نەسەبنامىنىڭ 7 چوڭ مەزمۇنى(ئەلقەم ئىلھام يۈكسەل)

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

 



 نەسەبنامىنىڭ 7 چوڭ مەزمۇنى
ئەلقەم ئىلھام يۈكسەل

 

 

1. كىرىشمە ( باش سۆز )


بۇ بۆلەكتە مەزكۇر جەمەتنىڭ نەسلىي مەنبەسى، ئومۇمىي تارىخىي، مىللىي كىملىكى، يۇرتى، كۆچۈش يۆنىلىشى ، تەگئاتى قاتارلىق ئۇچۇرلىرى ئىنتايىن ئىخچام ھالدا شەرھىيلىنىپ ئۆتۈلۈشى كېرەك. بۇندىن باشقا مەزكۇر جەمەتنىڭ نەسەبنامىسىنىڭ ئەڭ دەسلەپ كىم تەرىپىدىن  قاچان قولغا ئېلىنغانلىقى ۋە كېيىن كىم تەرىپىدىن، قاچان، نېمە ۋەجىدىن تۈزىتىلگەنلىكى ھەمدە مەزكۇر نەسەبنامىنىڭ ھازىرغىچە قانچە ئەۋلاد داۋام قىلغانلىقى قاتارلىق مۇھىم ئۇچۇرلار ئېنىق يېزىلىشى كېرەك.

 

2. جەمەت ئەزالىرى شەجەرە سېخمىسى

 

بارلىق جەمەت ئەزالىرىنىڭ ئىسىمى – شەرىپى بىرمۇ – بىر خاتىرىلەنگەن ۋە شەجەرە سېخمىسى تۈزۈش قائىدىسى بويىچە تۈجۈپىلەپ ئىشلەنگەن شەجەرە سېخمىسى بولۇشى كېرەك. شەجەرە سېخمىسى دەرەخ شەكىللىك، قوياشسىمان، ھىلالئايسىمان سېخما قاتارلىق بىرقانچە خىل تۈرگە بۆلىنىدۇ. سېخما تۈزگۈچى ئۆزى مۇۋاپىق قارىغىنى بويىچە تۈزۈپ چىقسا بولىدۇ. مەزكۇر سېخمىنىڭ باش قىسىمى نەسەب يىلتىزى ياكى باش ئۇرۇقتىن باشلىنىپ نۆۋەتتىكى ئەۋلادقىچە بىرمۇ – بىر تەپسىلىي خاتىرىلىنىشى، ئېنىقىسز ئۇرۇنلار سۇئال بەلگىسى بىلەن بوش قالدۇرۇلۇشى كېرەك.

 


3. ئاساسىي بايان قىسىمى

 


مەزكۇر بۆلەكتە، مەزكۇر جەمەتنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئەجدادىدىن باشلاپ ئۇلارنىڭ نامى – شەرىپى، تۇغۇمى ۋە ئۆلۈمى، ياشىغان ئولتۇرۇقى، كۆچمىشى، ئەۋلادلىرى ، كەسپى قاتارلىقلار تەپسىلىي، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى، ئىش – ئىزلىرى ، ئەمەل – مەنسەپلىرى تېگىشلىكلىرىنىڭ قىسقا ئىخچام بايان قىلىنىشى كېرەك. بۇ قىسىمنى يېزىشتا باشتىن ئاخىرى تەپسىلىي يېزىپ مېڭىشقىمۇ، ياكى نەسەبنامە دەرىخىدىكى ھەبىر غولغا بىر سەھىپە ئاجرىتىپ ، سەھىپىلەر بويىچە ئايرىم  – ئايرىم بايان قىلىپ يېزىشقىمۇ بولىدۇ.

 


4. ئاتىلار سۆزى ( جەمەت يۇسۇنى )

 

 

ئاتىلار سۆزى نەسەبنامىدىكى ئاساسىي مۇھىم مەزمۇنلاردىن بىرى بولۇپ، بۇ بۆلەكتە، شۇ جەمەت ئەجدادلىرىنىڭ ئەۋلادلارغا قىلغان تەربىيە – ۋەسىيەتلىرى ، ئاتىلارنىڭ دىنىي ئىتىقاد، ۋەتەن سۆيەرلىك، مىللەتپەرۋەرلىك، خەلقچىللىق، كىشىلىك ، ئۇرۇق – تۇغقانچىلىق، جەمەت نەسلىنى ئۈزۈپ قويماسلىق، جەمەت روھىنى داۋاملاشتۇرۇش، ئۇنىڭ شەنىگە داغ چۈشۈرمەسلىك قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلىرىدىكى ئۆگۈت – نەسىھەتلىرى ئىخچام خاتىرىلىنىشى كېرەك.

 


5. جەمەت يۇلتۇزلىرى

 

 

بۇ بۆلەكتە نۇقتىلىق قىلىپ مەزكۇر جەمەت ئىچىدىن يېتىشىپ چىققان ئالىم – ئۆلىما، تۆھپىسى مەشھۇر ، تونۇقلۇق كىشىلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ تارىخي تۆھپىسىى نۇقتىلىق تونۇشتۇرۇلىدۇ.بۇ بۆلەكنى يېزىشتا جەمەت كۆكىدە ئالاھىدە پارلىغان ھەربىر يۇلتۇز يەنى مەشھۇر كىشىگە ئايرىم بىر سەھىپە ئاجرىتىپ ، تەپسىلىي بايان بېرىش كېرەك.

 


6. تۆھپىلەر بايانى

 

 

مەزكۇر بۆلەكتە ئەگەر مەزكۇر جەمەت ئەزالىرى تەرىپىدىن ئىخترا ئېتىلگەن كەشپىيات، يېزىپ قالدۇرۇلغان تىلغا ئېلىشقا ئەرزگۈدەك ئەسەر قاتارلىق تارىخي تۆھپىلەر بولسا ئۇلار ھەققىدە تەپسىلىي ياكى قىسقىچە مەلۇمات بېرىش كېرەك. ئەگەر بولمىسا مەزكۇر بۆلەك قالدۇرۇلسىمۇ بولىدۇ.

 

7. تۈگەنچە ( ئاخىرقى سۆز )

 

مەزكۇر بۆلەكتە ئەجدادلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلاردىن كۈتكەن ئۈمۈدى ۋە مەزكۇر نەسەبنامىنى ئۈزۈپ قويماسلىقى ھەققىدىكى ئۈمىدى – تىلەكلىرى بايان ئەيلىنىپ، نۆۋەتتىكى نەسەبنامە پۈتۈشنىڭ تاماملانغان ۋاقتى ۋە قەلەم تۇتقۇچىنىڭ ئىسمى – شەرىپى قاتارلىق ئۇچۇرلار خاتىرىلىنىپ قالدۇرۇلىشى كېرەك.

 

يۇقىرىقىلار پېقىرنىڭ نەسەبنامىدە چوقۇم بولمىسا بولمايدۇ دەپ قارىغان مەزمۇنلار بولۇپ، نەسەبنامە يېزىشتا ھەربىر يازغۇچى ئۆز جەمەتىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىىغا ئاساسەن ئىجادىي يېزىپ چىقىشقا بولىدۇ. زۆرۈر ئەمەس بۆلەكلىرىنى چقىرىىپ تاشلاپ ، تۇرغۇزۇشقا تېگىشلىك بۆلەكلەرنى يېڭىدىن تۇرغۇزۇپ چىقىش كېرەك. ئومۇمەن، نەسەبنامە يېزىشتا ئاساسىي ئۇچۇرلارنى تەپسىلىي ئوچۇق شەرھىيلەشكە دىققەت قىلغان ئاساستا ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ ئىجادىي قەلەم تەۋرىتىشكە تامامەن بولىدۇ.

   

نەسەبنامە ۋە شەجەرە توغرىسىدا، نەسەبنامىنىڭ 5 تۈرلۈك رولى ھەققىدە قاتارلىق مەزمۇنلارنى  ئەسلى  ئۇلىنىشتىن كۆرۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

 

مەنبە: يۈكسەل بلوگى 

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 554 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01