كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى

كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى

 

    كامبرىج  ئۇنىۋېرسىتېتى ئەنگىليەنىڭ كامبرىج بازىرىغا جايلاشقان بولۇپ، ئەنگلىيەدىكى شۇنداقلا دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىغان ئۇنىۋېرسىتېتىلارنىڭ بىرى.
 ئەنگىلىيەدىكى نۇرغۇن داڭلىق  ئالىملار، يازغۇچىلار، سىياسىئونلار مۇشۇ مەكتەپتىن تەربىيە ئالغان.

    كامبرىج  ئۇنىۋېرسىتېتى يەنە نوبىل مۇكاپاتى ساھىبى ئەڭ كۆپ چىققان ئالىي بىلىم يۇرتى بولۇش بىلەن داڭلىقتۇر. 88 نوبىل مۇكاپاتى ساھىبى ئىلگىرى بۇ مەكتەپتە  ئوقۇغان ۋە  ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ 70 دىن ئارتۇقراقى كامبرىج  ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ  ئوقۇغۇچىلىرى. كامبرىج  ئۇنىۋېرسىتېتى يەنە  ئەنگلىيە داڭدار مەكتەپ  ئىتتىپاقى «Russell Group of Universities» ۋە ياۋروپا  ئالىي مەكتەپلەر ئىتتىپاقى «Coimbra Group» نىڭ  ئەزاسى.

    كامبرىج  ئۇنىۋېرسىتېتى (University of Cambridge) بولسا 1209-يىلى قۇرۇلغان. بۇ مەكتەپتە ھازىر 31  ئىنستىتۇت، 3  قىزلار ئىنستىتۇتى، ئىككى ئاسپرانىتلار ئىنستىتۇتى بار. ئوخشىمىغان ئۇسلۇپتىكى بۇ 31  ئىنستىتۇت  ئىقتىسادىي جەھەتتە پۈتۈنلەي پايدا-زىيانغا  ئۆزى ئىگە بولىدۇ. ھەربىر ئىنستىتۇت مەلۇم دەرىجىدە بىر كىچىك  ئۇنىۋېرسىتېت بولۇپ، ھەربىرسىنىڭ  ئۆز ئالدىغا  مەكتەپ قائىدە-تۈزۈملىرى بار.

    كامبرىج  ئۇنىۋېرسىتېتى ھازىر 18071  نەپەر ئوقۇغۇچى بار بولۇپ، بۇلارنىڭ  ئىچىدە 5969 نەپەر ئوقۇغۇچى ئاسپرانىت.

    كامبرىج  ئۇنىۋېرسىتېتى مەكتەپ بەلگىىسى

كامبرىج  ئۇنىۋېرسىتېتىكامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى

 

   كامبرىج  ئۇنىۋېرسىتېتى مەكتەپ كۆرۈنۈشى

كامبرىج  ئۇنىۋېرسىتېتىكامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى

كامبرىج  ئۇنىۋېرسىتېتىكامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى


كامبرىج  ئۇنىۋېرسىتېتى تور بېكىتى: http://www.cam.ac.uk

كامبرىج  ئېنگلىزچە تور لۇغىتى: http://dictionary.cambridge.org

كامبرىج نەشىرىياتى:http://www.cambridge.org

تىخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بىلمەكچى بولسىڭىز http://en.wikipedia.org/wiki/Cambridge



مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 2

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 1836 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 5قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-03-30