ھايتى جۇمھۇرىيىتى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش



ھايتى جۇمھۇرىيىتى =Republic of Haiti


1.جۇغراپىيەلىك ئەھۋالى
ھايتى كارىپ دېڭىزىنىڭ شىمالىغا، خىسپانىئولا ئارىلى نىڭ غەربىگە جايلاشقان، كۆلىمى 27 مىڭ 800 كىۋادرات كىلومېتىر. شەرقتە دومىكىنا جۇمھۇرىيىتى بىلەن قوشنا، جەنۇبتا كارىب دېڭىزى بىلەن چېگراداش، شىمالدا ئاتلانتىك ئوكيان بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربتە دېڭىز بوغۇزى ئارقىلىق كۇبا ۋە يامايكا بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ. دېڭىز قىرغىقى لىنىيەسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1 مىڭ 80 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. بۇ دۆلەت تىنچ ئوكياننى چۆرىدىگەن يەر تەۋرەش بەلبېغىغا جايلاشقان. زېمىنىنىڭ تۆتتىن ئۈچى قىسمى تاغلىق، دېڭىز ياقىسىدا تار تۈزلەڭلىكلەر بار. ھايتى دېگەن  بۇ سۆز ئىندىيان تىلىدا «تاغ كۆپ دۆلەت» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. مەملىكەت بويىچە ئەڭ ئېگىز چوققا بولغان لاسال تېغىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2 مىڭ 680 مېتىر، ئارتىبونىت دەرياسى ئاسالىق دەريا ھېسابلىنىدۇ، ھايتىنىڭ شىمالى تىروپىك بەلباغ يامغۇرلۇق ئورمان ئىقلىمىغا، جەنۇبى تىروپىك بەلباغ ئوتلاق ئىقلىمىغا تەۋە.
2. ئاھالىسى ۋە تىلى
ھايتىنىڭ نوپۇسى 9مىليون 720 مىڭ بولۇپ، قارا تەنلىكلەر %95 نى ئىگىلەيدۇ. سېرىق نېگىرلار بىلەن ئاق تەنلىكلەرنىڭ ئەۋلادلىرى %5 پىرسەنتىنى ئىگەيلەيدۇ. نوپۇسنىڭ زىچلىقى لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەر ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ھۆكۈمەت تىلى فرانسۇز تىلى ۋە كرېئول تىلى(يەرلىكلەشكەن فرانسۇز تىلى)، %90 ئاھالە كرېئول تىلىنى قوللىنىدۇ. ھايتىنىڭ %80 ئاھالىسى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ %10 ئاھالىسى خىرىستىيان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
پايتەختى پورت - ئوپرىنس مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ شەھەر ھېسابلىنىدۇ، نوپۇسى 2 مىليون، پورت - ئوپرىنس 1749 - يىلى قۇرۇلغان، 1770 - يىلى فىرانسىيەگە قاراشلىق سانتو دومىنگونىڭ مۇستەملىكە مەركىزى بولغان. 1804 - يىلى ھايتى مۇستەقىل بولۇپ، پورت - ئوپرىنس پايتەخت قىلىنغان. پورت - ئوپرىنس پايتەخت قىلىنغان. پورت - ئوپرىنس كۆپ قېتىم يەر تەۋرەش، بوران - چاپقۇن ۋە ئۇرۇش ئوتىنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىغاچقا تەرەققىياتى ئاستا، شەھەردىكى قۇرۇلۇشلار ئايلانما پەلەمپەي شەكلىدە بولۇپ، تۆۋەندىن تاغ يانباغرىغا قاراپ سوزۇلغان. 
3. قىسقىچە تارىخى
ھايتى كۈلپەتلىك تارىخقا ئىگە. ئۇ قەدىمدىن بۇيان ئىندىيانلار ياشاپ كۆپەيگەن جاي. 1492 - يىلى كولومبو تۇنجى قېتىم كېمە بىلەن ئامېرىكا قىتئەسىگە يۈرۈش قىلغاندا خىسپانىئولا ئارىلى يەنى ھازىرقى ھايتى بىلەن دومىنىكا جۇمھۇرىيىتىنى بايقىغان. 1502 - يىلى بۇ ئارال ئىسپانىيە تەرىپىدىن مۇستەملىككە قىلىنغان. 1697 - يىلى ئىسپانىيە فىرانسىيە بىلەن «روس - ۋىك» شەرتنامىسىنى ئىمزالىغان، شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئارالنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى زېمىن ئىسپانىيەگە قاراشلىق سانتو دومىنگو، غەربىي قىسىمىدىكى زېمىن فىرانسىيەگە قاراشلىق سانتو دومىنگو دەپ نام ئالغان. 1790 - يىلىدىن 1803 - يىلىغىچە فىرانسىيەگە قاراشلىق سانتو دومىنگودىكى قارا تەنلىكلەر قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن، 1804 - يىل 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى قوزغىلاڭ غەلىبە قىلىپ، مۇستەقىللىقىنى رەسمىي جاكارلىغان . بۇنىڭ بىلەن ئۇ دۇنيا بويىچە تۇنجى مۇستەقىل قارا تەنلىكلەر جۇمھۇرىيىتى، شۇنداقلا لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب دېڭىزى رايونىدىكى مۇستەقىللىقنى جاكارلىغان تۇنجى دۆلەت بولۇپ قالغان. ھايتى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن توختىماستىن ئىچكى ئۇرۇش بولۇپ تۇردى. 2004 - يىلى ھايتىنىڭ زۇڭتۇڭى بېرتاند چەت ئەلگە قېچىپ بارغاندىن كېيىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇقىملىقنى ساقلاش ئۆمىكىنى بۇ دۆلەتتە تۇرۇشقا ئەۋەتتى. ھايتى دۇنيادىكى ئەڭ نامرات دۆلەتلەرنىڭ بىرى، %75 ئاھالىسى نامرات، %47 ئاھالىسى ساۋاتسىز، پۈتۈن ئاھالىنىڭ %25ى تۇرۇبا سۈيى ئىچەلەيدۇ. 2009 - يىل 12 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ھايتىدا 7.3 بال يەر تەۋرەپ 100نەچچە مىڭ ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئاپەتنىڭ زىيانىغا ئۇچرىغان ئادەم 3 مىليونغا يەتتى.
 4. دۆلەت بايرىقى ۋە گېربى
ھايتىنىڭ دۆلەت بايرىقى كۆ ۋە قىزىل رەڭ تەپمۇ تەڭ ئىككى تىك بۇلۇڭدىن تۈزۈلگەن. بايراقنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئاق رەڭلىك تىك تۆت بۇلۇڭغا دۆلەت گېربىنىڭ نۇسخىسى چۈشۈرۈلگەن. ھايتىنىڭ دۆلەت بايرىقىدىكى بۇ رەڭلەر فىرانسىيەنىڭ دۆلەت بايرىقىدىن ئېلىنغان. دۆلەت گېربى تىكىلگەن بۇ بايراق ھۆكۈمەت بايرىقىدۇر.
دۆلەت گېربىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر تۈپ ۋىندىمىل پالما دەرىخى قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. دەرەخ ئۈستىگە «ئەركىنلىك دەستىسى» سانجىلىپ، دەستە ئۇچىغا «ئەركىنلىك بۆكى» كىيگۈزۈلگەن. دەرەخ ئالدىدىكى يېشىللىققا ئۇرۇش دۇمبىقى، ئايپالتا ۋە توپ - زەمبىرەك قاتارلىق جەڭ قوراللىرىنىڭ نۇسخخسى چۈشۈرۈلگەن. دەرەخنىڭ ئىككى يېنىغا ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئۈچ دۆلەت بايرىقى ۋە بىر ئۈچ بۇرجەكلىك بايراق، دەرەخ ئارقىسىغا ئالتە دانە تىغلىق مىلتىقنىڭ نۇسخىسى چۈشۈرۈلگەن. ئاستىدىكى ئاق لېنتىغا فرانسۇز يېزىقىدا «ئىتتىپاقلىق - كۈچ» دېگەن خەت يېزىلغان.
مۇستەقىللىق كۈنى ۋە دۆلەت بايرىمى كۈنى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى (1804 - يىلى بېكىتىلگەن).
5. ئېلىمىز بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى
ھايتى بىلەن ئېلىمىز دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتمىغان. 1997 - يىلى 1 - ئايدا ۋە 1998 - يىلى 2 - ئايدا ئىككى دۆلەتنىڭ پايتەختىدە ئۆز - ئارا سودا تەرەققىيات ئىش بېجىرىش ئورنى تەسىس قىلىنغان. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تەلىپى بويىچە 2004 - يىلى 10 - ئايدىن بۇيان، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ھايتىغا تىنچلىق ساقلاش ئەترىتى ئەۋەتتى.

6. ھايتىنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى

  ھايتى ئىككى ئامېرىكا قىتئەسى بويىچە دىگۈدەك ئەڭ نامرات دۆلەت بولۇپ، ئوتتۇرا ئامېرىكىدىكى ئافرىقا دەپ نامى بار. ەەرچە ھايتىنىڭ تۇپرىقى مۇنبەت، ھاۋاسى يىل بويى ئىسسىق، ھۆل يېغىن يېتەرلىك بولسىمۇ ئەمما ھايتىنىڭ تارىختىن بېرى قالغان كۈلپەتلىك تەقدىرى تەرىپىدىن كەلتۈرۈلۈپ چىقىرىلغان ئاممىۋى مائارىپنىڭ قالاقلىقى، كىشىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەن بولۇشى ھايتىنىڭ نامراتلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ھايتى يەنىلا تىپىك يېزا ئىگىلىك دۆلىتى بولۇپ ئاھالىنىڭ تەخمىنەن 40% يېزا ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. 10 %ى سانائەت ساھەسىدە،  50 %ى مۇلازىمەت ساھەسىدە خىزمەت قىلىدۇ.

2011-يىلى 3-ئايدىكى سىتاتىسكىغا ئاساسلانغاندا ھايتىنىڭ 2010-يىللىق مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى  6مىلىيارد 593 مىلىيۇن دوللار بولغان بولۇپ، كىشى بېشىغا 1200 دوللاردىن توغرا كەلگەن. 2009-يىللىق ئىقتىسادى ئېشىشى 2% بولغان، 2010يىلى ئىقتىسادى 5 % چېكىنگەن. ھايتىنىڭ ئاساسلىق ئىقتىسادى ساياھەتچىلىكنى ئاساس قىلغان مۇلازىمەت(50%)، مىۋە چىۋە، قەھۋە، شېكەرچىلىك ۋە توقۇمچىلىق خام ئەشيالىرىنى ئاساس قىلغان يېزا ئىگىلىك(25%) ۋە توقۇمچىلىق، شېكەر ياساش، ئورمانچىلىق، كانچىلىقنى ئاساس قىلغان سانائەت (22%) دىن ئىبارەت بولۇپ تاشقى سودىسىنىڭ 80%ى دىگۈدەك ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى بىلەن بولىدۇ. ھايتىنىڭ پۇلى گۇاردېس، تەخمىنەن 40گۇاردېس بىر دوللارغا تەڭ بولغان يىللاردىن بۇيان قىممىتتى بىر قەدەر مۇقىم پۇللارنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە.

   ھايتى ئارال دۆلىتى بولغاچقا قاتناش ۋە ئالاقە ئىشلىرى ئۇنچىلا تەرەققى قىلمىغان. 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنىەە قەدەر ھايتىنىڭ مۇقىم تېلفون ئابونتى 110مىڭ، يانفون ئابونتى 3مىلىيۇن 810مىڭ، ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچى 1 مىلىيۇن 102مىڭ بولغان. ھايتىنىڭ خەلقارا تور نامى ئاياقلاشمىسى .ht

ئۇچۇرلار پەرۋاز ژورنىلىدىكى ھاۋاگۈل مۇسا تەرجىمىسىدىن ئېلىنىپ يېڭىلىنىپ تولۇقلاندى.  

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 873 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01