ﺋﺎﻟﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﻤﺘﮭﺎﻧﺴﯩﺰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﻗﯘﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ سىياسىتى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

مائارىپنىڭ مىنسىتىرلىكىنىڭ ئالى مەكتەپلەرگە ئىمتھانسىز ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش سىياسىتىنى ئېلان قىلدى .

 ئالىي مەكتەپلەرگە قانداق ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھانسىز قۇبۇل قىلىنىدۇ ؟ 

   2007-يىلى مائارىپ مىنستىرلىكى بۇ ھەقتە ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىپ ، ئالتە خىل ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە ئىمتھانسىز قبۇۇل قىلندىغانلىقىنى ئېلان قىلدى .
1. ئۆلكە دەرىجىلىك ئەلاچى ئوقۇغۇچىلار .
2. ئولىمپىك زېھىن سىناش مۇسابىقىلىرىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلار .
جوڭگۇ ماتېماتېكا ئولىمپىك زېھىن سىناش مۇسابىقىسى مەملىكەتلىك ھەل قىلغۇچ مۇسابىسقىسى ، مەملىكەتلىك ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى فىزىكا زېھىن سىناش مۇسابىقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ، مەملىكەتلىك ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى خىمىيە زېھىن سىناش مۇسابىقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ۋە مەملىكەتلىك ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىئولۇگىيە زېھىن سىناش مۇسابىقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىسقىگە قاتنىشىپ ، ئالدىنىقى 3- لىككە ئېرىشكەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئالىي مەكتەپكە ئىمتھانسىز قۇبۇل قىلىنىدۇ.
3. تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلار .
خەلقئارا ئىلىم - پەن قۇرۇلۇش مۇكاپاتى مۇسابىقىسى ، خەلقئارا مۇھىت ئىلمي تەتقىقات تۈرى ئولمىپىك زېھىن سىناش مۇسابىقسىگە قاتىنىشىپ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئىمتھانسىز قۇبۇل قىلنىدۇ.
4. چەت ئەل تىلى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى
مەملىكىتمىزدىكى 16 چەت ئەل تىلى ئوتتۇرا مەكتىپى كۆرسەتكەن ئەلاچى ئوقۇغۇچىلار ئىمتھانسىز قۇبۇل قىلىنىدۇ.
5. مۇكاپاتقا ئېرشىكەن تەنھەركەتچىلەر
مەمىلىكەتلىك تەنھەركەت مۇسابىقىلىرىدە ئالدىنقى 3- لىككە ، ئاسىيا تەنھەركەت مۇسابىقىلىرىدە ئالدىنقى 6- لىككىچە ، دۇنيا تەنھەركەت مۇسابىقىلىرىدە ئالدىنقى 8- لىككىچە ئېرىشكەن ، توپ تۈرىدىكى كوللىكتىپ مۇسابىقە تۈرىدە ، يېنىك ئاتلېتكا مۇسابىقە تۈرىدە، چامباشچىلىق مۇسابىقە تۈرىدە ۋە باشقا مۇسابىقە تۈرلىرىدە خەلقئارا دەرىجىلىك ماھىر نامغا ئېرشىكەن تەنھەركەتچىلەر ئىمتھانسىز قۇبۇل قىلىنىدۇ.
6. ج خ سېستىمىسىدىكى ئىنقىلابى قەھرىمانلارنىڭ پەرزەنتلىرى .
تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ، 22 ياشتىن ئاشمىغان ، مەملىكەتلىك ج خ سېستېمىسىدىكى ئىنقىلابى قۇربانلار ( ھايات ۋاقتىدا ج خ سېستمىسىدىكى ئىنقىلابى قۇربانلار ( ھايات ۋاقتىدا ج خ سېپىدە خىزمەت قىلغانلار ) نىڭ ياكى ج خ مىنىستىرلىكى تەرىىپىدىن مەملىكەتلىك ج خ سېپىە 1- 2- دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن قەھرىمانلار ۋە نەمۇنچىلارنىڭ پەرزەنتلىرى شەرتكە توشسا ، ج خ مەكتەپلىرىگە ئىمتھانسىز قۇبۇل قىلىنىدۇ.

( شىنخۇا ئاگېنتلىقى )

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 659 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01