ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

خەنزۇ مىللىتىنىڭ كىلىپ چىقىشى ۋە كۆپىيىپ تەرەققىي قىلىشى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 1 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


خەنزۇ مىللىتىنىڭ كىلىپ چىقىشى ۋە كۆپىيىپ تەرەققىي قىلىشى
 



خەنزۇلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئەجدادى بولغان يەندى(炎蒂) بەلەن (黄蒂)قەبىللىرى ئەسلىدەھازىرقى خۇاڭخې دەرياسىنىڭ باش ئېقىمىدا ياشايدىغان چىياڭ(羌)دىگەن بىر قەبىلىدە شەكىللەنگەن.كىيىنچە يەندى قەبىلىسى بىلەن خۇاڭدى قەبىلىسى ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى كەسكىن ئۇرۇشلار،جەڭگى-جىدەللەردە يەندى قەبىلىسى خۇاڭدى قەبىلىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان.خۇاڭدى قەبىلىسى(خۇاڭدى ئەۋلاتلىرى)ئۇزۇن تارىخىي تەرەققىيات ۋە ئۇرۇش(ناھايىتى زور قان تۆكۈش)ئارقىلىق ئوتتۇرا جۇڭگۇدىكى بىرمۇنچە قەبىلە ۋە ئۇرۇقلارنى ئۆزلىرىگە ئاسمىلاتسىيە قىلىش(قۇشىۋېلىش)ھېسابىغا كىيىنچە(华夏)قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنى شەكىللەندۈرگەن.خۇاشىيا سۆزى گۈللەنگەن ئەل، ئېچىلغان يۇرت دىگەن مەنالارنى ئىپادىلەيدۇ،خۇاشىيالار بۈگۈنكى خەنزۇ مىللىتىنىڭ بىۋاستە ئەجداتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.



خەنزۇ مىللىتىنىڭ بىۋاستە ئەجداتلىرى بولغان خۇاڭدى قەبىلىسى دۆلىتىمىز تارىخىدىكى شىيا(مىلادىدىن بۇرۇنقى21-ئەسىردىن، مىلادىدىن بۇرۇنقى16-ئەسىرگىچە)سۇلالىسى،شاڭ سۇلالىسى(مىلادىدىن بۇرۇنقى16-ئەسىردىن،مىلادىدىن بۇرۇنقى 11-ئەسىرگىچە)،جۇ سۇلالىسى(مىلادىدىن بۇرۇنقى11-ئەسىردىن مىلادىدىن بۇرۇنقى221-يىلىغىچە)دىن ئىبارەت ئۈچ سۇلالە مەزگىلىدە تازا تەرەققى قىلىپ ئەمىنىيە ۋە يېغىلىق دەۋىرلىرىگە بارغاندا خۇاشىيا نامى بىلەن ئاتالغان.جۇ سۇلالىسى دەۋرىدە جۇ سۇلالىسىنىڭ ئەتىراپىدىكى قەبىلىلەر(شەرىقتىكى يى 夷 قەبىلىسى،جەنۇپتىكى مەن 蛮قەبىلىسى،شىمالى جۇڭگۇدىكى دى 狄قەبىلىلىرى)جۇ سۇلالىسى كىشىللىرىنى خۇاشىيا دەپ ئاتىغان.يېغىلىق دەۋرىگە كەلگەندە يەتتە چوڭ زومىگەر(يەتتە چوڭ بەگلىك)نى ئومۇملاشتۇرۇپ خۇاشىيالىقلار دەپ ئاتىغان.مىلادىدىن بۇرۇنقى 221-يىلى چېن شىخۇاڭ پۈتۈن خۇاشىيا مىللىتىنىڭ يېزىقىنى(ھازىرقى خەنزۇ يېزىقى)،پۇللىرىنى،ئۆلچەم بىرلىكلىرىنى،قاتناش يوللىرىنى،ھەرقايسى بەگلىكلەر چېگىرىسىغا ياسالغان سېپىل توساقلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ،خۇاشىيالىقلارنى ئورتاق تۈزۈم،ئورتاق مەدىنيەتكە ئىگە بولۇش ئىمكانىيتىنى ياراتتى.ھەرقايسى بەگلىكلەرنىڭ قويۇق مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىش،ئۇلارنىڭ ئۆز-ئارا سىياسى،ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت ئالاقىللىرىنىڭ بارغانسىرى كۆپىيىشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.چېن سۇلالىسى(مىلادىدىن بۇرۇنقى221-يىلىدىن،مىلادىدىن بۇرۇنقى206-يىلىغىچە)دەۋرىدە خۇاشىيالىقلار دىگەن نامنىڭ ئورنىنى چىنلىقلار(秦人)دىگەن نام ئىگىلىدى.ھازىرقى بىر قىسىم ماتىرياللاردا جۇڭگۇلۇقلارنى چىنلىقلار دەپ ئاتاش ئەنە شۇ چىن سۇلالىسى دىگەن نامدىن كەلگەنلىكى ئېنىق.خەنزۇ مىللىتى خەنزۇلار قۇرغان بۈيۈك خەن سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە خەن سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىرى چېن سۇلالىسىنىڭ ھاكىميەت باشقۇرۇش جەھەتتىكى تەجرىبە –ساۋاقلىرىنى قوبۇل قىلىپ،خەن سۇلالىسىنى ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە قۇدرەت تاپقۇزۇپ ئەينى ۋاقىتتىكى ئاسىيا قىتئەسىدىكى قۇدرەتلىك بىر ئېمپىريىگە ئايلىنىپ چىنلىقلار ئۆز دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن غالىب كەلگەن.شۇنىڭ بىلەن خەن سۇلالىسىنىڭ تۆت ئەتىراپىدا ياشاۋاتقان ھەرقايسى سۇلالە خەلىقلىرى ئوتتۇرا جۇڭگۇدا ياشىغۇچى خەلىقلەرنى بۈيۈك خەن سۇلالىسىنىڭ نامى بىلەن خەنلىكلەر(汉人)دەپ ئاتاشقا باشلىغان،«تارىخ- مەدەنىيەت بىلىملىرى»ژورنىلىنىڭ 1984-يىللىق 8-سانىدا لىيۇ باڭ خەن سۇلالىسىنى قۇرغاندىن كىيىن خەن سۇلالىسىگە خوشنا بەگلىك ياكى مىللەتلەر«خەنلىكلەر»دىگەن نامنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى«خەنلىكلەر»دىگەن نامنىڭ خەن سۇلالىسى كىشىللىرى دىگەن مەنانى بىلدۈردىغانلىغى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.دىمەك:بۈگۈنكى خەنزۇ مىللىتى دىگەن مىللەت نامى خەن سۇلالىسى دىگەن نامدىن كەلگەن ۋە ئۇزۇن تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا بۇ مىللەت نامى چوڭقۇر ئىجتىمائى مەزمۇننى ئىپادىلەيدىغان ھەممە ئادەمگە تونۇشلۇق بولغان مىللەت نامى بولۇپ قالغان.



خەنزۇ مىللىتىنىڭ كۆپىيىپ ئىلىمىزدىكى شۇنداقلا دۇنيادىكى نوپۇسى كۆپ چوڭ بىر مىللەت بولۇپ شەكىللىنىشىدە ئېلىمىز تارىخىدا يۈز بەرگەن تۆت قېتىملىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا قۇشۇلىشى مۇھىم رول ئوينىغان.
دۆلىتىمىز تارىخىدىكى بىرىنچى قېتىملىق مىللەتلەرنىڭ چوڭ قۇشۇلىشى ئېلىمىزنىڭ ئەمىنىيە(مىلادىدىن بۇرۇنقى770-يىلىدىن مىلادىدىن بۇرۇنقى476-يىلىغىچە)يېغىلىق(مىلادىدىن بۇرۇنقى 475-يىلىدىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 221-يىلىغىچە)دەۋىرلىرىدە يۈز بەرگەن.ھەممىمىزگە مەلۇم خۇاشىيا قەبىلىسى جۇڭگۇدا ئەڭ بۇرۇن قۇلدارلىق تۈزۈمدىكى جەمىيەتكە كىرگەن بىر قەبىلە بولۇپ،بۇ قەبىلە جۇڭگۇدا شىيا، شاڭ،جۇ سۇلالىسىدىن ئىبارەت قۇلدارلىق تۈزۈمدىكى دۆلەتلەرنى قۇرغان.ئەمىنىيە ۋە يېغىلىق دەۋىرلىرىدىكى مىللەتلەرنىڭ چوڭ قۇشۇلىشى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايۇنىنى مەركەز قىلغان ھالدا ئېلىپ بېرىلغان.خۇاشىيا قەبىلىسى ئۆز ئەتىراپىدىكى دى(狄)  چىياڭ (羌) يى(夷)مەن(蛮)قاتارلىق قەبىللەرنىڭ بىر قىسىمىنى تەدرىجى ھالدا ئۆزلىرىگە ئاسمىلاتسىيە قىلىپ قۇشىۋالغان.چۈنكى خۇاشىيا قەبىلىسى جۇ سۇلالىسىدىن باشلاپ جۇڭگۇدىكى ئەڭ قۇدرەتلىك بىر قەبىلىگە ئايلانغان.شۇڭا جۇڭگۇدىكى بىر قىسىم ئاز سانلىق قەبىلىلەر ئىتتىپاقى ئۇزۇن زامانلار جەريانىدا خۇاشىيا قەبىلىلىرى بىلەن قۇيۇق ئارلىشىپ ئولتۇراقلىشىش، سىياسى،ئىقتىسادى،مەدەنىيەت جەھەتتە خۇاشىيا قەبىلىسىنىڭ تەسىرىنى قۇبۇل قىلىش ئارقىلىق ،ئاستا-ئاستا خۇاشىيا قەبىلىسىگە سىڭىپ كەتكەن.نەتىجىدە خۇاشىيا قەبىلىسى  ئەينى زاماندىكى جۇڭگۇ زىمىنىدا ناھايىتى كۈچلۈك ۋە كۆپ سانلىق بىر قەبىلىگە ئايلىنىپ ھازىرقى خەنزۇ مىللىتىنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن مۇستەھكەم ئاساس ياراتقان.



دۆلىتىمىز تارىخىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق چوڭ قۇشۇلىشى ئېلىمىزنىڭ ۋېي ،جىن،جەنۇب،شىمال(مىلادى190-يىلدىن 589-يىلىغىچە)سۇلالىلار دەۋرىدە يۈز بەرگەن.جۇڭگۇ تارىخىدىكى ۋېي،جىن،جەنۇب،شىمال سۇلالىلەر دەۋرى جۇڭگۇ مەدىنيىتى تۆت ئەسىرگە يېقىن داۋالغۇش،بۆلىنىش،تىنىچسىزلىق ئىچىدە ئۆتكەن،جۇڭگۇ مەدەنىيىتى قۇتۇپلاشقان،.مىللەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا كۆچۈشى،يۆتكىلىش ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن.بىر قىسىم خەنزۇلار دۆلىتىمىزنىڭ چېگرا رايۇنلىرىغا ئولتۇراقلاشقان،دۆلىتىمىزنىڭ چېگرا رايۇنلىرىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر كۆپلەپ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايۇنلىرىغا بېرىپ ئولتۇراقلاشقان.مەسىلەن،بۇ دەۋىردە دۆلىتىمىزنىڭ شىمالى ۋە غەربى شىمالىدا ياشىغۇچى ھونلار،سىيانپىلار،دىلار،چياڭ قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر تۈرلىك تارىخى سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئۈزلىكسىز تۈردە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايۇنلىرىغا كۆچۈپ بېرىپ خەنزۇلار بىلەن قۇيۇق ئارلىشىپ،ئىشلەپچىقىرىش شەكلى،تۇرمۇش ئۇسۇلىدا خەنزۇ مەدىنيىتىگە زور تەسىر كۆرسىتىپ ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت ھاياتىدا غايەت زور ئۆزگۈرۈشلەرنى مەيدانغا كەلتۈرگەن.



دۆلىتىمىز تارىخىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق چوڭ قۇشۇلىشى ئېلىمىزنىڭ سۇڭ(مىلادى960-يىلىدىن 1279-يىلىغىچە)لىياۋ(مىلادى1271-1368)سۇلالىرى دەۋرىدە يۈز بەرگن.بۇ دەۋىرلەردە ئېلىمىزدىكى كىدان(قىتان)جۇرجىت،موڭغۇل قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايۇنىدا ئايرىم-ئايرىم ھالدا لياۋ،جىن،يۈەن قاتارلىق كۆپ مىللەتلىك دۆلەتلەرنى قۇرغان.بۇنىڭ بىلەن ئۇزۇن مۇددەت چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان مەدىنيىتى ئانچە تەرەققى قىلمىغان،بۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايۇنىغا كىرگەندىن كىيىن خەنزۇ مىللىتىنىڭ ئىلغار مەدەنىيتىنى قۇبۇل قىلىپ بارا-بارا ئۇلارغا سىڭىشقا باشلىغان.مانا شۇنداق ئۇبىكتىپ شەرت-شارائىتنىڭ پىشىپ يىتىلىشى بىلەن بۇ ھاكىميەت بېشىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كۆپ قىسىمى خەنزۇ مىللىتىگە قۇشۇلۇپ كەتكەن.



دۆلىتىمىز تارىخىدىكى مىللەتلەرنىڭ تۆتىنچى قېتىملىق چوڭ قۇشۇلىشى مىڭ(مىلادى1368-1644) چىڭ(مىلادى1644-1911)سۇلاللىرى دەۋرىدە يۈز بەرگەن،بۇ دەۋىرلەردە ئېلىمىزدىكى مىللەتلەرنىڭ چوڭ قۇشۇلىشى ناھايىتى كۈچەيگەن.مەسىلەن،مانجۇلار ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايۇنىدا ئېلىمىز تارىخىدا ئەڭ ئۇزۇن داۋاملاشقان مەنچىڭ خانلىقىنى قۇرغان بولسىمۇ ،بىراق خەنزۇ مىللىتىنىڭ ئىلغار مەدىنيەت ئامىللىرىنى قۇبۇل قىلىش ئاساسىدا خەنزۇلارغا قۇشۇلۇپ كەتكەن.چۈنكى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىرى ئىچىدە كۆپلىگەن ئەمەلدار-تۆرىلەرنىڭ خەنزۇلار بىلەن نىكاھلىنىشى ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلانغان.بۇنىڭ بىلەن كۆپلىگەن مانجۇ ئاقسۆڭەكلىرى خەنزۇلىشىش يولىغا قاراپ ماڭغان ۋە خەنزۇلاشقان.


ئومۇملاشتۇرغاندا،دۇنيادا ساپ مىللەت يوق،خەنزۇلارمۇ ئۇزۇن تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا كىچىك قەبىلە ئىتتىپاقىدىن چوڭ،كۈچلىك قەبىلە ئىتتىپاقىغا،نوپۇسى ئاز بىر مىللەتتىن،نۇپۇسى كۆپ بىر مىللەتكە ئايلانغان.


مەنبە:شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر مۇنبىرى 2001-يىللىق1-سانى

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 1946 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01