ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى ۋە ئۇنىڭ تۈرگە ئايرىلىشى(ئابلىمىت مۇھەممىدى)

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 4 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش



ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى ۋە ئۇنىڭ تۈرگە ئايرىلىشى

ئابلىمىت مۇھەممىدى

 



ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ بارلىققا كېلىش تارىخى ئۇزاق ، چېتىلىش دائىرىسى كەڭ ، قۇرۇلمىسى ئۆزگىچە ، تۈر ۋە تەركىبلىرى كۆپ خىل . مەنىسى چوڭقۇر بولۇپ ، ئالاھىدە پايدىلىنىش قىممىتىگە ۋە تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە . تەرەققىيات مۇساپىسى ، ئۆزگىرىش جەريانلىرى ۋە مىللى خاسلىق نۇقتىسىدىن ئۇنى تۆۋەندىكىدەك كونكىرت تۈرلەرگە ئايرىش مۈمكىن :



1-ئىپتىدائىي ئېتىقاد بويىچە قويۇلغان ئەنئەنىۋى ئىسىملار

2-ئاسمان جىسىملىرى ۋە تەبىئەت ھادىسىلىرى ناملىرى بىلەن قويۇلغان ئىسىملار
زامانىۋى ئاۋۋالدىن تارتىپ تا بۇ كەمگىچە تەبىئەت قوينىدا ياشاپ ، تەبىئەتنىڭ نېمەتلىرىدىن بەھرىمان بولۇپ ، تۈرلۈك تەبىئەت ھادىسىلىرى بىلەن كۈرەش قىلىپ كەلگەن ئۇيغۇر خەلقى ئۆزلىرى ئۇلۇغلىغان ، چوقۇنغان ، تۆتېم قىلغان ۋە بەھىر ئالغان ئاشۇ مۆجىزىكار شەيئىلەرنىڭ نامىنى ئەۋلاتلارغا ئىسىم قىلىپ قويۇپ ، ئۇنى دەۋرىمىزگىچە يەتكۈزگەن . مەسىلەن ، كۈن (كۈنخان ، كۈنتۇغدى) ، قۇياش ، ئاي ،(ئايگۈزەل ، ئايتولۇن ، ئاينىسا ، ئاينۇر ) ، چاقماق (چاقماقجان) . يۇلتۇز ، چولپان (چولپانجان) ، نۇر (نۇرخان ، نۇرگۇل ، نۇرنىسا) ، ئەختەر( ئەختەرنىسا) ، شەمسى(شەمشىنۇر ، شەمشىقەمەر) ، قەمەر ( قەمەرنىسا ، قەمەرخان) ، ساباھ (ساباھىدىن) ، ئقلىم (ئىقلىمپاشا ، ئىقلىمخان) .

 

 

3-ئەمگەك سايمانلىرى ۋە تۇرمۇش بويۇملىرى نامى بىلەن قويۇلغان ئىسىملار
ئۇيغۇر خەلقى مېھنەتخۇمار ، قاپا – مۇشەققەتكە چىداملىق ، كىشىلىك ھاياتقا ۋە تۇرمۇشقا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدىغان ، ئەقىل – پاراسىتى ۋە غەيرەت – شىجائىتى بىلەن تۈرلۈك ئاپەتلەر بىلان ئېلىشىپ ، گۈزەل مۇھىت ، ئەۋزەل شارائىت ياراتقان ۋە ئېسىل نېمەتلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن . شۇڭا ، ئۇلارنىڭ كىشى ئىسىملىرىدا ئەمگەك سايمانلىرى نامى ۋە تۇرمۇش بويۇملىرى نامى خېلى كۆپ ئۇچرايدۇ . مەسىلەن پالتا (پالتاخۇن) ، سۈپۈرگە (سۈپۈرگەباي) ، ، چورۇق (چورۇقئاخۇن) ، بوسۇغا (بوسۇغا باي) ، چىنە (چىنىخان) ، گۈرجەك، توقا ، سائەر ، خاتىرە ، سۇپۇرا ، قەلەم ، قۇتا ، سۈرەت ….. قاتارلىقلار .


4-ھايۋانات ۋە قۇشلار نامى بىلەن قويۇلغان ئىسىملار
ئۇيغۇرلار تىرىكچىلىك داۋامىدا ، تېرىقچىلىق ، چارۋىچىلىق ۋە سودا – سېتىق بىلەن شۇغۇللىنىپ ، تەبىئەتنىڭ ئەۋزەل نېمەتلىرى بىلەن كۆپ ئۇچراشقان ، ئۇلاردىن خوۋلۇق كۆرگەن ، ئۇلارنى قولغا ئۈگۈتۈپ ئۇلاردىن پايدىلانغان …. مەسىلەن ، يولۋاس ( يولۋاسخان) ، شىر (شىرخان ، شىرزات) ، ئارسلان ، شۇڭقار ، بۈركۈت ، بۇلبۇل ، قۇندۇز ، بېلىق ، تورغاي ، سەمەندەر ، پەرۋانە ، سۇمرۇغ ، سۆسەر ….. ئۆز تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بۇ شەيئىلەر بارا – بارا ئۇلارنىڭ كىشى ئىسىملىرىغا ئايلىنىپ ، تۇرمۇشىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتكەن .


5-دەل – دەرەخ ۋە ئۆسۈملۈك نامى بىلەن قويۇلغان ئىسىملار
ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشى كۆپىنچە بىپايان دەشتلەرگە تۇتاش ئۈزۈك – ئۈزۈك بوستانلىقلاردا ئۆتكەن . ئۇلار ئورمان ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ياخشى دوستلىرى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلغانلىقتىن ، ئۇلارنىڭ نامىنى ئەۋلادلىرىغا ئىسىم قىلىپ قويۇپ ، تەبىئەتنى سۆيۈش ، ئورمان ئەھيا قىلىش ، دەل – دەرەخلەرنى ئاسراپ ، تەبىئى مۇھىتنى قوغداشتەك ئېسىل ئەنئەنىنى مىراس قالدۇرغان . مەسىلەن ، چىنار ، شەمشاد ، يۇلغۇن ، توغراق ، يانتاق ، زەيتۇن ، ياسىمەن ، سۇۋادان ، ئامۇت .


6-مەدەن ۋە مېتاللار نامى بىلەن قويۇلغان ئىسىملار
ئۇيغۇرلار خېلى بۇرۇنلا تاش قوراللار ۋە مېتال قوراللار بىلەن ئوۋچىلىق ، دېھقانچىلىق ، چارۋىچىلىق ئىشلىرىنى تەرەققى قىلدۇرغان . مېتال قوراللار بىلەن ئۆز يۇرتىنى ياۋلاردىن قوغدىغان ، كان ئېچىپ ، مېتال تاۋلاپ مەھسۇلاتلىرىنى تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بىلەن ئايرىۋاشلىغان . ئۇلارنىڭ نامىنىمۇ ئەۋلادلىرىغا ئىسىم قويۇپ قوللانغان . مەسىلەن ، تاش (تاشباي ، تاشگۈل) ، تۆمۈر ، پولات ، تاشپولات ، گۆھەر ، تاشتۆمۈر ، ئوران ، ئالتۇن ، كۈمۈش ……

7-كۆكتات ۋە گۈل – گىياھ ناملىرى بىلەن قويۇلغان ئىسىملار
ئۇيغۇرلار ئۇزاق يىللىق ناچار تەبىئى شارائىت ئاستىدىكى جاپالىق شارائىت ئاستىدىكى تىرىكچىلىك پائالىيەتلىرىدە تەبىئەتنىڭ ئەۋزەللىكلىرىدىن ئىمكانقەدەر تولۇق پايدىلىنىپ ، ياشاش مۇھىتىنى تىرىشىپ ئۆزەەرتىش ئۈستىدە كۆپ ئىزدەنگەن ، كۈرەش قىلغان . مۆجىزە خاراكتېرلىق مەئىشەتلەرنى يارىتىپ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان . ئۇ مۆجىزىلەر ئەۋلادلىرىغا ئىسىم قىلىپ قويۇلۇپ ،ئابىدىگە ئايلانغان . مەسىلەن ، سامساق ، تۇرۇپ ، پىياز ، مايسا ، رەيھان ، مۇدەن ، مېرزىگۈل ، غۇنچەم ، لەيلى ، نېلۇپەر ، چوغلۇق ، لالە ، چېمەن ، تاجىگۈل ، گۈلسۇرۇخ .


8-مېۋە ۋە مېۋىلىك دەرەخ نامى بىلەن قويۇلغان ئىسىملار
ئۇيغۇر ئېلى دۇنيادا “مېۋە – چېۋە ماكانى ” دەپمۇ تەرىپلىنىپ كەلمەكتە . ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ كاتتا تۆھپىسىمۇ كىشى ئىسىملىرىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان . مەسىلەن ،ئانار (ئانارخان ، ئانارگۈل) ، ئالما (ئالمىخان) ، بادام (بادامگۈل) . جىنەستە ، چىلان ، ئامۇت ، نەشپۈت ، ئالبىرات ، يېمىش .


9-دورا ماتىرىياللاىرى ۋە خۇشبۇي ماتىياللار نامى بىلەن قويۇلغان ئىسىملار
ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە . ئۇ ھېلىھەم ئېلىمىزنىڭ تىببىي ساقلىقنى ساقلاش ساھەسىدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ . ئەجدادلىرىمىز سېخىي تەبىئەتتىكى دورىلىق ماتېرىياللارنى بايقاپ ، تەتقىق قىلىپ ، ئۇنى ئاغرىقلارنى ئازابتىن ، ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرىدىغان تۇتىياغا ئايلاندۇرغان ھەمدە ئۇلارنى ئەۋلادلىرىغا ئىسىم قىلىپ قوللانغان . مەسىلەن ، ئىپار ، ئەنبەر ، گۈلنەپشە ، زىرە (گۈلزىرە) ، سۇمبۇل ، بىدىيان .


10-رەڭ – بوياقلار نامى بىلەن قويۇلغان ئىسىملار
ئۇيغۇرلار ھەر خىل رەڭلەردىن ئۆزگىچە ئستېتېك زوق ئېلىپلا قالماستىن ، رەڭلەردىكى كىشىگە بېرىدىغان ئوخشىمىغان تۇيغۇ – تەسىرلەر بىلەن ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇش – ئادەتلىرىدىكى تۈرلۈك پائالىيەت ۋە چۈشەنچىلىرىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ ، ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنىڭ بىشارىتى سۈپىتىدە قوللىنىپ كەلگەن . مەسىلەن ، ئاقخان ، ئاپئاق ( ئاپيول ، ئاپپاققىز ، ئاقئاخۇن ، ئاقپاشا ، ئاقنىياز ) ، سېرىق (سېرىقبەگ ، سېرىقئاخۇن ) ، قاراخان ، قارائايىم ، كۆكنۇر باي ، بىنەپشىخان ، فرۇزە .


11-ۋاقىت ۋە پەسىل ناملىرى بىلەن قويۇلغان ئىسىملار
ئۇيغۇرلار ئەمگەك سۆيەر ، پائالىيەتچان خەلق بولغاچقا ، ۋاقىتنىڭ قىممىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىسلام دىنىي ئەقىدە قائىدىلىرى بويىچە قاتتىق تەكىتلىنىدىغان ۋاقىت ، كۈن ۋە پەسىللەرمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇقەددەس ھېسابلايدىغان مەزمۇنلار قاتارىغا قويۇلغان . شۇڭا ، ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىدا ۋاقىتقا ئالاقىدار ئىسىملارمۇ خېلى كۆپ . مەسىلەن ، باھار ، جۈمە ، نەۋرۇز ، ئازنا (ئازنىخان ، ئازنىباقى ، ئازنەك ) ، تاڭنۇر ، سۈبھى ، سۈبھىنۇر ، زامان ، رامىزان ، ئەسىر ، سۈر ئەت ، ئېرا ، شەنبە .


12-جاۋاھىراتلار ۋە ئەتىۋارلىق بويۇملار ناملىرى بىلەن قويۇلغان ئىسىملار
جاۋاھىرات ۋە نەپىس ماللار سودىسى ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ ئىقتىسادىنى تۇتۇپ تۇرىدىغان يۇقۇرى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئىگە كەسپ دەپ قارىلىدۇ ، شۇڭا ، ئۇ ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىغىمۇ سىڭىپ كىرگەن . مەسىلەن ، ئالماس ، ئالتۇن ، كۈمۈش ، مەرۋايىت ، ياقۇت ، گۆھەر ، تاۋار ، مەشۈت ، تىللا ، زۇمرەت ، ئۈنچە ، مارقان ، لەئىل .


13-ئەسكىرىي ئاتالغۇلار ۋە قورال – ياراق ناملىرى بىلەن قويۇلغان ئىسىملار
تارىختا ئۇيغۇرلار سانسىز جەڭ – يېغىلىقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ ، قان تۆكۈپ ئۆز ئېلىنى قوغدىغان ، قۇدرەتلىك خانلىقلارنى قۇرغان . شۇ ئۆچمەس تارىخنىڭ يالدامىلىرى سۈپىتىدە ئەۋلادلىرىغا ئەسكىرىي ئاتالغۇ ۋە قورال – ياراغ ناملىرىنى ئىسىم قىلىپ قالدۇرغان . مەسىلەن ، ئارمىيە ، قىلىچ ، خەنجەر ، غازى ، مۇزەپپەر ، مۇجاھىد ، قۇر بېشى ، ساداق ، ساللات ، پاراد ، شەمشەر ، زۇلپىقار ، تۇغ ، ئەلەم .

14-دىنىي ئاتالغۇلار بىلەن قويۇلغان ئىسىملار
ئۇيغۇرلار تارىختا كۆپ خىل دىنلارنى قوبۇل قىلىش داۋامىدا ، بولۇپمۇ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن كېيىن ، ئۆزلىرىنىڭ دىنغا بولغان ئىخلاسى ، ھۆرمىتى ۋە ئېتىقادىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن پەرزەنتلىرىگە دىنىي تۈس ئالغان ئىسىملارنى قويغان . مەسىلەن ، ئىسلام ، ئاخۇن ، قۇشناچ ، خىزىر ، ئىمام ، مەزىن ، ھاجى ، ھېيت ، خاتىپ ، ئايەت ، ئايەم ، موللا ، ئىمان ، ئىبادەت ، خۇشبىدىن ، رىزۋان ، مۇتىۋەللى ، مەستۇرە ، شۈكۈر .


15-يەر – جاي ناملىرى بىلەن قويۇلغان ئىسىملار
ئۇيغۇرلار تارىختا قانچە – قانچە قېتىملاپ كۆچمەنلىك ، يۇرت – ماكانلىرىدىن ئايرىلىشنىڭ ئەلەملىرىنى تارتقان . كۈرمىڭ ئەجىر – مۇشەققەتلەر بىلەن ئۆز ماكانلىرىنى ئاچقان ، گۈللەندۈرگەن . قوغدىغان . ۋەتەنپەرۋەرلىك ، يۇرت ئىشقى قان – قېنىغا سىڭگەن . شۇڭا ، ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى ئىچىدە ، زېمىن ، دۆلەت ، دىيار ، پامىر ، تارىم ، مەكىت ، سەيدەم ، بۇغدا ، قەشقەرى ، يەركەندى ، كۈسەن …. دەيدىغان ئىسىملار بار . يەنە ئىسلام دىنىدا ئالاھېدە تىلغا ئېلىنىدىغان مەككە ، مەدىنە ، قۇددۇس ، بەيتۇللا ، سۈرىيە ، قاھىرە …. دەيدىغان ئىسملارمۇ كۆپ .


16-مىللەت ، قەبىلە ، قەۋم ناملىرى بىلەن قويۇلغان ئىسىملار
ئۇيغۇرلاردىكى مىللەتپەرۋەرلىك ، ئەجدادلىرىغا بولغان ھۆرمەت ، سۆيۈنۈش ، ئۇرۇق – قەۋملىرىگە بولغان ئىپتىخار ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىغا قارلۇق ، ئۇيغۇر ، ئۇيغۇرنىسا ، تۇران ، تۈركەش ، مۇغۇل ، ئوغۇز …. دېگەن ئىسىملارنى قويۇپ ، ئۆز يىلتىزىنى ئۇنتۇماسلىققا ، ئۆز مىللىتىنى قەدىرلەش ۋە سۆيۈشكە ئۈندەپ كەلگەن .

17-يېمەكلىك ، تاتلىق – تۈرۈملەر نامى بىلەن قويۇلغان ئىسىملار
ئۇيغۇرلار بۇرۇندىن تارتىپلا ئوزۇقلىنىش مەدەنىيىتىگە ئالاھېدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن ھەم تائام تەييارلاشتىكى نازۇك ھۈنەر – سەنئەتنى نامايەن قىلغان . ئۇيغۇر تاماقلىرى ئىچىدە ئاساسلىق تائاملاردىن باشقا يەنە نۇرغۇنلىغان شېرىن – شەربەتلەرمۇ بار . بۇلارمۇ ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىغا يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن . مەسىلەن ، توقاچخان ، ھەمەك ، كۆمەچ ، پەرمۇدە ، پەشمەت ، شېكەر ، ھەسەلخان ، ناۋاتخان ، شەربەت ، تاتلىق ، شېرىن ، بەتتە ، رىشالە .

18-مەرتىۋە – مەنسەپ ئاتالغۇلىرى بىلەن قويۇلغان ئىسملار
ئۇيغۇرلار ئەۋلادلىرىغا يۇرت باشچىلىرى ، بىلىملىك ، چارە – تەدبىرلىك ، يۇرتپەرۋەر ، خەلقپەرۋەر ، پىداكار ئەزىمەتلىرىنىڭ ، سەردارلارنىڭ نامىنى ئىسىم قىلىپ ياد ئېتىدۇ . مەسىلەن ، خان ، خانقىز ، مەلىكە ، شاھزات ، رەئىس ، سەردار ، ئوغلان ، بەگ ، خوجا ، ھاكىم ، ئەمىر ، ئالىم ، رەھبەر ، پاشا ، بانۇم ، ۋەكىل .


19-مەشھۇر شەخسلەرنى ئۇلۇغلاپ قويۇلغان ئىسىملار
ئۇيغۇرلار ئالىم ، ئەدىب ، سىياسىيون ، قوماندان ، چېمپىيون …. غا ئوخشاش تۆھپىكار كىشىلەرنى ئىنتايىن چوڭ بىلىدۇ ۋە ئۇلارنى ھۆرمەت قىلىدۇ . ئۇلارنىڭ نام – ئاتىقىنى ئەۋلادلىرىغا ئىسىم قىلىپ داۋاملاشتۇرۇش ئۇيغۇر ئېتنونىمىكسى (نامشۇناسلىق ئىلمىي) دىكى مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرىدۇر . مەسىلەن ، مۇھەممەد مۇستافا ، ھەزېر تىئېلى ، جەمشىد ، نۇشىرۋان ئادىل ، ھاتەمتاي ، بۈۋىپاتىمە ، فىردەۋسى ، لوقمان ، كامال ، تەڭرىقۇت ، ئەلشىر ، ئۆتكۈر ، لۇتپۇللا ، تەۋپىق ، ئاماننىساخان ، نۇزۇگۇم ، ئايبېك ، فۇرفەت .

20-چىراي ، قامەت ، تۇرق ئاتالغۇلىرى بىلەن قويۇلغان ئىسملار
ئۇيغۇرلار ئۆز ئەۋلادلىرىنىڭ ئەدەبلىك ، ئەخلاقلىق ، ئەقىللىق ، قامەتلىك ، كېلىشكەن بولىشىغىمۇ كۆڭۈل بۆلىدۇ ۋە بۇ جەھەتتىكى ئارزۇ – ئارمانلىرىنى : سۇبات ، ھۆسنى ، ھۆسنىگۈل ، زۇلفىيە ، گۈلچېھرى ، سەلتەنەت ، نازاكەت ، قابىل ، گۈزەل ، گۈلبەدەن ، گۈلمېھرى … قاتارلىق ئىسىملار بىلەنمۇ ئىپادىلەپ كەلدى .


21-مىجەز – خاراكتېر ئاتالغۇلىرى بىلەن قويۇلغان ئىسىملار
ئۇيغۇرلاردىكى بۇنداق ئىسىملار گۈزەللىك قارىشى تولۇق ئىپادىلەنگەن . باشقىلارنى سۆيۈندۈرىدىغان چىرايلىق ئىسىملاردىن بولۇپ ، مەلۇم نۇقتىدىن ئېيتقاندا ، ئۇ ئىسىم قويغۇچىلار ۋە ئىسىم قويۇلغۇچى ئائىلىسىنىڭ پىسخىك خۇسسۇسىيىتى ۋە روھى ھالىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ . مەسىلەن ، خۇشرۇي ، شاتگۈل ، ئايگۈل ، مۇلايىم ، زېرەك ، سادىق ، مۆمىن .

22-شەيئىلەرنىڭ ئالاھېدە خۇسسۇسىيەتلىرى بويىچە قويۇلغان ئىسىملار .
ئۇيغۇرلار تەبىئەت دۇنياسىدىكى بەزى شەيئىلەرنىڭ ئىنسانلارغا ئۈمىد ، جاسارەت بەخش ئېتىشتەك ئالاھىدە خۇسسۇسىيەتلىرىنى پەرزەنتلىرىگە ئىسىم قىلىپ قويۇپ ، ئۆز ئارزۇ – ئىستەك ، ئىرادىلىرىنى ئىپادىلىگەن . مەسىلەن ، قاينام ، تاشقىن ، ئۇچقۇن ، دولقۇن ، ئۆركەش ، گۈلخان ، سۈزۈك ، جۇلا ، زىلىل ، ئاپتاپ .


23-مەدەنىيەت – سەنئەت ئاتالغۇلىرى بىلەن قويۇلغان ئىسىملار
ئەدەبىيات – سەنئەت ئاتالغۇلىرىنى ئەۋلادلدرغا ئىسىم قىلىپ قوللانغان . مەسىلەن ، مەشرەپ ، مۇقام ، مەرغۇل ، سەنئەت ، ئىلھام ، شائىر ، سەنەم ، خۇشتار ، ساتار .


24-ئادەملەرنىڭ ئىجابىي خۇسسۇسىيەتلىرى ئاتالغۇلىرى بىلەن قويۇلغان ئىسىملار
ئەزىمەت ، باتۇر ، قەھرىمان ، خىسلەت ، مەردان ، جۈرئەت ، ئالىپ ، غالىپ ، جاسارەت ، قەيسەر ، ئىلغار ، غەيرەت ، جۇشقۇن ، جەسسۇر .


25-قايناق تۇيغۇ ، گۈزەل تىلەكلەر بىلەن قويۇلغان ئىسىملار
بۇنداق ئىسىملار ھەم ئەنئەنىۋى ھەم يېڭى تۈسكە ئىگە چىرايلىق ۋە لىرىك بولۇپ ، كىشىگە يېقىملىق ئاڭلىنىدۇ . گۈزەللىك تۇيغۇسى ، سۆيۈنۈش ھېسسى بەخش ئېتىدۇ . مەسىلەن ، سالام ، مۇبارەك ، مەرھابا ، ئىقبال ، ئۇلۇغ ، شەۋكەت ، زەپەر ، بەختىيار ، دىلرەبا ، قۇدرەت ، شەرەپ ، مەدەنىيەت ، دىلدار ، قۇتلۇق ، ھۇشيار ، ئۇمۈد ، مۇھەببەت ، ھەدىيە ، شەپقەت ، ئېھسان ، ئەقىدە ، نادىر ، پاكزات ، مۇنەۋۋەر ، گۈلروھ ، دىلناۋا ، مۇيەسسەر ، يولداش .


26-سىياسىي تۈس ئالغان ئىسىملار
بۇ تۈرگە تالىق ھەرقايسى دەۋر تارىخىي باسقۇچلاردىكى چاقىرىق ، پائالىيەت ۋە سىياسىي مۇددىئانىڭ مەھسۇلى بولۇپ ، ئۆز مەزگىلىدە مۇئەييەن ئەھمىيىتى بولغان . مەسىلەن ، ئازات ، كۈرەش ، ھۆرىيەت ، ئەرك ، جەڭگىۋار ، ئادالەت ، كوممۇنا ، جاھانگېر ، پىدائىي ، ئىسيان ، دەۋران ، جۇمھۇرىيەت ، ئىنقىلاب ، ئىسلاھات .


27-كەمسىتىش ، چۆكۈرۈش مەنىسىدىكى ئىسىملار
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى تەركىۋىدىكى بۇنداق ئىسىملارنى ئىككى جەھەتتىن چۈشۈنىشكە بولىدۇ ، بىرىنچىدىن ، ئەينى ۋاقىتتا يۇقۇرى تەبىقىدىكى دۆلەتمەنلەر ئۆز تەۋەلىكىدىكى چاكارلار ۋە ياللانما ئەمگەكچىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىگە كەمسىتىش بىلەن مۇئامىلە قىلىپ ، خورلاپ مەجبۇرى تاڭۈان ئىسىملار ؛ ئىككىنچىدىن ، بەزى ئائىلىلەر ئۆز پەرزەنتلىرىگە كۆز تەگمەيدۇ ، بالا – قازاغا ئۇچرىمايدۇ دەپ ، پەرھىز ئىسمىدىكى ئىسىملارنى قويۇشتىن كېلىپ چىققان . ھازىر بۇنداق ئىسىملار يوق دىيەرلىك . مەسىلەن ، ئەخلەت ، چاۋار ، قۇل ، زىيادە ، خەستە ، ئۆكتەم ، ئارتۇق ، خامۇش ، پېقىر ، قوراي ، رەقىپ .


28-تىلەك ، ئىلتىجا مەقسىتىدە قويۇلغان ئىسىملار
ئۇيغۇرلار ئۇزاققىچە پەرزەنت كۆرەلمەي ، پەرزەنتلىك بولغاندا ئاللاغا بولغان رازىمەنلىكىنى ئىپادىلەپ ، ئاللا بەردى ، ئىگەمبەردى ، غوجامبەردى ، خۇدابەردى ، ئاللاقۇلى دېگەنگە ئوخشاش ئىسىملارنى قويغان . مەسىلەن ، تۇرغۇن، تۇرسۇن ، تۇردى ، توختاش ، توختىسۇن ، سېتىۋالدى ، تىلىۋالدى دېگەنگە ئوخشاش .


29-چەتئەللەردىن ۋە باشقا مىللەتلەردىن قوبۇل قىلىنغان ئىسىملار
مەسىلەن ، مارىيا ، ئاپرېل ، زويا ، دىنا ، ۋېنىرا ، ئىلدوس ….


30-ئەر – ئاياللار ئورتاق قوللىنىدىغان ئىسىملار
مەسىلەن ، نۇر ، نۇرخان ، نۇرگۈل ، نۇرنىسا ، توختى ،قۇربان ، قۇرباننىسا ، ھەمرا ، ھەمراجان ……


31-دەبدەبىسىنىلا كۆزدە تۇتۇپ ، مەنىسى بىلەن ھېسابلاشماي قوبۇل قىلىنغان ئىسىملار
مەسىلەن ، قىلورە ، ئەلفىرە ، ئالمىرە ، كلارە ، ئىلدانە .


32-ئىش – ھەرىكەت ئاتالغۇلىرى بىلەن قويۇلغان ئىسىملار
مەسىلەن ، ئۆسەر ، ئۈزەر ، ھايات ، پەرۋاز ، ئۇچقۇر

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 4

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 2018 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01