈپ ئاز كەم بىر ئەسىرلىك تارىخققا ئىگە بولغان ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى يەنىلا تەرەققىيات ۋە قېلىپلىشىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، بۇ يېڭى ئەدەبىي تىل پۈتكۈل دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنى بىر يىپقا باغلاپ تۇرماقتا.

دوكتۇر ئەسەت سۇلايماننىڭ «ئۆزلۈك ۋە كىملىك»ناملىق كىتابىنىڭ 302 بېتى ۋە تۇرپانشۇناشلىق تەتقىقاتى ژۇرنىلىدىكى «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ شەكىللىنىش جەريانى» دىن ئۆزگەرتىپ  ئېلىندى.

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 696 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01