پىفاگور ئېقىمى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 1 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

پىفاگور ئېقىمى

 

 

بۇ ئېقىم ئۆزىنىڭ ئاساسچىسى پىفاگورنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. پىفاگور ( تەخمىنەن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 580-500-يىللىرى ) قەدىمقى يۇنانلىق ئەڭ بالدۇرقى ئىدېئالىزمچى، ئاقسۆڭەك قۇلدارلارپەيلاسوپى. پىفاگور ئېقىمى دىنىي ، سىياسىي، ئىلمىي، تەتقىقاتتىن ئىبارەت ‪ئۈچنى بىر گەۋدە قىلغان تەشكىلات بۇلۇپ، ئۇنىڭ ئەزالىرى تۇرمۇشتا بىللە‬، كىيىم-كىچىگى بىردەك بولاتتى، بىر يۈرۈش ئەمرى-مەرۇپقا رىئايە قىلاتتى. ئۇلار ئادەمنىڭ روھى ئۆلمەيدۇ دېگەن نېمىگە ئېتىقات قىلىپ، ئادەم ئۆلگەندىن كىيىن ئۇنىڭ روھى باشقا ئادەم ياكى ھايۋاناتقا كۆچىدۇ دەپ قارايتتى. ئۇلار ئاقسۆڭەك قۇلدارلارنىڭ ئەكسىيەتچى ھۆكۈمرانلىقى ئۈچۈن ئاكتىپ خىزمەت قىلغان، شۇڭا سودا-سانائەت قۇلدارلىرى ۋە ئاددى خەلقىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. كېيىنكى چاغلاردا سوقرات ۋە ئەپلاتون قاتارلىق ئىدىئالىزىمچىلار ئۇنىڭ تەسىرىگە ناھايىتى چوڭقۇر ئۇچرىغان.



          پىفاگور ئېقىمى پەلسەپىسىنىڭ مەركىزىي ئىدىيىسى "سان ‪"‬ توغرىسىدىكى سىرلىقلاشتۇرمىچىلىقتىن ئىبارەت. ئۇلار: بارلىق شەيئىلەرنى سان بىلەن ھېسابلاپ چىققىلى بولىدۇ، ئابىستىراكىت سان كونكىرىت شەيئىلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ئومومىلىققا ئىگە، دەپ قارايدۇ. شۇڭا كائىناتنىڭ ئىپتىدائى سەۋىۋى سۇ، ئوت، گاز قاتارلىقلار بولماستىن، بەلكى سان دەپ دەۋا قىلىدۇ.ئۇلار سان بىلەن سان ۋەكىللىك قىلىدىغان شەيئىنى بىر-بىرىدىن ئاجرىتىۋىتىپ، ساننى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل نەرسە دەپ قاراپ، ھەممە سان 1دىن باشلىنىدۇ،   1‪+‬2‪=‬3    1‪+‬1‪=‬2‪،‬،…………  بۇلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن 1 ( تاق سان ) بىلەن 2 ( جۈپ سان ) دىن بارلىق سانلار پەيدا بۇلىدۇ: نۇقتا _ 1 ؛ نۇقتىدىن سىزىق پەيدا بۇلىدۇ، سىزىق _ 2 ؛ سىزىقتىن دائىرە پەيدا بۇلىدۇ، دائىرە _ 3؛ دائىرىدىن گەۋدە پەيدا بۇلىدۇ، گەۋدە_4؛ دەپ ھىساپلايدۇ. ئۇلار مۇنداق دەپ قارايدۇ: دۇنيادىكى كائىناتنىڭ ھەممىسى تەقلىت ساندىن ئىبارەت بۇلۇپ، ساننى ئەسلى تىپ قىلىپ ۋۇجۇتقا كەلگەن، سان دۇنيانىڭ "تەرتىۋى"نى بەلگىلەيدىغان ئەسلى تىپ. پىفاگور ئېقىمى سان توغرىسىدىكى مۇشۇنداق سىرلىقلاشتۇرمىچىلق ئارقىلىق ئاقسۆڭەك قۇلدارلارنىڭ ئەكسىيەتچى ھۈكۈمرانلىغىنى دەلىللەپ، سان دۇنيانىڭ " مەڭگۈلۈك تەرتىۋى "نىڭ ئەسلى تىپى، ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىغىلا بۇنداق " مەڭگۈلۈك تەرتىپ " كە ئۇيغۇن كېلىدۇ، ئاددى خەلق قوزغىلاڭ كۆتىرىدىغان بولسا، بۇنداق تەرتىپنى بۇزىدۇ دەپ ھېسابلايدۇ.


          پىفاگور ئېقىمى سان توغرىسىدىكى سىرلىقلاشتۇرمىچىلىقنى تەشەببۇس قىلغانلىقتىن، ماتېماتىكا ئۈستىدە نۇرغۇن تەتقىقات ئېلىپ بارغاندى. مەسلەن:" ئۈچ بۇلۇڭنىڭ ئۈچ ئىچكى بۇلۇڭى ئىككى تىك بۇلۇڭغا باراۋەر " ۋە " تىك بۇلۇڭلۇق ئۈچ بۇلۇڭنىڭ تەرەپ كۇۋادىراتى يانتۇ تەرەپ كۇۋادىراتىغا باراۋەر " ئوخشاش تېئورمىلارنى شۇلا ئەڭ ئاۋۋال ئۇتتۇرىغا قويغان. ئۇلار سان ئارقىلىق ئاستىرنومىيە ۋە مۇزىكا، بىناكارلىق، ھەيكەلتاراشلىق ۋە باشقالار توغرىسدىكى نەزىرىينىمۇ تەتقىق قىلىپ، بەزى نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. مەسلەن: ئاسترنومىيە جەھەتتە، ئۇلار " ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ماسلىغى " نەزىرىيسىنى ئۇتتۇرىغا قۇيۇپ، ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ھەركىتى مۇئەييەن ماتېماتىكىلىق مۇناسىۋەتكە بويسۇنىدۇ دەپ ھىساپلاپ، ئالەمنىڭ قانۇنىيەتلىگى توغرىسىدىكى ئىدىينى تۇنجى قېتىم ئۇتتۇرىغا قويغان؛ بىناكارلىق ۋە ھەيكەلتاراشلىق جەھەتتە، ئۇلار بىنا ۋە ھەيكەلنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىنىڭ نسبەتەن مۇناسىۋىتىنى كەشىپ قىلغان ۋە باشقىلار. بىراق، ئىلمىي تەپەككۇرغا دائىر بۇ ئۈندۈرمىلەر دىنىي، ئەپسانىلىققا ئوخشاش خام خىياللار بىلەن ئارىلىشىپ كەتكەن.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 556 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01