3D ﺗﯚﻣﯜﺭ

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

                                                                                       3D ﺗﯚﻣﯜﺭ

                                                                                      3D Fe


" z "ئوقى ھەمىشە مېنى ئۈمىدۋار قىلىدۇ.كۆڭلۈم ھەمىشە بۇ خىل تەپەككۇ ئېقىمىنى خالايدۇ.
سوغۇق رېلىسنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ،خىمىيە كىتابىمنى كۆرىۋاتىمەن.<<مېتالنىڭ ئىچكى قىسمىدا قارشىلىق مەۋجۈت بولۇپ،ئۇ توكنىڭ ئۆتىشىنى توسۇدۇ.مانا بۇ مېتال(ياكى قېتىشما)دىن توك ئۆتكەندە مېتالنىڭ قىزىشىنىڭ سەۋەبىدۇر.>>سوغۇق مېتالنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇۋىلىپ،قىزىغان مېتالنىڭ پارىڭىنى قىلسا قىزىق بولىدىكەن.ئەمدى خېلى ئىسسىپ قالدىم.ئىس - تۈتەكنىڭ ئارىسىدا قالغان قۇياشنىڭ خىرە نۇرىغا باقتىم.رېلىس ئۈستىدە قەدەم ساناپ ماڭدىم.كىتابىمدا تۆمۈر ئوكسىد بىلەن ئاليۇمىن ئىككىسىدىن پايدىلىنىپ رېلىسىنى كەپشەرلەيدۇ،دەپتۇ.ئىككى تەرىپىمگە جايلاشقان زاۋۇتلارنىڭ كۆپىنچىسىدە كەپشەرلەش ئېلىپ بارىدۇ.ئۇلارنىڭ تۇرخۇنلىرى شەھەر كىشلىرىنىڭ بۇرۇن تۆشۈكچىسىنىڭ چوڭايتىلغان نۇسخىسى.شەھەر ئاھالىلىرى توختاپ تىنىشقا كۆنگىلى خېلى ئۇزۇن يىللار بولۇپ كەتتى،لىكىن بۇ تۇرخۇنلار توختىماي تىنىدۇ. كۈندە بۇ رېلىستىن ئۇلار تىنغاندا تەۋەلۇت
بولىدىغان مەھسۇلاتتىن ۋاگۇن - ۋاگۇنلاپ گۈدۈك ئۇرۇپ قۇچاقلىشىپ،تۆمۈرنى تۆمۈرگە سوقۇپ يوللىرىغا راۋان بولىشىدۇ.تۆمۈرنى قىزىقىدا سوقۇش،بۇ رېلىسنى ئاۋاتلاشتۇرىدۇ،ئاۋات جايلار قىزىيدۇ.
ئەنە ... يەنە بىر پويىز گۈدۈك ئۇرۇپ كىلىۋاتىدۇ.يەتتە ۋاگۇن نېفىت قاچىلىۋاپتۇ.قالغان ۋاگۇنلىرىنى زاۋۇتلارنىڭ
ھەرخىل تۆمۈر زاپچاسلىرى بىلەن تولدۇرۇۋاتىدۇ.قىزىغان بازارنىڭ خام - ئەشيالىرى مانا مۇشۇنداق توشۇلىدۇ.
ۋاگۇندىن بىر نەرسىنىڭ يالت - يۇلت قىلغىنى كۆزۈمگە چۈشۈپ قالدى.نېفىت سەل - پەل ئېقىپ،تۆمۈر تۇتقۇچنىڭ ئۈستىدە تۇرىۋىلىپ،زىمىنغا قاراپ تەلپۈنۈۋاتاتتى. كۆزلىرىم ئۆزىنى شۇ نېفىتتىن ئۈزەلمەي قالدى.
خىياللىرىمنىڭ x,y ئوقلىرى ئۇنىڭغا نىسبەتتەن گىرافىك سىزىشقا باشلىدى.مۇئەللىمنىڭ:<<نېفىت --- ئۆسۈملۈك ،
دەرەخلەرنىڭ ئۇزۇن يىللىق چىرىشىدىن شەككىللەنگەن.>>دېگەن سۆزلىرى ئىنكاس بولۇپ،كوردىنات ئوقۇمغا
تىزىلدى.x ئوقۇم نېفىت ئارلاشما دېسە،y ئوقۇم ئۇ كاربون ھىدىرىدلىرى ۋە ئاروماتىك كاربون ھىدىرىدلىرى بىلەن
تەركىب تاپقان،دېگەن ئۇچۇرلارنى سېكۇنت تېزلىكتە ئەقىل كۆزلىرىمگە ئىنكاس قىلدى.كۆزلىرىم ئۇنىڭغا تىكىلىپلا قالدى.قۇلاقلىرىم گۈدۈك ئاۋازىنى ئاڭلىيالماي قېلىۋاتقاندەك،بەدەنلىرىم قىزىشقا باشلىدى.دېمىم سىقىلدى،نەپسىم يىتىشمىگىلى تۇردى.توساتتىن،بىر قۇيۇق ئىس بىلەن ماشىنىنىڭ ئىس چىقىرىش تۇرخۇنىدىن ئېتىلىپ چىقىپ،يول بويىدىكى بىر رىشاتكىغا يۆلىنىپ قالدىم.پىشىم كۆيۈپ ،ئىس چىقارغىلى تورۇپتۇ.ئېغىزىمدىن كاربون تۆت ئوكسىد
نى پۈۋلەپ،ئۇنى ئۆچۈرۋالدىم.قارىغىدەك بولسام،بىر ئاۋات شەھەرگە چىقىپ قاپتىمەن.ھەيرانلىق مېنى تەئەججۈپ
قوينىغا ئالدى.بايان،نېمە ئىش بولغىننى ئويلاشقا كىرىشتىم.ئەسلىدە،z ئوقۇم قوزغۇلۇپ،مېنى ئۆزىدىكى ۋاقىت كارىدورى بىلەن بۇجايغا ئېلىپ كەلگەن ئىكەن.كۆزلىرىم،بايان مەن چىققان ماشىنىنىڭ ئىس چىقىرىش تۇرخۇنلىرىغا
چۈشتى.ماشىنىنىڭ ئاساسلىق گازلىرى كاربون تۆت ئوكسىد،كاربون ئىككى ئوكسىدلار،شۇنداقلا بىر قىسىم ئازوتنىڭ ئوكسىدلىرى بىلەن تەڭ كاربون ھىدىرىدلار.
توغرا،ھازىر شەھەرنىڭ يۈرىكى نېفىت بىلەن تەرەققىيات تاپىدۇ.مەن شەھەرنى ياخشى كۆرمەيمەن دېيەلمەيمەن.
z ئوقى مېنىڭ قەلبىمنى چۈشىنىدۇ.يەنە نېمىشقا مېنى ئاۋات بازارغا باشلاپ كەلگەندۇ؟!سىم - سىم يامغۇرلۇق شەھەر،يەنە رومانتىك تۇيغۇسىنى تامچىلىدى.كىشلەر يامغۇر ھازىرلا شارقىرايدۇ،دېگەندەك،ھەممىسى قەدەملىرىنى
تىزلىتىپ ئالدىراشقا باشلىدى.پىيادىلەر يولىدىن بىرسى تىكوسلاپ ئۆتىۋاتاتتى.مەن بېرىپ ئۇنى يۆلەپ،يولدىن تېزىراق ئۆتكۈزۈپ قويدۇم.ئۇ ئاغىرىق پۇتىنى تۇتۇپ،ئىشتىننى قايرىدى.ئۇنىڭ پۇتىغا تۆمۈر بۇرمۇلۇق مىخ ئورنۇتۇپ قۇيۇلغان ئىدى.ئۇ پۇتىنى نەچچە قېتىم سىلاپ ،ماڭا كۈلۈپ قويۇپ ،ئۆز يولىغا قاراپ كېتىپ قالدى.
مەن يەنە ھەيرانلىق ئىچىدە قالدىم.مەن باشقىلاردىن پۇتىغا تۆمۈر سالدۇرۇپتۇ،دېگەننى ئاڭلىغان،لېكىن بۇنداق بۇلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن.
تۆمۈر...تۆمۈرئىسىملىك بىر قوشنىمىز بار.يوللارنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى رىشاتكىلار يەنە شۇ تۆمۈر.
تۆمۈر ماشىنىلار...تۆمۈر سىتولبىلار...تۆمۈر ئىشىكلەر...تۆمۈر تورسىمان ئەخلەت چېلەكلەر...مەھەلىلەردىكى
تۆمۈر چېنىقىش ئەسۋابلىرى...تۆمۈردىن ياسالغان ھەرخىل قوراللارنى كۆتۈرۋالغان،ئېسىۋالغان ئىشچىلار...يېڭى
سېلىۋاتقان بىنالارغا توشۇلۇۋاتقان تۆمۈرلەر...تۆمۈر...تۆمۈر...ھەممە يەردىن ئۇنىڭ سىماسىنى تېپىۋالغىلى بولىدۇ.
مۇئەللىم:<<ھازىر نۇرغۇن بىنالارتەركىبىدە تۆمۈرنىڭ ئوكسىدلىرى بولغان خىشلار بىلەن سېلىنىدىغان بولدى. >>
دېيىشىچۇ تېخى ؟!ئوھۇ...نېمىدىگەن كۆپ تۆمۈر...
تۆمۈرنىڭ خىياللىرى بىلەن تۆمۈر يولدىن ئۆتۈپ،ئۆيۈمگە كېلىپ قاپتىمەن.2- قەۋەتكە چىقىپ تۇرۇپ قالدىم.
ئاچقۇچۇم ئالاھىدە قۇيۇلغان تۆمۈر ئاچقۇچ،ئۈستىگە ئاليۇمىننىڭ ئوكسىدىنى ھەل بەرگەن.ئىشىكىم...مەن -مەن
دېگەن ئوغۇرلارنى يىغلىتىدىغان تۆمۈر ئىشىك.ئۆيگە كىرىپ،تۆمۈر ئورۇندۇقۇمنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇشنى خالىماي،تامغا يۆلىنىپ،گىلەم ئۈستىدە ئولتۇردۇم.مېڭەم بەكلا چارچىغاندەك،ئالما يېگىم كەلدى.ئالمىنى سويۇپ
يېمەكچى بولۇپ،پىچاقنى ئېلىۋىدىم،يەنە شۇ ئاليۇمىننىڭ ئوكسىدىدىن ھەل بېرىلگەن تۆمۈر پىچاق.ئاللا-كاللا،زادى بۇ تۆمۈردىن قۇتۇلالمىغىدەكمەن.z ئوقى ماڭا بىر خىل ئۈمىد بەخشەندە ئەتتى.خىمىيە كىتابىمدىن<<تۆمۈر
ۋە ئۇنىڭ بىرىكمىلىرى>>دېگەن بابىنى ئاچتىم.ئۇنىڭ بىرىنچى قۇرىدىنلا <<ئىنسانلار>>،<<تۆمۈر>>دېگەن
سۆزنى كۆرىۋالغىلى بولاتتى.<<ئىنسانلارنىڭ تۆمۈر ئىشلىتىش تارىخىنى 4500 نەچچە يىلدىن بۇرۇنقى ۋاقىتتىن
سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ،ئەمما ئۇ ۋاقىتتىكى تۆمۈر ئالەم بوشلۇقىدىن چۈشكەن مېتېئورىت تۆمۈر (تەركىبىدە90% تىن ئارتۇق تۆمۈربار)ئىدى.تۆمۈرنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىن چۈشكىننى مەن بىر يەردىن ئاڭلىغاندەك ھېس قىلدىم.
دەرھال كوپىيۇتورىمىنى قوزغاتتىم.توۋا...يەنە شۇ تۆمۈر ماشىننى قوزغاتتىم.ئىزدەپ يۈرۈپ<< مۆجىزە >> بېتىدىن ئۇنى تېپىۋالدىم.<<تۆمۈر قۇرئانى كەرىم ئالاھىدە تىلغا ئالغان ئېلېمىنىتلاردىن بىرىدۇر.قۇرئان تۆمۈر دېگەن
مەنىسىنى بىلدۈردىغان<ۋە بىز قاتتىق كۈچ،قۇۋۋەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان،ئىنسانلار ئۈچۈن مەنپەتلىرى بولغان تۆمۈر
نى چۈشۈردۇق.>سۈرە ھەدىد25-ئايەتنىڭ بىرقىسمى.يوقاردىكى ئايەتتە مەخسۇس ھالدا تۆمۈر كەلىمىسى بىلەن
چۈشۈر كەلىمىسىنىڭ بىر يەردە كىلىشى،ئۇنىڭ ئىنسانلارنىڭ خىزمەت ۋە باشقۇرۇلىشىغا سۇنۇلغانلىقتىن ئىبارەت
مەجازى بىر ئۇقۇمنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن بولسا كېرەك.ئاسماندىن فىزىكىلىك ھالدا چۈشۈرۈش شەكىلدىكى ئابىستىراكىت مەنىسىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈردىغان بولساق،بۇ ئايەتنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بىر مۆجىزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى ئوتتورغا چىقىدۇ.چۈنكى زامانىۋىي ئاستورنومىيە كەشپىياتى بىز ياشاۋاتقان يەرشارىدىكى تۆمۈر كانلىرى
نىڭ تاشقى پىلانتىكى كاتتا يۇلتۇزلار ئالىمىدىن كەلگەنلىكىنى ئوتتورغا قويماقتا.كائىناتتىكى ئېغىر مېتاللار چوڭ يۇلتۇزلارنىڭ يادرو كۈچىدىن بارلىققا كېلىدۇ.قۇياش سېستىمىسى بولسا تۆمۈر ئېلېمىنتىنى ئۆز ئىچىدە يىتىشتۈرۈپ
ئىشلەپچىقىرىشقا قادىر ئەمەس.تۆمۈر پەقەتلا قۇياشتىن بىر نەچچە ھەسسە چوڭ بولغان يۇلتۇزلاردىن بىر نەچچە
يۈز مىليۇن سېلىتسىيە گىرادۇسقا يەتكەن ھارارەتتە بارلىققا كەلمەكتە.نوۋا ياكى سېپەر نوۋا دەپ ئاتىلدىغان بۇ يۇلتۇزلاردىكى تۆمۈر مىقدارى مۇئەييەن بىر نىسبەتتىن ھالقىغاندا يۇلتۇزلار بۇنىڭغا بەرداشلىق بېرەلمەستىن پارتلايدۇ.بۇ پارتلاش تۈپەيلىدىن ئىچىدە تۆمۈر ماددىسى بولغان ئاسمان جىسىملىرى ئالەم بوشلۇقىغا تارقىلىدۇ،
ۋە تاكى باشقا بىر پىلانت بىلەن سوقۇشۇپ كەتمىگىچە بۇ بوشلۇقتا ئايلىنىپ تۇرىدۇ.پۈتۈن بۇلاردىن بىلىۋالالايمىزكى،تۆمۈر كانلىرى يەرشارىدا بارلىققا كەلمەستىن،ئاسمان جىسىملىرى ۋاستىسى بىلەن سىپەر نوۋا يۇلتۇزىدىن يۆتكىلىپ،ئۆز ئايىتىدە بايان قىلغىنىدەك دۇنياغا چۈشۈرۈلدى>>.ئىنسانلار ئۈچۈن مەنپەتلىرى بولغان
تۆمۈر پىچاققا قاراپ قالدىم.خىياللار ئىچىدە تۆمۈر ماشىنامنى ئۆچۈردۈم .ئالمامنى سويۇشقا باشلىدىم.ئالمىنىڭ سۇيۇلغان بىر قەۋۋەت نېپىز شۇپىكى ،جۇغراپىيە مۇئەللىم سۆزلىگەن يەرشارىنىڭ ئەڭ ئۈستىنكى بىر قەۋۋىتىگە
ئوخشايتى.ئالمامنى يېگەچ،خىمىيە كىتابىمنى ۋاراقلاپ<<يەرشارى >>دېگەن يېرىدە توختاپ قالدىم.<<يەرشارىدىكى مېتال كان بايلىقى چەكلىك ،شۇنداقلا ئۇ يەنە قايتا پەيدا بولمايدۇ.>>دېگەن جايىدا تېڭىرقاپ قالدىم.ھەقىقەتەن ئۇ قايتا پەيدا بولمايدىكەن،مەن بۇنى چۈشەندىم.ئېلېمېنتلار دەۋرىي جەدۋىلىدە مېتال 4/3 قىسمىنى،مېتاللوئىدلار4/1 قىسمىنى ئىگەللەپتۇ.قارىماققا مېتال ئېلمېنېتلار شۇنچىلىك كۆپتەك.ئەمەلىيەتتە ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس ئىكەن.نېمىشقا ئىنسانلار بۇنى بىلىپ تۇرۇپ،يەنىلا ھەممە ئىستىمالىغا تۆمۈر ئىشلىتىدۇ؟!ھە،توغرا،
چۈنكى ئۇنىڭدا ئىنسانلارغا نۇرغۇن مەنپەتلەر بولغان ئەمەسمۇ؟ئۇنداقتا،ئۇلار ئىشلىتىۋەرسە،ئاخىرى تۈگىسە،يەنە نېمىنى ئىشلىتىدۇ؟!يۇلتۇز چۈششىنى ساقلامدۇ-يە؟!ياق!...ياق!...ئۇنداق بولسا ھەممە ئىنسان تۈگەشمەمدۇ؟!ئالىملارنىڭ ئىسپاتلىنىشىچە ،ئەينى زاماندىكى دىنازاۋۇرلارنىڭ نەسلى قۇرۇپ كېتىشنىڭ سەۋەبى،يۇلتۇزلارنىڭ يەرشارىغا چۈشۈپ سوقۇلىشىدىن ئىبارەت ئىكەن.ئىنسانىيەت يەنە بېر قېتىم يۇلتۇزلارنى زىمىنغا چىللىسا،ئاقىۋەت نېمىمۇ بولۇپ كېتەر؟! z ئوقۇمدىكى تەپەككۇر ئەقىل كۆزلىرىم ئىبادىتىنى تۈگۈتۈپ قايتىپ كەلدى.ئەقىل كۆزلىرىم بىلەن ئەتراپىمغا باقتىم.
كىتاب ئىشكاپى مېنى ئۆزىگە تارتتى.كىتاب ئىشكاپىمدىن بىر كىتابنى ئىزدىدىميۇ،لېكىن نېمە كىتاب ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدىم.كۆزلۈرۈمنى دېرىزەمدىن سىرتقا يۈگۈرۈتتۈم.يەنە بىر پويىز رېلىس ئۈستىگە كېلىپ توختىدى.زاۋۇت ئالدىدا پەينەك باش ،ئۈچ- تۆت تال چېچى ساڭگىلاپ تۇرغان بىر زاۋۇت باشقۇرغۇچى،ئىشچىلارغا قاتتىق توۋلاپ،تاۋلىنىپ بولغان تۆمۈرلەرنى پويىزغا بىسىشقا بۇيرۇق قىلاتتى.بەدبەشىرە بۇ پەينەك باش كۆزۈمگە غەلىتە كۆرۈنگىلى تۇردى.
مۇئەللىم :<< ئادەم بەدىنىدە ناھايىتى ئاز مىقداردامەۋجۈت بولغان ئېلېمېنت يەنى ئاتوم رەت نومۇرى 81 بولغان تاللىي ئېلېمېنتتىنىڭ مىقدارى سەللا كام بولسا،چاچ چۈشۈپ كېتىدۇ. چۈنكى تاللىي چاچنى تۇتۇپ تۇرغۇچى ئېلېمېنت .>> دېگەن سۆزى يادىمغا كېچىپ قالدى.بىر نەرسىنى ھېس قىلغاندەك بولدۇم.ئەسلىدە تۆمۈرنى ئىنسانلار لايىقىدە ئىشلەتمەي خورلىسا،چېچى شالاڭلاپ چۈشۈپ كېتىدىكەن.مېتاللار جەمەتى ئۇنىڭدىن ھەرخىل ئۇسۇلدا ئۆچ ئالىدىكەن ئەمەسمۇ... ياق... ئۇنداقتا،ئالىملارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ چېچى شالاڭ،چېچى يوق.ئەمىسە،ئۇشبۇ مېتالنى خورلىغۇچىلارمۇ؟!  z ئوقۇم ياقامنى تارتىپ، ئورۇندۇقۇمدا ئولتۇرغۇزۇپ قويدى. ئالىملار بىر ئۆمۈر ئىزدىنىپ ئالىم بولدى. ئىزدىنشتىكى ئىستىمالىدا ئوزۇقى كاملىدى،ئۆزىنى ئۇنتىدى.شۇڭا يېشى چوڭيىشىغا ئەگىشىپ چاچلىرى چۈشۈشكە باشلىدى.ئەگەر ئۇلار ئىنسانىيەت مەنپەتلىنىدىغان تۆمۈرگە ئوخشاش مەنپەتلەرنى تېپىپ،سۇنالىغان بولسا،
گەرچە بېشى پەينەك بولسىمۇ،چوقۇم ئۇنىڭ چىھرىدىن نۇرلار چېچىلىپ،تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ.ئەگەر بىر ئالىمنىڭ چېھرىدىن نۇر تاپالمىساق،ئۇنىڭ تېپىپ چىققان كەشپىياتى چوقۇم ئىنسانىيەتكە يوشۇرۇن ھەم ئاشكارە زىيانلارغا ئۇچراتقان بولىدۇ.شۇڭا چېھرى ئىللىق ئالىملارنى ،ئۇ خىل بەدبەشىر كىشلەرگە سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ.بىرى تۆمۈرنىڭ سىرىنى ئاچقانلار،يەنە بىرى تۆمۈرنى بۇزۇپ چاچقانلار.
يولدا ھەرخىل چېچى شالاڭ ھەم پەينەك باشلارنى كۆرىمەن.ئۇلارغا قانداق باھا بېرىش كېرەك. گاھىلىرى پوزۇر كاستۇملارنى ، ئىسىل ئاياغلارنى كىيىۋاپتۇ. گاھىلىرى مايلاشقان كىيىملىرى بىلەن ھەرخىل يۈكلەرنى يۈدىۋاپتۇ. گاھىلىرى سېمىز ،گاھىلىرى ئورۇق. لېكىن كۆپىنچىسى قولىغا سائەت تاقىۋاپتۇ. گاھىلىرى سائەتلىرىگە قاراپ دوقمۇشلارداتۇرىدۇ. گاھىلىرى ئالدىرغىنىدىن قىزىل، يېشىل چىراغنى كۆرمەي قالىدۇ. مەنمۇ سىرلىرى ئۇپراپ كەتكەن سائىتىمگە قارىدىم، يەنىلا سائەت مانچىدىن، مانچە ئۆتۈپتۇ، ھېچبىر باشقىچە تۇيغۇغا كەلمىدىم. دوقمۇشتىن قايرىلىپ بىر كىتابخانىغا كىردىم. باھاسىنى تالاشمايلا 8 دوللارغا تەرجىمە قۇرئاندىن بىرنى سېتىۋالدىم. كىتابنى خالتىغا سېلىپ، مېڭىپ تۇرىشىمغا يولدىن پوزۇر كىيىنگەن بىرى قولىغا تاقىۋالغان سائىتىگە قاراپ- قاراپ يېنىمدىن ئۆتۈپ كەتتى. بۈگۈن كاللام مېتالچە تەپپەككۇر قىلىۋاتامدۇ؟! بايانقى سائەت كاللامغا كىرىۋالدى. نېمىشقا ئىنسان پەقەت ئۇنىڭ ۋاقتىنى بىلسە بولىدىغان سائەتكە قىممەت پۇل خەجلەيدۇ؟! ھەرخىل قىممەتتە پۇل خەجلەپ ھەرخىل تۆمۈردىن سائەت سېتىۋالىدۇ؟! ئۇنىڭ مەنىسى زادى نېمىدۇ؟! مەن سوئاللىرىمنىڭ باشلىشى بىلەن بىر سائەت دۇكىنىغا كېلىپ قالدىم. كىرەيمۇ-كىرمەيمۇ؟ ئەقىل كۆزۈم<<قېنى مەرھەممەت>>دەپ ئالدىرغىلى تۇردى. خۇرۇم باغلىق سائەتتىن  يەنىلا مېتال باغلىق سائەت قىممەت تۇرۇپتۇ. مېتال باغلىق بىر سائەت كۆزۈمگە چۈشتى. باھاسى 64 دوللار ئىدى. ئۈچ خىل رايوننىڭ ۋاقتىنى تەڭشىگىلى بولىدىغان، سېكوندومېتر سەپلەنگەن، بېغى ئاليۇمىن قېتىشمىسى بىلەن ياسالغان نەپىس بۇيۇملار قاتارىدىن ئورۇن ئالغىدەك سائەت ئىدى. ئېلىش نىيتىگە كەلدىم.يېنىمدا 33 دوللارپۇل قالغان ئىدى.تارتمامدىكى 40 دوللار پۇل يادىمغا كەچتى.
سائەتنى پىركازچىكقا بېرىپ، ئۆي تەرەپكە چاپتىم. ئۆيگە كىرىپ ، كىتابنى ئۈستەلگە قۇيۇپ ، تارتمامدىن پۇلۇمنى ئالدىم.
كەينىمدىكى مېھمان ئۈستىلىدە تۇرغان،داتلىشىپ قالغان ئالمىغا كۆزۈم چۈشتى.ئالمىنى پاكىز يېمەيلا چىقىپ كەتكەن ئىكەنمەن.قالغىننىمۇ يېۋىتەيمۇ - يېمەيمۇ؟ تۇرۇپ تۇرسۇن.
   كونا سائىتىمنى 64 دوللارلىق سائەتنىڭ قېپىغا سېلىپ قويدۇم. 64 دوللار ...ھەقىقەتەن ئاز پۇل ئەمەس.نۇرغۇن ئادەمنىڭ كىچىككىنە بىر سائەتكە خەجلىۋەتسە قورسىقى ئاغرىيدىغان پۇل. زامان بىلەن قەسەمكى،يەنە نۇرغۇن ئادەم ئادىمىيلىكىنى مۇشۇ ئاتالمىش كۆپ ياكى ئاز پۇلغا بىلىپ - بىلمەي تېگىشىۋېتىدۇ. ئەنە ئاشۇنداق ئالماس كۆزلۈك سائەت تاقىۋالغان كىشلەرمۇ ،قولىدا يەنى يۈرىكىدە سوقۇۋاتقان سائىتىنىڭ سىرىنى بىلمەيدۇ،ھەتتا بىلىشكىمۇ قىزىقمايدۇ. يەنە نۇرغۇن ئادەم ھەقىقەتەن قىممەت پۇللۇق نەرسىلەرنى ئاسرايدۇ،قەدىرلەيدۇ.مەن بۇ سائەتنى ئېلىپ خوشال بولدۇم.
مەنمۇ قىممەت پۇللۇق نەرسىنى ئاسراشنى، قەدىرلەشنى بىلىمەن.شامال كېلىپ پىشانەمنى سۆيدى،خۇددى z ئوقى سۆيگەن تۇيغۇنى بەردى. z ئوقۇم ئەقىل كۆز ئەزالىرىنى باشلاپ،كۆز چاناقلىرىمنىڭ ئەتراپىغا تىزىلدى.ماتېماتىكىلىق تەپەككۇرۇمنى قوزغاتتى.

كىشلەرنىڭ يېشىل رەڭنى، جەننەتنىڭ رەڭگى دېگىننىمۇ ئاڭلىغان. توغرا،مەن تېخى جەننەتنىڭ 8 ئىكەنلىكىنىمۇ بىلىمەن.
2 نىڭ 3 - دەرىجىسى 8 بولىدۇ. 2 يەنى ئادەم ئەلەيھىسالام بىلەن ھەۋۋا ئانا ، رەت نومۇرى 3 - بولغان يەر شارىدا ياشايدۇ. جەننەت بىلەن دوزاخنىڭ يىغىندىسىمۇ 2 بولىدۇ. ئۇنداقتا ،مەن 2 نى 8 دەرىجىگە كۆتۈرۈپ باقاي،256 چىقتى.ئەمدى 2 نى 7 دەرىجىگە كۆتۈرەي، 128 چىقتى.ئەمدى ئىككىسىنى ئېلىۋېتەي،يەنىلا 128 چىقتى.جەننەت، دوزاختىن يەنىلا ئوخشاش بىر ھەسسە ئارتۇق چىقتى. بۇلارنىڭ مەناسى زادى نېمىدۇ؟!ئاجايىب سان - سېفىرلارغا ئىگە بولۇپ قالدىم. تاڭ - تۇڭ قىلغان ئاۋاز دىققىتىمنى بۆلىۋەتتى. قارىسام زىخ،كاۋاپتان،قازان - چۆگۈن ياسايدىغان دۇكاننىڭ ئالدىغا كېلىپ قاپتىمەن. قارا تەرگە چۆمگەن بىر ياش يىگىت يوغان بازغىنى بىلەن قىپقىزىل چوغلانغان تۆمۈرنى ئەگكىلى تۇرۇپتۇ. تۇيۇقسىزيادىمغا بىر دوستۇمنىڭ تۇنجى تۆمۈرچىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى دەپ بەرگىنى ئىسىمگە كېلىپ قالدى.
<< <شۈبھىسىزكى،مېنىڭ بۇ قېرىندىشىمنىڭ 99 ساغلىقى بار>دېگەن دەۋاغا يۇللۇققان؛ <سەجدىگە باردى،(ئاللاتائاللاغا) توۋا قىلدى>سەجدىسىنى قىلغان؛ <بىز ئۇنىڭ خاتالىقىنى ئەپۇ قىلدۇق>لىباسىنى كىيگەن؛ <ئى داۋۇد،سېنى بىز ھەقىقەتەن يەر يۈزىدە خەلپە قىلدۇق>خىتابىنى ئاڭلىغان؛ <كىشلەرنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقارغىن>ئەمرىنى تۇتقان؛ < نەپسى خاھىشىغا ئەگەشمىگىنكى،ئۇ سېنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرىدۇ>چەكلىمىسىدىن يىراق تۇرغان ھەزرىتى داۋۇد ئەلەيھىسالامغا ئاللاھ تۆمۈر تاۋلاشنى بىلدۈرگەن بولۇپ،داۋۇد ئەلەيھىسالامنىڭ قولىدا تۆمۈر خېمىردەك يۇمشاپ كېتەتتى.داۋۇد ئەلەيھىسالام سوقۇش ئۈچۈن تۆمۈر كىيىملەرنى ياسايتى.>>
<<نەپسى خاھىشىغا ئەگەشمىگىنكى،ئۇ سېنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرىدۇ.>>بۇ ھېكىمەت بويىچە ئېيتقاندا،مەن نەپسىمدىن غالىب كېلەلمەي، 64 دوللارلىق سائەت ئالدىممۇ؟!مەن ئەزەلدىن 2 دوللاردىن يوقىرى سائەت ئالمايتىم.
بۇ قېتىم نېمە ۋەجىدىن 64 دوللارغا سائەت ئېلىپ قالغانمەن؟! سائەت ... بۇ سائەت ... بىر تۆمۈر سائەت ... قىممەت سائەت ... ئۇنىڭدا كىشلەر پايدىلىنىدىغان نۇرغۇن مەنپەت بار. سائەتنىڭ ئۈچ تال تىلى بار. سېكۇنتنى قەدىرلەيدىغانلار بار.مېنۇت ھېسابلاپ ياشايدىغانلار بار.سائەتكە پۇل ھېسابلاپ،كۈن ئۆتكۈزىدىغانلارمۇ بار. ئەمدى،مېنىڭ ئۆز لايىقىدا قىممەت پۇللۇق بىر سائىتىم بار.مەن زادى ئۇنىڭ قايسى تىلىنى تاللاپ،مەنپەئەتلىنىشىم كېرەك ؟!
خىياللار بىلەن ئۆيۈمگىمۇ كېلىپ قاپتىمەن.ئۆيگە كىرىپ ،سائىتىمگە يىنىككىدە سۆيۈپ قويدۇم.مېھمانخانا ئۆيگە كىرىپ،بېشىمنى 45 گىرادۇس تۆۋەنگە سېلىپ، x , y , z ئوقلۇرۇمنى نۇرلۇق كۆزۈمگە چۈشۈردۈم. x ئوقۇم مېھمان ئۈستىلىدىكى داتلاشقان ئالمىغا، y ئوقۇم كىتاب ئىشكاپىمغا، z ئوقۇم ئۈستىلىمدىكى يېڭى ئالغان قۇرئانغا چۈشتى.
قېپقالغان ئالمامنى پاكىزە چايقىۋىتىپ،ئۇنى مەزە بىلەن يەۋەتتىم.بايان كىتاب ئىشكاپىمدىن تاپالمىغان كىتابنىڭ قايسى كىتاب ئىكەنلىكىنى بىلىۋالدىم.ئۈستىلىمدىن قۇرئاننى ئېلىپ،سۈرە ھەدىد 25 - ئايەتنى ئاچتىم. << بىز ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلىرىمىزنى روشەن مۆجىزىلەر بىلەن ئەۋەتتۇق ۋە ئۇلار بىلەن بىللە،ئىنسانلار ئادالەتنى بەرپا قىلسۇن دەپ كىتابنى،قانۇننى چۈشۈردۇق.تۆمۈرنى ياراتتۇق،(تۆمۈردىن ئۇرۇش قوراللىرى ياسىلدىغانلىقى ئۈچۈن)تۆمۈر كۈچ - قۇۋۋەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، تۆمۈردە ئىنسانلار ئۈچۈن نۇرغۇن مەنپەتلەر بار. ئاللاھ ئاللاھنى كۆرمەي تۇرۇپ(قوراللارنى ئىشلىتىپ)ئاللاھغا ۋە پەيغەمبەرلىرىگە ياردەم بەرگەنلەرنى بىلىش(مەلۇم قىلىش)ئۈچۈن (تۆمۈرنى ياراتتى) ئاللاھ ھەقىقەتەن كۈچلۈكتۇر،غالىبتۇر.>>
ياراتقۇچۇمنىڭ مېنى ئەقىل ئىگىلىرىدىن قىلغىنىغا رەھمەت. z ئوقى ھەمىشە مېنى ئۈمىدۋار قىلىدۇ.كۆڭلۈمنىڭ دائىم
بۇخىل تەپەككۇر ئېقىمىنى خالىشى كۈندىن - كۈنگە كۈچىيۋاتىدۇ.سۆيۈملۈك كىتابنى ئېلىپ،مەھەلەمدىكى كىچىك باغقا چۈشتىم. 6 - ئايدىمۇ كۆپكۆك ئاسماندىن ھۇزۇر ئېلىش،بۇ شەھەردە خېلى مۈشكۈل ئىدى.قارىسام تەشتەكتىكى گۈللەر بىر خىل سولۇشۇپ قاپتۇ.ئۈلۈشكۈن تېخى مۇئەللىم:<<ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈشىمۇ تۆمۈردىن ئايرىلالمايدۇ، تۆمۈر ئۆسۈملۈكلەرنىڭ خلوروفىل ئىشلەپچىقىرىشىدا كەم بولسا بولمايدىغان كاتالىزاتور ھېسابلىنىدۇ.ئەگەر بىر تەشتەك گۈل چىرايلىق رەڭگى ۋە خۇش پۇراق ھىدىنى يوقۇتۇپ،يوپۇرماقلىرى سولۇشۇپ قالسا،بۇ،تۇپراقتا تۆمۈرنىڭ ئازلىقىنى بىلدۈرىدۇ.ئۇنىڭغا تۆمۈر ئىككى سولفات قوشۇش ئارقىلىق تۆمۈرنى تۇلۇقلاش كېرەك.>>ئۆيىمىزنىڭ يېنىدىكى مۇشۇنداق زاۋۇتلار تۆمۈرنى مۇشۇ سۆرەت بىلەن قازىدىغان ھەم قالايمىقان ئىشلىتىدىغان بولسا،پۈتكۈل يېشىللىق يوقاپ،يەرشارى خۇددى چېچى يوق پەينەك باشقا ئوخشاپ قالار.شۇنىڭ بىلەن يۇلتۇزلار توپى يەرشارىغا مېھمان بولۇپ قالار.
تۆمۈر رىشاتكا ئۈستىدە ئولتۇرغۇم كەلمىدى.پەشتاققا كېلىپ ئولتۇردۇم.قەلبىمگە يېقىن كىتابنى ئاچتىم.مۇنۇ قۇرلارنى ئوقۇپ كۆزۈمنى تىلسىمات ئاسمىنىغا تىكتىم.<<سىلەر تاش ياكى تۆمۈر ياكى ھاياتلىقنى تەسەۋۋۇر قىلىش تېخىمۇ قىيىن بولغان بىر نەرسە بولۇپ كەتسەڭلەرمۇ(ئاللاھ سىلەرنى تىرىلدۈرىدۇ)ئۇلار:<بىزنى كىم تىرىلدۈرىدۇ؟>دەيدۇ، <سىلەرنى دەسلەپتە ياراتقان ئاللاھ تىرىلدۈرىدۇ>دېگىن،ئۇلار ساڭا باشلىرىنى لىڭشىتىپ:<ئۇ قاچان بولىدۇ؟>دېيىشىدۇ،
(سەن) <ئۈمىدكى،ئۇ يېقىندا بولىدۇ>دېگىن.سۈرە بەنى ئىسرائىل 50-51-ئايەت.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 462 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01