نەسەبنامە ۋە شەجەرە توغرىسىدا

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


نەسەبنامە ۋە شەجەرە توغرىسىدا

 

 

نەسەبنامە ( Family tree ، 家谱 ) تۇرغۇزۇش ئۇيغۇرلاردا ئۇزاق تارىخقا ئىگە بۇلۇپ ،تارىخىمىزدىكى نۇرغۇن مەشھۇر شەخىسلەر ۋە خاقانلار ئۆز نەسەبنامىسىنى تۇرغۇزۇپ ، كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ ئۆز جەمەتىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش،جەمەتنىڭ پائالىيەت دائرسىنى كېڭەيتىش ، جەمەتنىڭ ئچكى قىسمىدىكى ئەجداد-ئەۋلادلىق رېتى ۋە باشقا تەرتىپلەرنى كۈچەيتىش ھەم كاپالەتلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.



ئۇيغۇر تىلىدا مەلۇم جەمەتنىڭ تارخى خاتىرسى «نەسەبنامە» دىيلىدۇ ، شۇنداقلا يەنە قۇمۇل ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا «جۇرۇڭقاي» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. «نەسەب » ئەرەبچە سۆز بولۇپ مەنىسى «تۇغقان، قان قېرىنداش ، قانداشلىق مۇناسىۋەت» دىگەنلىك بولىدۇ. «نەسەبنامە » بولسا مەلۇم ئائىلە ياكى جەمەتنىڭ قان قېرىنداشلىق يىلتىزى ۋە مۇناسىۋىتى خاتىرلەنگەن جەمەت تارىخى دىگەنلىكتۇر. «جۇرۇڭقاي»سۆزىگە كەلسەك ،بۇ سۆز ھازىر «ئائىلىنىڭ تارىخى خاتىرسى» دىگەن مەنىدە مۇڭغۇل تىلىدىمۇ ساقىلىپ كەلمەكتە.



ئائىلە – جەمەت نەسەبنامىسىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبي قىسمى – شەجەرىدۇر. «شەجەرە » ئەرەب تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا كىرگەن سۆز بولۇپ ، مەنىسى «بىر تۈپ دەرەخ » دىگەنلىكتۇر. بۇ ئۇقۇم (شەجەرە تۇن نەسەب) شەكىلىدە ئىشلىتىلىپ، «ئائىلە ياكى جەمەت نەسەبنامىسىدە بايان قىلىنغان قانداش ئەۋلادلارنى دەرەخ شاخلىرى شەكىلىدە كۆرسىتىپ بېرىىدىغان سخېما» دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇيغۇرلارغا «شەجەرە» ئۇقۇمى خۇددى «نەسەبنامە» ئۇقۇمىغا ئوخشاشلا نىسبەتەن بۇرۇن كىرىپ كەلگەن. ئائىلە شەجەرىسى بىر جەمەتكە مەنسۇپ كىشىلەرنىڭ ئۆز ئارا مۇناسىۋىتىنى رۇشەن كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغان سېخېىما بولۇش بىلەن ،ئۇ يازما شەكىلدىكى نەسەبنامىگە قارىغاندا تېخىمۇ ئېنىق بولۇشتەك ئالاھىدلىككە ئىگىدۇر.ئائىلە شەجەرىسىدە ئانا (ياكى ئايال ) تەرەپنى شەجەرىدە ئىپادىلەشنى خالىسا،ئۇنداقتا رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك شەرت شۇكى بىر شەجەرىدە بىرلا فامىلىلىك ئادەملەر (ياكى بىر جەمەتكە تەۋە قان قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىگە ئىگە كىشىلەر ) تىزىپ كۆرسىتىلىشى كېرەك.


دىمەك، شەرت شۇكى ،ئاتا- ئانا ،ئەر – ئايال تەرەپنى ئايرىپ تۇرۇپ تاق لىنيە بۇيىچە شەجەرە تۇرغۇزۇش كېرەك.

 

ئەسلى يازما مەنبەسى:يۈكسەل بلوگى

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 587 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01